مېنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز
مىللەتنى سۆكۈش، تارىختىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىشنى، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ باشقىلارغا دۆڭگەش ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغان ئۇسۇل قىلىۋالدى. بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ زىيىنى باشقا كەمچىلىكلەردىن چوڭ. مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بۇلۇشى ھەربىر ئەزانىڭ مەسئۇلىيىتى، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. يەنىلا تارىختىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرسەك كەلگۈسىدە ئەۋلاتلار ئوخشاشلا بىزدىن، بىز ياراتقان تارىختىن ئاغرىنىدۇ. قاچانغىچە مۇشۇنداق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ، ئاغرىنىپ يۈرىيمىز؟ تىرىشمىساق بۇ ھالىتىمىز قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ! ئۆتكەن كۈنگە ئامال يوق، پەقەت ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالساق بولىدۇ. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمىز. پەقەت بۈگۈن، بۇ سائەت، بۇ مىنۇت، بۇ سىكونت بىز تۇتالايدىغان ئىش. ھەممىمىز بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلىساق، بولسا تىرىشىپ ئاشۇرۇپ ئورۇنلىساق، مەن ئىشىنىمەن كەلگۈسىمىزنىڭ ياخشى بولۇشىدا ئۈمىد چوڭ بولىدۇ. مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بىرنەچچە ئىللەت، بىرنەچچە ياخشى ئادەم، ياكى بىر نەچچە ناچار ئادەملەر بەلگىلىمەيدۇ. ھەممە ئەزانىڭ تەسىرى بار. بەزى كىشىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەسىرىدىن چوڭ بولمايدۇ. ئەگەر بارلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تارازىنىڭ ئوڭ تەرەپكە قويساق، كەمچىلىكلىرىنى سول تەرەپكە قويساق، ئوڭ تەرەپ ئېغىر كەلسە بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە ئۈمۈت بار، يۈكسىلىشلەر بولىدۇ، قانچە ئېغىر كەلسە شۇنچە ياخشى؛ سول تەرەپ باسسا جاھالەت باش كۈتۈرىدۇ؛ تەڭ بولسا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە ھەربىر ئەزانىڭ مەسئۇلىيىتى ھەرگىز ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتنى ھەربىر ئەزاغا تەڭ تەخسىم قىلساق، مەسئۇلىيەت كىچىكلەپ ھېچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھەممە ئادەم مەن قىلمىسام باشقىلار بارغۇ دىگەن ئويغا كىلىپ قالىدۇ. قانداق تەخسىم قىلىمىز؟ بۇ ئاسان ھەم چۇقۇم مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك!
ئوقۇغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوقۇمىغان كىشىدىن چوڭ؛ پۇلى بارنىڭ پۇلى يوقتىن؛ ئورنى يۇقۇرنىڭ ئورنى تۆۋەندىن؛ ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن چوڭ بۇلۇشى كېرەك. قابىلىيىتىڭىز قانچە يۇقىرى بولسا مەسئۇلىيتىڭىز شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر ياخشى ئادەم بولۇپ باشقىلارنىڭ ناچار ئىشلىرىنى كۆرگەندە تەربىيە قىلىڭ، تەربىيە قىلىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە، ئۆزىڭىزدە ئۇنداق ئىشلارنىڭ يوقلىغىدىن پەخرلىنىپ كېتىپ قالماڭ، تىرىشىپ ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى كۆپەيتىپ تارازىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ئېغىر قىلىشقا ھەسسە قوشۇڭ. بۇ سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز، مىنىڭ مەسئۇلىيىتىم. ئوقۇمۇشلۇق، زىيالىي كىشىلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرى، قىلغان گەپلىرى كىشىلىرىمىزنى تۇلۇق رازى قىلالمايۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ زىيالىلارغا، ئوقۇمۇشلۇقلارغا پىكرىڭىز بولسا، ئاچچىغىڭىز بولسا ئىچىڭىزدە ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەڭ، كىشىلەر يوق يەرگە بېرىپ پۈتۈن ئاۋازىڭىز بىلەن تىللاڭ! (ئادەم بار يەردە سەت گەپ ئىشلەتمەڭ!) ئاندىنچۇ؟ ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالامسىز؟ بۇ ياخشى ئەمەس. سىز مەسىلىلەرنى بايقىغاندىكىن، رازى بولمىغانكىن تىرىشىشىڭىز كېرەك. تىرىشىپ باشقىلار رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بولۇڭ. بۇنىڭغا قۇربىڭىز يەتمىسە باشقىلارغا تەربىيە قىلىڭ، پەرزەتلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيلەڭ! باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇڭ! باشقىلارنى قوللاڭ!
