ئىنتېرنېت تورىدا 60 سكونت ئىچىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئۇچۇر دەۋرىدە تورنىڭ ئويناۋاتقان رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ ھەر كۈنى ئىنتېرنېتتا يېڭىلىنىۋاتقان سان-ساناقسىز ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىگىنىڭ ئۆزىلا كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئىنتېرنېت تورىدىكى 60 سكونت ئىچىدە قانچىلىك ئىشلار يۈز بېرىپ ئۈلگۈرىدىغاندۇ؟ تۆۋەندە بىرلىكتە ستاتسىكا قىلىپ باقايلى…
60 سېكۇنتتا Pandora دا 13 مىڭ سائەت مۇزىكا قويىدۇ.
60 سېكۇنتتا Craigslist دا 12 مىڭدىن كۆپ يېڭى ئېلان قوشىدۇ.
60 سېكۇنتتا Skype دا ئاۋازلىق سۆزلەشكەن ۋاقىتنىڭ يىغىندىسى 37 مىڭ مىنۇتتىن ئاشىدۇ.
60 سېكۇنتتا Twitter غا يېڭىدىن 320 ئەزا قوشۇلدۇ.
60 سېكۇنتتا LinkedIn غا يېڭىدىن 100 ئەزا قوشۇلدۇ.
60 سېكۇنتتا associatedcontent بىر يېڭى ماقالە ئېلان قىلىدۇ.
60 سېكۇنتتا Flickr غا يېڭىدىن 6600 رەسىم يوللىندۇ.
60 سېكۇنتتا WordPress نىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىمى 50 تىن ئاشىدۇ. قىستۇرمىسىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى 125 تىن ئاشىدۇ.
60 سېكۇنتتا Facebook قا 79365 تېما، 51 مىڭ ئىنكاس يوللىندۇ. 65500 قېتىم بەت يېڭىلىندۇ .
60 سېكۇنتتا Firefox نىڭ چۈشۈرۈلۈشى 1700 قېتىمدىن ئاشىدۇ.
60 سېكۇنتتا Google توردا 69 مىڭ قېتىم ئىزدەش تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
60 سېكۇنتتا 168 مىليون ئېلىكترونلۇق خەت يوللىندۇ.
60 سېكۇنتتا توردا 60 يېڭى بىلوگ كۆپىيدۇ. 1500 بىلوگ ماقالىسى ئېلان قىلىندۇ.
60 سېكۇنتتا 70 تىن كۆپ يېڭى تور نامى تىزىملىندۇ.
60 سېكۇنتتا YouTube غا 600 دىن كۆپ يېڭى ۋىدېئو يوللىندۇ. ئومۇمى ئوزۇنلۇقى 25 سائەتتىن ئاشىدۇ.
60 سېكۇنتتا Answers.com تور بېكىتى 100 دىن كۆپ سۇئال تاپشۇرۋالدۇ. Yahoo! Answers ە 40 سۇئال تاپشۇرۋالدۇ.
60 سېكۇنتتا 13 مىڭدىن كۆپ iPhone پىروگراممىسى چۈشۈرۈلدۇ.
60 سېكۇنتتا Tumbler دا 20 مىڭ يېڭى تېما ئېلان قىلىندۇ.
60 سېكۇنتتا Urban لۇغىتىگە يېڭىدىن بىر سۆزلۈك قوشۇلدۇ.
60 سېكۇنتتا Sribd دىن 1600 دىن كۆپ ماقالە ئوقۇلدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇچۇر، ئىنتېرنېت، تەرەققىيات، تور
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: ئالپ تورى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,294 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: internet-60-seconds.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دىنوزاۋېر دەۋرىگە يەنە قايتامدۇق؟ ئالىملار نەسلى قۇرۇپ كەتكەن 11 خىل جانلىقنى قايتا تىرىلدۈرمەكچى!!!
- كېيىنكى يازما > ئامېرىكىلىق نامرات ئەر كېسىلىنى داۋالىتىشقا پۇل بولمىغاچ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ داۋالانماقچى بولغان
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك ئۇسۇللىرى
- مېنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز
- ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
- [ئۇقتۇرۇش تېمىسى] تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئىنكاس/باھالار ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە تۈزۈلمىسى
- كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
- ماۋۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى؟! 1000 يىللاردىن كېيىنكى ئىنسانلار تەرەققىي قىلىپ پۈتۈنلەي «غەلىتە مەخلۇق»قا ئايلىنىپ كېتىدۇ؟!
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
60 سېكۇنتتا بىرسى دىۋاندا ئولتۇرۇپ بۇلىدۇ ~~~!!!
مەن دىۋاندا بىر ئولتۇراي دەپلا تىزىملاتقان،لىكىن پەگاغا قاپتىمەن
مۇشۇ دىۋان دېگەن سۆز نېمىشقىدۇر «دىۋانە» دېگەندەكلا بىلىدىنىدۇ ماڭا!
ئاتمىش سېكونتتا تورخۇمارغا قانچىلىك زىيارەتچى كىرىدۇ شۇ چالا قاپتۇ…
60سىكونىتتا تور خۇماردا قانچە ئادەم دىۋان تالىشىدۇ؟
60سىكونىتتا تور خۇماردا قانچىلىك ئىنكاس يىزىلىدۇ؟
قاتارلىقلارنى قوشوپ قويسا تىخىمۇ پەچەت بولىدىكەن
چەتئەلنىڭ تور بىكەتلىرىدىمۇ بارمىدۇ مۇشۇنداق دىۋان تالىشىدىغان ئىشلار ؟!
