سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
بىر دانە ياڭراتقۇنىڭ ئالدىغا بىر دانە سۇ نەيچىسىنى ۋېرتىكال ھالەتتە ئېسىپ قويساق، ئاندىن ئالدىغا بىر دانە كامېرا قويۇپ سۈرەتكە ئالساق، سۇ ئېقىۋاتقان ھالەتتە ياڭراتقۇنىڭ 24Hz لىق سنۇس دولقۇنغا تەڭشەپ قويساق، كۆز ئالدىمىزدا ئاجايىپ بىر مۆجىزە نامايەندە بولىدۇ! سىندىكى سۇنىڭ ئېقىشى قارىماققا توختاپ قالغاندەكلا كۆرۈنىدۇ! دىققەت، بۇنىڭغا ھېچقانداق ئالاھىدە كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئىشلىتىلمىگەن…
قارىماققا ئانچە ھەيران قالمىدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا ياڭراتقۇنى 23Hz لىق سنۇس دولقۇنغا تەڭشەپ باقايلى، بۇ چاغدا سۇ ئاستىغا ئەمەس، بەلكى ئۈستىگە قاراپ ئېقىشقا باشلايدۇ!
بۇنىڭ پرىنسىپى ئەمەلىيەتتە، ياڭراتقۇ 24Hz قا توغرىلانغان ھالەتتە، سۇنىڭ تىترەش چاستوتىسىمۇ 24Hz قا ئۆزگىرىدۇ، بۇ چاستوتا كامېرانىڭكى بىلەن ماس قەدەملىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇ توختاپ قالغاندەك كۆرۈنۈش ھاسىل بولىدۇ. ياڭراتقۇ ۋە سۇ ئوخشاشلا 23Hz بولغاندا، كامېرانىڭ چاستوتىسى ئۆزگەرمەي يەنىلا 24Hz تا تۇرىدۇ، بۇ چاغدا چىققان ئۈنۈمدە سۇ خۇددى تەتۈرىسىگە ئېقىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئوخشاش پرىنسىپتا، سىز يەنە ياڭراتقۇنى 25Hz قا تەڭشەپ قانداق ئۈنۈم چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ ئۈنۈمنى ھەقىقەتەن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ، خۇددى Matrix تا NEO كېلىۋاتقان ئوقلارنى توسۇۋالغان كۆرۈنۈشتىكىدەكلا. قىززىققۇچىلار ئۆزەڭلار بۇ قۇرۇلمىنى قول سېلىپ ئىشلەپ سىناپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ، قارىماققا خېلى ئاددىيدەك تۇرىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەبىئەت، تەجرىبە، تۇرمۇش، سىرلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,905 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: camera-water-woofer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > زېرىكىشلىك سىتاتسىكا: 复仇者联盟 دىكى ئىنتىقامچىلار بۇزىۋەتكەن نىيۇيورك شەھىرىنى ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟
- كېيىنكى يازما > بېيجىڭدىن پىيادە مېڭىپ ئۈرۈمچىگىچە كەلگەن گېرمانىيەلىك! بىر يۈرۈش سۈرەتلەردىن تۈزۈلگەن ئۇزاق يول…
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
دىۋاننىمۇ ھەجەپ تالىشىپ كەتتى بۇلار!!!
ۋۇييۇ بىردەمدىما ؟؟؟ ھازىر تېخى يوقتى بۇ تېما !
بۇگۈن دىۋانلىق ئورنى ماڭا ئوڭچى قالغان چېغى
نېمە ئىشكىن دەپتىمەن تېخى ، ئەسلىدىنلا چىلەكتىكى سۇنىڭ بىر تامچىدىن – بىر تامچىدىن چىقىپ ئۇدۇن شىلانكىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقى ماڭا غەلىتە تۇيۇلغان ئىدى .
بىردەمدە چىقىۋاپسىلەرغۇ، ئازىر قارىسام يوقتى تېخى
دىۋان ئەمەس دىۋاننىڭ قېشىمۇ بوش ئەمەسكەن دوستۇم !
چىلەككە چۈشۈپ بولغان سۇنىڭ كەينىگە يىنىپ قايتا شىلەنكا ئىچىگە كىرىپ كىتىۋاتقىنىغا قەتئىي ئىشىنەلمىدىم…سىلەرچە بۇ مۇمكىنمۇ؟
ئەمىلىيەتتە سۇ قايتىپ كىرىپ كەتمەيدۇ، كامىرا بىلەن ئېلىنغان سۇرەتتە شۇنداق تۇيغا بېرىدۇ
ئەمەلىيەتتە سۇ كەينىگە يېنىپ كىرىپ كىتىۋاتقان ئىش يوق ، سۇ چۈشىۋېرىدۇ ، پەقەت كامېرا ، چۈشىۋاتقان سۇنىڭ چاستوتىسى بىردە ھەلەتكە كىلىپ ، سۇ تامچىسىنىڭ بوشلۇقتىكى ھەركەت ئورنى بىرلا ئۇرۇننى مۇقىم ساقلغان ياكى بۇ ئۇرۇن ئاستا ئاستا يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن ، شۇڭا بىزگە شۇنداق كۈرىنىدۇ ، بولمىسا ئۇنچىلىك ئىش بىلەن سۇنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئاقتۇرغىلى بولسا ئىش جىق ما جاھاندا
بۇ چاستوتىلارنى قانداق تەڭشەيدىغاندۇ ئەمدى!
مۇمكىن ئەمەس ،