سۈرلۈك، ئەمما ئەقىل سىنايدىغان يەنە بىر فەچەت ئويۇن – دوزاخنىڭ چېگرىسىدا(Limbo)
سىغىمىنىڭ كىچىكلىگە قارىماي، ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان كۆرۈنمە يۈز ۋە ۋەقەلىكى ئاجايىپ نەپس ئورۇنلاشتۇرۇلغان نادىر ئويۇن – Limbo. ئويۇننىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى، ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەنگەن ھەر بىر ئۆتكەل سىزدىن ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بىر ئويناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
پۈتكۈل ئويۇن جەريانىدا سىزنى يېتەكلەيدىغان بىرەر دېئالوگ ياكى كۆرسەتمە كۆرۈنمەيدۇ، بۇ قارىماققا بىر ئاز تەۋەككۈلچىلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما Limbo نىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىرلارنى يېشىش جەريانى سىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋېلىشى ئېنىق. ئويۇن بىر خىل قاراڭغۇ، قورقۇنچلۇق ئورمانلىقتىن باشلىنىدۇ، گەرچە كىشىگە سەل سۈرلۈك تۇيغۇ بەرسىمۇ، ئەمما سەنئەت پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئادەمنى تۇيۇقسىز قورقىتىۋېتىدىغان ئېلىمېنتلار يوق.
ئويۇننىڭ سىغىمى 70MB كېلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ يوق دېيەرلىك. بىراق سىز ئويۇننى چۈشۈرۈپ ئويناشقا باشلىغان چېغىڭىزدا، بۇ كىچىككىنە ئويۇنغا يوشۇرۇنغان بۇنچىلىك سىرلارنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزگە بېشىڭىزنى لىڭشىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. پرېستىن يېشىمىز؛
2. setup.bat ئارقىلىق قاچىلاشنى باشلايمىز؛
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
Limbo نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، سىرلىق، قورقۇنچلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,642 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 08-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: limbo.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقىقى پۇتبول 2012 سىناق كۆرگەزمە نەشىرى ئېلان قىلىندى!
- كېيىنكى يازما > چەتئەللىك تورداشلار سۈرەتكە ئالغان قېتىشما ئوق بېشى(合金弹头) ئويۇنىنىڭ ھەقىقىي ئادەم نۇسخىسى!
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
خۇدايا توۋا …. ھەممىسى تالىشىدىغان يەر مۇشۇ شۇما ؟!
مەنمۇ بېرىپ ئويناپ باقمىسام بۇ ئويۇننى !
ئاخشامدىن بېرى ئويناپ تۈگەتتىم، دىۋانغا مەجبۇرى قىستىلاي، ھەزرەت سەل ئىچىگىراق ئولتۇرىڭە
ھەي ئۈچەيلەن پاتىلى ماۋۇ دىۋان دىگەن شاھنىڭ ئورنىغا، سەل قىستىلىڭلارچۇ
ئاڭلىسام تەدبىركار ئۆزى بىر قوللۇق ئويناپ ئاخىرلاشتۇرۇپتىمىش، مەنمۇ ئويناپ باقاي بۇنى !
ئىلگىرى بۇ ئويۇننىڭ بەزى ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ خېلى قىززىققان ،،، قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي !
پەيزى ئويۇنكەن
راست ئېسىلكەن! ئىچىگە كىرىپلا كەتتىمغۇ بۇنىڭ
مەنمۇ بىر ئويناپ باقايچۇ
بۇ ئويۇننى بۇرۇن بىر مۇنبەردە كۆرۈپ ئوينىغۇم كەلمىگەن، ئەمما ما چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆرۈپ …
قارام ئۇيۇن بولىشى مۇمكىن،ما!1تەدبىركار ئەدەمنى ئۇيۇنغا تۇتۇپ دەيمە…
بىر ئويناپ باقاي قىنى مۇشۇ سۈرلۈك ئويۇننى
مۇشۇنداق سىر يېشىدىغان ئويۇننىڭ ئايفون، ئايپەدلەردە تۈرلىرى، سانى بەكلا كۆپ. دەسلەپكى 1~2 نى ئويناپ تازا قىزىقالمىدىم. كومپىيۇتېردىكىنى ئويناپ كۆرۈش كېرەكمىكى
چۈشۈرگىلى بوممىدى ،چۇشۇرۇشنى باسسام نۇرمال ئەمەس…
ئەمدى مەنمۇ چۈشۈرۈپ ئويناپ باقاي
ئەمما ماۋۇ ئۇيۇننى چۈشۈرۈپ قۇيۇپ بىرىنچى ئۆتكەلدىنلا ئۆتەلمىدىم.
11 – ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدۇ ؟ يوغان ئۆمۈچۈكتىن ئەجەپ قۇتۇلالمىدىم
سىز ئۆمۈچۈكنىڭ قىشىغا كەلگەندە ئۇ پۇتى بىلەن بىرنى سانجىدۇ. ئاندىن كەينىگە قاراپ ماڭسىڭىز دەرەختىكى توزاق يەرگە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز توزاقنى ئۆمۈچۈكنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ، ئۆمۈچۈكنىڭ پۈتىنى قىسىپ يۇقىتىسىز…
31-ئۆتكەلگە كەلدىم
چۇشۇش ئالدىدا
مەنمۇ بىر ئويناپ باقاي
مەن 31 مەيداندىن ئوتەلمىدىم
مىنىڭ بونداق قاراڭغۇ سۈرلۈك ئۇيۇن بىلەن خۇشۇم يوقتى شۇنداق بولسىمۇ بىر ئويناپ كۈرەي