كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ تەبىئەت ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
12كېيىنكى بەت
ئاخىرقى بەت (جەمئىي 2 بەت)
قوينى كەڭ تەبىئەت سىرلىقلىقى، گۈزەللىكى بىلەن ئىنساننى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ شۇنچە مۇكەممەل ھالەتتە بولۇشى، ئۆز قانۇنىيىتىدىن چەتلىمەسلىكى كىشىگە ئاجايىپ زوق بېغىشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەۋجۇتلۇق ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ. تۆۋەندىكىسى نورۋېگىيەلىك بىر فوتوگراف يەتتە كېچە-كۈندۈز سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان سىن، سىندىكى گۈزەل مەنزىرىلەر يېقىملىق مۇزىكا بىلەن بىرلىشىپ قەلبىڭىزنى …..
ئىنسانلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، تەبىئەت كە توختىماي بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھايۋاناتلارنىڭ ئورمانلىقتىن ئىبارەت بۇ ماكانىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىشكە باشلايدۇ، بىر مايمۇن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چىدىماي، قولىغا پىچاق ئېلىپ پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ ۋە توختىماي جاپا-مۇشەققەتلىك كۈرەش قىلىپ، ئاخىرى زۇڭتۇڭ بولىدۇ، قولىغا ئەڭ ئالىي ھوقۇق …..
ئىلگىرى تورخۇماردا كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن « سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن! » دېگەن يازمىدىكى پرىنسىپقا ئوخشاش، تەۋرىنىۋاتقان سۇ ئېقىمىنى كامېرا ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە سۈرەتكە ئالغاندا، ناۋادا تەۋرىنىش چاستوتىسى ۋە كامېرا نىڭ سۈرەتكە ئېلىش چاستوتىسى ماسلىشىپ قالسا، ئۇنداقتا خۇددى بىز كىنولاردا دائىم كۆرىدىغان ماشىنا ئالدىغا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاق قارىماققا تەتۈر چۆرگىلەۋاتقاندەك مەنزىرە ھاسىل …..
ھايۋانات لارنىڭ كۆزىنى تونۇيدىغانلار مەنچە جىق ئەمەسقۇ دەيمەن؟ چۈنكى بەزى ھايۋاناتلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشنىڭ ئۆزىمۇ خېلى جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش، ھاھاھا! تۆۋەندىكى رەسىم لەر، 17 ھايۋاناتنىڭ كۆزلىرى بولۇپ، سىنچىلاپ قارىسىڭىز بەزى كۆزلەرنىڭ ئىچىگە ئاجايىپ بىر خىل ۋەھىمىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقايسىز، قېنى بىر كۆرۈپ باقايلۇق… 1. توشقان 2. ئۆردەك …..
گەرچە ھازىر قەھرىتان قىش بولسىمۇ، بىراق تەدبىركاردەك يازنىڭ سالقىن يامغۇرىنى سېغىنغانلارمۇ يوق ئەمەس. ناۋادا يولدا كېتىۋېتىپ كۈنلۈك ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا يامغۇردا قالساق، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشى ئالدىرىماي نورمال قەدەمدە ماڭغاندىن تېز-تېز يۈگۈرۈپ مېڭىشنى تاللىشى مۇمكىن. مەسىلە شۇكى، يۈگۈرۈپ ماڭغاندا راستىنلا ئاستا ماڭغانغا قارىغاندا ئازراق ھۆل …..
ئۈستىدە ئازراق ماۋزۇ ئويناپ قويدۇق. ئەمدى رەسمىي گەپكە كېلەيلى. بىر پارچە مېتىئورىت تاش 15 – چىسلا ئەتىگەندە رۇسىيە چېليابىنىسكايا ئوبلاستىغا چۈشتى. بۇ ئاز كۆرۈلىدىغان تەبىئەت ھادىسىسى شۇ جايدىكى خېلى كۆپ پۇقرالارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىراق، شۇ جايدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالەت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتمىدى. مېتىئورىت تاش چۈشكەن ۋاقىتتا، غايەت …..
