نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

2030-يىلغىچە ئىشلىتىشكە بولدىغان 15 خىل چوڭ تېخنىكا

15-technology-products-until-2030

چەتئەل تاراتقۇچىلىرىنىڭ 24-چېسلادىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا يېقىندا 2030-يىلغىچە ئىشلىتىشكە بولىدىغان پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن 15 نى پەرەز قىلىپ ئېلان قىلغان .ھازىرقى جەمئىيەتتىكى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز ، 2030-يىلغا بارغاندا كىشىلەر پەرەزمۇ قىلىپ باقمىغان يېڭى تېخنىكىلار مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ،لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتىكى بەزى تەسىر كۈچى چوڭ بولغان تېخنىكلار يەنىلا داۋاملىق كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن .ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئامېرىكىلىقلار 2012-يىلنى مۇنداق پەرەز قىلغان : شوپۇرلار ماشىنىسىنى ئايروپىلاندەك ھەيدەپ ئاي شارىدىكى ئۆيىگە بارالايدۇ ، ئۇ يەردە ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ قۇلى بولىدۇ ۋە باشقا ساقايماس كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى بارلىققا كېلىدۇ .بۇلارنى ئوقۇپ ئازراق ھەيران قالىسىز ،لېكىن ئويلاپ باقسىڭىز 2012-يىلدىكى تېخنىكىلارمۇ ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان يېڭى نەرسىلەر بارلىققا كەلدى .ھازىرقى پەن تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر 2030-يىلغا بارغاندىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ ،تۆۋەندە 2030-يىلغا بارغاندىمۇ داۋاملىق ئىشلىتىلىدىغان 15 تۈرلۈك تېخنىكىنى تونۇشتۇرىمىز.

1. فىزىكىلىق كونۇپكا تاختىسى

20120824120556716

ئەلۋەتتە ھازىر ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ،قولدا يېزىش ۋە كونترول قىلىش تېخنىكىلىرى كەڭ قوللىنىشقا باشلاندى ،ھەم بۇ تېخنىكىلارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ كۈندىن كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە ، شۇنداق بولسىمۇ كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈش تېخنىكىسى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر تېخنىكا .بەلكىم مېڭە ئارقىلىق كونتروللاش كىرگۈزۈش تېخنىكىسى كەڭ ئومۇملىشىپ قالسا ئاندىن ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن .ئەلۋەتتە يانفونلاردىكى كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئورنىغا بارماق بېسىش تېخنىكىسى قوللىنىپ بولغان بىلەن خاتىرە كومپيۇتېر ۋە شەخسلەر كومپيۇتېردا كۇنۇپكا تاختىسى يەنە كەم بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم تېخنىكا ،شۇڭا بۇ تېخنىكا 2030-يىلغا بارغاندىمۇ داۋاملىق قوللىنىلىدۇ.

2. PC يەنى شەخسلەر كومپىيۇتېرى

20120824122845778

بېزىلەر شەخسلەر كومپيۇتېر دەۋرى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالدى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس .ئەلۋەتتە ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ۋە ئالىقان كومپيۇتېرلىرىغا بېرىلىپ كەتتى ، لېكىن خىزمەت ۋە نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتا PC  يەنىلا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تاللاش .2030-يىلغا بارغاندا PC نىڭ شەكلى ۋە ھەجىمدە زور ئۆزگىرىش بۆلىشى مۇمكىن ،لېكىن كۈچلۈك بولغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتا PC نىڭ ئورنىنى ھېچقانداق مەھسۇلات باسالمايدۇ . مۇكەممەل ۋە كۈچلۈك قوللىنىشچانلىققا ئىگە مەشغۇلات سىستېمىلىرى يانفون ۋە ئالىقان كومپيۇتېرلىرىغا ماس كېلىشى قىيىن بىر ئىش . شۇڭا 2030-يىلىغا بارغاندىمۇ PC يەنىلا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

