نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

نورۋىگىيە كوچىسىدىكى كىچىككىنە مۇھەببەت، سىز بولسىڭىز چاپىنىڭىزنى بېرەلەمتىڭىز؟

3

كىشىلەر، تاراتقۇلار ياكى گېزىت ژورناللار دائىم مېھىر-مۇھەببەتنى دائىم قانداقتۇر دەبدەبىلىك سۈپەتلەر بىلەن تەسۋىرلەيدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن كۆپىنچە ھاللاردا ئەتىراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنتۇپ كېتىمىز. ئەمەلىيەتتە يىنىمىزدىكلەر بىزدىن ئۇنچە زور مېھىر تىلىمەسلىكى مۈمكىن. خۇددى سوغۇقتا بىرەر قېتىم ئىللىق چاپىنىمىزنى باشقىلارنىڭ ئىسىنىشىغا بەرگەندەك … تۆۋەندە نورۋىگىيە كوچىلىرىدىكى ئابدۇبۇس بېكىتىدە ئېلىنغان قىسقىغىنە پاراۋانلىق ئېلانىدىن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئەمما ئەڭ ئاددى يەنە بىر تەرىپىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى !

سىز بولسىڭىز چاپىنىڭىزنى سۇنالامتىڭىز؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابدۇخېلىل 2014.02.24 , 14:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە لوممىدە قىلىدۇغۇ… باللا؟

    • شەمشەر 2014.02.24 , 15:13

      دىۋانىچىلىك قىلىپ كەتتىم دەمسىز؟:grin::mrgreen:

    • hayatim538 2014.02.24 , 18:55

      ما گەپ ماڭغا شۇنداق ياقتى ، قايتا -قايتا ئۇقۇپ راستلا كۇلدۇم ، دىۋان دىسە ئۆچلىكى كېلىدىغان دوستلار مازنى بېسىپتۇ دە !

    • ئابدۇخېلىل 2014.02.24 , 19:23

      ‹‹ى›› قۇشۇمچىسىنى قالايمىقان قوشماڭلار… بولمىسا نۇرغۇن گەپ ئۆزگۈرۈپ قالدىكە…:cry:

  2. گۈلۈم 2014.02.24 , 14:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بولسامۇ بىرەتتىم :shy::oops:

  3. ۋەھىمە 2014.02.24 , 16:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەرخىل تېما، مەزمۇن ياخشى لېكىن بالىنىڭ فىلىمدىكى رول ئېلىشى يېتەرلىك ئەمەس، ھېس قىلدىڭلارمىكى بالا نۇرغۇن قېتىم ئىكرانغا سەۋەپسىزلا قاراپ فىلىمنىڭ، رولنىڭ چىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا كەلدى.

  4. تەرخەمەك 2014.02.24 , 16:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنىڭسىزمۇ كۆپقۇ ئەتراپىمىزدا بۇنداق بالىلار، بىرەرسنىڭ چاپىنىنى سېلىپ بەرگىنىنى كۆرمىدىم ھەم ئۆزۈممۇ بىرەرسىگە چاپىنىمنى سېلىپ بېرىپ باقمىدىم
    لېكىن، شارپامنى ۋە كۈنلۈكۈمنى بەرگەنلىرىم خېلى باركەن….
    دۇنيا مېھىر – مۇھەببەت بىلەن گۈزەل

  5. rock 2014.02.24 , 16:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماندا ئويلاپ باقسام، ئۆمرۈمدە قىلىپ باققان ياخشى ئىشىم، ئىككى كىشىنى سوغۇقتا ماشىنامغا ئېلىۋېلىپ يېرىم كىلومېتىر نېرىسىدىكى بارىدىغان يېرىغا ئاپىرىپ قويغانكەنمەن.
    بۇنداق ساۋاب ئىشىم تاس قالغان ئىككى بولغىلى، ئىككى نازۇك قىزچاقنى يەنە ئاشۇ باشتىكى يەردە سىم سىم يامغۇردا پىيادە كېتىۋاتقانىدا ئۇچراتقان. لېكىن ماشىنىدا بۇزرۇكۋار خوتۇن باتتى.
    -ئالدىڭغا قايلاپ ماڭە …
    :twisted:

    • رىۋايەت 2014.02.24 , 23:06

      ما ئىنكاسنى ئوقۇپ راسا كۈلۈپتىمەن

    • ۋەھىمە 2014.02.25 , 10:45

      ھاھا، مەنمۇ شۇنداق كۆپ ئۇچىرايمەن ئاشۇنداق ساۋاپلىق ئىشقا، لېكىن بىزنىڭ ناھىيىنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئادىمىي كۈزەتكۈچ بار، بىردەمدە قېيىنتاناملارغا نامايەن قىلىنىپ بۇلىدۇ.

  6. hayatim538 2014.02.24 , 18:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستلا شۇنداق مۇھەببەتكە تۇلۇپتۇ جېمۇ بالىلار !
    راستنى ئېتسام ئەگەر شۇ بالىنىڭ ئورنىدا مەن بولسام شۇ بەرگەن كۆڭۇلنى قۇبۇل قېلشقا جۇرئەت قىلالمىغان بولاتتىم ، نۇرغۇنلىغان ئادىمىلىك تاللاشتا ئىنساننىڭ خاتا تالىمايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن .

  7. YawaxBoy 2014.02.24 , 21:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەمىنى بىر خىل قىلىپ قويدى ،مەن بەرمەيتىم جۇما:cry:

  8. ئەل ئۇمۇت 2014.02.24 , 23:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىكەن

  9. قەيسەر 2014.02.25 , 09:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى نەرسە چىقارسا زاڭلىق قىىلىسىغانلارمۇ باكە دېسە

  10. ئادىلجان ئابلىز 2014.02.25 , 10:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەسىرلىككەن،

  11. ۋەھىمە 2014.02.25 , 10:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىپىز كىيىنىپ ئۇ يەردە ئولتۇرغۇچە بانكىدا ئولتۇرسا بولمامدۇ دەيمەندە.

  12. banker 2014.02.25 , 11:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە خەتلىك، ھىچ بولمىسا خەنچە خەتلىكىنى چىقىرىپ قويساڭلارچۇ، گەپلىرىنى چۈشەنمىدىم. ھەي ساۋاتسىزلىق،

    • مەن 2014.02.26 , 07:15

      ساۋاتسىزلىقنى تىلغا ئالغاندا قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىڭ !:evil:

  13. ئىرشات 2014.02.25 , 15:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايىتى ياخشى چققان ئىلانكەن….بەك تەسىرلىككەن!!

  14. 0373 2014.02.26 , 10:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايىتى ياخشى چققان ئىلانكەن….بەك تەسىرلىككەن!!

  15. ئېسيان 2014.02.27 , 16:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ باشقىلارنى سىناش ئۈچۈن ئىشلەنگەن فىلىممۇ قانداق؟
    بۇ بالىغا بىرسى چاپىنىنى سېلىپ بەرسە بىردەمدىلا يەنە چاپىنى يوق پەيدا بوپ قالىدىكەنغۇ؟؟ :cool:

  16. ئەلى 2014.02.28 , 00:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نورۋىگىيە دانيەدىن قالسىلا دۇنيادىكى تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ ياخشى دۈلەت بۇ دۈلەتنىڭ ئادەملىرى بەك ياخشى دەپ ئاڭلىغانتىم مىنىڭ ئاغىنەمنىڭ ئاكىسى شۇ يەردە ئوقۇيتى شۇ ما ڭا شۇنداق دەپ بەرگەن

  17. پەرۋاز 2014.02.28 , 09:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامغۇرغا قىسىم ئۆيدە ئوتاماي كىچىك بالىغا كوچىدا پوق بامۇ ، مەن بوسام بەمەيتتىم ئۇ بالىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان بولاتتىم .

  18. بايۋەتچە 2014.03.02 , 01:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەم ئادىمىيلىكى بىلەن گۈزەل ………………….:sad:

  19. دوستەك 2014.03.05 , 08:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىلىغۇ چاپان كەن ……… مەن ئىشتىنىمنىمۇ بىرەتتىم .

  20. 0102 2014.03.08 , 18:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي دوستەك سندە چاتاق يوقتۇ :grin: :arrow:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量