2014-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 86-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان كىنو ساھەسىدىكى قابىللارنى باھالاپ چىقىدىغان ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى، شۈبھىسىزكى كىنو مەستانىلىرى ئۈچۈن ئەڭ تەقەززا بولىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېچىلىكتە پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليونلىغان كىنو مەستانىسى ۋە كىنو ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار بىرلىكتە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مىنۇتلارغا شاھىد بولىدۇ ۋە مەستانىلەر ئۆزىنىڭ مەبۇدىسىنىڭ شان-شەرەپلىرى ئۈچۈن كۆز-ياشلىرىنى تۆكۈشىدۇ…
بۇ يىلقى 86-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى(The 86th Annual Academy Awards) نەچچە كۈن ئاۋال غەلبىلىك يېپىلدى. كېچىلىكنى نەچچە يىللارقىغا قارىغاندا بەك قىززىدى دېيىشكە بولمىسىمۇ، بىراق ھەر ھالدا ئۇتۇقلۇق بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئىشلەنگەن كىنو-فىلىملەر مەيلى سىنارىيە جەھەتتىن بولسۇن، كۆرۈنمە ئۈنۈم جەھەتتىن بولسۇن، ئاۋازئۈنۈمى جەھەتتىن بولسۇن، كىيىم-كېچەك لايىھەسى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئارتېستلار قوشۇنى جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن كۈچلۈك دېيىشكە بولىدۇ. ناۋادا تەپسىلاتىغا قىززىققۇچىلار بولسا، ئاۋال بۇ قېتىملىق ئوسكار كېچىلىكىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقساڭلار بولىدۇ.
2014-يىللىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى كېچىلىكى نەقمەيدان ئەھۋالى
بۇ يەرنى بېسىپ نەقمەيدان ئەھۋالىنى كۆرۈڭ.
ئالدىنقى تېمىمىزدا كۆرۈپ ئۆتكەن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن 30 دىن ئارتۇق فىلىم مەزكۇر كېچىلىكتە رەسمىي باھالىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلەر بولسا 80000 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق سوۋغات بۇيۇمى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى كېچىلىكتە ئاشكارىلاپ يۈرمەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىملەرنى بىر تونۇشۇرىۋېتەيلى. كۆپچىلىككە كىنو كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولدى ھەقىچان.
PS: بەزى كىنولارنىڭ ئورگان تەرەپتىن كۆكنۇر پلاستىنكىسى تارقىتىلمىغاچ، توردا تېخى ھەقىقىي سۈزۈك نۇسخىسى يوق. شۇڭا پەقەت بارلىرىنى قالدۇرۇپ قويدۇق.
نادىر فىلىم: قۇللۇقتىكى 12 يىل
HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر كارتون فىلىم: مۇز مەلىكە
HR-HDTV نۇسخسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
تارتىش كۈچى
تارتىش كۈچى بۇ قېتىملىق ئوسكاردا ئايرىم ئايرىم ھالدا، نادىر سۈرەتكە ئېلىش، نادىر كىرىشتۈرۈش، نادىر كۆرۈنمە ئۈنۈم، نادىر ئاۋاز ئۈنۈم، نادىر تەڭكەش مۇزىكا، نادىر ئاۋاز كىرىشتۈرۈش ۋە نادىر رېژىسور قاتارلىق مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدى. ناۋادا 3D كۆرۈش شارائىتىڭىز بولسا ئاستىدىن 3D نۇسخىسىنى تاللاپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | 3D نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
قالتىس گەتسىبى
گەتسىبى بۇ قېتىملىق ئوسكاردا نادىر كاستۇم ۋە نادىر سەنئەت يېتەكچىسى مۇكاپاتىنى ئالدى.
HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
داللاس سېتىۋالغۇچىلار كۇلۇبى
مەزكۇر فىلىم نادىر گىرىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا بۇ قېتىمكى ئوسكار نادىر ئەر باش پېرسوناژ ۋە يانداش پېرسوناژ مۇكاپاتىمۇ مەزكۇر فىلىمدىكى ئىككىيلەنگە بېرىلدى.
HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر ئىجادىي سېنارىيە: ئۇ
مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىسمىدىكى ئۇ رەسىمدىكى ئەرنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ قىز دوستىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قىز دوستى ھەقىقىي ئادەم ئەمەس، بەلكى بىر مەشغۇلات سىستېمىسى. تەپسىلاتىغا قىززىققۇچىلار توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، ھازىرچە ئەڭ سۈزۈك مەنبەسى چىقمىغاچ قالدۇرۇپ ئولتۇرمىدىم. ئېنگلىزچە نامى Her.
نادىر ناخشا: Let it Go
25 خىل تىلدىكى نۇسخىسىنى سېغىنغانلار مەرھەمەت
باشقا بىر قىسىم فىلىملەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ يۈرمىدىم. قىززىقۇچىلار ئۆزۈڭلار ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. بۇ قېتىملىق ئوسكاردىكى ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىسى، لېئوناردو يەنە ئوسكاردىن قۇرۇق قاپتۇ، ئاندىن پەرىزىمدىكىدەك ئوسكارنى مۇز مەلىكىگە بېرىپتۇ، بىراق كرودسنىڭ ئېلىشىنى بەك ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ئۇندىن باشقا تارتىش كۈچى مۇكاپاتنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك سۈپىرىۋېتىپتۇ، قارىغاندا تېمىنى ياخشى تاللاشمۇ ئوسكاردىكى مۇھىم گەپنىڭ بىرى ئوخشايدۇ. ئاندىن ئېلىمىزنىڭ «تۇنجى ئەۋلاد پېشۋا» فىلىمىمۇ ئىككى تۈردە ئىسمى ئاتالغان بولسىمۇ مۇكاپات ئالالمىدى. ئىشقىلىپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار كۆپ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا كېلەر يىلى كىنو يىلىمىش…قېنى ھە، پەستىكىلەر بىردەم گۇڭۇر مۇڭۇر قىلىشىلى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوسكار، كىنو، كېچىلىك، مۇراسىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,052 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-86th-annual-academy-awards.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2014-يىللىق ئوسكاردا ئىسمى ئاتالغان ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىملەر توپلىمى
- كېيىنكى يازما > ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ياخشى بىر ئادەم ، ياخشى بىر تىمىنىڭ ياخشى بىر يېرىدىن ئورۇن ئاپتۇدەك …
نۇرغۇنلىرىنى كۆرمەپتىكەنمەن، مۇز مەلىكىنىڭ قەيىرىگە بەرگەندۇ دەپ قالدىم مۇكاپاتنى
لېئوناردو نىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرنى، ھەر يىلى ئوسكار ئالالماي ئۆتۈۋاتقان ئۆمرىنى مەركىزى ئىدىيە قىلىپ كىنو ئىشلىسە، ئىشىنىمەنكى ئوسكارنى سۈپۈرۋەتكۈدەك فىلىم بولىدۇ.
«تارتىش كۈچى» فىلىمى ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم. 4 قىتىم كۆردۈمغۇ دەيمەن
كىرودىسقا بەمىگىنىنى دەيمەندە ….
بۇ ئالدىراشچىلىقنى نىمە دىگۈلۈك ، مۇكاپات تارقىتىشقا مىنىمۇ چاقىرىپتىكەن ، ئەپسۇس ۋاقىت يار بەرمىدى ، ھەم بۇنداق كىچىك سورۇنلارغا بېرىپ باقمىغاچقا بەك ۋاي دەپ كەتمىدىمغۇ
تارتىش كۈچى دېگەن كىنونىڭ نېىمسىگە بەرگەندۇ مۇكاپاتنى بېشىنى كۆرۈپلا ئىچىم پۇشۇپ ئۆتكۈزۈپ كۆرۈپ تەپسىلىي كۆرمىگەنتىم ،بىر ئايالنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تايىنى يوق ئىشلىرى ئاخىرىدا ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىىغا چۈشۈپ ئۇچۇپ يەرشارىغا قايتىپ كېلدىكەن يامېنىڭ كاللام بەك ئاددىمۇ ؟
كىنونى سىلى ئىشلىسىلە بوپتىكەن ئەسلى ، تارتىش كۈچىنى ئىككى سائەت دەككە دۈككىدە كۈرۈپ چىقتىمغۇ … شۇنداق يارىدى …
ھەممەيلەن ئويلىغىنىمىزنى دەيمىزغۇ ئەمدى توغرا چۈشەنگەيلا …
مىنىڭچىمۇ نادىر كارتون فىلىمگە كرودس جەمەتى مۇۋاپىق ئىدى ، مۇز مەلىكىنى ئۇنچە دەپ كەتكۈدەك ئەمەس ئىدى.
تارتىش كۈچى فىلىمىدە گەرچە پىرسۇناز ۋە مۇھىت – مەنزىرىلەر ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ بىراق مەزمۇننى ئىپادىلىنىشى ھەقىقەتەن ياخشى.(راستىنى دىسەم بۇ فىلىمنى فانتازىيەلىك فىلىممىكى دەپ كۆرگەن ، كۆرەۋىتىپ فانتازىيىلىك يىرى ھىلى چىقا ، ھىلى چىقا دەپ ئولتۇرۇپ فىلىم تۈگىدى ، چىقمىدى!)