3.USB ئېغىزى

20120824123708373

USb تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغىنىغا 15 يىلدىن ئاشتى ،ھازىر بىز USB يوق بولغان تۇرمۇشنى ئويلىيالمايمىز ،USB نىڭ قوللىنىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلىنىپ كەتتى ،ھەتتا ئادەتتىكى يانفونلاردىمۇ بۇ خىل تېخنىكا كەڭ قوللىنىلدى . نۇرغۇن داڭلىق شىركەتلەر يېڭى تىپتىكى ئىلغار ئۇلاش ئۇسۇللىرىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ USB نىڭ ئورنىنى باسالمىدى . 2030-يىلغا بارغاندا USB 7.0 بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئىلغارلىشىشى مۇمكىن لېكىن شۇ ۋاقىتتىمۇ USB تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ.

4. ساقلىغۇچ

20120824124643690

ھازىر بۇلۇت سۇپىسى تېخنىكىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى ،تور سۈرئىتىمۇ كۈندىن كۈنگە تېزلەشتى 2030-يىلغا بارغاندا شەخسلەر تور سۈرئىتى  1000MBS قا بېرىشى مۇمكىن، لېكىن شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەزى ماتېرىياللىرىنى توردا ساقلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ .چۈنكى تور نىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كاپالەتكە ئىگە ئەمەس .شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا مۇھىم ھۆججەتلىرىنى قاتتىق دىسكا قاتارلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىدە ئۆيىدە ساقلاشنى تاللايدۇ.

5.JPEG  ھۆججىتى

20120824125901325

2030-يىلغا بارغاندا تور سۈرئىتى شۇنداق تېزلىشىشى مۇمكىن ،مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچىلارمۇ تېخىمۇ ئىلغارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن لېكىن ئايرىلىشقا بولمايدىغان بىر رەسىم ھۆججىتىنىڭ شەكلى يەنىلا كەڭ قوللىنىلىدۇ ،ئۇ بولسىمۇ JPEG ھۆججەت شەكلى ، ھازىر بەزى ھۆججەت شەكىللىرى يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا JPEG نىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ .چۈنكى JPEG تور ساھەسىدە ۋە رەسىمگە تارتىش ئۈسكۈنىلىرىدە ئىنتايىن كەڭ ئومۇملىشىپ كەتتى.

6.لىتى ئېئون باتارىيسى

20120824010707218

2030-يىلغا بارغاندا نۇرغۇنلىغان تېلېفون ،قول كومپيۇتېرى ،لەپتۇپ  ۋە ماشىنا قاتارلىقلارنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە باتارېيە تاللىنىشى مۇمكىن ،چۈنكى ھازىر لىتى ئېئون باتارېيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى ،شۇ ۋاقىتقا بارغاندا باتارېيىنىڭ ھەجمى كىچىكلىشى ۋە توك قاچىلاش سىغىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن . ھازىر تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن يېڭىچە باتارېيىلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقتى . ئېئون باتارېيىسى 70-يىللاردا تەتقىق قىلىش باشلىنىپ 90-يىللارغا كەلگەندە ئومۇملاشتى ،شۇڭا يېڭى باتارېيىلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغا يەنە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

7.HTML ئاساسىدىكى تور بېكەتلەر

20120824011242964

2030-يىلغا بارغاندا نۇرغۇن تور تىللىرى ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن .چۈنكى HTml ئابونتلارنىڭ تور ئېقىمىنى تېجەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .2030-يىلى بەلكىم كىشىلەر HTML8 بىلەن ھەرخىل تور بەتلەرنى تۈزۈشى مۇمكىن.

