ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
(كارتون فىلىم جەننىتى) دەپ نام ئالغان ياپونىيەدە كارتون فىلىم رېژىسورلىقى كەسىپىدە ئاسپىرانتلىقتا بىلىم ئېلۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەت باشچىلىقىدا تەشكىللىنىپ چىققان، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كارتون گورۇپپىسىنىڭ جاپالىق ئىشلىشىدە پۈتۈپ چىققان، ئۇيغۇر خەلىق چۆچىكى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق كارتون فىلىم (ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)نىڭ تەشۋىق فىلىمى ئېلان قىلىندى.
بۇكارتون فىلىم پۈتۈنلەي ياپۇنىيەنىڭ ئەنئەنىۋى كارتون فىلىم ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە ئىش باسقۇچى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ پۈتۈن كۆرۈنۈشلەر قولداسىزىپ چىقىرىلغان ھەم ئۇيغۇر مەدىنيىتى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن بولغاچقا ياپۇنىيەدە ياخشى باھالارغا ئىرىشتى. چۈنكى بۇ كارتون فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقانلار بولسا يېڭىدىن بۇخىل ئۇسۇلدا كارتون فىلىم ئىشلەشنى ئۆگەنگەن ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلار ھەم بۇ كارتون فىلىم كەسپىي تۈردە ئىشلەپ چىقىلغان كارتون فىلىم بولغاچقا ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
تۆۋەندە كارتون فىلىمنىڭ ئۈچ خىل تىلدىكى تەشۋىق فىلىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇرچە، فىلىم ئۇچۇرى، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 36,268 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: husaynam-and-zaytonhan-trailer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2014-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 86-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
- كېيىنكى يازما > ئۆزگىچە ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم – Monsieur COK
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- يېقىندا كۆرگەن ھەم ياقتۇرغان بىر قىسىم قىسقا كارتون فىلىملەر
- سېرىقچاقلارنىڭ يېڭى كىنوسى [يېڭىلاندى]
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 2014-يىلىدىكى نادىر كىنولار ۋە 2015 قويۇلماقچى بولغان فىلىملەردىن تاللانما
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- Pixar لوگوسىدىكى كىچىك چىراقنىڭ قاتىللىق ئەنزىسى
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
رىۋايەتمۇ چۆچەكمۇ؟
ياپونىيەدە ئىشلىگەن بولسا چۇقۇم ياخشى چىقىدۇ، تۇلۇق قىسمىچۇ ؟ قاچان قۇيىلىدۇ؟
خېلى ياخشى سىزىم بولىۋاتىدۇ مەندە ، خېلى ئەجىر قىلىپتۇ .
بولسا ئۇيغۇر ئۇغلاننىڭ تەقى-تۇرقىنى تېخىمۇ بىر ھەققىىي ئۇيغۇر يىگىتىگە ئوخشۇتۇپ جانلىق ، ئوبرازلىق ، خاسلىق ئىگە قىلغان بولسا تېىخمۇ ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن .
بۇ مېنىڭ شەخسىي پىكىرىم . ھەممىمىز بۇ كارتوننىڭ مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىششىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاھ، مۇزىكىى بەك ماس ئىشلىنىپتۇ،
بىلىدىغانلار دىسەڭلارچۇ، مۇشۇ كارتون ئىشلەيدىغانلار ئاۋال قەغەزگە سىزۋىلىپ ئاندىن كومپيوتېردا ئىشلەمدۇ ياكى بىۋاستە كومپيوتېردا ئىشلەمدۇ، ؟
كارتۇن فىلىملەر بۇرۇن ھەممىسى قولدا سىزىلاتتى،ھازىر كارتونلارئاساسەن ئىككى خىل بۇلۇپ بىرى ياپونچە ئۇسلۇب،يەنە بىرى ئامېرىكىچە ئۇسلۇب .ياپونچە ئۇسلۇبتا ھازىرغىچە قولدا سىزىلىدۇ،كارتون شەخسلەرنىڭ مونولوگىغا بەكرەك ئېتىبار بېرىلىدۇ.ئامىرىكىچە ئۇسلۇبتا كومپىيۇتېردا ئىشلنىدۇ.
2دى كارتۇننى قولدا سىزىپ ئىشلەيدۇ ،. 3دى كارتۇننى ماكىس ، مايا قاتارلىق 3د يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلنىپ ئىشلەيدۇ ماۋۇ كارتۇن بولسا 2د كارتۇن فىلىم .،.ياپۇننىڭ كومپىيوتېردا ئىشلەنگەن 3دى كارتونلىرى ئامرىكىنىڭكىگە تەڭ كىلىپ قالدۇ .، نۇقۇل ھالدا ئامرىكا كومدا ئىشلەيدۇ ياپۇن سىزاپ ئىشلەدي دەپ يەكۈن چىقاساق بولمايدۇ .،.ھالبۇكى قانداقلا كارتۇن ئىشلىگەندە قەغەز يۈزىگە سىزىۋېلىپ ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلدۇ.،.
رىۋايەت توردىكى ھېلىقى ياپونىيەدە ئوقىۋاتقان بالا ئىشلىگەن ئوخشىمامدۇ؟
مۇزىكىسى بەك بەك بەكلا ياخشى كىرىشتۈرۈلۈپتۇ.
ئىرادىسىگە ئاپىرىن!راسلا چوڭ خوشاللىق تېخىمۇ ئىلگىرلىگەيسىلەر،
مۇشۇ كەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ مەيلى فىلىم ئىشلەش بولسۇن ۋە ياكى كارتون ئىشلەشتە بولسۇن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتىدۇ. (سەمىمىي چىراي ئىپادىسى)
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك: ماۋۇ كارتوننىڭ تەشۋىق فىلىمىغا قارىغاندا ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپتۇ.
گەرچە كارتوننىڭ تەشۋىقات فىلىمى قىسقا بولسىمۇ فىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش تەس ئەمەسكەن (چۆچەكلەرنى يامان كۆپ ئوقۇۋەتكەن ئەمما مانىڭ قايسى چۆچەك ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم)
بۇ يەردە يەنە بىر نەرسە كەمدەك ھېس قىلدىم. مەسىلەن: بۇ كارتوننى ئىشلەپ تەشۋىق فىلىمنى يوللاپتۇ، لىكىن بۇ كارتونغا ئائىت تەپسىلى ئۇچۇر تەمىنلەنمەپتۇ، دىمەكچى بولغىنىم بۇ كارتون كىنو شەكىلىدە ئىشلەندىمۇ ياكى نەچچە مىنۇت ياكى ئون نەچچە مىنۇتلۇق قىلىپ ئىشلەندىمۇ؟ ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ بولىدىمۇ ياكى پۈتمىدىمۇ؟ پۈتكەن بولسا قاچان؟ قەيەردە قويماقچى؟ كىنوخانىدا قويسا بېلەت باھاسى قانچە؟ پىلاستىنكىغا ئوياپ ساتسا بىر تەخسىسى نەچچە كوي؟ …… سەل ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم (ئوتتۇز ئىككى چىشىنى چىقاغان چىراي ئىپادىسى)
جىڭ دىسەم خەنزۇچە بولاپ قالدۇ . لىكىن جىڭ ياپۇن چىراي قوچاقلامۇ بۇ . ئىۋۇ دادىسىنىڭ چىرايى بىلەن ئىۋۇ پادىشاھ دەللىلى بى مۇشۇ يەلىكتەك قىلىدۇ . ئاۋۇ قىز بالا ياپۇندىن كەگەنمۇ قانداق . ئاۋۇ بىشىدىكى ئۇسسۇل ئوينىغان قىز بالىنى كۆرەپلا ئەر كىشىگە يوپكا كەيگۈزۈپ ئۇسۇلغان سالغاندەكلا تۇيغۇغا كاپ قالدىم . قىز بالدەك بىر خىل چىرايدا قىلماي بى .
بۇمۇ شۇ مۇنداقلا ھىس قىلغانلىرىم . تولۇقىنىڭ چىقىشىنى كۈتىۋاتىمەن .
ئەسىلاممۇ ئەلەيكۈم تورخۇمار تورىدىكى تورداشلار! ھەممەڭلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەركىتى سىلەرگە بولسۇن!!!
