دىنوزاۋېر دەۋرىگە يەنە قايتامدۇق؟ ئالىملار نەسلى قۇرۇپ كەتكەن 11 خىل جانلىقنى قايتا تىرىلدۈرمەكچى!!!
ئەنگىلىيە ئاخباراتچىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گلىپتودون، غار ئادەملىرى، خەنجەر چىشلىق يولۋاس، چوڭ يەر لېنىۋېتسى، مامونت پىلى قاتارلىقلار ئالىملارنىڭ كۆڭلىدىكى «قايتا تىرىلىش» ىنى ئەڭ خالايدىغان نەسلى قۇرىغان ھايۋانلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مامونت پىلىنىڭ تىرىلىش مۇمكىنچىلىقى ئەڭ چوڭ ئىكەن. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە ، پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ھايۋانلارنىڭ ئادەملەر دۇنياسىغا «قايتىپ كېلىشى» پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەن. ئەگەر شۇنداقلا بولسا، ئەتە ئۆگۈن ھويلىمىزدىمۇ دېنوزاۋېر باقىدىغان ئوخشايمىز!!!
مامونت پىلى
خەنجەر چىشلىق يولۋاس: 10000 يىل بۇرۇن يوقالغان خەنجەر چىشلىق يولۋاسنىڭ DNA سى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ ، شىر ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن ھامىلدار ئانا بولالايدۇ.
تاسمانىيە يولۋىسى : بۇ خىل ھايۋان 70 نەچچە يىل بۇرۇن نەسلى قۇرۇغىنى بىلەن نۇرغۇنلىغان موزىيلاردا ئۇنىڭ ئەۋرىشكىسى ناھايىتى ياخشى ساقلىق ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان ھامىلدار ئانىلارنىمۇ ناھايىتى ئاسان تاپقىلى بولىدۇ .
گلىپتودون : بۇنىڭ قايتا تىرىلىشى ئەڭ مۇرەككەپ ، چۈنكى بۇ 11000 يىل بۇرۇنلا يوقالغان جەنۇبىي ئافرىقا جانلىقى ، DNA سىمۇ مۇكەممەل ئەمەس .
غار ئادىمى
ئېرلاندىيە ئۇزۇن قۇيرۇق بۇغىسى : قايتا تىرىلىشى بىر قەدەر ئاسان ، DNA مۇكەممەل ساقلانغان .
دىقماق باش ئېيىق
چوڭ يەر لېنىۋېتسى : DNA سى مۇكەممەل .
موئا قۇشى : بۇمۇ بىر قەدەر ئاسان تىرىلدۈرگىلى بولىدىغان تۈرگە كىرىدۇ .
دودو قۇشى : بۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ ، بۇنىڭ نەسلى 300 نەچچە يىل بۇرۇنلا قۇرۇپ كەتكەن ، DNA مۇ مۇكەممەل ئەمەس .
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەبىئەت، ھاياتلىق
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: نۇر تورى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,702 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ancient-biological.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى iPad 2 سېتىۋېلىش ئۈچۈن، بۆرىگىنى ھايانكەشلەرگە سېتىۋەتكەن…
- كېيىنكى يازما > ئىنتېرنېت تورىدا 60 سكونت ئىچىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان فىلىم – بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان 680 گراملىق بوۋاقنىڭ مۆجىزىگە تولغان بىر يىلى
- ئامىستېردام كارتون فىلىم بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم – مايمۇن زۇڭتۇڭ
- بىر مىنۇتتا قېرىپ كېتىش | ھېچكىم مەڭگۈ ياش تۇرىمەن دېيەلمەيدۇ، ياشلىقىمىزنى قەدىرلەيلى
- ھازىرقى بايلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەردىن ئايرىلىپ قالغانسىز؟
- سىرلىق سۇ ئاۋازى تەجرىبىسى، سۇ ئېقىمىنىڭ شەكلىنى قولدا تەڭشىگىلى بولىدۇ دەمدۇ نېمە ماۋۇ؟!
