نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

ھەقىقى پۇتبول 2012 سىناق كۆرگەزمە نەشىرى ئېلان قىلىندى!

KONAMI نىڭ دېيىشىچە، پەخرلىك مەھسۇلاتىدىن بىرى بولغان ھەقىقى پۇتبول 2012 مۇشۇ يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن. قوشۇلغان ئىقتىدارلار خېلى كۆپ بولۇپ، سىرتقى قىياپەتنى سىكاننېرلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق سىز ئويۇندا پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە ئوخشاش قىياپەتتىكى پۇتبولچىدىن بىرنى لايىھەلەيدىكەنسىز، ئۇنىڭدىن سىرت يالغان ھەرىكەتلەرنىمۇ تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ھەرخىل يالغان ھەرىكەت، ئالداپ ئۆتۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكىدەك لايىھەلىگى بولىدىكەن. نۆۋەتتە ئويۇننىڭ Demo نەشىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، PES2012 نى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقان تورداشلارنىڭ ئويناپ كۆرۈپ بېقىشى ۋە يېڭى نەشىرىدىكى يېڭىلىقلاردىن ئەڭ تېز ھالەتتە خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن تورخۇماردا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

كۆرۈنمە يۈز بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ھەقىقىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تېخىمۇ ھەقىقىيلەشتۈرۈلگەن ئادەم چىرايى ۋە رېئاللىقتىكى پۇتبولچىلارنىڭ ئۆزگە خاس بولغان پۇتبول ماھارەتلىرىدىن ھوزۇرلىنالايدىكەنمىز. ئۇنىڭدىن سىرت مەزكۇر نەشىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى تەڭ كونترول قىلغىلى بولىدىكەن.

ئويۇندىن بىر پارچە كەسمە:

ئويۇندىن بىر قىسىم نەقمەيدان كۆرۈنۈشلىرى:

قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپ:

ئەڭ تۆۋەن سەپلىمە:

Windows XP SP3, Vista SP2, 7
Intel Pentium IV processor 2.4GHz or equivalent
1 GB of RAM
DirectX 9.0c compatible video card. Pixel shader 3.0 with 128 MB of RAM (NVIDIA GeForce 6600 or ATI Radeon x1300)

تەۋسىيەلىك سەپلىمە:

Windows XP SP3, Vista SP2, 7
Processor Intel Core2 Duo 2.0GHz or equivalent
2 GB of RAM or better
DirectX 9.0c compatible video card with Pixel shader 3.0 512MB RAM (AMD ATI Radeon HD2600 or NVidia GeForce 7900 or better)

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

PES2012 نىڭ Demo نەشىرىنى چۈشۈرۈش |     مەنبە: torhumar.com



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەگزادە 2011.08.25 , 23:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان؟

  2. جۇغلان 2011.08.25 , 23:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھې ھې

  3. بەگزادە 2011.08.25 , 23:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا ماۇىمۇ دىۋان تەگدى..:lol:
    پوتبول، ۋاسكىتبول ئۇيۇنىنى مەن ياختۇرىمەن

  4. بەگزادە 2011.08.25 , 23:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنكاسىمىز نى تەھرىرلىگىلى بولمامدۇ… دىۋانغا ئالدىراپ خەتنىمۇ خاتا يىزىپتىمەن:oops:

    • جۇغلان 2011.08.25 , 23:34

      شۇ شۇ ! مەنمۇ ئالدىراپ تىنەپ (ھې ھې) دەپلا دىۋاندا ئولتىراي دىسەم ، مەندىن تىز چىقىپلا!

  5. جۇغلان 2011.08.25 , 23:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ شۇ ! مەنمۇ ئالدىراپ تىنەپ (ھې ھې) دەپلا دىۋاندا ئولتىراي دىسەم ، مەندىن تىز چىقىپلا!!!

  6. پاسىبان 2011.08.26 , 01:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ پۇتبولغا ئۆزۈمنى ھەرقانچە زورلىساممۇ پەقەت قىزىقالمايمەن. شۇڭا ئويۇنلىرىنىمۇ ئوينىغىم كەلمەيدىكەن. Dirt3 نى يوللاپ قويىلى، شۇ ئويۇن پەچەت مانا.

  7. www.yanfun.cc 2011.08.27 , 16:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    14 يىللىق پۇتبول ئويۇنى ئويناش ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن pes2012 نى ئوينىماسلىققا ئامالىم بولمىدى :mrgreen: . ھەقىقەتەن چىنلىقى يۇقىرى بولغان ئويۇننىڭ بىرى بۇ .

  8. پرېستان 2011.08.28 , 02:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    PES8 كە يەتمەيدىكەن.:idea:

  9. نۆل ۋە بىر 2011.08.29 , 16:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس گەنجۆ pes8دە چىقىدۇ!!

  10. ئەلشات 2011.08.30 , 12:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن پەچەت ئويۇن جۇمۇ مۇشۇ پۇتبول دىگەن

  11. ئىليار 2012.01.05 , 20:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشۈرگىلى بولمىدى ….

  12. فەخرى 2012.09.03 , 17:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسەلامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلا تۇرخۇمار دەپ بىكا ئيتماپتىكە مەنمۇ خۇمار بۇپ قالدم دىسە…….:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量