سېھىرگە تولغان ھايات! داڭلىق سېھرىگەر -داۋد كوپپورفىلد(David Copperfield)نىڭ ھېكايىسى
ئۇ ئامىرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىدا، بىر نامرات كۆچمەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىنچاق، ئىچ مىجەز بولۇپ، ھېچنىمىنى بىلمىگەچكە تەڭتۈشلىرى ئۇنى ياقتۇرمايتى. ھەر قېتىملىق ئىمتىھانىدا، ئۇ ھامان ئارقىدىكى بىرقانچە قاتارىدا ئىدى. ئۇ دائىم تارتىنىپ تۇرۇپ« بىلمەيمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەچكە ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇنىڭدىن سۇئال سورىمايتى. كۆپچىلىك ئۇنى « دۆت، ساراڭ قېتىش» دەپ قارايتى…
بۇرادەرلىرى ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ، ئۇ مەڭگۈ مەغلۇبىيەتچى، مەغلۇبىيەت بىلەن قېرىنداش، دېيىشەتتى. خوشنىلارمۇ ، بۇ بالا كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئىشنى بىر باشقا ئېپچىقالمايدۇ دېيىشەتتى. ئۇ تىرىشقان بولسىمۇ نەتىجىسى كۆرۈلمىگەنىدى. دەرسلەردىكى تىرىشچانلىقى نۆل ئىدى.
ئۇ ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرغىنىدا، مەكتەپكە بېرىشتىن، يەنە مەسخىرىگە قېلىشتىن قورقاتتى. ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئۇ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئوتلاقتا خۇشال ئويناۋاتقان بالىلارغا قاراپ كەلگۈسىدىن ئۈمىتسىزلىنەتتى.
كۈنلەر ئۆتمەكتە. مەكتەپ ئۇنى نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرمەكچى بولدى.
بىر قېتىم ئۇ بىر بوۋاينىڭ چاشقان تىتىۋەتكەن بىر دوللار پۇلغا قاراپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزى يىغقان بىر دوللار پۇلىنى بوۋايغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇنى سېھىر ئىشلىتىپ پەيدا قىلدىم ، دەيدۇ. بوۋاي چەكسىز مىننەتدار بولۇپ، ئۇنى سەمىمىي ھەم ئاقكۆڭۈل بالا دەيدۇ.
دادىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى بوستونغا ئاپارماقچى بولىدۇ. ئۇ « بوستونغا ماشىنىدا بارغىلى بولىدۇ» دەيدۇ. دادىسى « ئۇنداقتا ماشىنىدا بارايلى» دەيدۇ. ئەمما، ئارلىقتىكى بىر بېكەتتە دادىسى نەرسە سېتىۋالغىلى چۈشۈپ، ماشىنىغا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. ماشىنا ئۇنىڭ ۋاقىراشلىرى ئىچىدە ئالغا ماڭىدۇ. ئۇ بەكلا قورقۇپ« ماشىنا بولمىسا دادام بوستونغا قانداق بارار » دەپ ئويلايدۇ. ماشىنا بوستونغا بارغاندا قارىسا، دادىسى بىكەتتە ساقلاپ تۇرغان، ئۇ ئۆزىنى دادىسىغا ئېتىپ، دادىسىنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى سورايدۇ. دادىسى« ئات مېنىپ كەلدىم» دەيدۇ.
ئۇ بەكلا ھەيران قالىدۇ. دادىسى « پەقەت مەنزىلگە يەتسەكلا قانداق ئۇسۇل بولسا، نېمە كارىمىز، ئوغلۇم، سېنىڭ ئۆگىنىشتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىم ھەرگىزمۇ باشقا تەرەپتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىڭدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز باشقا بىر شەكىلنى ئالماشتۇرۇپ باقايلى » دەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇ بىردىنلا ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك بولىدۇ.
كېيىن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقى تۈپەيلى ئازاپلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ناۋادا بىر سېھرىگەر بولۇپ، ئۇلارغا ياردەم بەرسەم گەرچە يالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھىي ئازابىنى بىرئاز بولسىمۇ يەڭگىللىتەرمەن، دەپ ئويلايدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ سېھرىگەرلىككە ئىشتىياق باغلاپ، سېھرىگەرلىكنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.
ئۇ ئۆز غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى باشلىۋىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇستاز بولغان سېھرىگەر ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە تالانتى بارلىقىنى ، ناھايىتى تېز ئۆگىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئەسلىدىكى ئاساستا يېڭىلىق يارىتالايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ناھايىتى تېزلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى ئۇنىڭغا يېتىشەلمەي قالىدۇ. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئالماشتۇرىدۇ . شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە، ئۇ تۆت سېھرىگەرنى ئالماشتۇرىدۇ.كېيىن ئۇ نامى مەشھۇر سېھرىگەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇ دەل –داۋد كوپپورفىلدتۇر.
بەزىلەر ئۇنىڭدىن قانداق مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنى سوراشقىنىدا ئۇ « دادام ماڭا، مۇۋەپپىقىيەت مۇقىم بىر بېكەت، بىز قانداق يېتىش ئۈچۈن باش قاتۇرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماشىنىدىكى ئورۇننى تالىشىدۇ. ئورۇن قالمىغانلار كېيىنكى ماشىنىنى ساقلايدۇ. ئەمما، بىز نېمە ئۈچۈن ئاتقا مىنىڭ ياكى پاراخۇتقا ئولتۇرۇپ مەنزىلگە يېتىشنى تاللىمايمىز؟ ئۇنداق بولغاندا، بىزمۇ بارالايمىز ئەمەسمۇ؟ دېگەن. بىز پەقەت شەكىلنى ئالماشتۇردۇق ، خالاس.
ئاخىرىدا داۋد كوپپورفىلد يەنە « كېيىن مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دادامنىڭ ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدىم » دېگەن.
ئۇنىڭ داڭلىق سېھرىگەرلىك ماھارەتلىرىدىن كۆرۈپ ئۆتەيلى.
سەھنىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىش
ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلىنى غايىپ قىلىش
سەددىچىن سېپىلىنى تېشىپ ئۆتۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىرلىق، سېھرىگەرلىك، سېھىرگەر، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,543 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: david-copperfield.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > رىۋايەتلەردىكى «ئالمىچى بوۋاي» – سىتيۋ.جوبز زادى قانداق ئادەم؟
- كېيىنكى يازما > نېمە ئۈچۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمايدۇ؟
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
ھاھا ،ئىككى دىۋان !
بۇ سېھىرگەرنىڭ ماھارەتلىرىنى بۇرۇن كۆرگەن بىراق ئاستىدىكى ئىككى ئەڭ قالتىس ماھارەتلىرىنى كۆرمەپتىكەنمەن ، يەنەبىر مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان داڭلېق سېھىرگەر بارتى ئېسىمى نېمىتى ؟!
ipad3 تىكى سىھرىگەرلىك دىگەن چاغدىلا مەن تىخى مۇشۇ ئادەمنى دەۋاتىدۇ دەپ ئاچقان ئىدىم، كىم بىلسۇن، تورخۇمار ئەپەندىم مۇ قىتىم مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى تىپىۋاپتۇ… مەن بۇ سىھرىگەرنىڭ نۇمىرلىرىغا بەكلا ئامراق، رەھمەت جۇمۇ.
مۇشۇ داڭلىق كىشىلەرنىڭ ھېكايىسىنى يازغاندا ئومومەن، بالىلىق چاغلىرىنى شۇنداق دۆت، دەرسلەردە ناچار… قىلىپ يازىدىكەن، بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت شۇنداق بالىلارغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈنمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن، قانداقلىكى داڭلىق كىشىنى سۈرۈشتۈرسە ھامانكى ئۇنىڭ كەينىگە تىنماس بىر تىرىشچانلىق يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
تورخۇمارمۇ بۇنداق يېزىپ ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەۋاتامدىكىن
دەرىسكە كاللىسى ئىشلىمىگەن بالىنىڭ، توپ تېپىشكە بولسىمۇ پۇت قولىش ئىشلەيدۇ، مەسلەن ياۋ مىڭ(姚明) بۇنىڭ مىسالى.
لېكىن بۇ ئاداش دائېم ئۈسكۈنە ئارقىلىقلا ئۈنۈم چىقىرىدۇ ، كەسپى ماھارەت يوق . مەسلەن ئا ئەركىنلىك ئىلاھىنى يوقىتىدىغان سېھىرى بولسا پۈتۈنلەي ئايلانما سەھنىنىڭ ياردىمى خالاس …..
ماۋۇسى ۋەششى لېكىن
http://6.cn/watch/3571834.html
بۇ ھەقىقەتەنمۇ قالتىس ماھارەتلەر ئىكەن.تورخۇمارغا ھەر بىر كىرگەندە خۇماردىن بىر چىقىدۇ-دە ئادەم! !!!!! تۇرخۇمار ئەپەندىنىڭ تىرشىچانلىقى ۋە ئەجرىگە رەخمەت !!!!!!!!!!!!!
مەن تاشنى پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن، ئۆگىنىپ بولغاندا تورخۇمار ئېلان قىلىدۇ
ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ دېسە، ھەۋەس قىلىۋاتىمەن!
ھەممىسى ئالدامچىلىق
بۈلۈپ تۇرۇپ كۆردىڭىزمۇ ….
بۇسىھرىگەر ھەقىقەتەن بەك ئىقتىدارلىق