ئەمەلىيەتتە 《独行侠》مۇ شۇنداق ياخشى ئىدى!
‹مۇز مەلىكە› كارتون فىلىمىنىمۇ يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بۇ كارتون Disney نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزگەرمەي كىلىۋاتقان كونا تىپتىكى بىر مەلىكە بىلەن شاھزادىنىڭلا ھېكايىسى سۆزلىنىدىغان كارتونلىرىغا خاتىمە بەردى دېيىشكە بولىدۇ. يەنى بۇ كارتوندا قىستۇرما ناخشىلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا مۇكاپاتلىنىشى توغرا دەپ قارايمەن.
كردوس جەمەتى ناھايتتى كۇلكىلىك ،لېكىن تۇزۇك مەزمۇنى يوق.مۇز مەلىكە دىگەن فىلىمنىڭ مەزمۇنى ياخشى،ياۋروپا فىلىملىرنىڭ ئىچىدە قىرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى تەسۋىرلىگەن فىلىملىرى ئاز،مۇز مەلىكە قىرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى تەسۋىرلىگەن فىلىمئۇنىڭ ئۇستىگە ناخشىلىرىمۇ ناھايتتى ياخشى.
تارتىش كۇچى دىگەن فىلىمنىڭ فانتازىيەلىك يىرىنى ئۇقالمىغان بولسىڭىز،فانتازىيەنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تازا ئۇقمايدىكەنسىز.
تارتىش كۈچى كىنوخانىدا كۆرىدىغان فىلىم، باشقا جايدا، بولاپمۇ يالغۇز كۆرسە شۇنداق ئاددىي بىلىنىدۇ، ئاددىيلا بىر كىنو. مۇز مەلىكىدىكى ھېسىيات ئىپادىلىنىشى بەكرەك چىن، بىراق ۋەقەلىك ئاددىي، تەڭدىن تولىسى ناخشا. باشقا كىنولارنىمۇ كۆرۈپ چىقىلى قېنى
خوبىتلارمۇ كۆرۈنمە ئۈنۈم مۇكاپاتىغا ماس كىلەتتى!A
火鸡总动员 — بۇ كارتون فىلىممۇ بولىدىكەن ، ھازىر كىنوخانىلاردا قويىلىۋىتىپتۇ، ئامىرىكىدا ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا قويىلىپتىكەن . توردا hd نۇسقىسى بار. كۆرۈپ بىقىڭلا.
فىلىمنى چۇشۇرەلمىدىم .. چۇشۇرۇش تور ئادىرىسى باسسام ھېچنىمە ئېچىلمىدىغۇ ..
http://kuai.xunlei.com/d/nYuAEAIKQAAcl-dS380?p=132898 مانا چۇشۇرۇش تور ئادىرىسى
مىنىڭچە كىنولارنى باھالىغاندا نۇقۇل ھىسياتقا ئەمەس ئۇنىڭ قىممىتىگە قاراپ باھا بېرىشى مۇمكىن
ماڭا ئاشۇ قالتىس گەتسىبى ئەڭ بەك تەسىرقىغىنى!!!
بۈگۈن泰坦陨落دىگەن ئويۇن ئىلان قىلندى ئويۇننىڭ چوڭلىغى 51جى كەن 102جى بوشلۇق كىتىدىكەن
泰坦陨落 قانداقراق ئۇيۇندۇ ئۇ شۇنچىۋالا چوڭ …خاپا بولماي نەدىن چۈشۈردىغاننى دەپ بېرەمسز..
ياپۇننىڭ 宇宙海盗船长哈洛克 ماۋۇ كارتونىمۇ شۇنداق ياخشىكەن .
http://www.yxdown.com/SoftView/SoftView_62865.html#dizhiمانا مۇشۇ ئادرىستىن چۈشرۈڭ
the voorman problemنى تاپقانلار بولسا بىر يوللىۋېتىڭلارچۇ، قىزىقتۇرۇپ قويدى.
مەستانىلەر ئۆزىنىڭ مەبۇدىسىنىڭ شان-شەرەپلىرى ئۈچۈن كۆز-ياشلىرىنى تۆكۈشىدۇ
ماۋۇ جۈملىدىكى مەبۇدىسى دىگەن سۆزنى ئالماشتۇرىۋەتسەك ياخشىمۇ قانداق؟
ھەجەپ سىغىمى يوغانكىنا بۇ ئۇيۇننىڭ چۈشۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