2014-يىللىق ئوسكاردا ئىسمى ئاتالغان ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىملەر توپلىمى
2014-يىللىق ئوسكارمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ بولدى. بۇ قېتىملىق ئوسكاردا ئۆتكەن بىر يىلدا قويۇلغان، بىزگە ئاجايىپ تۇيغۇلارنى بەخش ئەتكەن نۇرغۇن كىنو-فىلىملەر دوئېلغا چۈشتى. تۆۋەندە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 30 دىن ئارتۇق فىلىمنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسىنى بىر كۆرۈپ چىقايلى. كېلەركى قېتىملىق تېمىمىز 86-قېتىملىق ئوسكار ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىملەر ھەققىدە بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوسكار، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,119 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 2014-oscar-nominated-film.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نورۋىگىيە كوچىسىدىكى كىچىككىنە مۇھەببەت، سىز بولسىڭىز چاپىنىڭىزنى بېرەلەمتىڭىز؟
- كېيىنكى يازما > 2014-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 86-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
كەچۈرۈڭلا چىقىپ قاپتىمەن
يو، يېڭى تېمىكەندە ماۋۇ.
ھەي يوۋ روك … تەدبىركار سىلىنى ئوسكار مۇكاپىتى توغرۇلۇق بىزلەگە ئازراق تەلىم بەسۇن دەيدا ، ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويماملا
بۇفىلىملەرنىڭ ئىسمىنى قاچان يوللارسىزكىن ئابدۇخىلىل ئەپەندىم
ئىسمى ئاتالغان دىگىنى قاندا گەپ ؟ مۇشۇ كىنولانىڭ ئارىسىدىن تاللاپ مۇكاپات بىرىمىز دىگىنىما ؟
مۇكاپات بىرىشنىڭ ئۆلچىمى زادى قانداقتۇ ؟ بىر توپ كىشلەرنى بىر يەگە يىغىپ كىنولارنى قۇيۇپ بىرىپ نۇمۇر قويغۇزۇپ تاللامدا ؟
بەزى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن كىنولار نىمىشقا مەنىسىزدەك تۇيۇلىدۇ ؟ يېرىمىنى كۈرە كۆرمەي چىدىمايمە بەزى كىنولاغا ، ئۇيقۇسى كەممىگەن ئەدەم بىرلا قاراپ قويسا ئۇخلىتىپ قۇيىدىكەن بەزى ئوسكار ماركىلىق كىنولا
مېنىڭ بىلىشىمچە، ھەر يىلى نەچچە يۈزلىگەن كىنولار مەخسۇس ئوسكارنى تالىشىش ئۈچۈن ئىشلىنىدۇ. ئوسكار باشلىنىشتىن نەچچە ھەپتە بۇرۇن بۇ كىنولار ئارىسىدىن بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان كىنولارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئېلان قىلىدۇ. ئاندىن ئوسكار ئاكادېمىيىسىدىكى مۇتەخخەسسىلەر ۋە بىر قىسىم كىنو ساھەسىدىكى داڭلىقلار بۇ كىنولارنى كۆرۈپ ھەرقايسى جەھەتلەردىن باھالاپ چىقىپ ئوسكار ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى نەقمەيداندا ئېلان قىلىدۇ. بەزى كىنولارنىڭ سىزگە مەنىسىز تۇيۇلىشى، ئۇ كىنودىكى ۋەقەلىكنىڭ تايىنى بولمىسىمۇ بىراق ئارتېستنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى قالتىس چىققان بولسا، ئارتېستقا مۇكاپات بېرىشى مۇمكىن، بەزى كىنولارنىڭ ئارتېستلىرى ساپلا يېڭى، بىراق مەزمۇنى بەك چوڭقۇر، بۇنداق كىنولارنى نادىر فىلىم قىلىپ باھالىشىمۇ مۇمكىن. باھالاشنىڭ تۈرلىرى كۆپ، چېتىلىدىغان ساھەلىرى جىق. كېلەركى تېمىمىزدا يەنە ئالدىرىماي توختىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا كەم كۈتىلىرىنى 2-قەۋەتتىكى @rock دېگەن بالا مەندىن ئوبدان بىلىدۇ.
بەسەيلەرنىڭ يېقىندىن بېرى ئىشلىگەن بىر نەچچە كىنوسى ماڭا خېلى ياراپ قالغان ئىدى، ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويدۇم كۆرۈپ باقارسىلەر …
扫毒
毒战
特殊身份
逃出生天
冲锋战警
摩登年代
人在囧途
قايسى كۈنى كېچىچە ئولتۇرۇپ ھەممىنى كۆرۈپ چىقىپتىمەن …
چېڭلوڭنىڭ يېڭى ئىشلىگەن « ساقچى ھىكايىسى 2013 » راستىنى دىسەم پەقەت يارىمىدى، بۇرۇن ئىشلىگەن ساقچى ھىكايىسى يۈرۈشلۈك فىلىملىرى شۇنداق پەيزى ئىدى …
يۇقارقىلاردىن 扫毒 بىلەن 毒战 ئىككىسىنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىمەن، 人在囧途 دىگىنى 泰囧 دىن بۇرۇن ئىشلەنگىنى ئىكەنتۇق مەن ئەمدى كۆرۈپتىمەن، مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن .
ئەگەر كومىدىيلىكرەك فىلىم كۆرگىڭىز بولسا 人在囧途 نى تەۋسىيە قىلىمەن ….
خېلى داڭلىق ئارتىسلا رول ئاغان ، قۇمۇلدا ئىشلەنگەن بىر كىنونى كۆرگەن ، 无人区 دەيدىغان … خېلى قاملاشتۇرۇپ قۇيۇپتۇ ، 人在囧途 دىگەنگە ئوخشاشلا قىززىق ھەم سەۋىيەلىك چىقىتۇ ، تەۋسىيە قىپ قۇياي
راس گەپنى قىلسام ماۋۇ 无人区 دىگەن كىنو تازا ئسمى جىسمىغا لايىق بولماي قاپتۇ(ئاقسا چىقارماقچىكەنتۇق ئەسلى،لىكىن تازا ئويلىغاندەك چىرالماي قالغان چېغى)،ئەمدى نىمە ئامال يولداشلارنىڭ كاللىسى شۇنچىلىك تۇرسا،لىكىن ئۈنۈملىرىنى خېلى يامان ئەمەس ئەپ قويۇپتۇ،لىكىنزە ماۋۇ 黄渤 دىگەن گۇي رولنى خېلى قاملاشتۇرۇپ قويىدۇ دىسە…
ماڭا ئاۋۇ 毒战 تازا ياقمىدى،لېكىن 寒战 دېگەننى نەچچە قايتىلاپ كۆرۈۋەتتىم
مەن دوسلارنىڭ 活着 دىگەن فېلىمنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن
ما كىنونى نىم دىسەم بۇلا ، 94-يىلى ئىشلەنگەن كىنو ، ئەمما لىكىن بېسىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ
ئەنگىلىيە BBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ « Top Gear » دەپ بىر پروگىراممىسى بار ئىكەن، ماڭا ئوخشاش ماشىنا ھەۋەسكارلىرى بولساڭلار كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
تورخۇماردىمۇ مۇشۇ توغرىسىدا بىر توختالساق بولاتتى ….
ھەر قايسى دۆلەت ھەم رايونلارنىڭ داڭلىق كىنو مۇكاپىتى بار، بۇنى دېمىسىمۇ بىلىسىلە. شۇڭا ھەر قايسىسى ئۆزىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاراڭ تۇرۇڭ دېگەندەك ئىقلىمىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ كىنولىرىنى باھالاپ، باھالىغاندىمۇ ئىشقىلىپ يامان ئىنچىكە باھالايدۇ، مۇكاپات تۈرى يامان جىق. ھەر يىلى تېخى يېڭىدىن مۇكاپات تۈرلىرىمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. تىلغا ئېلىنغان دېگەن گەپ «نامزات» دېگەن گەپ شۇ. بەزىدە باھالىغۇچىلارنىڭ پىكىرىگە خەلقنىڭ پىكىرى ئۇدۇل كەلمەيدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. شۇڭا تارىختىن بۇيان ئەڭ ناچار ئوسكارلىق فىلىم دېگەن گەپمۇ پەيدا بولغان، بىلىشىمچە «ئامېرىكا گۈزىلى» بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان. بىزگە تايىنى يوقلام بىر كىنونىڭ ئوسكارغا ئېرىشىپ كەتكىنىنى، ياكى تېتىقسىزلا بىر كىنونىڭ بىلەت كىرىمى ھەيران قالارلىق بولۇپ كەتسە، بۇ شۇ مەدەنىيەتتى پەرقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ما يولداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ شۇنداق قىزىق پاراڭ قىلىپ بەرسىڭىز كۈلمەي قاراپ تۇرىدىغۇ بەزىدە.
مۇشۇ كىنو كۆرۈپ، ئۇنى بۇنى يەكۈنلىگۈدەك بولغاندا شۇنى ھېس قىلدىمكى، ۋەتەن خەلقنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، ئامېرىكىدەك دىموكراتىيە – باراۋەرلىكنى جان جەھلى بىلەن تەرغىپ قىلدىغان دۆلەت، ۋاقتى كەلگەندە كىنو فىلىم دېگەندەك كۆڭۈل ئاچىدىغان بىرمىنى سىياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىكەن. «بومبا يەشكۈچى» دېگەن فىلىمنىڭ ئوسكار ئالى مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنىگە ھەيران قالغان بولساممۇ مۇشۇنداق نەتىجىنىڭ چىققىنى توغرا دەپ ھېس قىلدىم. شۇ يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلىرى تولا تالاپەتكە ئۇچرىغان خەۋەرلەرنى كۆرگەن.
