نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF

بۇ «يېڭى مەھسۇلات» نىڭ چۈشەندۈرىلىشى YouTube, FaceBook, Twitter دېگەندەك دۇنياۋى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى بىر ئالدى، فىلىمدە سىيرىلما تاختا ئويناشنى بىلمەيدىغان مۇزىكانت، تەنھەرىكەتچى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ سىيرىلما تاختىنىڭ كارامىتىنى نامايەن قىلغان. يەنە «كەلگۈسىگە قايتىش 2» فىلىمىنىڭ ئارتېسى Christopher Lloyd نى تەكلىپ قىلىپ ئوبراز ۋەكىلى قىلغان. تەشۋىقاتتا بۇ سىيرىلما تاختا ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا ھاۋادا ئەركىن لەيلەپ يۈرۈيدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمەلىيەتتە راس شۇنداقمىدۇ؟

huvr

فىلىمنىڭ بېشىدا فىلىم ئىشلىگۈچى بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ پۈتۈنلەي راست ئىكەنلىگىنى، لەيلىمە سىيرىلما تاختىنى iPhone ياكى Android يانفونلاردا كونترول قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، بۇ مەھسۇلاتنىڭ 2014-يىلى 12-ئايدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. قېنى ئاۋال فىلىمنى بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى.

ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلگەن بولسا قالتىس ئىش بولاتتى. ئەمما، بۇ سىن پۈتۈنلەي ھەزىللەشتۈرۈلگەن بىر بۆلەك فىلىم بولۇپ، ھەتتا ئوبدان دىققەت قىلسا، چېنىپ قالغان كۆرۈنۈشلەرمۇ يوق ئەمەس. ئۇنداقتا نېمىشقا بىرمۇنچە كۈچ سەرپ قىلىپ بۇنداق بىر كۆرۈنۈش سەرپ قىلىنىدۇ؟ ھەتتا مەخسۇس تور بېكەت تۈزۈلىدۇ؟ بەلكىم بۇ يېڭى بىر فىلىمنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئالدىنئالا قىلىنغان تەييارلىقتۇ، ياكى بىكارچى ئامېرىكىلىقلارنىڭ يەنە بىر ئىجادىيىتىدۇ؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سەبى 2014.03.25 , 14:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ دىۋان بىزگىمۇ ئاشىدىكەنھە

  2. yawaxboy 2014.03.25 , 15:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ لىكن بولدىغان خىيال ئىكەن ، بىزىمۇ مەھەلىدە ئويناپ كەتسەك

  3. ئېھسان 2014.03.25 , 15:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي دوسلار بۇ ئىنكاس يازماق يامان تەسكىنا ياكى مەن بىلمىدىممۇ ھەرقېتىم ئىنكاس يازىمەن دىسەم ئېلخەت ئادىرسىمنى يەنە تەخەللۇس قۇيۇپ ئاندىن يازىمەن ئەزا بولايدىسەم كارىدور دەپ بىريە باركەن ئۇ جاي باشقىچىلا :mrgreen: ماڭا ئازراق ياردىم قىلىپ چۇشەندۇرمەم سىلە نادان دوستۇڭلارغا باش سۇرەتنى قانداق ئۆزگەرتىمىز :lol: پىچەت ئۇزەمگە خاس قىلاي دىگەن چۇ :idea: چۇشەنچە بىرىۋەتسەڭلا :grin:

    • ئوقۇ 2014.03.25 , 19:04

      ھازىر ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تام ئاتلاپ ئۆزگەرتىسىز بولمىسا باش سۈرەت ئۆزگەرتىدىغان تورغا چىققىلى بولمايدۇ

    • مىھمان 2014.03.25 , 22:17

      مەنمۇ قاچان بىكتىچالغان بولغىيتتىم باش سۈرئەتنى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگەرتەلمەي …:evil:

  4. Eva 2014.03.25 , 16:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپكە:arrow:

  5. بىرلان 2014.03.26 , 00:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىر «كەلگۈسىگە قايتىش »دىگەن كىنو ،بالىلىقتىكى ئارمانلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بىر ئەسلىمە بولۇپ قالدى .85-يىلى مۇشۇنداق سەۋىيىدىكى كىنونى ئىشلىيەلىگەن كىشىلەر ئەلۋەتتە ئەمدى قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالىدۇ …بىر كىنو تونۇشتۇراي 87-يىلنىڭ شاڭگاڭ قىلىمى «卫斯理传奇» ،ماڭا يارىدى ،سىزمۇ كۆرۇپ بىقىڭ …

  6. ئىمران 2014.03.26 , 15:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ نىمدىگەن قالتىس 2008 يىلى دىسنىينىڭ ئويۇنى بولدىغان تورلۇق مۇشۇنداق لەيلىمە تاختىدا مۇسا بىقىلشىدىغان 6 يىلدىلا بۇ تاختىنىڭ ئۆزىمۇ چىقىپ بوپتۇ مانا تەرەققىيات نىمىدىگەن تىز:!::!::!:

  7. نۇرلۇق 2014.03.26 , 19:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس مۇشۇ باش سۈرەتنى قانداق ئۆزگەرتىمىز ياكى مۇشۇ توختىسىدا بىرەر تىما بارمۇ ، يوق بولسا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن تام ئاتلىساق قايسى تورغا چىقىپ ئۆزگەرتىمىز

  8. ئېھسان 2014.03.27 , 02:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇگۇن كىرسەم ‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېھسان ، خۇش كەپسىز! › دەيدۇ خوش قىلىپ بۇرۇنقىدەك ئېچىنىشلىق ئىنكاس يازىدىغان ئىشىم تۇگەپتۇ لىكىن ئېلخەت دەلىللەڭ دەپ بەك خاپا قىلىۋەتتى ئەۋەتتىم دەيدۇ يۇ بۇ ئېلخېتىمدە قەتتىلا يوق شۇنىڭ بىلەن ئەخلەت ساندۇقى بۇلامدۇ يەنە بىريە بۇلامدۇ ھەممە يەرنى ئىزدەپ قىزىۋەتتىم قەتتىلا يوق ‹ باشقىلار ئېۋالدىمۇيە مۇھىم خەت ئوخشايدۇ دەپ :lol: › باش سۇرەت ئۆزگەرتىشكە كەلسەم سىز دىگەندەك تام ئاتلاش كېرەك ئوخشايدۇ لىكىن مەن چوڭ بولۇپ تامدىن ئاتلاپ باقمىغان دەڭە قوقىدىكەنمە :???: شۇنىڭ بىلەن ئويلاپ قالدىم :lol: سىز ياردىم قىلمام سىز ياكى ياردەم قىلىدىغانلار بولسىمۇ ياق دىمەيمە چ چ 1332141796 مىنىمۇ قۇشىۋېلىڭلا سېپىڭلارغا :mrgreen:

    • ئوقۇ 2014.03.27 , 13:20

      توردىن 天行浏览器 دەپ ئىزدەڭ
      شۇ ئارقىلىق تام ئاتلايمىز

  9. ئېھسان 2014.03.27 , 02:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەراس باللا مۇشۇ دىۋاننى تېلفۇندا چىقىپلا ئېلىۋالساق بولامدۇ تېلفۇندا مۇشۇ ئېلخەتنى كىرگۇزۇپلا شۇنداق بولسا يېڭى يازمىلارنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغىلى بولغۇدك ئاۋۇ ئۇستىدە كىرىلىپ ئولتۇغان ‹ سەبى › گە دەپ قويماڭلار ھە بولمىسا دىۋان دەپ غەلۋە قىلغۇدەك :mrgreen: قارىسام ئاران ئېرىشكەن چىراي ياخشى تېمىللىرىڭلار ئۇزۇلمىگەي :wink::wink::wink::wink: :lol:

  10. ئېھسان 2014.03.27 , 14:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە راس ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئۇنەرسە بارئىدى نەچچە كۇندىن بىرى يۇتۇبى نى كۇرۇپتىمەن ھەجەپ ئاشۇ يادىمغا كەلمەپتۇ رەھمەت ئەمىسە سىناپ باقاي بىر

  11. yadikar 2014.03.27 , 22:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى مۇشۇ تام ئاتلاش توغۇرلۇق بىرەر تېما يازىدىغان ئىشكەندۇق

  12. يادىكار 2014.03.27 , 22:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قېنى ما تام ئاتلايدىغان پاركورچىلار. ئۆزەڭلارنى بىر كۆرسىتىپ قويمامسىلەر. كارىدورنىڭ تېمىغابولسىمۇ يوغان قىلىپ بىر يېزىپ قويساڭلارچۇ.

  13. كوكاكولا 2014.03.27 , 23:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    موندا كارامەت مۇ بامۇدۇ؟:?::?::?::?:

  14. چاتقال 2014.03.28 , 09:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاستىدىكىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېلىدىكى ئاغامچا چىقىپ قاپتۇ.ئۈستىدىكىنىڭ 2 سى ئېسىلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. چېنىپ قالغان يەرلىرى مۇشۇ بولسا كېرەك

  15. ئېھسان 2014.03.28 , 11:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداراق باللا باش سۇرەت چىقىپتىما 2 كۇن بولدى تام ئاتلاپ پاركورچى بوپ كەتتىم بۇما بولىدىغان ئىشكەن جۇما سازمىكەن يا

    • مايكول 2014.03.29 , 05:17

      شۇنداق، چىقىپتۇ. Justin bieber گە بەك چوقۇنىدىغان ئوخشىمامسىز؟ :grin:

    • يادىكار 2014.03.29 , 12:47

      مەنمۇ ئاخىر باش سۆرەت چىقىرۋالدىم

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量