نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

نېمە ئۈچۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمايدۇ؟

production-of-the-iphone-in-china

بىز ئۆزىمىز iPhone نى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىشنى خالىمايمىز. جۇڭگولۇقلار تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ بىز ئۈچۈن iPhoneنى قۇراشتۇرۇپ بېرىدۇ. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەلەيلىك ھېس قىلىمىز!

مەن يىقىندا بىر پارچە «جۇڭگو مېلىنى ساتقانلىق ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مېلىنى ساتقانلىق» سەرلەۋىلىك ماقالىدا مۇنداق دېگەن ئىدىم: ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىش ئېلپ بېرىش، ئالما شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئامېرىكىدا يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ ئامېرىكا كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى جۇڭگوغا ھۆددىگە بەرمىسە، ئامېرىكا يۇقىرىقى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ياسىمىچىلىق كەسپىدە نورمىدىن سىرت ئىش ئورنى يارىتالايدۇ. بۇ ئوقۇرمەنلەر جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئىش ئورنىنى تارتىۋالدى، چۈنكى يۇقىرىقى شىركەتلەر ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ياساشنى جۇڭگوغا ئورۇنلاشتۇردى دەپ قارىدى. مېنىڭچە بۇ بىر بىمەنە گەپ. بۇ يەردە مەن ئەستايىدىل بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
بۇ تېما ئۈستىدە ، مەن ئالدىنقى ھەپتە نۇرغۇن ئويلاندىم. بۇ تېمىمۇ «نيويورىك ۋاقىت گېزىتى» بىلەن «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەركىزى تېمىسى: بىز نېمىشقا ئامېرىكىدا iPhone نى ئىشلەپچىقارمايمىز؟