8.نەق پۇل

20120824011552415

نۇرغۇن كىشىلەر 2030-يىلغا بارغۇچە ھەممە ئادەم ئىناۋەت كارتىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىدۇ .نەق پۇلغا ئېھتىياج چۈشمەيدۇ دەپ قارايدۇ ،ئەمەلىيەتتە نەق پۇل يەنىلا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ، 2030-يىلىغا بارغاندىمۇ كىشىلەر ھەميان ئىشلىتىدۇ ۋە قەغەز پۇل ۋە مېتال پۇللارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدۇ .كۈندىلىك ئىستېماللاردا كارتا ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش ئىنتايىن قۇلايلىق ،لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىستېمالچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ ،چۈنكى كارتىدا سىزنىڭ ئارخىپىڭىز بار ، سودا ئالاقىڭىز خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ ،لېكىن نەقپۇلدا سىزنىڭ ئىسمىڭىز يوق.

9.قاتلىندىغان خاتىرە كومپىيۇتېر

20120824012233870

2030-يىلغا بارغاندا ئالىي مەكتەپلەرنى خاتىرە كومپيۇتېر قاپلايدۇ ،ئەلۋەتتە يانفون ۋە ئالىقان كومپيۇتېرلىرىمۇ ئىنتايىن مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ لېكىن فىزىكىلىق كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئىبارەت بۇ تېخنىكا كومپيۇتېردىن ئايرىلالمايدۇ شۇنداق بولغاچقا خاتىرە كومپيۇتېر يەنىلا كۆپ قوللىنىلىدۇ .يېقىندا ئامېرىكىلىق ئالىم Harry McCracken بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ بۇنىڭدا خاتىرە كومپيۇتېرلارنىڭ شەكلىنى قاتلاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان 2030-يىلىغا بارغاندا خاتىرە كومپيۇتېرلار قاتلىما ھالەتكە كېلىپ كەڭ ئومۇملىشىشى مۇمكىن.

10. Wi-Fi

20120824012707166

97-يىلدىن باشلاپ 802.11 تېخنىكىسى سىمسىز ئۇلىنىش ئۆلچىمى قىلىندى ،شۇندىن باشلاپ ھەرقانداق سىمسىز ئۇلىنىش سەپلەنگەن ئۈسكۈنىلەر 802.11g تېخنىكىسىنى قوللايدىغان بولدى .كەلگۈسىدىكى يانفون كومپيۇتېر ،تېلېۋىزور قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى WiFi  تېخنىكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ . 2030-يىلغا بارغۇچە بۇ تېخنىكا تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە ئىلغار بۆلىشى مۇمكىن.

11. ئېلخەت (ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى)

20120824013149369

ھازىر Facebook، Skype ۋە QQ  قاتارلىق نۇرغۇن قۇلايلىق ئالاقە ئۇسۇللىرى كەڭ قوللىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئېلخەت تېخنىكىسى يەنىلا مەۋجۇت ،2030-يىلىغا بارغاندا ئېلخەت مۇھىم ئالاقە قورالى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى مۇمكىن ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ئېلخەت ئارقىلىق شەخسلەرگە يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىن.

12. 3.5mm لىق ئاۋاز ئېغىزى

20120824013558762

كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى ،ھازىر تېلېفون ۋە باشقا كۆپ مۇھىت ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك 3.5mm لىق ئاۋاز چىقىرىش ئېغىزى سەپلەندى .ھازىر بەزى USb لىق ئاۋاز چىقىرىش تېخنىكىلىرىمۇ قوللىنىلىۋاتىدۇ لېكىن ھازىر يېڭى چىقىۋاتقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىدە 3.5mm ئاۋاز ئېغىزى بار ، كەلگۈسى 20 يىلدا بۇ تېخنىكىغا بولغان سېلىنما ۋە ئۆزگەرتىش تېخىمۇ چوڭىيىپ 3.5mm لىق ئاۋاز ئېغىزى كەڭ دائىرىدە كۆلەملىشىشى مۇمكىن.