- بۇ كۆزلەرنىڭ قايسى ھايۋاناتلارنىڭ كۆزى ئىكەنلىگىنى تونۇيالامسىز؟
- كىچىك ساۋات – يامغۇر ياغقاندا ئاستا ماڭغاندا بەك ھۆل بولامدۇ ياكى يۈگۈرۈپ ماڭغاندىمۇ؟
- ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ ئولتۇرۇڭلار، چاغاندا يولداشلار ئاتقان مېتىئورىتلار روسىيەگە چۈشۈپ كېتىپتۇ دەيدۇ…
- سۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى چۈشىنىدۇ دەيدۇ، راستىمىدۇ؟ قوشۇمچە: ئەگەر يەر شارىدا پەقەت بىر تامچە سۇ بولسا…
ۋۇيۇيۇ..ماۋۇ پىلنى
قىنى ما سەرالىق . دىۋاندىن تويدىمۇ نىمە ؟
سەرالىق بوسا تاس قالىمىز بولمىسا ئىزدەيىز ھە …
ئاندا ئاسان ئىش بولىدىغان بوسا خىلى ئىش چىقىتى . قۇرۇق گەپ قىلماي قىلىپ ئاندىن بىر گەپ قىلماي …
مۇمكىن مىدۇ ؟ ئادمنىڭ ئېشنگۈسى كەلمەيدۇ جۇمۇ ؟ قايتا تېرىلىش
بۇ تىرىلىش بىلەن مۇناسىۋەتىسىز ، پەقەت گېن ئارقىلىقلا شۇ شەكىلدىكى جانلىقنى باشقا خېل جانلىق تىنىدە يىتىلدۈرۈش خالاس…
باياتىن سىرتقا چىقىمەن دېمىدىممۇ ئىرادە، بولمىسا بۇ دېۋانمۇ مەندىن ئاشمايتى
ئاللاھ خالىسىلا ھەرقانداق ئىش بولىدۇ ، بولمىسا مىڭ ئۇنداق – بۇنداق دىگىنى بىلەن ھەممىسى (خەنزۇلارنىڭ بىر گېپى بار 屁 话 دەيدىغان ) دەل شۇنداق بولىدۇ .
قېنى «تىرىلدۈرگەندە» بىر گەپ بولار .
تەدبىركار ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر .
يەنە بىر گېپى بار، «毛» دەيدىغان!
10000يىللار ئىلگىرى دەپ بىر كىنو بولىدىغان.شۇنىڭدا چىقىدۇ ئاۋۇ پىل…بەك ھەيۋەت چىقىدىكەنتۇق ئەمما..
ئاۋۇ پىلنىڭ بېشىنى تۇتۇۋالسا قانداق بولار؟
«مۇز ئېراسى» دېگەن كارتون فىلىمدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بارمۇ نېمە. مەيلىلا، يەرشارىدا ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقاندا مۇشۇلار بىلەن بوشلۇقنى تولدۇرۇپ تۇرمامدۇ…
نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانلار كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەبلىك، ياشاش مۇمكىن بولماي سەپتىن چۈشۈپ قالغانلاردۇر. ئەگەر قايتا تىرىلدۈردى دىگەن بىلەنمۇ، ئىنسانلار باقسا بولىدۇ، ياكى شۇ ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ(بۇ ئاسان ئەمەس)، ئەگەر ئىنسانلار ئۆزى باقسا، بۇ ياۋايى ھايۋان بولماي، ئۆي ھايۋىنى ياكى باغچا ھايۋىنى بولۇپ قالىدۇ، خالاس.
ئىنسانلار ئۆز قىلمىشلىرى سەۋەبلىك يوقاتقان تەبىئى مەۋجۇداتلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دىيىشى ئاسانغا توختىمايدۇ.
ئۈستىدىكى ئاۋۇ تۆتى «مۇز دەۋرى»دە چىقىدىغان جانۋارلار شۇكەنغۇ؟
تەرەققى قىلىپ نەگە بارامىز ؟
لىكىن تىرىلدۇرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنمەن
بۇلارنى تىرىلدۈرىمەن يېقىنقى تەبىئەتتە نەسلى قۇرۇۋاتقان ھايۋانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرسە نەقەدەر ياخشى بولاتتى…
بۇ ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلدىڭىزما؟
«ئاتاقلىق ،بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر بىئولوگىيە ئالىمى ،يېتىشكەن ئىقتىساس ئېگىسى دارۋىـــــــــــــــــــــــــــــــــن نىڭ شاگىرتى يولداش پرېستان ئالاھىدە ياردەم قىلدى» مىش
بىر ھەپتىدىن بويان ئالدىراش سىرىتلاردا بۇلۇپ قېلىپ كىرەلمىگەنتىم تور خۇمارغا مىنىڭ ئورنۇم بوشلا قاپتىمۇ نىمە…
شىنجاڭ يولۋىسىنى ‹‹تىرىلدۈر››سە بولامدىغاندۇ؟ تىبەت قوتىنى، موڭغۇل ئېشىكى، قازاق ئىتى، قىرغىز قويى بار ئىكەن، ئۇيغۇر يولۋىسى بوپ قالار ئىدى ئاۋۇ!
بوپتۇ كىيىنچە تىرىلىپ باھاسى چۇشۇپ قالسا بىزمۇ ئىلىپ ھويلىمىزغا قويوپ برىپ بىرە كىلودىن نان تاشلاپ بىرىپ باقمامدۇق
«تىرىلدۈرۈش» تىرناق ئىچىدە. پەقەت قايتىدىن يېتىشتۈرۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ باللا. ئۆلگەننى تىرىلدۈرۈش چاقچاق قىلىدىغان گەپ ئەمەس