خۇددى «نيويورىك ۋاقىت گېزىتى» ئېلان قىلغان ھېلىقى ماقالىدا كۆرسىتىلگەندەك، بۇ دەل زۇڭتۇڭ ئوباما ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا Steve Jobs  بىلەن كۆرۈشكەندە ، Steve Jobsتىن تەلەپ قىلغان ئىش. Steve Jobs  ئۇدۇللا « بۇ ئىش ئورنى(پۇرسىتى) قايتىپ كەلمەيدۇ» دېگەن.
Foxconnشىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچى سودىگىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر شېنجېندا iPhoneقۇراشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ 230مىڭ خىزمەتچىسى بار. Foxconnشىركىتىنىڭ زاۋوت رايونىدا بانكا، تاللا بازىرى، كىتابخانا، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى، ساقچى ئىدارىسى، دوختۇرخانا ۋە باشقا نۇرغۇن ئەسلىھەلەر بار. بەزىدە كىشىلەر ئۇنى «iPodشەھىرى» دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ئاتالمىش «ئىش ئورنىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىش ئېففىكتى» غا ئاساسلانغاندا، Foxconn ۋاكالەتچى شىركىتىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى ياراتقان ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر سانى بۇ شىركەت بىۋاسىتە ياللىغان خىزمەتچىلەر سانىدىن زور دەرىجىدە ئېىشپ كېتىدۇ. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر iPhone زاۋۇتى ئامېرىكىغا جايلاشقان، ھەم 230مىڭ ئامېرىكىلىق ئادەمنى ياللىغان بولسا، قانچىلىك ئىش ئورنى پۇرسىتى بەرپا بولاتتى.
بۇ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بىر مەنزىرە، لېكىن ئېچىنىشلىقى ئۇ يەنە خېلى چاتىقى بار مەنزىرە. 2010-يىلى جۇڭگودا ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش ھەققى2دوللار، ئامېرىكىدا بولسا 34.75دوللار. ئەگەر ئوخشاش بىر iPhone زاۋۇتى ئامېرىكىغا تەسىس قىلىنسا، ئالما شىركىتىنىڭ يىللىق ئەمگەك كۈچى تەننەرخى 25مىليارد دوللار  كۆپىيىدۇ، ھالبۇكى ئالما شىركىتىنىڭ 2010-يىلىدىكى پايدىسى14مىليار دوللار ئىدى. ئەگەر بىز ئامېرىكىدا iPoneئىشلەپچىقارساق، بىز ئالما شىركتىنىڭ بايلىقىنى خورىتىپ، ئۇنى يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن ئېنژىنىر تەكلىپ قىلىپ، مەھسۇلات لايىھىلەيدىغان، مەخسۇس سېتىش خادىمى بىلەن بازار كېڭەيتىشكە، ئالما مەخسۇس دۇكىنىدىكى ياشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالمىنىڭ ئاجايىپ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئالما شىركىتى بەلكىم خېلى بۇرۇنلا ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.
002306485
ئامېرىكا ئۆزى iPhoneئىشلەپچىقارمايدۇ. چۈنكى ئادەتتىكى ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا بۇرژوئازىيە ئائىلىلىرى ئالما شىركىتىدىن ئىشلەپچىقىرىش ، ياساشنى جۇڭگوغا ھۆددىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالما شىركتىنىڭ ئالدىنقى 10چوڭ پايچېكى ئورتاق فوند بولماستىن بەلكى ئورگاندىن ئىبارەت. ئەڭ چوڭ پايچېكى Fidelity، ئۇنىڭدىن قالسا Vanguard گۇرۇھىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئالما شىركىتى ئامېرىكىدىكى پىرولتارىياتچىلارغا(نامراتلارغا) ياخشى جاۋاب قايتۇرمىسا، بىز ئۆزىمىزنىڭ پېنسىيە پۇلىنى يۇقىرىقى فوندىدىن يۆتكەپ، ئۇلارنى جازالايمىز. شۇڭا كىم Apple، Dell، Nike قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى جۇڭگو ياكى باشقا دۆلەتلەردە تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى؟  ئەلۋەتتە ئۆزى سالغان مەبلەغدىن يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرى.
جۇڭگو 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ياسىمىچىلىق جەھەتتە 5مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ پاكىت دائىم جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىنىڭ ئىش ئورنىنى تارتىۋالدى دەپ ئىشلىتىلىدۇ. ھالبۇكى جۇڭگو يوقاتقان ئىش ئورنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكىنىڭ يوقاتقان ئىش ئورنىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. ئوخشاش مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى 46مىليون كىشىلىك ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەگەر جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىزمىتىنى تارتىۋالغان بولسا، ئۇنداقتا مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم كىم جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىش ئورنىنى تارتىۋالدى؟ ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئىش ئورنىنىڭ سىرتقا ئېقىشى جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن چاغدا تېخى باشلانمىغان ئىدى. 50 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىدا ئۈچتىن بىر قىسىم خىزمەتچى ئاياغ ياساشتىن تېلېۋىزور قۇراشتۇرۇشقا، ئۇنىڭدىن ۋېلىسپىت قۇراشتۇرۇشقا بولغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلاتتى. بۈگۈن، ئامېرىكىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە %10كىمۇ بارمىغان ئاز ساندىكى كىشىلەر ياسىمىچىلىق كەسپىدە خىزمەت قىلماقتا. بۇ ئىش ئورنى قەيەرگە كەتتى؟ بۇ ئىش ئورنى مۇلازىمەت كەسپىگە يۆتكەلدى. ھازىر ئامېرىكىدا %80تىن ئارتۇق خىزمەتچى مۇلازىمەت كەسپىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىغا تەكلىپ بېرىشتىن تارتىپ ساقلىق ساقلاش، قانۇندىن ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئامېرىكا 2011-يىلىدىن باشلاپ 5مىليون ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى. لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە مۇلازىمەت كەسپىدە 4مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى كۆپەيدى. ھېچبىر دۆلەت بىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى ئىش ئورنىمىزنى تارتىۋالغىنى يوق. ھەقىقى ئىش ئورنى ئوغرىسى بولسا ئۆزىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپىدۇر.

1900-يىلى ئامېرىكىدا دېھقانلار نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ %60نى ئىگىلەيتتى. ھالبۇكى بۈگۈن بولسا ئاران %16نى ئىگىلەيدۇ. ئۆتكەن 100يىلدا ئامېرىكىلىقلار يېزا ئىگىلىكىدىن ۋاز كېچىپ، ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت كەسپىگە يۆتكەلدى. ھېچكىممۇ شۇ يوقاپ كەتكەن يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىش ئورنىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى خالىمايدۇ. يەنە  ھېچكىم ئامېرىكىنى ئەينى ۋاقىتتىكى يېزا ئىگىلىكى جەمئىيىتىگە قايتسىكەن دەپ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئوخشاشلا، نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بارلىق ئىش ئورنى iPhoneقۇراشتۇرۇش ياراتقان سانائەتلەشكەن ئامېرىكىغا قايتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى مەن چۈشىنەلمىدىم. ئامېرىكىلىقلار ئۆزىدىن سوراپ بېقىشى كېرەك: ئەجەبا ھازىرقى تۇرمۇشى سەۋىيىسى 50 يىل ئىلگىرىكىگە يەتمەمدۇ؟ ئۇ چاغدا بىز نۇرغۇن ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنى ياللاپ ئاياغ، تېلۋىزور، ۋېلىسپىت قاتارلىق تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىراتتۇق. ئامېرىكا ھازىر نەچچە ئون تۈمەن ئادەمنى قۇراشتۇرۇش لېنىيەسىدىكى ئاددى قايتىلانما ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئامېرىكا نۇرغۇنلىغان ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى دەپ غەمگە پېتىش، ئارقىغا قارىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كەلگۈسى گۈللىنىشىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلەپچىقرىش كۈچىمىزنىڭ ئېشىشىغا سەر قارىغانلىق. ئامېرىكا  ئالدىغا قارىشى كېرەك.
كەلگۈسىنى Apple،Facebook ۋە Googleقاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىغا يۈكلەش كېرەك. بۇ شىركەتلەر گەرچە شەكىللىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالمىغان بىلەن ، لېكىن ناھايىتى يۇقىرى قىممەتنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. Facebook نىڭ يىللىق كىرىمى نەچچە مىليارد دوللارغا يەتسىمۇ، لېكىن ئاران 3000 يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتچىسى بار؛ Google شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تورىدىن ئىزدەش ئېلپ بارىدىغان شىركەت، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى خىزمەتچىلىرى 3تۈمەنگە بارمايدۇ؛ Appleنىڭ ئامېرىكىدىكى خىزمەتچىلىرىمۇ كۆپ ئەمەس بولۇپ، پەقەت 4تۈمەن ئەتراپىدىلا خىزمەتچىسى بار. ئەكسىچە، Foxconnشىركىتى مىليوندىن ئارتۇق خىزمەتچى ياللاپ iPhone ۋە باشقا ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئىش ئورنى سانىغا جاھىللىق بىلەن ئېسىلىۋالىدىغان كىشىلەر بەلكىم Facebook ئارقىلىق Facebookنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى خالىشى مۇمكىن. لېكىن مەن Foxconnشىركىتىنى ئەمەس Facebook نى تېخىمۇ خالايمەن. شۇنداقلا مەن جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى نۇرغۇن كىشىلەر مەن بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە. كەلگۈسىدە ئامېرىكا Foxconnشىركىتىگە ئوخشاش شىركەتلەرگە ئەمەس بەلكى  Facebook قا ئوخشاش كۆپ ساندىكى شىركەتلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىز iPhoneنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىشنى خالىمايمىز. جۇڭگولۇقلار تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ بىز ئۈچۈن iPhoneنى قۇراشتۇرۇپ بېرىدۇ. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەلەيلىك ھېس قىلىمىز! مەن ئەلۋەتتە بالامنىڭ iPhoneنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەمەس بەلكى ئۇنى لايىھىلەيدىغان ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن! ياش بىر ئەۋلاد ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەنگىلىيىلىك چارلىز دېكىنىس(Charles Dickens )نىڭ ھېكايىسى بولمىسىلا، 400مىڭ ئادەمنىڭ رەتمۇرەت ئولتۇرۇپ iPhone قۇراشتۇرۇشى بىر چۈشىنىكسىز ئەھۋال. ئامېرىكىلىقلارنىڭ iPhone قۇراشتۇرۇشنى باشلىغان كۈنى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇنداق ئاجايىپ مەھسۇلاتنى لايىھەلەشكە باشلىغان كۈنىدۇر. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بىر كۈن كېلىپ قالسا، بىزنىڭ ئەڭ قابىل، ئەڭ ئەقىللىق ياشلىرىمىز ھاپىلا-شاپىلا جۇڭگوغا قاراپ چاپىدۇ!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. يۇمۇر 2012.03.10 , 00:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Foxconn 富士康 ئاجايىپ ئىشلەيدىغان ئشەكتە……

    • ئاجايىپ 2012.03.10 , 10:25

      باشقىلارنى ئىشەك دېمەڭ، بولمىسا ھەقىقى ئىشەك ئۆزىڭىز بوپ قالىسىز

  2. ھەۋەسكار 2012.03.10 , 00:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    foxconn نىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش توغرىلىق يەنە بىر خەۋەر كۆرگەن ئىدىم. ۋاقىت چىقىرىپ بىر يوللاي.

  3. پەنجىر 2012.03.10 , 01:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەرەقىي تاپقان دۆلەتلەر ئۆز كاپىتالى ۋە يۇقىرى تېخنىكىسى ئارقىلىق تەرەقىي قىلۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خام ئەشياسى ، ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يەنە شۇ دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى ئىگەللەيدۇ . بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بايلقلارنى قالايمىقان ئىسراپ قىلىش بەدىلىگە ئاشۇ دۆلەتلەرگە خىزمەت قىلىدۇ !

    • نەۋائى 2014.03.17 , 14:48

      مانا بۇ بىز جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئەڭ سۇيۇملۇك ناۋەتتەك يىرىمىز :mrgreen:

  4. پرېستان 2012.03.10 , 11:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    400مىڭ ئادەمنىڭ رەتمۇرەت ئولتۇرۇپ iPhone قۇراشتۇرۇشى بىر چۈشىنىكسىز ئەھۋال. ئامېرىكىلىقلارنىڭ iPhone قۇراشتۇرۇشنى باشلىغان كۈنى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇنداق ئاجايىپ مەھسۇلاتنى لايىھەلەشكە باشلىغان كۈنىدۇر. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بىر كۈن كېلىپ قالسا، بىزنىڭ ئەڭ قابىل، ئەڭ ئەقىللىق ياشلىرىمىز ھاپىلا-شاپىلا جۇڭگوغا قاراپ چاپىدۇ!

  5. wiros 2012.03.10 , 12:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ياساش كەسپىدىن پەخىرلىنىدۇ . لېكىن بۇ ياساش كەسپىنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرگەن پايدىسى يەنىلا ئېنتايىن تۆۋەن ، يىقىندا بىر ماتىريالدىن كۆرسەم ، بىر دانە ئالما تىلفۇنىدىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالىدىغان پايدىسى 300 دوللاردىن ئارتۇقكەن ، ياپون ، كورىيە ۋە تەيۋەن تەرەپلەر 180 دوللار ئەاتىراپىدا پايدا ئالىدىكەن ، جۇڭگو تەرەپ بولسا ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىپ ئالغان پايدىسى ئاران 6 دوللار ئىكەن .

  6. Goodluck 2012.03.10 , 18:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر شېنجېندا iPhoneقۇراشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.
    —————————
    بۇ تەرجىمىنى ئوقۇپ كۈلمەسلىككە قەتئى باھانە تاپالمىدىم:mrgreen:
    ئۇيغۇر تىلىنى ئاندا ئانى قىمماڭلاۋە ئەدەش:lol:

  7. بىخلان 2012.03.11 , 22:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا بىز ئاشۇ ئامرىكىلىقلار لايىھەلەپ شىنجىندا قۇراشتۇرغان تەييار نەرسىنىمۇ ئىنجىقلاپ ئاران ئىشلىتىمىز.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量