نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

رىۋايەتلەردىكى «ئالمىچى بوۋاي» – سىتيۋ.جوبز زادى قانداق ئادەم؟

steve-jobs-is-what-kind-of-person

سىز بەلكىم سىتۋى جوبىز(Steve Jobs)دەپ ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما  ئۇ كىشىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۇنيا يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىۋاتقان داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتئالما يۈرۈشلۈكلىرىنى ئىشلىتىپ باققانسىز، ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىغانسىز ۋە ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تور ۋە گېزىت ژۇرناللاردىن كۆرگەنسىز…

شۇنداق كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سىتۋى جوبىز ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان  ئادەتتىكى تاشقىرى تالانت ئىگىسىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ قىسقا ھاياتىدا ئىنسانىيەتنىڭ خېلى يىللاردىن بىرى ئىپتىدائىيلىشىپ قالغان مۇزىكا، يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىق  ئالتە چوڭ ساھەسىدىكى قاتماللىققا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان سودا قائىدىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىش-ئىزلىرىنى بىز بۇ يەردە بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن دەپ بولالمايمىز.

سىتۋى جوبىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن،  ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئىجتىمائىي تەسىرى ئاۋۋالقىدىن نەچچە ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. ئۇ بىر تالانت ئىگىسى، نۇرغۇن ياشلارغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچى ئاتا قىلغۇچى.  ئەمما، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۇ سىزنىڭ ئۈلگىڭىز ئەمەس،  چۈنكى ئۇ مەكتەپتىن يېنىپ چىققان، مەكتەپتىكى مۇنتىزىم قېلىپ ھەم كونا پاسوندىكى دەرسلەردىن ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىچكى دۇنياسىغا ئەگىشىشنى ئارتۇق بىلگەن. شۇڭا ئۇ ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ئەمەس. ئەگەر ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساقمۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىز ئارزۇ قىلىدىغان ياخشى كىشى ئەمەس. لېكىن ئۇ بىر ئىنقىلابچى، قەھرىمان، ئىسلاھاتچى.
ئۇنداقتا، جوبىز زادى قانداق ئادەم؟ بىز بۇنى تۆۋەندە تەپسىلىي كۆرۈپ باقايلى:

1. ئۇ تولىمۇ شەپقەتسىز، رەھىمسىز ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ھەمشىېركلىرىگە ھاياتلىق يولى قالدۇرمايدىغان ئادەم.

بىل گېيتىس بولسا بىر ئۇلۇغ ساخاۋەتچى، ئەمما جوبزنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن قەتئىي خوشى يوق، ھەمدە ئۇ ئوچۇقتىن-ئوچۇق مۇنداق دېگەن:«مەن ھەر قانداق شەكىلدىكى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى رەت قىلىمەن». ئەمدى بىز بۇ گەپنى قانداق چۈشىنىمىز،  ھەقىقىي مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان بىر-بىرىدىن ئېسىل مەھسۇلاتلىرى  ئۇنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قىلغان «خەير-ساخاۋەت» ىدىن ئىبارەت.
ئالما نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا  يانفون بازىرىنىڭ %50 پايدىسىنى چاڭگىلىغا ئېلىپ بولدى. ئەمما ئۇنىڭ جاي-جايلاردىكى ۋاكالىتەن ساتقۇچى ۋە باشقا تۈردىكى ھەمكارلىق ئورناتقان شىركەت بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشەلمىدى ياكى  قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى. دەل مۇشۇ خىل  بېسىم سەۋەبىدىن Foxconn شىركىتى «سوغۇق زاۋۇت» قا ئايلىنىپ قالدى. نۆۋەتتە، ئالما شىركىتىنىڭ مونوپوللۇق ئورنىغا باشقا شىركەتلەر پۇت ئاتالمايدۇ، ئادەمنى تېخى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئالما شىركىتىنىڭ بۇ خىل ئىپادىسى مۇشۇ ساھەدىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

2. يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى بەربات قىلىش

ئالما شىركىتى دۇنيادىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى شىركەتلەرنىڭ بىرى، جوبىزنىڭ مۇنداق قائىدىسى بار: « ياكى مەن بىلەن ئوينايسەن، ياكى بۇ يەردىن چىقىپ كېتىسەن!» بۇنىڭدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇ يېڭىلىق يارىتىش، رىقابەت ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى بەربات قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تىكلىگەن. شۇنداق، ئالما شىركىتى  مۆجىزە خاراكتېرلىك يېڭىلىقلارنى ياراتتى ۋە  بىز بۇندىن بۇرۇن «يېڭى» دەپ قاراپ كەلگەن تېخنىكىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئېسىمىزگە سالدى.

3. ئالما مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر

«جوبىزنىڭ مەھسۇلاتى چىقىشتىن بۇرۇن بىر نۇرغۇن قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، مەھسۇلات چىقىپ بولغاندىن كېيىن، بىز يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز»- مانا بۇ دۇنيادىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېچىنىشلىق نىداسى.
جوبىز مانا مۇشۇنداق ئادەم، ئۇنى ئۈلگە قىلماڭ، بەرىبىر سىز ئىككىنچى ئالما شىركىتىنى قۇرالمايسىز، ئۇ باشتىن ئاخىرى بىر ئاددىي ئادەم، ئۇ ئۆزىنىڭ مەنسىپىنى پەش قىلىپ باقمىغان. ئەمما ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن، خىزمەتداشلىرىنى مىليونېرغا ئايلاندۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى تاماملىدى. شۇڭا، نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپتىكى ياشلار ئۇنى ئالدىراپ ئۈلگە ياكى دوراش ئوبيېكتى قىلماڭ، دورايمەن دەپ دوراپ بولالمايسىز، ئۇ ئاشۇنداق «ياخشى» ۋە ئاددىي ئادەم.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ياۋايى 2012.02.20 , 20:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان مانا …ھەجەپ راھەت

  2. ياۋايى 2012.02.20 , 20:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك قورقۇنۇشلۇقمۇ يا بۇ ئادەم … :arrow:

  3. تىكەن 2012.02.21 , 01:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆلۈپ قالدى( تۇرپانچە دەپ قوياي:mrgreen:) دە بىچارە!
    ئۆلمىگەن بولسا تېخى جەڭ ئېلان قىلاي دىگەن!(ئۇرۇشتىن كېيىن قەھرىمان جىق دىگەن مۇشۇ شۇ!)
    بىچارە، ھېچكىمگە ساخاۋەت قىلمايمەن دەپ يە بايلىقىنى ئېلىپ كېتەلمىدى، يا باللىرىغا بەرمىدى، ئۇنىڭدىن كۆرە خەققە ئىئانە قىلىۋەتسىچۇ!

  4. بۆرە 2012.02.21 , 03:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما ھەقىقەتەن ئىسىل مەھسۇلات ..ئۇيغۇرلاردىمۇ مەخسۇس ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تۇنۇشتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە ئالما تور بىتى بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى

  5. ۋىروس 2012.02.21 , 11:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا چىقىپ كەتكەن . دىمەك مەن ئۈلگە قىلسام بولغۇدەك ، سىلەر باشقا ئىش قىلىڭلار …

    • ئۇيغۇربەگ 2012.02.23 , 01:08

      ۋىروس ماركىلىق بىر نېمە چىقارسىڭىز بولاتتى!

  6. غېرىپ 2016.04.04 , 23:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما تىلفۇن ئالاممىغاندىكىن دەپ ، باغدىن ئۈزگەممى تۇتاي دەپ ئىككى كۈن تۇتساملا سېسىپ كەتتى:mrgreen:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量