بۇ كارتون فىلىم ھەققىقەتەنمۇ كۆپ ئەجىر ئاستىدا بارلىققا كەلدى!! فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان كەسپداشلىرىمىنڭ ، مۇئەللمىنڭ ھالال ئەمگەك مىۈسى !! ئەمەللەر پەقەت نىيەتتكە باغلىق، نىيەتتە نېمە بولسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ!! ئاللاھ خالىسا بىز ئۇيغۇر ئەننەنىۈىي كارتون گۈرپىمىزنىڭ نىيتى ئۇيغۇر كارتونچىلىقىدىكى بۇ چوڭ بوشلۇقىنى ،مۇكەممەللەشكەن، سېستملاشقان توغرا ئۇسۇلدا بۇ چوڭ بوشلۇقنى تولدۇۇش!!
تورداشلارنىڭ ياخشى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم،بىز مۇشۇنداق قوللاشقا مۇھتاج قېرىنداشلىرىم!!
تورداشلارغا شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى بۇ بىزقىلغان تۇنجى قېتىمملىق ئەننۋىي توغرا بولغان يابۇنىيە ئۇسلۇبىدا ئىشلىگەن كارتون فىلىم !!
ئېرپان مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ۇتۇق تىلەيمەن!!!
ئۇيغۇر كارتونچىلىقى گۈللەنسۇن!! ياشىسۇن!
سالىھ بىگ、 سىزنىڭ ھېس قىلغانلىرىڭىز نېمانچە بىمەنە, ئاڭلىسام ھېچقانداق كارتون ئاساس يوق بالىلارغا 0دىن باشلاپ ئۆگىتىپ مۇشۇ سەۋيەدە ئىشلەپتۇ.مۇشنچلىك بىر نېمە چقىپ باقىمۇ ئۇيغۇرلاردا.كەمچىلىك دېگەن بولماي قامايدۇ.ئىرپانجان ئۆزى بوغان بولسا بۇنداق بولماستۇر.ئامما يېڭىدىن ئۆگۈنۈپ بۇنچىلىك قىلىش ئاسان ئەمەس. ياپونچە ئۇسلۇپ بۇ،تازمۇ بىر ئادەملەر جىقكەن.قوللاش دېگەنمۇچۇ سۆز ئىبارىلەرگە باغلىق بولىدۇ
ۋاھ!نېمىدىگەن گۈزەل .مۇزىكىمۇ بەك ماسلىشىپتۇ.تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن.ۋوي ،ما ئاداش نىم دەيدۇ ئەمدى.مۇشۇ ئۇيغۇرلارچۇ،شۇڭا ئىلگىر كەمەيدۇ.كوچىلاپ ،كوچىلاپلا يۇرگەن ئۆزى پوخنى ئىككى قىلاماي.سالى بىگ،كوز لىرىگە دەت بەمىسۇن.
ئاۋۇ قارلۇق دېگەنلە بىي تۈزۈك نەسە ئىشلەپ باقمىدى يا، ئاتقان بىلەن ئەمىليەتتە يوق نىمىلەكەن. ھېلىقى قازاقنىڭ كارتونىنى توردا قارلۇقنى تونۇشتۇغاندا ئاندا ساندا كۆرەپ قاغان،مايماق سايماق،ھەجىۋلەشتۇردۇق دەپ يا ھەركىتى جايىدا ئەمەس يا بى چىرايى.ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بۇ فىلىم تەشۋىقات بوغان بىلەن ئىپادىلەش پىرسۇناژلا بەكلا جايىدا گۈزەل بوپتۇ.مۇزىكىمۇ شۇنداق كەپتىكى….ئوھوي سالىھ بىگ،سىزنىڭ كۆزىڭىز ئالاھىدىكەن جۇما.ئويلىغاننى دېدۇق دەپ دەۋىرىدىغان ئىش بوسا ھەممە ئادەم موللا بوكىتە.ئويناپ گەپ قىسىمۇ ئويلاپ گەپ قىلىش كېرەك.مۇشۇ بىرسى بىر ئىش قىلسا تاتىلاباقىدىغىنى
ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلەمسەيا ،. قارلۇقتىكىلە ئارپاڭنى خام ئورىغانمىتى .،.
سىنىڭ بەك نوچى ئىشلىۋەتكەن فىلىملىرىڭ بولسا كۆرەپ باقمامدۇق ،.قارلۇقنى چۈشەنسەڭ گەپ قىل بولمىسا تولا قىتىغۇرلۇق قىلما .،.ئاز كۈندىكىن قارلۇقنىڭ ئىشلىگەن نەرسىللىرنى كۆرەپ مۇشۇ گىپىڭگە پۇشايمان قىلىپ قان يىغلىشىڭمۇ مۇمكىن .،.قارىسام بۇ ساھەدە قىلچە خەۋىرىڭ يوق بىر ساپاسىز ئىنساندەك قىپ تۇرسە .،.
بۇ ياخشى باشلىنىش بۇپتۇ. لېكىن فىلىم ئىچىگە ئۇيغۇرچە يېزىق چىقىرىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرسىكەن!
مەن نىمىشقا ئىنكاس چىقمايدۇ ، چوڭ چوڭ توۋا
ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ، ئۇيغۇر كارتونچىلىق ئىشلىرىغا قىزغىن ئاۋاز قۇشىۋاتقان، ھەم بۇ ساھەدە توختىماي تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرىغا ئاللاھدىن بەرىكەت تىلەيمەن. تېخىمۇ تېرىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەزكۇر فىلىممۇ ياخشى چىقىپتۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ( ئەلۋەتتە مۇشۇنچىلىك قىلماقمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس) ئەمدى شەخسەن كىچىككىنە بىر پىكرىم. سۆرەتنى سىزغان رەسساملارغا دەيدىغىنىم. سۆرەتتە ماس كەلمەسلىك مەسلىسى مەۋجۇت. باشتا دىققەت قىلدىڭلامىكى، ئاۋۇ پادىشاھ ئىڭىكىنى يۆلەپ تۇرغان يىرىگە . ئۆزىنىڭ قۇلىمىدۇ يا ؟ ( پادىشاھ بولغاندىكىن، مۇبارەك قوللىرىنى تالدۇمىسلا دەپ مەخسۇس قۇلى يۇمشاق كىچىك مالاينى ئىڭىكىنى يۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغانمۇ يا خاس مەھرەمبىگى)
مىللىي چىراي ئىپادىلىرىنى ئۇچرىتالمىدىم، باشقىلارمۇ شۇنداقمىكىن. ئىشقىلىپ نىمىلا بولسۇن بۇ تولىمۇ ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ. يۇقارقىسى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سىپىلگەن سوغۇق سۇ ئەمەس ھە، ياشاڭلا ياشلار، ئۈمۈد سىلەردە. بىر كۈنلەردە دېسنىي ئىشلىگەن كارتون فىلىملارنىڭ ئىچىدە ئىسمىڭلارنى كۆرۈپ قېلىشىمىز با
يا ئاللا ،،، كارتون فىلىم ئىشلىمىسە ئىشلىمىدى ، قاچانغىچە ياپۇننىڭكىنى، خەنزۇچىسىنى كۆرىۋېرمىز دەپ قاقشىغان ، ئىشلىسە قۇسۇر تېپىشتىن باشقا ئىش يوق ، قۇسۇر سىدەم بۇ قۇسۇر ئەمەس سەمىمىي تەكلىپ دەيسىلە ھەقاچان ، توغرا يامان ئوبدان بىرمىز بىز خەق تەكلىپ پىكىرنى ، ئۇيغۇر يوقكەنەي ، ئۇيغۇرچە يازماپتۇ ، قۇلى كىمنىڭ ، ۋاھ بەلەن گەپ بوپدىدە بۇ ،ئېتىۋېتىڭلا بولمىسا سىزغان بالىنى ، ياق ، ئۈندىدارغا چىقىرىپ تىللاش كىرەك ،ئۈندىداردا تىز تاقايدۇ ، ھە قاسىڭىزغا قەلەم قەغەز بەسە ئۆردەكنىمۇ ئوخشىتىپ سىزىشاممايسىزيۇ بۇ يەدە پىر كالاندەك سۆزلەڭ.شۇلانىڭ ھەر قايسىڭلا دىگەندەك سىزغۇسى، ئىشلىگۈسى يوقما ؟ كۆرمىدىڭلامۇ ئىشلەشكە قانچىلىك ئادەم كىتىپتۇ ، شۇ بىر نەچچە ئادەم مۇشۇنچىلىك قىلىشقا قانچىلىك كۈچى كەتكەندۇ . چەتەلدە كارتون فىلىم ئىشلىسە نەچچە مىڭ ئادەم بىر لىشىپ ئىشلەيدۇ ، ئۇنىڭغا نۇرغۈن ئىختىساد كىتىدۇ ، بۇلاغا كىم بىردۇ ئىختىسادنى ، يەنە شۇ مىللىتىم دەپ قىپتىغۇ ، يەنە نىمە قۇرۇق گەپ بۇ ؟ ئاستا -ئاستا ئىلگىرلايدۇ ، قوللايلى ` يوقتى بار بوپتۇ ، ئەمدى شۇ كەمچىلىكلەرنى تۈزۈتەر ، تەكلىپ پىكىر بەرسەك تەنە قىغاندەك گەپ قىلماي ، سەمىمىي بىرەيلى !
راست دەيسىز ئۆزلىرى پوقنى ئىككى قىلالماي تۇرۇپ باشقىلار نىڭكىنى باھالايدۇ ، ئاۋال ئۆزلىرى سىناپ بېقىپ ئاندىن بىرگەپ قىلسىچۇ …
ئەمدى بولسىمۇ باھارلىققا كەپتۇ بۇ ئۇسلۇپ تىكى كارتون قوللايلى ….
پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ئاغىرمىسا خەققە !!
دوسلا مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى توغرۇلۇق بىر مۇنازىرلەشسەك بولاتتى تېما يوللاي دىسەم يوللاشنى بىلمىدىم
ئورگىندىن ئويۇن ئاچالايدىغانلاردىن ياردەم سورايمەن泰坦陨落 بۇ ئويۇننى چۈشۈرگەن لىكىن ئاچالمىدىم بىلدىغانلار بولسا دەپ بەرسەڭلار بۇپتىكەن
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ . ئەمدى بۇمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر چوڭ بۆسۈش بولغۇدەك .
ئاپرىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق سەۋىيەدە ئىشلەنگەن كارتوننى تۇنجى كۆرۈشۈم، ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ، تىرىشڭلار.
بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۆزىمىز ئىشلىگەن مۇشۇنداق نادىر كارتونلارنىمۇ كۆرسۇن.
بادام دوپپۇلۇق نىنجا لارنى كۈرۈپ تولمۇ ھەيران قالدىم
شۇ شۇ … ئا ئاداشنىڭ قىلىچنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەن قىياپىتى نىنجالارغىلا ئوخشاپ قاپتۇ ، بەلكىم ياپونچە ئۇسلۇپ دىگىنى شۇ بولسا كىرەك …
بۇ ناھايتتى ياخشى باشلىنىش بولاپتۇ،بولسا مۇشۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي داۋاملىق ئېسىل كارتونلارنى ئىشلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
خېلى ئوبدان ئىشلىنىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭلار…
ھازىر قايدالا بىر كىنو ياكى ھىكايە پوۋسىت رۇمانلارنىڭ ھەممىسى ،مەببەت ھىكايىسى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ..بولسا بىر باللارغا مەببەتلىشىشنى ئۈگىتىدىغان نەرسىنى ئىشلىمەي. پەن تېخنىكا ۋە باشقا بىلىملەرنى ئۈگىتىدىغان..تەربىيەلەش خاراكتىردىكى نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۇرسەڭلا دەپ تەۋسىيە قىلمەن.
كاتونغا ئاۋۇ توردىشىمىزنىڭ گىپى تولىمۇ ماس كەپتۇ …. ياپۇنلۇقلارغا قويۇپ بىرەيلۇق
بادام دوپپۇلۇق نىنجا لارنى كۈرۈپ تولمۇ ھەيران قالدىم:mrgreen:
مەن بىر تەكلىپ بەسەم بۇ كارتۇن نىڭ قۇرۇلمىسى ياخشى چىقىپتۇ ،ئاپرىن سىلەر گە ! مەقسەتكە كەلسەك بولسا مەزمۇن جەھەت ئەۋلاد لىرىمىزغا پايدىلىق بولغان كارتونلانى قىلساڭلىكەن!