مۆجىزە كۈتمەيلى! قانداق ئادەملەرنىڭ چىقىشىنى شۇ مىللەتنىڭ ساپاسى بەلگىلەيدۇ. ساپا يۇقۇرى بولسا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار چىقىدۇ؛ ساپا تۆۋەن بولسا ئاپپاق غوجىدەك پاسىقلار چىقىدۇ.
تولا قاخشىمايلى! تولا ئاغرىنمايلى! تىرىشىپ ساپايىمىزنى ئۆستۈرىلى، ئارتۇقچىلىقىمىزنى كۆپەيتىلى؛ يىتەرسىزلىكلەرنى ئازايتىلى ياكى تەسىرىنى سۇسلاشتۇرىلى! شەيتان بولىدىكەن كەمچىلىك تۈگىمەيدۇ. ئاساسلىق زېھنىمىزنى كەمچىلىكلەرنى بايقاش، تۈزۈتۈشكە ئەمەس، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئارتۇقچىلىقلارنى كۆپەيتىشكە قارىتىلى!
سىز دۇنياغا ئۇيغۇر بۇلۇپ يارالدىڭىز خالاڭ-خالىماڭ، بىلىڭ-بىلمەڭ قىلغان ئىش، دىگەن سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەقەت تەسىر چوڭ ياكى كىچىك بولىدۇ. بىزدە كەمچىلىك بار، يېتەرسىزلىك بار. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئورتاق، پەقەت تەرەققىي قىلغان ئەللەردە بۇنىڭ تەسىرى كىچىك خالاس! شۇڭا ئۆزىمىزنى كەمسىتىشنى تاشلايلى! ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز بۇلۇشى كېرەك! تارىخنى ئۇنۇتمايلى! نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ نادانلىقلارنى قىلدۇق؟! بۇنى پات-پات ئەسلەپ ئۆزىمىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىلى! تارىخنى ئۇنۇتساق تارىخنى قايتىلايدىغان ئىش بولىدۇ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇر، تەرەققىيات، مەسىلە، مىللەت، نەسىھەت
- يازمــا مەنبەســى: جېك بلوگى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,850 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: you-my-responsibility.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھايۋاناتلار خوجا بولغان دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > تېرورچىنى «توسقان» قەھرىمان توختى ھەققىدە ھېكايەت
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- ئۇنداق رەسىملەرنى بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلارمۇ سىزالايدۇ، ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە بۇ رەسىملەرگە قاراڭ!
- بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك ئۇسۇللىرى
- ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ يەنە بىر قېتىم بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى
- «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟
- ماۋۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى؟! 1000 يىللاردىن كېيىنكى ئىنسانلار تەرەققىي قىلىپ پۈتۈنلەي «غەلىتە مەخلۇق»قا ئايلىنىپ كېتىدۇ؟!