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ناۋادا يەرشارى دىكى بارلىق سۇلارنى(دېڭىز سۈيى، مۇز قاتلىمى، ئاتموسفېرالاردىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يىغىپ بىر تامچە قىلساق، ئۇنداقتا بۇ بىر تامچە سۇنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىك بولار؟ ئىلمىي ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، بۇ بىر تامچە سۇ دېئامېتىرى بىر مىليون 385 مىڭ مېتىر، ھەجمى بىر مىليارد 386 مىليون كۇب مېتىر …..
بىر دانە ياڭراتقۇنىڭ ئالدىغا بىر دانە سۇ نەيچىسىنى ۋېرتىكال ھالەتتە ئېسىپ قويساق، ئاندىن ئالدىغا بىر دانە كامېرا قويۇپ سۈرەتكە ئالساق، سۇ ئېقىۋاتقان ھالەتتە ياڭراتقۇنىڭ 24Hz لىق سنۇس دولقۇنغا تەڭشەپ قويساق، كۆز ئالدىمىزدا ئاجايىپ بىر مۆجىزە نامايەندە بولىدۇ! سىندىكى سۇنىڭ ئېقىشى قارىماققا توختاپ قالغاندەكلا كۆرۈنىدۇ! دىققەت، بۇنىڭغا …..
كىچىك چېغىمىزدا غەرپكە ساياھەتتىكى ۋۇكۇڭنىڭ ئۇچقىنىنى كۆرسەك، ھەممىمىزنىڭ ئاشۇنىڭدەك ئۇچقۇمىز كېلەتتىغۇ دەيمەن. گەرچە ئىنسان لار قۇشلاردەك ئۇچالمىسىمۇ، بىراق تەبىئەت دۇنياسى ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئەزەلدىن توسىيالىغان ئەمەس. چەتئەلدىكى بىر قىسىم خەتەرلىك تەنھەرىكەت ھەۋەسكارلىرى بوشلۇقتىكى تۇيغۇدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن، ئاتايىتەن بىر قىسىم قارلىق تاغ ۋە چوققىلارغا يۈگىرەپ چىققان ۋە تۆۋەنگە قاراپ ئۆزىنى …..
« ئىنسانلار بىلىدىغان ئالەم » ناملىق بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈش دائىرىسى ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىن باشلىنىپ نەچچە يۈز مىليون يورۇقلۇق يىلىلىق سۈرئەت بويىچە ئىلگىرىلەپ تاكى چوڭ پارتلاشنىڭ قالدۇقلىرىغىچە ئالەم نىڭ ئۇ چېتىگىچە بارىدۇ. بۇ نۆۋەتتە ئىنسانلار بىلىدىغان ئالەمنىڭ ئەڭ يىراق چېكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق مەن بۇ توغرىلىق پەقەت بىلمەيدىكەنمەن، فىلىمنى كۆرۈپ ئاندىن بىلدىم، سىز …..
ئەنگىلىيە ئاخباراتچىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گلىپتودون، غار ئادەملىرى، خەنجەر چىشلىق يولۋاس، چوڭ يەر لېنىۋېتسى، مامونت پىلى قاتارلىقلار ئالىملارنىڭ كۆڭلىدىكى «قايتا تىرىلىش» ىنى ئەڭ خالايدىغان نەسلى قۇرىغان ھايۋانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مامونت پىلىنىڭ تىرىلىش مۇمكىنچىلىقى ئەڭ چوڭ ئىكەن. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە ، پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ھايۋانلارنىڭ ئادەملەر …..
15 كۈننىڭ ئالدىدا تورداشلار بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلانغان ئاجايىپ چىرايلىق « نورۋېگىيە ئاۋرولا مەنزىرىسى » ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ ئۇ خىلدىكى مەنزىرىلەر ھەقىقەتەن سانسىزلىغان كىشىلەرنى مەستخۇش قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ سىنلارنى سۈرەتكە ئالغۇچى Terje Sorgjerd نىڭ يەنە بىر ئەسىرىمۇ بار بولۇپ، ئاجايىپ چىرايلىق يۇلتۇزلۇق ئاسمان مەنزىرىسى ھەرگىزمۇ ئالدىنقى ئاۋرولا مەنزىرىسىدىن قېلىشمايدۇ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شۇنى بايقايسىزكى، يۇلتۇزلۇق …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي