زېرىكىشلىك سىتاتسىكا: 复仇者联盟 دىكى ئىنتىقامچىلار بۇزىۋەتكەن نىيۇيورك شەھىرىنى ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟
ھازىر كىنوخانىدا قويۇلىۋاتقان بازارلىق كىنولارنىڭ بىرى «复仇者联盟» دە، ھەرقايسى قەھرىمانلار بىرلىشىپ يات پلانېتتىن باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنلەر بىلەن يەكمۇ-يەك ئېلىشىدىغان يېرىم سائەتلىك بىر كۆرۈنۈش بار، بىراق بەزى مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، فىلىمدە بۇ قەھرىمانلار ۋەيران قىلىۋەتكەن جايلار ئۆتكەن يىلى ياپونىيەدە يەر تەۋرەپ ئۇچرىغان ئاپەتتىن قېلىشمايدىكەن.
Kinetic Analysis بولسا ئامېرىكىلىق ئاپەتتىن كېلىپ چىققان زىياننى باھالاش مۇتەخخەسسىسى بولۇپ، ئۇلار كومپيۇتېر مودېلى ئارقىلىق فىلىمدىكى جەڭ تۈپەيلى كېلىپ چىققان زىياننىڭ تەخمىنەن 60 ~70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا بارىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۇچرىغان بۇ زىيانغا تازىلاش ھەققىنى قوشسا 90 مىلياردقا بارىدىغانلىقىنى جەمئىي زىياننىڭ 160 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، بۇ ھېسابات ئىچىدە تېخى ئۆلگەنلەرگە بېرىدىغان تۆلەم يوق ئىكەن. مۇنداقلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتسەم، كاترىنادا بولغان ئاپەتتىن كېيىن ئۇچرىغان زىيان تەخمىنەن 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، ياپونىيەدە ئۇچرىغان ئاپەتنىڭ زىيىنى بولسا 122 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا بارىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن,كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: خەۋەر، فىلىم ئۇچۇرى، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,387 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: avengers-damage-cost.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەيران قالىسىز!! دەرىجىدىن تاشقىرى كود ماھىرلىرى يېزىپ چىققان 64KB لىق سىغىمدىكى ئالاھىدە 3D كۆرۈنۈشلەر!!!
- كېيىنكى يازما > سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ئادەملەر ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى، زوراۋانلىق ، بۇزغۇنچىلىقتىن ھوزۇر ئالىدۇ، بۇ بەلكىم ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك پىسخىكىسى بولسا كېرەك.
ئىنساننىڭ پىسخىكىسىغا بۇنداقلا باھا بېرىپ يىىغنچاقلىسىڭىز توغرا بولمايدۇ. نۇرغۇن ئىنسان يەنىلا زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىقتىن ئەمەس، شۇلارنى توسىغان، ئىنسانىيەتنى ھالاكەتتىن ساقلاشقا كۆكرەك كېرىپ چىقالىغان باتۇرلاردىن، قەھرىمانلاردىن ھوزۇر ئالىدۇ.
ئەگەر بۇ كىنودا بۇزغۇنچلىق كۆرۈنۈشلىرى بولماي، ياكى ناچارتېخنىكا تۈپەيلىدىن يۇقىرى پەللىگە يېتەلمەي قالغان بولسىچۇ؟
كىشىلەرنى مۇشۇنداق ھاياجانغا سالالامتى؟
come on دىۋانىلەر!
ۋۇييۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە ما ئىشنى كۆرۈڭ
ئىسمى-جىسمىغا لايىق زىرىكىشلىك تېما بۇپتۇ
ئۆلگەنلەرگە تۆلەم بېرىلمەيدىكەن دېگەن گەپنى چۈشەنمىدىم، بۇ كىنو ئىشلىگۈچە ئادەم ئۆلدى دېگەنلىك ئەمەستۇ…
سىزچە راسلا نىيۇۋ يورۇكنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ … بۇ دىگەن راس شۇنداق بولغاندا دىگەن بىر پەرەز .
خان … كىنو ئىشلىگەندە ئادەم ئۆلتىرەپ ئىشلەمدا…سىلنىڭ ئۆيدە لەغمەن ئەتسە گۈشىگە ئادەم گۈشى ئىشلەتمەس…
قاندا بىلىۋالدىڭىز، ئەتكەن تامىقىمنى تېتىپ باقامسىز؟ vempire دەپ ئاڭلىغانما؟
ئاۋۇ ئۈستىدىكى زىيان ئۆلگەنلەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسىنى قوشمىغاندىكى زىياننى كۆرسىتىدۇ. ئۆلگەنلەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسىنى قوشقاندا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ دېمەكچى
ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس
پەلسەپىۋىي چوڭقۇر مۇلاھىزەڭلارنى قويۇپ، بۇ كىنونى نەردىن كۆرىمىز شۇنى بىر دەڭلار ؟!
بۇ فىلىمنى نىيۇۋ يورۇكقا بىرىپ كۆرىمىز دەڭە!
كىنوخانىغا بېرىپ كۆرسە ئاندىن كۆرگەندەك تۇيغۇغا كىلەمىكى.ياخشى تەۋسىيە مۇشۇ.
نىيۇۋ يورۇكقا بېرىپ كۆرۈمىز ؟
نىيۇۋ يورۇك قەشقەردىما ؟
يۇقارقى كىنونى قايسى شىركەت ئىشلىگەن ؟ مۇشۇ چاقماق پالۋان ، تۆمۇر پالۋان ، يېشىل ئادەم مۇشۇ كىنولار بەك ھەيۋەت ،مۇشۇ كىنولارنى بىر شىركەت ئىشلىگەن بولسا كىنونى يۇقۇرى دەرىجىدە ئىشلەيدىكەن !
كاپىتان …
ئاۋۇ ئالەمدىن كەلگەن مەخلۇقلارغا تۆلەتكۈزۈش كىرەك چىقىمنى. يەرشارىغا كەلمىگەن بولسا ماۋۇ پالۋانلىرىمىزمۇ بىنالارنى بۇزۇپ يۈرمەيتتى. ئاۋۇ iron man يەنە بىر قېتىم ئالەمگە ئۇچۇپ بېرىپ ،سامانيولى سوتىغا ئەرز قىلسا ئۆتەمىكى ئەرزى.
ئەگەر超人كەلگەن بۇلسا شەھەر ۋەيران بۇلمايتى …..
ياخشى
ھېچقىسى يوق.پولات ئادەم tony starنىڭ پۇلى جىق تۆلەپ بىرىدۇ…
بۇ كىنونى كۆككە كۆتۈرۈش ئۈچۈن جۆيلۈپ قويغان جۆيلۈمىلەر خالاس… بەش-ئالتە پالگاننىڭ بىر يەرگە كەلمىكى ئاسان ئەمەس، ئىشقىلىپ كىنونىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئەپسانىۋىي قەھرىمانلار بىلەن زامانىۋىي قەھرىمانلارنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلىگەنلىكىدە! مەن ئاللىقاچان كۆرۈپ بولدۇم بۇنى…
بۇ كىنونىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى تاپساق بولاتتى، مەنمۇ بىر كۆرەي دىگەن.. سۈزۈك بولمىسا كۆرگۈم كەلمەيدۇ مىنىڭ…
نەدىن كۆرۈمىز باللا؟!
سەرالىق نەدە كۆرگەن بولغىيتتى،،؟ مەن تاپالمىدىم توردىن ئىزدەپمۇ…
قوي باققان يەردە كۆرگەنمۇ يا سىلە سەرالىق..؟!
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3002#lastpost
بۇ يەردىن كۆرۈڭ. پات ئارىدا ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ چىقىرىمىز.
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3002#lastpost
ئۈستىدىكى ئادرىس خاتامۇ نېمە؟ قايتا ئوڭشاپ قويدۇم
بۇ ئادىرسمۇ خاتاكەن
ئىنتايىن ئىلغار 3D تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن فىلىم،بىر كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ،ياكى كۆرۈش ئادىرسىنى چىكىڭ.
http://oyunqi.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=159
مەن تاس قالىمەن بۇ كىنونى كۈندە كۆرگەنچىلىك قىلغىلى ئالامەت ئىشلەپقويۇپتۇ جۇمۇ بۇ كىنونى، ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۇچقىنىنى بىر دېمەڭ تېخى
بەلەن كەن
ئامىركىنىڭ تەسەۋۋۇرى دەششەت تەرەققىي قىلىپ كەتتى دىسە . . . كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئالدىن كىنو قىلىپ ئىشلەۋاتىدۇ . . .. . باشقا دۆلەتلەر كىنو ئىشلەيمىز دىگۈچە ماڭقىسىنى چېقىپ بىلەت سېتىپ جېنىنى باققىنى تۈززۈك . . . دۆلىتىمىزنىڭ چاڭچىلىكەشلىرىچۇ تىخى ۋاي ۋاي 10نەچچە يىل يەرشارىنى ئالدىدى ئەمەسمۇ پوققا كارغا كەلمەيدىغان مايمۇن قېلىقلىرى بىلەن~!
كىنودىكى بۇزغۇنچىلىق قانچە زور چېتىلىدىغان ئورۇن قانچە چوڭ بولسا (مەسىلەن ئامېرىكا ياكى پۈتۈن يەرشارى دىگەندەك ) ئادەمنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىدۇ