iPhone 5S ۋە iPhone 5C نىڭ ئىسمى ئېنىق بوپتۇ، شۇنداقلا بۇدا تۇنجى قېتىم جۇڭگودا 1-تۈركۈمدە سېتىلىدىكەن
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە بۇ يىل ئالما شىركىتى ئىككى دانە يېڭى iPhone بازارغا سالىدىغانلىقى ئىزچىل ئېقىپ يۈرىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە تېخى ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار يوق ئىدى. بۈگۈن ئاشكارىلانغان ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خەۋەر راست بولۇپ چىققان. ئالما شىركىتى بۇ يىل 9-ئايدا ئىككى خىل يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننى رەسمىي ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، بۇلارiPhone 5S ۋە iPhone 5C دىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە، iPhone 5C يانفونى بولسا دەل ئاشۇ مىش-مىش خەۋىرى تارقالغىلى ئۇزۇن بولغان سۇلىياۋ قاپ سەپلەنگەن تۆۋەن باھالىق ئايفون، iPhone 5S بولسا دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد يانفونىدۇر.
يەنە بىر يېڭىلىق شۇكى، ئىلگىرىكى يىللاردا يېڭى ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنغان تەقدىردىمۇ، 1-تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە جۇڭگو يوق بولۇپ، شۇ سەۋەپلىك يېڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندا جۇڭگو بازىرىدا باھاسى ھەسسىلەپ ئۆسۈپ كېتىدىغان پاسسىپ ئامىل شەكىللەندۈرۈپ قويغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان ئىشەنچىلىك ئەربابنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئىككى خىل ئايفون ھازىر ئاللىقاچان ئىلىمىز سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە جۇڭگو تېلگىرافى تەڭلا ۋاقىتتا سېتىشنى باشلايدىكەن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، بۇ قېتىم جۇڭگودىكى خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى تۇنجى قېتىم يەرشارى بويىچە ماس قەدەمدە سېتىشنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى ئايفوننى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. بىراق، كونكىرىت سېتىلىش باھاسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ LTE نۇسخىدىكى ئايفون. ئىگەللىنىشىچە، ئىجازەتنامە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ھازىرچە سىناق يانفونلىرىنىڭ ئورالمىسىغا LTE خېتى يېزىلمىغان. LTE نۇسخىدىكى ئايفوننىڭ ئىلىمىز بازىرىغا كىرىش-كىرمەسلىكى جۇڭگو سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تارقىتىدىغان 4G تورى ئىجازەتنامىسىگە باغلىق ئىكەن. ئەگەر بۇ ئىجازەتنامە 9-ئايدىن بۇرۇن تارقىتىلسا، ئۇ ھالدا LTE نۇسخىدىكى 4G تورىنى قوللايدىغان ئايفون دۆلىتىمىز بازىرىدا بىمالال سېتىلىدۇ؛ ئەگەر ئىجازەتنامىنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلسە، ئۇ ھالدا پەقەت يانفون سىستېمىسى، يەنى iOS قىسمىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق LTE تورىنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، جۇڭگو، مەھسۇلات
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,712 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: apple-iphone-5s-iphone-5c-china-operator.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone 5S/5C/5 ئۈچىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش سېلىشتۇرمىسى – ھازىرقى iPhone 5 كە قارىغاندا نەرى ئوخشىمايدىغاندۇ؟
- كېيىنكى يازما > Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
ئالمىغا جوڭگونىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلسە قىزىق بولىدىكەن…. قىپقىزىللا ئالما بوپتۇ بۇ قېتىم.
جوڭگودا نۇپۇس جىق بولغاندىكىن مۇشۇ يەردە ساتقۇدەك بۇلار
ما ئۈچ ج دىگەن ئاداش بىزنىڭ يۇرتلادا ئۇمۇملاشماي تۇسا تۆت ج دەپ قۇقۇپتۇ مالا …
يېقىندا يېڭى كارتا بىجىرمەكچىدىم ، چىمنىڭ ئۈچ ج تور سۈرئىتى تىز ھەم مۇقۇمدۇ ؟ مەنغۇ كۆچمە خەۋەرلىشىنى پەقەت بەلەن ئەمەسكەن دەپ ئاڭلىغان …
ئىشلىتىپ باققان خۇماداشلا بىژ ئېغىزدىن دەپ باقساڭلا بوپتىكەن ، ئۈيەم قەشقەنىڭ بى سەراسىدا ، تىلىگراف بەلەنمىدۇ بىرلەشمىمۇ ؟
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بۇلىدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەخلەت،جىق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3g كارتىسى ھەقىقەتەن ياخشى
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنى ماختىغان ئادەمنى تۇنجى كۆرىشىم ….
مەنمىغۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ىۇزۇن يىللىق ىېشتىراكچىسى، ھازىرغىچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىنىڭ ياخشى قارالغان بىر قانچە كەسىپلىرىنى ىاڭلىغان، بىراق كۆچمە خەۋەرلىشىشنى ماختىغاننى ىاڭلاپ باقمىدىم،
تېلگىرافنىڭكىنى ئىشلىتىڭ. چەت يەرلەردىمۇ ئىشلەيدۇ. بىرلەشمىنىڭ شەھەرلەردە ياخشى،ناھىيىلەردە ساتىدىغان پۇكىيىدە ياخشى، يېزا بازارلاردا يوق دېيەرلىك…
تەلبا كۈسەن ھەۋەسكار دىلمۇرات ئۇماق قۇزام ھەممىڭلاغا بەك رەھمەت ، شۇندا قىپ بىرلەشمە دۇكان ئاچىدىغان تۇنۇشۇمدىن 186 كارتىدىن بىرنى بىجىرىپ تۇدۇم ، بىرە ئاي ئىشلىتىپ باقاي ، يارىماي قاسا تېلىگرافنى ئىشلىتەمە
186 كارتىنى ئۇنداق تاشلىۋېتىمەن دەپلا تاشلىۋەتكىلى بولمايدىكەن!
مەنمۇ بىرنى بىجىرگەنتىم. تورغا ھەرھالدا ياخشى چىقىدىكەن ئەمما توردىگەننى دەھشەت يەپ قۇيدىكەن….
ياقمىغان يەرلىرى…
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ مۇلازىمىتى ھۆددەس ياقمايدۇ”
ھەرقانداق بىر كەسىپ بىجىرسەك” چۇقۇم باش زالغا چىقماق زۆرۈر
تاشلىۋېتەي دەپ تاشلىۋەتكىلى بولمايدىكەن”….
شۇنداق قىلىپ. كارتامنى خەقكە مۇتقا بېرىپ ئاستا كۆچمە خەۋەرلەشىشكە چىقىۋالدىم…
ھىھ
بۇ كارتىنىڭ ئىچىدە 720كوي بامىش،66كويلۇق تاۋسەننى مەجبۇر ئىشلىتەمىشمە، 24ئايغا بۈلۈپ بەرگۈدەك ، 300 ئېقىم 100مىنۇت سۆزلىشىش ۋاقتى باكەن ، مەملىكەت ئىچىدە مەنيوۋ ھىساپلىمايدىكەن، ئۇزۇن قىسقا يول ھەممىسى بىژ يېرىم موچەن دەيدۇ
بۇ كارتىنى مىنىڭ شىمبىڭجىرىمغا بىجەمىگەن ، ھەم بىر موچەنمۇ پۇل تۈلىمىدىم ، ھىساپلاپ باقسام ھەر ئايدا 30كوي تۈلەپ قويساملا بىمالال ھاجىتىدىمدىن چىققۇدەك ،مۇشۇنى ئىشلەت دىدى بىكالىق مۇشتىن يانما دەپتىكەن ، ئىشلىتىپ قۇياي دىدىمغۇ …
پىكىر بەگەن ھەممىڭلاغا بەك رەخمەت ئەمسە
كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەخلەتمىشكە .، ما گەپكە بىر يىرىمنىڭ بىر يەلىردە كۈلىۋەتتىم .،.
قىنى بۇ ئالمىلارنى بىرلىكتە يەپ باقايلى ،قايسىسى تەملىك بوسا شۇنى يەمىز،قاندا دىمىدىم باللا.
مەنغۇ ئايفۇننى ئىشلىتىپ باقمىدىم.ئانچە مۇنچە ئويناپ باقتىم.مۇشۇ يېزىقىمىزنى بىمالال ئىشلىتىشتە، يەنىلا ئاندىرويىد سېستىملىق يانفۇنلا ياخشى دەپ ئويلايمەن.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنى ماختاپ قالدىڭلار،بۇ يەردە ئۆزۈم ئېلىپ بارغان ئازراق مىسالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ كىتەي دەپ قالدىم.
ئۈچ دانە ئالما 4 تېلېفۇندا ئۈرۈمچىدىكى 3-كۆۋرۈك تەرەپتىكى بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىدە سىنىشىپ قالدۇق،ئۈچىلىسى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان ئىدى.تور ئېقىم مىقدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قىستۇرمىنى قاچىلىدۇق. ئاندىن دەسلىپىدە تېلېگىرافنىڭ 3G كارتىسىدا ئەپ بازىرىدىن بىر دانە ئەپنى چۈشۈرۈش بۇيرۇقى بەردۇق،45/50kb ئەتىراپىدا چۈشتى.بىرلەشمە 3G كارتىسىدا بۇيرۇق بەردۇق.50/60kb سۈرئىتىدە چۈشتى. كۆچمە 2G ھازىر ھەممەيلەن دىگۈدەك ئىشلىتىۋاتقان كارتا شۇ.چۈشۈرۈش تىزلىكى 30/40kb تىزلىكىدە چۈشتى. چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئاۋۇ نەچچە مىلىيونلاپ ئېلان بېرىپ ماختاۋاتقان 3G كارتىلارغا يىتىشىۋالاي دىگەن ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە دىگۈدەك تارتىدىغان كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسىنى ئازراق ماختاپ قويدۇم،ئەپۇ قىلارسىلەر. ئۇزۇن يىللىق ئىشلەتكۈچى بولغاچقىمۇ ھىس قىلغىنىم شۇ. كاساپەتنىڭ چاتاق يېرى باھاسى قىممەت،كەسىپلىرىنىڭ بېجىرلىشى باشقا تېلېگىراف ئورۇنلىرىدىكىدەك تىز ئەمەس.
3g تور بىلەن 2g تورنىڭ سۇرئىتى خىلىلا پەرىق قىلىدۇ. سىز مىسالغا ئالغان ئاۋو سان سىفىرلار ئالما ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۋاتقاندىكى تىزلىك ئالما ئەپ بازىرى بىر نەرسە چۈشۈرسە جۇڭگۇدا خىلىلا ئاستا. يوكۇ دىن بىرەر نەرسە قويۇپ ئاندىن سۇرئىتىنى كۆرۇپ بىقىڭ؟ كۆچمە 3G تورغا رايۇنىمىزغا ئانچە كۈچەپ بولالمىدى ئۇسكىنە جەھەتتە ئاۋۇ ئىككى شىركەتتىن خىلىلا يىراقتا
تېلگىراف بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ ھەر قانداق يەردە ئىشلەيدۇ. لىكىن پۇل بەك كىتىدۇ.بەك قۇيمىچى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ3Gتورى يوق.ھەم جۇڭگۇ بىر دولەتتىلا ئىشلەيدۇ.بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ177دولەتتە ئىشلەيدىكەن.شۇڭا چەتئەل تەخنىكىسى بولغاندىن كىيىن تەرەققىيات تىز دىگەن گەپ،بىرلەشمەخەۋەرلىشىش يىل ئاخىرىدا4Gتورنى يولغا قويدىكەن. ھەم كا تارقىتىدىكەن.ھازىر ئۇسكۇنلەرنى ئالماشتۇرۇش باشقۇچىدا ئىكەن.
3Gتورنى ئىشلىتىمەن.ئەرزان ئىشلىتىمەن دىگەن دوسلار بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنى تاللىسا بولىدۇ.
قىممەترەك تورنى ئىشلىتىمەن دىگەن دوسلار تېلگىرافنى تاللىسا بولىدۇ.مەن ساقچىلارنىڭ1899963xxxxكارتىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ شۇنداق قاقشاۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ تۇرمەن.
كونا يىڭىلىق يوق ھەممىگە پۇل تۇتىدىغان تورنى ئىشلىتىمەن. دىگەن دوسلار كوچمە خەۋەرلىشىشنى تاللىسا بولىدۇ.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3 ج تورى ھەقىقەتەن ياخشى مىنىڭ ئىشلىتۋاتقىنىم دەل 3ج تورى بەزى ۋاقىتلاردا سۈرئىتى 300 400 كېبېغىمۇ چىقىپكىتىدۇ ئىشلەتكەنلەر بىلسىلەر سىن پاراڭلاشساڭلامۇ ئىنتايىن نورمال كۆچمە خەۋەرلىشىشتە سىن پاراڭلىشىپ بىي سىناپ بىقىڭلا ئاندىن 3ج نى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بىقىڭلا پەرىق مانا مەن دەپلام چىقىدۇ !
تورخۇمار ئەپەندىدىن سورايدىغان بىرسۇئالىم بار ئىدى،سىزبۇرۇنقى تەدبىركاربىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇمۇ؟
تورخۇمار ئەپەندىم ئالدىراش ئوخشايدۇ، مەنلا جاۋاپ بەرگەچ تۇراي ئەمسە، تورخۇمار ئەپەندىم، دەل تەدبىركار ئەپەندىم دەل ئۆزى شۇ، تەدبىركار ئەپەندىم ھازىرقى تورخۇمار ئەپەندىم ئاشۇ شۇ، ئىلگىرىكى تەدبىركار ئەپەندىم بىلەن ھازىرقى تورخۇمار ئەپەندىم ئىككىسى بىر ئادەم. تەدبىركار دىمەك تورخۇمار دىمەكتۇر، ئەلۋەتتە تورخۇمار بىلەن تەدبىركار ئىككىسى بىر ئادەم ، تەدبىركار بىلەن تورخۇمار ……………
بولدىلا ئاخىرىنى ئۆزۈڭلا چۈشىنىپمۇ بولدۇڭلار ھەقىچان………
ئەگەر تورغىلام چىقماقچى بوساڭلا 3G ھەقىقەتەن ياخشى،يىراق سەھرادا سىگنال ياخشى بولمىسا ئامال يوق…
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ھەقىقەتەن بۇلىدۇ، ناھايتى ئەرزانچىلىق. شۇ پات-پات پائالىيەت ئۇ بۇ سوۋغا دىگەندەكلە كۆپ ئەمەس.
يا ئاللا، ما باللىنى، ئاۋۇ ئۈستىدە ئالما توغرىسىدا گەپ قىلسا، پەستە ئۆرۈك-شاپتۇلنىڭ گېپى بوپ كېتىپتۇ دېسە.
ھەپ بوپتۇ، مەنمۇ بىژ-ئىككى ئېغىز سۆزلەي، نىمىلا دېگەن بىلەن ھەر قايسىسىنىڭ ئاز تولا ئارتۇقچىلىقلىرى بار. مەسلەن ئالايلۇق، مېنىڭ بىرلەشمە بىلەن تېلىگىرافنىڭ پۇل قاچىلايدىغان ئورۇنلىرى بىلەن پەقەت خوشۇم يوق. تېلفۇن توختاپ قالسا ئىتتىك بېرىپ پۇل قاچىلاي دېسە يا پۇكەيدە ئەدەم يوق، يا ئاپتوماتىك ماشىنىسى چاتاق. شۇ ئاچچىقىمدا كۆچمىگە كۆچەپتىكەنمە، مەيلى كەش، مەيلى كۈندۈز ئىشقىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ پۇل قاچىلىيالماي تۇرۇپ باقمىدىم. نەگە بارسام با پۇل قاچىلاش ئورنى، ئەڭ ياخشى يېرى شۇ، باشقا جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بەك يوق.
خۇماداشلا بەك بەلەنكەن، تىما بىر يەدە قېپ شۇندا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپتۇ ، خېلى جىق نەسە بىلىۋالدىم ، يەنە بىژ قېتىم رەھمەت
ۋاھ ئەمدى ماۋۇ كىرسە
بىزنىڭ خەن يولداشلار ئۆپكە ئۇچەي بۆرەكلىرنىنى سېتىشقا تەيارلانغا بولغۇدەك
بىرلەشمە ئىنتايىن ياخشى ، مىنىڭ nokya 800 ئىنتايىن تىز سۇرئىتى 350 دىن 450 kb ماڭىدۇ ، مەنمۇ بۇرۇن كۆچمە ئىشلىتەتتىم ،بەك ئاستا جۇمۇ .غەزەپ زادى ئاستىلىقى ، بۇرۇن بىلمەپتىكەنمە ، بىرلەشمىنى ئىشلەت كەندىن كىيىن كۆچمىنىڭ مېڭىشى ئېشەك بولسا بىرلەشمىنىڭ بولسا تىزسۇرەتلىك پويۇز جۇمۇ !!!!!
بېيجىڭدا بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەرقايسى جەھەتتە كۆچمە ۋە تېلىگرافنى بېسىپ چۈشىدۇ ، ئەمما ئۆيگە قايتسامزە ، كۆچمە ئەڭ ياخشى بىرلەشمە ھەرقايسى جەھەتتە يېتەلمەيدۇ
مەن بىر 154 دىگەن نۇمۇر نى ئىشلىتىمەن ئامىرىكا
كالفورنىيەنىڭ !