نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

2014-يىللىق ئوسكارغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون – ھابلوت ئەپەندى

2014-يىللىق ئوسكاردا نادىر قىسقا كارتون فىلىم مۇكاپاتى ھابلوت ئەپەندى دېگەن فىلىمگە بېرىلدى. تورخۇماردا نادىر كارتونلارنى ئايرىم يوللاپ تورداشلارغا سۇنۇپ كېلىۋاتقان بولغاچ، بۇ كارتونمۇ ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى.

mr-hublot

ھابلوت ئەپەندى دېگەن كىم؟ ھابلوت ئەپەندىنىڭ تاشقى دۇنيادىن قورقۇش كېسىلى بار بولۇپ، ئادەتتە مەيلى خىزمەت بولسۇن ياكى كۈندىلىك تۇرمۇش بولسۇن، ئۆزىنىڭ ھوجرىسىدىن قەتئىي ئايرىلمايدۇ. ئۇنىڭ ھۇجرىسىنىڭ سىرتىدىكى دۇنيا بولسا، ئىنتايىن قوپال ۋە غەلىتە ماشىنا ئادەملەر دۇنياسى. ئەمما ئۇنىڭ تىنچ تۇرمۇشى بىر كۈچۈكنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئېغىر ئىشىكلەر بارغانسىرى ئېچىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يېڭىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىدۇ…

ھابلوت ئەپەندى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,319 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: mr-hublot.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ياۋاي 2014.03.24 , 13:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئىشلىنىپتۇ .

  2. بۆرەزادە 2014.03.24 , 14:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلىدىكەن ..

  3. yawaxboy 2014.03.24 , 14:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخىشى كۆرىسە مانداق بولدۇ جۇما ،مانا مانى ھەققى ياخىشى كۆرۈش دەيمىز

  4. نامسىز 2014.03.24 , 15:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    强迫症كېسىلى بار ئىكەن بۇ ئادەمنىڭ.

  5. سەيياھمەن 2014.03.24 , 16:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    机械迷城نى ئەسلەتتى. مەن نېمىشقا مۇشۇنداق رەڭ ئۇسلۇبىغا بەك ئامراقتۇرمەن؟

  6. بىرلان 2014.03.24 , 17:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئەپەندىممۇ ماشىنا ئادەمكەنغۇ ؟

  7. ئارسلان 2014.03.24 , 19:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور بىكەتنى ساپلا ئاياللارنىڭ ئچى كىيمنىڭ ئىلانى قاپلاپ كىتىپتىغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟:?::?::?::?::?::?::?:

    • ئوقۇ 2014.03.24 , 19:31

      ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب سىز ئىشلەتكەن كومپيوتېردا تاۋباۋ تورىدىن شۇ تۈردىكى نەرسىلەرنى ئىزدىگەن بولسا شۇنىڭغا ئائىت نەرسىلەرنىڭ ئېلانىنى چىقىرىپ بېرىدۇ

    • مۇشاۋىر 2014.03.24 , 20:14

      تاۋباۋغا چىقىپ ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى ئىزدىگەنمۇ، كۆرگەنمۇ؟:mrgreen::mrgreen:

    • ئادۇگىت 2014.03.24 , 20:16

      تاۋبادىن ئىچ كىيىم ئىزدەپتىكەنسىزدە.تاۋباۋدىن نىمە ئىزدىسە ئاۋۇ ئىلانمۇ شۇنى چىقىرىپ بىردىكەن:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • ajayip 2014.03.24 , 22:38

      ھاھاھا، شۇنداق، توردىن نېمە ئىزدىسە شۇنىڭ ئېلانى ئايان بولىدۇ ئەمەسمۇ:mrgreen:

    • يولۇچى 2014.03.25 , 13:56

      ھاھا ، مېنىڭكىدە كومپىيوتېرلا چىقىۋاتىدىغۇ ، ئاشكارلىنىپ قالدى ھە :mrgreen:

    • بىغەم 2014.03.26 , 00:32

      ھا،ھا،ھا….
      تورخۇماردا قانداق ئىلان چىقىشى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. تەدبىركار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
      تورخۇماردا چىقىدىغىنى تاۋباۋنىڭ ئىلانى، بۇ ئىلانلار سىز كۆرگەن مەزمۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن سىز بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تاۋباۋ ئارىلىغاندا قايسى تۇردىكى ماللارنى كۆرگەن بولسىڭىز، سىز تاۋباۋنىڭ ئىلانلىرى قويۇلغان بىكەتلەرنى كۆرگەندە شۇ تەۇردىكى ماللارنىڭ ئىلانىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. مەسىلەن: سىز كۆپىنچە تاۋباۋدا تىلفۇن مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىڭىز، تىلفۇن ئىلانلىرىنى دىگەندەك…..

  8. ئارسلان 2014.03.24 , 22:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ تور كۆرگۈچمدە تورخۇماردىكى تاۋاباۋ ئىلانلىرىدا شۇنداق نەرسىلەر چىقىۋاتسا،قانداق قىلىمەن ئەمىسە:dizzy:

  9. مەنسۇر 2014.03.25 , 00:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنى دىسەم تورخۇمار ئەپەندىمنىڭ ماۋۇ كارتون توغرىسىدىكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇمىغان بولسام ھېچنىمىنى چۈشەنمەسكەنمەن. ماڭا پەقەت ياقمىدى بۇ كارتون فىلىم، ئىلگىرى يوللانغان ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كارتونلاردەك نوچى ئەمەسكەن. مەنچە بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان كارتونلار تازا ياخشى ئەمەستەك تۇردۇ، بولمىسا بۇنى تاللاپ يۈرمەستى.

  10. كوكاكولا 2014.03.25 , 01:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس بەك غەلىتىكەن

  11. جاھانزات 2014.03.25 , 02:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گۇگۇل كۆزەينەكنىڭ ئپتىدائىيسىكەن ئاۋۇ:mrgreen:

  12. نېرۋانا 2014.03.25 , 14:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور بىكەتنى ساپلا ئاياللارنىڭ ئچى كىيمنىڭ ئىلانى قاپلاپ كىتىپتىغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

    بۇنى كۆرۈپ قاتتىق كۈلۈپتىمەن.ئوغرى باشقىلارنى ئوغرى دىگەندەك ئىش بولدىدە. سىز تاۋباۋدىن نېمە ئىزدىسىڭىز شۇ چىقىدۇ، مېنڭىكىدە بولسا ئوغۇرلۇقتىن ساقىلىنىش سايمانلىرى چىقىۋاتىدۇ.

  13. تەركىن 2014.03.25 , 23:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ تازاياقتۇمىدىم بۇ كارتون فىلىمنى

  14. ئېسيان 2014.03.25 , 23:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا ماڭا ئەڭ بەك تەسىر قىلغىنى بۇ ئادەمنىڭ كىيىم-كېچىكى بولدى
    نىمىشقا دىسەڭلار ئۇ ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كۆرۈپ ئۆزەمنى شۇنداق قاتتىق، ئېغىر كىيىملەرنى كىيىپ، ھەرىكىتىم ئىنتايىن قولايسىز بولۇپ قالغاندەك، ئەركىنلىكتىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم:twisted:

  15. ataka 2014.03.26 , 11:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تولىمۇ تەسىرلىك ئىكەن ، كىچىككىنە مۇھەببەت بىلەن بۇ ئالدىراش دۇنيانىڭ ھىلىمۇ ئىللىقلىق بىلەن تولغانلقىنى ئىپادىلەپ بېرىپتۇ ، :oops:

  16. ۈدەبراى 2014.04.04 , 19:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گۇگۇل كۆزەينەكنىڭ ئپتىدائىيسىكەن ئاۋۇ

  17. نۆل 2015.05.28 , 12:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور خۇماركا … خاپا بولماي فىلىمنىڭ ئسمىنى قالدۇرۇپ قۇياملا…..

    • تورخۇمار 2015.05.28 , 13:07

      Mr.Hublot دەپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量