60 سىكۇنىتتا ھەقىقەتەن جىق ئىشلار يۈز بېرىدىكەن جۇمۇ ، بىزلەرمۇ بار ھەقاچان شۇنىڭ ئارىسىدا
خەنزۇچە بلوگلاردا باركەن 沙发 دەپلام، قارىغاندا مۇشۇ سۆزنى بۇ دوستلىرىمىز دىۋان دەپ تەرجىمە قىلىۋالغان بولسا كىرەك
راست، خەنزۇچە تور بەتلەرنىڭ نەرىگە قارىسىلا شۇ 沙发 دەپ تۇرغان، دەسلەپ خەنزۇچە تور بەتلەرگە كىرسەم 沙发 غەلۋىسى پەيدا بولغاندا مەن تېخى نىمە دىگەن گەپتۇ دەپ قاپتىكەنمە.. ئەسلى شۇ دىۋان غەلۋىسىكەن ئەمەسمۇ…؟!
…
راست، 60 سىكۇنتتا نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈز بىرىدىكەن… يەنە 60 سىكۇنتتا قانچە ئادەم ئىنتىرنېتتا توي تەكلىپى ۋە ئايرىلىش تەكلىپى قويىشىدىغاندۇ…..؟
ھېلىغۇ 60 سىكۇنتكەن، 60 مىنۇتتىن بېرى مۇنۇ تېمىدا (دىۋان) مۇنازىرىسى تۈگىمەيۋاتىدۇ، نىمىشقا بىزنىڭ يېڭىلىق جەھەتتە باشقىلاردىن كېيىن قالىدىغان لىقىمىزنى چۈشەنگەندەك بولدۇم..
مۇشۇ دىۋان گىپى تۈگىسە بولاتتى، قىزىقىپ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باقايلى دىسە، تېمىغا مۇناسىۋەتسىزلا دىۋان توغرۇرلۇق گەپلەر،،، بىر ئەمەس، ھەممە تېمىدا بار..
توغرا گەپ قىلدىڭىز ، سىلى ، بىزدەكلەر ئىنكاس كۆرۈپ باقىلى دەپ قارىساق ، بىر ئادەمگە بىر سىكۇنت كەتتى دېسەك ،100 ئادەمگە 100 سىكۇنت دېگەن گەپ … مانا مۇشىنىمۇ ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئوغۇرلاش دېسەك ، خاتالاشمايمىز ،،،
راست، قاچانلا قارىسا دىۋان دەپ يۈرگەن، نېمە پايدىسى باردۇ؟ بىزمۇ ئاڭلاپ باقىلى، پايدىسى بولسا بىزمۇ ئولتۇرۇپ باقىلى
بۈگۈندىن باشلاپ كىم دىۋاننىڭ گىپىنى قىلسا شۇ دىۋانى بولۇپ كەتسۇن !!!
توغرا گەپ قىلدىڭىز !
دىۋان تەلەپ قىلغانلارغا تورخۇمار ئەپەندى بىرەر يىللىق كۆتۈرەگە بىرىۋەتسە بولاتتى
60سىكىنوتتا تورخۇمارنى 6ئادەم كۈرەمدىكىن
مەنبەسى ئالىپ تورىنى ئەسكەرتىپ قويساڭلار بولاتتى ئەسلى.
http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=973
ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپتىمەن، سەت بولدى! ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، يانداش ماۋزۇغا مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئىزاھلاپ قويدۇم.
ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان سەۋەنلىكنى سادىر قىپسىز
ھازىرقى60 سېكونىتتا مۇنۇ تېمىدا ئىنكاستىن بىرسى كۆپىيىدۇ.
مەن ھەر 60سىكونتتا android ‹قوللىنىشچان پروگىراممىسى›دىن 100كۆپىيىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.چۈنكى ھازىرقى‹قوللىنىشچان پروگىراممىسى›لار پەقەتلا يىتىشمەي قالدى…
قارىغاندا cnbeta نى داۋاملىق زىيارەت قىلىدىكەنسىز دە ، مەنمۇ دائىم چىقىپ تۇرىمەن !
مۇشۇ دىۋان دىگەن گەپنى يوقىتىڭلا ،،،، نەگە قارىسا باكەن ،،، دىۋاننى ئىگەللىگنلەرگە تورخۇمار ئەپەندى مائاش بىرەمدىكەن يە ؟!! دىۋان ، دىۋان دەپ قويىدىكەن ،،،،،،،، سىلەمۇ ئاشتا دىۋان تالاشقۇدەك بلوگ قۇرساڭلا بولمامدۇ ،دىۋان تالىشىمەن دەپ تورخۇمارنىڭ تىمىسىغا قاراپلا ئولتۇرماي ،،،،، تور خۇمار ئەپەندىمۇ سىلى بىزگە ئوخشاش ،،،
نىمە كەپ تۇ ، ئۇنداق مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلانى يىزپ ؟!!! ،،،، تېخى بەزى تىتىقسىزلا خۇشامەت قىلىپ كىتىشلىرىچۇ ؟!! ئۆزەڭنىڭ تىمىغا بولغان پىكىرىڭنى يازساڭ بولدى ، بىلىۋالغان بولساڭ ، رەھمەت دەپ تۈگەت ،،،،
بىلىدىغانلىرىڭ بولسا ، ئۈگەت ، بىلمەيدىغان بولساڭ ، ئۆگەن .
توۋا،60 سىكىنۇت ئاز ۋاقىت ئەمەسكەن جۇمۇ.شۇڭا ئالىملار:«ۋاقىت ئاتقان ئوق»دەپ توغرا ئېيتىپتىكەندە.
60 سېكۇنتتا تورخۇمارلار كۇلۇبىغا 95645 دانە يازما يوللىنىدۇ … دىمەپسىزغۇ؟؟؟