2015-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 87-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان كىنو ساھەسىدىكى قابىللارنى باھالاپ چىقىدىغان ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى، شۈبھىسىزكى كىنو مەستانىلىرى ئۈچۈن ئەڭ تەقەززا بولىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېچىلىكتە پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليونلىغان كىنو مەستانىسى ۋە كىنو ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار بىرلىكتە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مىنۇتلارغا شاھىد بولىدۇ ۋە مەستانىلەر ئۆزىنىڭ مەبۇدىسىنىڭ شان-شەرەپلىرى ئۈچۈن كۆز-ياشلىرىنى تۆكۈشىدۇ…
بۇ يىلقى 87-نۆۋەتلىك ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى(The 86th Annual Academy Awards) نەچچە كۈن ئاۋال غەلبىلىك يېپىلدى. فەقىرمۇ تېخى كېچىلىكنى تەپسىلىي كۆرگۈدەك بولمىدىم. ناۋادا تەپسىلاتىغا قىززىققۇچىلار بولسا، ئاۋال بۇ قېتىملىق ئوسكار كېچىلىكىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقساڭلار بولىدۇ. ئادەتتە بۇلارنىڭ بۇنداق چوڭ كېچىلىكلىرى بەك قىززىيدۇ. شۇ باھانىدە بۇ كېچىلىكتە ئىسمى ئاتالغان، ئەمما ماۋۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلمىغان كىنولارنىمۇ بىلىۋالىسىلەر.
2015-يىللىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى كېچىلىكى نەقمەيدان ئەھۋالى
كېچىلىككە How i met you mother ناملىق تىياتىر بىلەن ھوللىۋودتا ئۇتۇق قازانغان ئارتېس Neil Partick Harris رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، Neil مۇ Hugh Jackman گە ئوخشاش درامىدا كارامىتى بار ئارتېست ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كېچىلىكنىڭ بېشىمۇ مۇزىكىلىق درامىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر يۈرۈش ناخشا بىلەن باشلانغان. قۇرۇق گەپنى جىق قىلماي، ئاۋال كېچىلىكنى كۆرۈۋېتىڭلار، ئاندىن ئاستىدا كېچىلىكتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىنولارنى تونۇشتۇرىۋېتىلى.
PS: بىر قىسىم كىنولارنى تېخى كۆرمىگەچ تەسىراتىمنى يازماي بىۋاستىلا چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇردۇم، كۆرۈپ بېقىپ بىر نەرسە دەيلى. چۈشۈرۈش ئادرېسىدىكى مەنبەلەرنى توردىن ئۆزۈم بىرمۇ بىر ئاقتۇرۇپ ئەڭ سۈپەتلىك دەپ قارىغانلىرىنى قالدۇردۇم.
نادىر فىلىم: قۇش پالۋان
فىلىمدە، ياش ۋاقتىدا قۇش پالۋان ئوبرازى بىلەن تونۇلغان بىر ئارتېستنىڭ قېرىغاندىن كېيىن، كىچىك بىر كۇلۇبتا دراما قويۇش ئارقىلىق جېنىنى بېقىۋاتقانلىقىدەك ۋەقەلىك چىقىدىكەن. بىراق بۇ چولپان قېرىغاندىن كېيىن ياش ۋاقتىدىكى شان-شۆھرىتىدىن مەھرۇم قالغاچقا ھەمىشە غەمكىن يۈرۈيدىكەن، شۇنداقلا ياش ۋاقتىدىكى شۇ قۇش پالۋاننىڭ ئاسارىتى ھېلىھەم بار ئىكەن. ۋەقەلىك مۇشۇنداقراق. بىراق فىلىمنىڭ ئوسكاردىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل مەنچە، يەنىلا كامېرا تېخنىكىسىمىكىن دەيمەن. فىلىم باشلانغاندا بىر ئېچىلغان كامېرا، ئاساسەن ئۈزۈلمەي فىلىم ئاخىرلاشقاندا يېپىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا قۇش پالۋان بۇدا يەنە نادىر رېژىسور، نادىر كامېرا قاتارلىقلاردىمۇ ئوسكارنى ئالدى.
شۇنلېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر ئەر باش پېرسوناژ: 万物理论The Theory of Everything
كىنونى تېخى كۆرگۈدەك بولمىدىم، بىراق دۇنياغا داڭلىق ئالىم سىتۋىن خاۋكېڭنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم ئىكەنلىگىنى بىلىمەن. باش ئارتېستمۇ خاۋكېڭنىڭ رولىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ ئوسكار شاھزادىسى مۇكاپاتىنى ئالدى.
شۈنلېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر ئايال باش پېرسوناژ: 依然爱丽丝 – Julianne Moore
بۇ فىلىمنىمۇ تېخى كۆرگۈدەك بولمىدىم.
بىۋاستە بېسىپ 迅雷 دە چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر ئەر يانداش پېرسوناژ: 爆裂鼓手 – J.K. Simmons
شۈنلېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر ئايال يانداش پېرسوناژ: 少年时代 – Patricia Arquette
ئەسلى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن بۇدا ئوسكادا نادىر فىلىم مۇكاپاتىنى ئالىدۇ دەپ قارالغان بۇ فىلىم، ئاخىرىدا پەقەت نادىر ئايال يانداش پېرسوناژ مۇكاپاتىنى ئالدى. بىراق باشقا كىنولارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك فىلىمنىڭ بىرسى مۇشۇ. باشقا يېرىمۇ ئەمەس، بىر فىلىمنى 12 يىلدا سۈرەتكە ئېلىپ تەييارلاپ ئاخىرىدا ئوسكارغا سۇنۇش، بۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئىش.
بىۋاستە بېسىپ 迅雷 دە چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر ئۆزگەرتىلگەن سىنارىيە – 模仿游戏
بىۋاستە بېسىپ 迅雷 دە چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر كارتون فىلىم – 超能陆战队
شۈنلېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر ھۆججەتلىك فىلىم – 第四公民
فىلىم قارىماققا سنودېن ھەققىدە ئىشلەنگەندەك تۇرىدۇ، قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
بىۋاستە بېسىپ 迅雷 دە چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر چەتئەلچە فىلىم – Ida
بىۋاستە بېسىپ 迅雷 دە چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر كۆرۈنمە ئۈنۈم : 星际穿越
بىۋاستە بېسىپ 迅雷 دە چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر ئاۋاز تەھرىرلەش : 美国狙击手
شۈنلېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر سەنئەت يېتەكچىسى – بۇداپېشت مېھمانخانىسى
بۇ يىل مەن كۆرگەن ئەڭ ئوماق كىنونىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كومىدىيە ۋە سەنئەتنىڭ ھەر قايسى ئامىللىرى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان، بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر فىلىم بۇدا يەنە نادىر كىيىم-كېچەك لايىھەسى، نادىر گىرىم ۋە چاچ پاسون، نادىر يانداش مۇزىكا قاتارلىقلاردىمۇ مۇكاپات ئالدى.
شۈنلېي تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
نادىر قىسقا كارتون فىلىم – 美味盛宴
نادىر قىسقا فىلىم – 自杀热线
قېنى ئەمىسە باللا، بەھۇزۇر ھە…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوسكار، كىنو، كېچىلىك، مۇراسىم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 26,060 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-87th-annual-academy-awards.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- كېيىنكى يازما > كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
بەك ئىسىل فىلىملەركەن بىر قانچىسىنى كۆرۈپ بوپتىكەنمەن بولۇپمۇ ئاۋۇ كارتون فىلىم بەك ئىسىلكەن بىر كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.ھە راس ئەڭ مۇھىم ئىش دىۋان.
ئاۋۇ دۇمباقچىنىڭ كىنوسىنى كۆمەڭلا باللا، ئەتىدىن كەچكىچە ئاغزىنى بۇزۇپلا يۈرۈيدىغان ئاداشنى بەكرەك يۇرۇتىۋېتىپتۇ.
تۆدە بوسىمۇ ئولتۇرۇپ كۆرەي ئەمدى
ئاۋۇ ئاپپاق ماشىنا ئادەم چىقىدىغان كارتون قايسى دۆلەتنىڭ؟ كۆۋرۈك تور بىكىتى تەرجمە قىپتتىكىن خىلى ياخشى كارتونكەن
پىچچەت ئىسىل فىلىملەركەن. بىر نەچچىسنى كۈرەپ بوپتىكەنمە .. 美国狙击手 بەك پەيزى ..
ئەڭ ئاخىرقى نادىر قىسقا فىلىمدا نىمە مەزمۇن ئىپادىلىگەندۇ؟ئاخىر تىلفۇن قىلغۇچى ئۆلدى؟ئاخىرنى چۈشىنەلمىدىم،تەھرىر نىڭ چۈشەنچە بىرشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئۇيغۇچە خەتلىك فەچەت كىنولار بولسا تەۋسىيە قىلىڭلا باللا …