- ئابدۇكېرەم ئابلىز رول ئالغان مىكرو كىنو – تيەنئەنمېن
- ھوللىيۋود تارىخىدىكى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلار – پالۋانلار كىنولىرىنىڭ 10 يىلى ۋە پالۋانلار
- 2030-يىلغىچە ئىشلىتىشكە بولدىغان 15 خىل چوڭ تېخنىكا
انارخان yadimga kap kaldi
ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق گەپلەركەن ،شۇنداق ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزمىساق ،ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق ھېچكىم بىزنى قوغداپ بەرمەيدۇ .ھەممىمىز تىرىشايلى ،ھەممىنى ئەڭ كىچىك ئىشلاردىن باشلايلى !ئالغا!!!
بەك توغراا گەپ بوپتۇ ،ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلايلى قىرىنداشلا
كىرىپ قالدىم خالتا كۇچىغا ، يوق ئىكەن ئالدىمدا يول !
دىمىسىمۇ مىللىتىمىزنىڭ شان ـ شەرەپلىرى، نام ـ ئابرويلىرى ، ئىقدىساد ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتلىرىنى ھەرخىل ئامىللا سەۋەبىدىن ئۇلۇغ ئەجدادلىرمىزغا سىلىشتۇرۇش تەس بوپ كەتتى ، ھەرخىل ئللەتلەر مىللىتىمىزنى چىرماپ بەزىلەرنىڭ جىسمىدىن بۇرۇنقى باتۇر لىقىمىز ، ئەقىل ـ پاراسەتلىكىمىز ، تىرىشچان ـ ئىشچانلىقىمىزنىڭ پۇرۇقىنىمۇ تاپقىلى بوممىغىدەك بوپ كەتتى ، شۇڭا كۆپچىلىك «ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۇزەلمەيدۇ»دىگەن گەپ بار ،ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن باشلاپ ناچار ئللەتلەرنى تاشلاپ ، ۋايساپ ئاغرىنىپ يۇرگەننىڭ ئورنىدا ئوزىمىزنى كۈشلەندۈرسەك ئاللا خالىسا شۇ شانلىق تارىخىمىزنى چوقۇم قايتا نۇرلاندۇرالايمىز،
ئەدەمنىڭ يۈرىكىنىڭ ئىچىدىكى گەپنى قىپتا ، ئىسىل!
ئەرلەر ئادالەت ئۈچۈن مۇشت تۈگكەندە،ئاياللار ساداقەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە دۇنيادا ناھەقچىلىك بولمايدۇ دەپ بىر گەپنى كۆرگەن بىر يەدە ، باشقىلارنىڭ تۈگمىدەك كەمچىللىكى خاتالىقىغا ئېسىلىۋېلىپ ئارتۇقچە ھاقارەت قىپ كەتمەيلى ، كىشىدە تۈگمىدەك بولسا ئۆزىمىزدە تۆگىدەك باردۇ بەلكىم ، كەڭ قورساق ئەپۇچانلىق بەك ئىسىل پەزىلەتكەن ، بەزى سەل مۇنازىرىلىك تىمىلاردا تاس قالىمىز باشقىچىراق پىكىر قىلغان بالىنى كومپىيوتىرنىڭ ئېكراندىن سەكرەپ چىقىپ بىر مۇش ساغىلى
تىمىنىڭ بېشىنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلاردىن باشلاپ ئاخىرىنى ھەرخىل غەزەپ نەپرەتلەر بىلەن چۈشۈرمەيلى ، قېرىندىشىنى ئاشتا ئېغىر گەپ بىلەن ھاقارەتلەيدىغان ئىشما …
ئىشقىلىپ ماۋۇ بەك ئىسىل تىما بوپتا ، مىنىڭ سىزگە ئوخشاش پىكىر قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ، ئوخشىمايدىغان پىكىر قىلغىنىمدا ئۇرۇنلۇق گەپ قىلىپ قايىل قىلالىسىڭىز سىز قېرىندىشىمغا مىڭ تەشەككۈر ، ھەقىقى قايىل بۇلىمە ، ئەگەر يەنە ئۆزىڭىزنىڭ گىپىدە چىڭ تۇرۇپ زەھەردەك تىللار بىلەن ھاقارەت قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ساپاسىز قالماق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ، بۇلۇپمۇ تورخۇماردا نۇرغۇن ئىسىل باللار با ، ئالدىراپ قىززىقانلىق قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ قانچە پۇللۇق ئىكەنلىكىنى بىزلەرگە بىلدۈرۈپ قويماڭ قېرىندىشىم !مىللىتىمىز تىلىمىز دىنىمىز ئوخشاش ، شۇنداق بولغاندىكىن ياخشى گەپ بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان گەپ يوق !
بۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلغان گەپ ئەمەس ،خاتا ئويلىغان يەرلەر بولسا تۈزىتىمەن
«قابىلىيىتىڭىز قانچە يۇقىرى بولسا مەسئۇلىيتىڭىز شۇنچە ئېغىر بولىدۇ» بۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا دىيىلگەن سۆز . بۇ سۆزنى مەن يەنە بىر يەرە ئاڭلىغان ، ئىسىمدە قېلىشىچە ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمىدە بوۋىسى ئۆمۈچۈك پالۋانغا شۇنداق دىگەن .
ئىھ ئاللا بىزگە ۋە ئۇيغۇر قەۋمىمگە پۇتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانرىلىمىزغا چەكسىز ھېدايەت ئاتا قىلغايسەن. ئامىن
ئەتراپىمىزدا قولىدىن كۆپ ئىش كەلمەيدىغان ، باشقىلارنى ئانچە ياراتمايدىغان ، ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ھەم ئەتراپىدىكى بەزى ئىشلاردىن تۇماي قاقشايدىغان ، مۇناسىۋەتسىز بىر ئىشلارغىمۇ نارازى بولىدىغان ، كەڭ قورساق بولالمايدىغان ، ئازغىنە مەنپەئەت كۆزىگە ئوت – ئوت كۆرۈنۈپ كەتسىمۇ سەۋەبىنى سوراپ بېقىش خىيالىغا كەلمەيدىغان كىشىلەرمۇ بار. ئەمما – زە ئۇلار قاقشاشقا باشلىغاندا ئۇنداق ئەمەس ، مۇنداقتى ، دېسە قۇلىقىغا كىرمەيدۇ .
يەنە كېلىپ شۇ كەڭ قورساق بولالمايدىغان ، قانائەتچان ئەمەس شۇ بىر قىسىم كىشىلەر تېخى تۇرمۇشى ئانچە ياخشى ئەمەسلەردىن…
مەن ئوخشاش پىكىردە
شۇنداقلار «بىز خەق مۇشۇنداق»دېيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرەمدىكىن دەيمەن.. نەپرەتلىنىمەن مۇشۇنداق دەيدىغان ماڭقۇرتلارغا…
ئىللەت بولسا ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، ئاساسلىقى ئۆزمىزنىڭ پەن -مەدەنيەت بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرەيلى ، مەزھەپچىلىك قىشلىشتىن ساقلىنايلى ، تور بىزنى ئۇچۇرلار دىن ئورتاقلىش ئۈزۈن بارلىققا كەلگەن ھەرگىزمۇ بىر-بىرىمىزنى تىللاپ سېسىتقىلى ئەمەس . ئاندى ئەڭ ئاخىرقى تەكلىپىم ئاغىزىمىزغا ھېزى بولىلى ، تور نىمە بولسا شۇنى دەيدىغان يەر ئەمەس !