يەنە ھېلىقىندا ناتوغرا تۇرمۇش بايان قىلىنىدىغان فىلىملەرمۇ بار، «Brokeback Mountain» نى بىلىسىلە، ماڭىغۇ پەقەت ياقمىغان بۇ كىنو، لېكىن تاس قالغان ئوسكارغا ئېرىشكىلى، «Crash» دېگەن فىلىم بىلەن تالىشىپ قالغان، ئەگەر سىز بولسىڭىز ھېجىقىزلارنى توغرا چۈشۈنەيلى، قوللايلى، ئۇلارغا جەمئىيەتكە پاتقۇزايلا، بۇ دۇنيادا ئۇلارنىڭمۇ رىزىقى بار دېگەن كىنونى باھالامسىز ياكى ئېرقى، مىللى كەمسىتىشلەرنى قامچىلىغان، بەزىدە ئەڭ ئاددى ھەم مۇلايىم دېگەن كىشىلەردىن خەۋپ كېلىپ قالىدۇ دېگەندەك بىر قاتار مۇناسىۋەتسىز ئىش ھەم ئادەملەرنى «سەنئەت» ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك قىلىپ ئىشلەنگەن سەۋىيەلىك فىلىمنى تاللامسىز؟
دېمەك ئوسكارغا ئوخشاش داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن فىلىملەر چۆگىلەپ چۆگىلەپ يەنە ئۆز دۆلىتى مەدەنىيىتى، سىياسى مەنپەئەتى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئۈچۈن «真能量» ئېلىپ كېلەلىشى كېرەك.
ماڭا پەيزىكەن دېگەن تەسىرنى بەرگەن ئوسكارلارنى قالدۇراي.
2011
The King’s Speech
كېكەچ پادىشاھ. ھىھى، ياخشى كىنولار خېلىلا جىق يىللىرى بولغان. The Fighter، Inception، 127 Hours
دېگەن فىلىملارنى تاشلاپ قويغان.
2009
Slumdog Millionaire
نامراتلار مەھەللىسىدىكى مىليونىر
2007
The Departed
تۇيۇق يول، دەنشىدە ماشتا دەپ ئاپتىكەن، گەرچە خەنسونىڭ سىنارىيىسى بولسىمۇ قايتا ئىشلىنىپ تېخىمۇ بەك ھاياجانلىق بولۇپ چىققان.
2006
Crash
سوقۇلۇش، راست بەلەن كىنو ماۋۇ.
2005
Milloin Dollar Baby
مىليونلۇق كوزۇر. تۇر، تۇرساڭ مۇش، دېگەنلا كىنو، كۆرۈپ بولۇپ بىر نەچچە كۈن كۆڭلۈم يېرىم يۈرگەن فىلىملەرنىڭ بىرى.
2002
Beautiful Mind
ماتېماتىكنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشى. قىزىق ھە، دەرھال كۆرۈڭ.
2001
Gladiator
ما كىنودا سو يوق
يوقۇرىدىكى پاراڭنىڭ ھەممىسى ماڭىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، چوڭلارنىڭ ئالدىدا جۆيلۈپ قالغان بولسام، ئاياپ قوياسىلە ھە.
ما ئىكاسنى ئايرىم تېما قىپ يوللايدىغان ئىشكەنتۇق ، ئىسىل ! بەك تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز ، لاۋدا بىكار تىلغا ئامماپتەكەن سىزنى
疯狂的石头、疯狂的彩车、مۇشۇ ئىككى كىنونى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. 黄渤 دىگەن گۇي مۇشۇ كىنولار بىلەن نام قازانغان. 无人区、疯狂的石头、疯狂的彩车 دىگەنلەرنىڭ رېجىسورى بىر. 人在囧途 دىكى باش رولچى ئاداشمۇ چىقىدۇ 疯狂的彩车 دا گۆرلۈك ساتىدىغان شىركەتتە ئىشلەپ. ئۇنىڭ يەنە بىر كىنوسى بار 夜 店 دەپ ، ماڭا يارىغاچقا سىلەرگە تەۋسىيە قىلدىم. يولداشلارنىڭ كۆرۈپ قۇيۇشقا تىگىشلىك كىنولىرى ئىشقىلىپ. ھەممىسىنىڭ ژانىرى كومىدىيىلىك، ۋاقتىڭلار چىقسا توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭلار، يۇقارقى كىنولارنى. يەنە بىرسى بار 即日居程 دەپ
疯狂赛车 ھەقىقەتەن بەسەيلىدىن چىققان ئېسىل كىنو. مۇشۇ كىنو ھەققىدە بىر يازما يازىمەن دەپ زادى ۋاقىت چىقىرالمىغان.
مەن كۆمىگەنلىرى ھەلەم باكەن جۇما،مانى ساقلىۋېپ تازا كۆرەي بىكا بوسام
كومىدىيەلىك كىنو بولسا كۆرۈپ قويىمەن.
داڭلىق ئارتىسلارنى كارۋات ئۈستىدىكى كۆرىنىشلەر بار فىلىملەردە رولغا چىقىشتىن ئۆزىنى تارتىدو دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن. لېكىن، ئىشلىنىۋاتقان بەزى فىلىملەرگە قاراپ پەرەڭلەرنىڭ بۇنداق ئىشلار سەۋەپلىك ئارتىسلارغا بولغان ھۆرمىتى سوسلىمايدىغان ئوخشايدۇ. گۆدەكلەرچە خىيال قىلامدىكەنمەن
مەن ئاشۇنداق كۆرۈنۈشلەر داڭلىق قىلىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن جۇمۇ بەزىدە… شۇڭا ئارتىس خەخ بىر ئەر ، بىر خوتۇن بىلەن كىلىشمەيدىكەن ، توي قىپ بولۇپ بۇرۇنقى «نادىر كۆرۈنۈشلەر»ى كۆز ئالدىغا كىلىۋالسا كىرەك ، بەزىلىرى قىرى قىز بولۇپ كىتىدىكەن ، بەزىلىرى غەلىتە سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كىتىدىكەن ياكى ئۆلۈۋالىدىكەن .
2013-يىلى 85-نۆۋەتلىك ئوسكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن كىنولار تىزىملىگىى
最佳影片】Best Picture
《逃离德黑兰》/ Argo
【最佳导演】Directing
李安-《少年派的奇幻漂流》/ Ang Lee-Life Of Pi
【最佳男主角】Actor in a Leading Role
丹尼尔·戴-刘易斯-《林肯》/ Daniel Day-Lewis-Lincoln
【最佳女主角】Actress in a LeadingRole
詹妮弗·劳伦斯-《乌云背后的幸福线》/ Jennifer Lawrence-Silver Linings Playbook
【最佳男配角】Actor in a Supporting Role
克里斯托弗·沃尔兹-《被解放的姜戈》/ Christoph Waltz-Django Unchained
【最佳女配角】Actress in a Supporting Role
安妮·海瑟薇-《悲惨世界》/ Anne Hathaway-Les Misérables
【最佳原创剧本】Writing(Original Screenplay)
《被解放的姜戈》-昆汀·塔伦蒂诺/ Django Unchained-Quentin Tarantino
【最佳改编剧本】Writing(Adapted Screenplay)
《逃离德黑兰》-克里斯·特里奥/ Argo-Chris Terrio
【最佳动画长片】Animated Feature Film
《勇敢传说》/ Brave
【最佳纪录长片】Documentary(Feature)
《寻找小糖人》/ Searching for Sugar Man
【最佳外语片】Foreign Language Film
《爱》/ Amour(奥地利)
【最佳剪辑】Film Editing
《逃离德黑兰》/ Argo
【最佳摄影】Cinematography
《少年派的奇幻漂流》/ Life of Pi
【最佳视觉效果】Visual Effects
《少年派的奇幻漂流》 / Life of Pi
【最佳音响效果】Sound Mixing
《悲惨世界》/ Les Misérables
【最佳音效剪辑】Sound Editing
《007:大破天幕杀机》/ Skyfall
《猎杀本·拉登》/ Zero Dark Thirty
【最佳艺术指导】Producrion Design
《林肯》/ Lincoln
【最佳服装设计】Costume Design
《安娜·卡列尼娜》/ Anna Karenina
【最佳化妆与发型设计】Makeup and Hairstyling
《悲惨世界》/ Les Miserables
【最佳配乐】Music(Original Score)
《少年派的奇幻漂流》/ Life of Pi
【最佳歌曲】Music(Original Song)
“Skyfall”,《007:大破天幕危机》/ Skyfall
【最佳动画短片】Short Film(Animated)
《纸人》/ Paperman
【最佳真人短片】Short Film(Live Action)
《宵禁》/ Curfew
【最佳纪录短片】Documentary(Short Subject)
《控诉》/ Inocente
مۇشۇ كىنولارنىڭ ھەممىسى ئوسكارغا ئېرىشكەنما…؟!
ۋۇييۇ نىماندا جىق