13. لازىر نۇرلۇق پىرىنتىر

20120824014131322

PC دەۋرىدىكى بۇ 20 يىلدا بېسىش تېخنىكىسىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى . ھازىر بېسىش تېخنىكىسىدا 2 ئۆلچەم بارلىققا كەلدى ،بۇنىڭ بىرى پۈركۈپ بېسىش تېخنىكىسى يەنە بىرى لازېر نۇرلۇق بېسىش تېخنىكىسى .لازېر نۇرلۇق بېسىشنىڭ سۈپىتى پۈركۈپ بېسىشتىن ياخشى ،ھازىرقى لازېر نۇرلۇق پرىنتېرلار باھا ۋە سۈپەت جەھەتتىن پۈركۈپ باسىدىغان پرىنتېرلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىدى ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا لازېر نۇرلۇق پرىنتېرلار بازارنى كەڭ كۆلەمدە ئىگىلەيدۇ ،2030- يىلغا بارغاندا بۇ خىل بېسىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان پرىنتېرلار ئاساسلىق بېسىش ئۈسكۈنىسى بولۇپ قالىدۇ.

14. تېلىۋېزور

20120824014725514

تېلېۋىزور ھازىر ئائىلىلەردە كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنە . ھازىر تور ۋە تېلېفون تېخنىكلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە ھەرخىل پروگرامما ۋە مۇسابىقىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن تېلېۋىزور كەم بولسا بولمايدۇ . 2030-يىلغا بارغاندا نۇرغۇن تېخنىكىلار چىقىشى مۇمكىن لېكىن تېلېۋىزورنىڭ تەرەققىياتىمۇ ماس دەرىجىدە ئېشىپ ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئورۇنغا ئۆتىدۇ.

15. مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرى

20120824015112714

نۇرغۇن شىركەت ۋە شەخسلەر نۇرغۇنلىغان ئىشخانا ئاپتوماتلىشىش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق بىر مەھسۇلات مىكروسوفت ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئورنىنى باسالمىدى . 2030-يىلغا بارغۇچە بۇ سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىپ ئىشخانا ۋە ئائىلىلەردە كەم بولسا بولمايدىغان بىر يۇمشاق دېتال بولۇپ قالىدۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابومجان 2012.08.27 , 10:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىمىسىمۇ كارامەت تېخنىكىلار بارلىققا كىلدىكەن ~~
    ۋوي راس بىر يىلنىڭ ياقى تورخۇمارنىڭ دىۋانىدا تۇنجى ئولتۇرشۇم :mrgreen:~~ تازا يۇمشاقكەن ئەمما :grin:

  2. ئابومجان 2012.08.27 , 10:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەت بولدى ، خۇشاللىقىمدا ما پەگادىمۇ ئولتاغىم كەپكەتتى ~~:kiss:

  3. Goodluck 2012.08.27 , 11:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قازان بىلەن چۆمۈچنىمۇ چوقۇم ئىشلىتىمىز:lol:

  4. شەيتان 2012.08.27 , 11:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمىسە ئۇزاقراق ئولتۇراسىز ………..:mrgreen::grin:

    • شەيتان 2012.08.27 , 11:15

      ئابومجانغا………. تەقدىم…..:oops:

    • ABOM jooon 2012.08.27 , 11:45

      رەخمەت شەيتانجان ~~
      مەن ئولتۇرغىلى خېلى بولدى ، بەرىبىر بىكا مەن ، يەنە بىردەم ئولتۇرمە تېخى :mrgreen:

  5. تەكلىماكان 2012.08.27 , 17:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىكروسوفت

  6. دىلشات 2012.08.29 , 18:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ يېڭىلنىش سۈرئېتى بەك ئاستا بولۇپ كېتىپ بارىدۇ دېسە . قارسىام يوللانغان تېمىلار پەقەت بىرئىككى ئادەمنىڭلا تېمىلىرى ئىكەن . قارىغاندا ماڭا ئوخشاش تېما يوللاشنى بىلمەيدىغانلا يەنە نۇرغۇن ئوخشايدۇ.:roll:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量