بۇ يەردە بىر-بىرىنى سېسىتىشنىڭ گېپى ئەمەس، بىر بىرسى بىلەن مۇنازىرىلەشسىلا مىللەتنى تارتىپ چىقىپ «بىز دېگەن مۇشۇنداق خەق» دەيدىغان مىللەتنى كەمسىتىدىغان ناچار ئادەتنى سۆكۋېتىپتۇ…
قىرىنداشلار ئۆزئارا بىر -بىرىنىڭ ئەيىبىنى ياتلار ئالدىدا ئاشكارلىمايدۇ. رەھمەتلىك دادام ماڭا مۇنداق دىگەن ‹‹ بالام، قىرىنداشلىرىڭ بىلەن ئۆيدە ئۇرشۇپ قان چىچىشىپ كەتسەڭمۇ سىرىتقا چىققاندا ياتلار ئالدىدا قىرىندىشىڭنى كۆرگەن دە ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۇشكىن ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن قارىغىن ،ياتلار قىرىندىشىڭنىڭ يامان گىپىنى قىلغاندا ئۇلارغا غەزەپ بىلەن مۇنداق دىگىن ‹‹نىمە دىدىڭ گىپىڭگە دىققەت قىل ھە…! ئۇدىگەن مىنىڭ جانجىگەر قىرىندىشىم بۇندىن كىيىن ئۆزۇڭگە دىققەت قىل ھە…!›› دەپ ماڭا تەر بىيە قىلاتتى.
بۇ بەك ياخشى تىما بوپتۇ دىل بىرلىگى ئۇچۇن تىر شايلى،ھەممىمىز مەسىلنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئىزدەيلى.
ياخشى تېمىكەن رەھمەت ھەممە ئىشلارنى ئۆزەڭدىن باشلا دىگەن گەپ بار شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى تۇلۇق جارى قىلدۇرشىمىز كېرەك
ساپا يىتىلدۇرۇش ئۇچۇن جاھان كورۇش كىرەك ……. ‹‹ كۆرگەن كورگەننى سوزلەيدۇ … كورمىگەن نىمىنى سوزلەيدۇ ››
يېقىندىن بۇيان مىللەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ پۇل تاپىدىغانلا كۆپىيىپ قاپتۇ ، خۇددى ئۆيگە ئوغرى كىرسە كۈچى يەتمەي ئۆزئارا تاپا-تەنە قىلىشقاندىكلا ئىشتە !
— مەمىتىمىن ھۇشۇر
ئويغۇنايلى، ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، ئۆزىمىزنى كۈشلەندۈرۈپ شۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرايلى دىمىكچى。ئاساسى مەخسەت مۇشۇ ، ئەمدى بەلكى ئالدىدا بىزە قايناپ قاغاندىمە لىكىن ئەجدادلىرمىزمۇ ئۆز قەۋىمىنىڭ ئەينى دەۋىرلەدە ھەر تەرەپلەردە تۆۋەن تۇردىغان مىللەتلەرنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى بىلسە خۇش بولمايدۇ ئەلۋەتتە ، كىيىن باللىرىمىز باشقىلارغا بىز ئۇيغۇرلا جەڭلەردە بەك ماھىر ئىدۇق ئالدىمىزغا قاراپ ئوقنى قانداق ئاتساق ئارقىمىزغىمۇ شۇنداق ئاتاتتۇق ، كونا تاش قۇراللار دەۋرىدىن تارتىپ تىبابەتچىلىكىمىزدە قاقلاش ، مايلاش ،قۇمغا كۆمۇش … قاتارلىقلارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەگەن ،بوۋام نەۋايى نەچچە توملۇق ئۇلۇغ كىلاستىك ئەسەرلەرنى يازغان دەپ ئىپتىخار ئىچىدە باشقىلارغا سۆزلىسە خەقنىڭ مەنسىتمىگەن ھالدا گۇمان ئارلاش ھە دەپ كۈلۈپ قويشىنى ھىچقايسىمىز خالىمايمىز (بۇرۇن باشقا مىللەتلەرنىڭ نەسىردىن ئەپەدىمنى ئۇيغۇر ئەمەس دەپ تالاشقىننى ئاڭلىغانتىم ، بىر كۈنى مەھمۇد قەشقىرىنى سىنىپتىكى بىر نەچچە قازاق باللا قەشقەردە ياشىغان بىلەن قازاق دەپ يۇردۇ ، تىخى بىزنىڭ دەرىسلىك كىتاپتا شۇنداق بار دەپ چىڭ تۇرۋالدى ، بىر ئىچكىردە ئوقۇغان قازاقلا ئۇيغۇر دىدى ،تارىخلىرىنى سۆزلىسەممۇ قائىل بولدىغاندەك ئەمەس ئاخىرى بەيدۇ ماتىريال ئامبىردىن ئۇيغۇر دىگەن خەتنى كۇرسۇتۇپ قويدۇم،بۇنداق مىساللا بەك جىق بوپ كىتىپتۇ ھازىر شۇڭا ئوزىمىزدىن باشلاپ ،ئۇزىمىزنى كۇشلەندۇرۇشتىن باشلايلى دىمەكچى ، ھەممەيلە مۇشۇ مەقسەتنى دىمەكچىغۇ ئىپادىلەشتىكى پەرىقتۇ بەلكى ئىتپاق بولايلى ، ئىناق بولايلى)
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت !!!
قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلار ، ھەم ساپاسىزلار…«بىز خەق مۇشۇنداق» دېيىشكە يامان ئامراق، چۈنكى دۇنيانى چۈشەنمەيدۇ، خۇددى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك… ياخشى يازما…
ياخشى تىما بوپتۇ ( بىزمۇ ئۇنداقلارنى توردىلا تىللاپ غەيۋىتىنى قىلىشماي تەربىيە قىلساق ، ھىچ بولمىغاندا مانىڭغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى تەۋسىيە قىلساق ئازراق بولسىمۇ ئويغۇنۇپ قالا دەيمە )
راس ئىسىل تىما بوپتۇ، ئەجدادلىرىمىزدىن تاتىپ ھازىرغىچە تىلىمىز بىر، بىراق دىلىمىز بىرلىككە كىلەلمىدى، سىز مەندىن ئىشىپ كەتسىڭىز مەن كۆرەلمەيمەن، سىزنى سۆكۈپ چاۋىڭىزنى چىتقا يىيىپ باشقىلارغا يامان كۆرسىتىمەن………، بىز قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتىمىز ؟ ھەممىمىز باشقىلارنى ەيىبلەشتىن ىلگىرى ۇ قىلالىغاننى مەن قىلالىدىممۇ؟ ۆزۈم قانچىلىك دىگەننى وبدان ويلىشايلى قىرىنداشلار
ماۋۇ تېمىدا مۇشۇ ئىنكاسىڭىزدىكىدەك خەقنىڭ كۆز قارىشىنى مىللەتكە ئارتىدىغانلارنى «تىللاۋاتىدۇ».. توۋا دەيمەن…
خەق سىزنىڭ ئىشىڭىزغا پىكىر بەرسە، ياكى بىر نېمە دېسە كۆرەلمىدى دەپ ئويلاش نادانلىقتۇر… ساپاسىزلىقتۇر… ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقىڭ.
مىنىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم شۇ باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان، يا ۆزىگە بولغانغا چىدىمايدىغان يا باشقىلارغا بولغانغا چىدىمايدىغانلارنى دىمەكچى، مىنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم يەنىلا دىل بىرلىكى، ھەممىمىز بىردەكلىككە كىلەلىگەندىلا اندىن مىللىتىمىز تىخىمۇ گۈللەنگۈسى، ھىلىقىدەك رەسىملەردە بىر پالتا ھىكايىسى بار مۇمكىن بولسا شۇنى بىر كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئاپتۇرنىڭ قولىغا دەرد كەلمىسۇن…. ھەق گەپنى دەپتۇ، قېنى ئەمسە قېرىنداشلار گەپ مۇشۇ يەردىلا قالمىسۇن، ئەمىليەتتە كۆرسەتمەمدۇق …. قولۇمىزدىن كىلىشچە قىلالىساق شۇنىڭ ئۆزى ھېساب…