تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
ئەر پېرىخون دەپ نام ئالغان بۇ سىرلىق يىگىت Zach King نىڭ «سېھرىگەرلىك» ماھارەتلىرى ئىزچىل توردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ كەلدى. ئۇنىڭ Vine ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان 6 سكونتلۇق قىسقا ماھارەتلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ «پاھ!!!!» دېگىنىمىزچە ئاغزىمىزنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالىمىز. بۈگۈن تورخۇمارلار بىلەن بۇ پېرىخوننىڭ ماھارەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
2013-يىللىق توپلام
2014-يىللىق توپلام
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سېھرىگەرلىك، قالتىس، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 32,458 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: zach-king-magic-video.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > روسىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي تۇرمۇش نۇسىخىدىكى GTA 5 | بەزى كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ توۋا دەپ قالىسىز
- كېيىنكى يازما > سېرىقچاقلارنىڭ يېڭى كىنوسى [يېڭىلاندى]
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
پەقەت چىقمىدى 2لىسى
دىۋان دىۋان ئاھ خۇدا
ئۈستىلىرىدە بىر خان ، جان ئولتۇرۇۋاپتۇ دەيمە
بۇ راستىمىدۇ-يا؟ توۋا…
ۋايىن ئوينايدىغانلار بولسا بىلىدۇ بۇ سېھرىگەرنى ، ئەڭ يېڭى سېھرىگەرلىك فىلىملىرىنى ۋايىن بىلەن ئىنىستاگرامدا تەڭ ئېلان قىلىدۇ ، مۇشۇ باھانىدە ۋايىن ئەپ دىتالى توغۇرلۇق ئىككى ئېغىز جۆيلۈپ قوياي :
ئەپنىڭ ئېنگىلىزچە ئىسمى : Vine
خارەكتىرى : ئاساسەن كۈلكىلىك مەزمۇنلار بار ، ئىنىستاگرام ، مىكرو بلوگغا ئوخشاش بىر-بىرىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ ئوينايدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تىپىدىكى ئەپ .
ئايفون ، ئاندروئىد نۇسخىلىرى بار ، ئەپ بازارلىرىدىن vine دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ
( توربىكەت نۇسخىسىمۇ يېقىندا چىقتى ، ئادرېسى : www.vine.co كوم ئەمەس جۇمۇ )
تىۋېتتىر شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان ، يۇقىردا ئېيتىلغاندەك 6 سىكۇنتلىق فىلىم يوللىنىدۇ
( يەنى ھازىرقى ۋېيشىننىڭ 小视频 دىگەن نىمىسىدەك )
كەمىنىنىڭ تەۋسىيە دەرىجىسى : ★★★★★
« ھېلىقىدەك رەسىم ، فىلىم » لەرنى كۆرۈشكە ئامراق تورداشلار چوقۇم بىر چۈشۈرۈشكە ئەرزىيدىغان ئەپ دەپ ئويلايمەن ، ئۆزەمچە .
چۈشۈرگەندىن كېيىن دوست قوشىدىغان يېرىگە « مىرئادىل » دەپ ئىزدەپ ماڭا ئەگىشىۋىلىپ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ …
ps : ئۆزۈم شەخسەن بۇ ئەپكە بەك ئامراقلىقمدىنمۇ ئەيتاۋۇر سەل جىق گەپ قىلىپ قويدۇم ، جىق گەپ بىلەن خوشى يوقلارغا ئۆزرە …
ئاۋۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ سىزنى قېتىۋالاي دەپ دوستلار تىزىملىكىدىن:miradilدەپ باسسام خېلى كۆپ ئادىللار چىقتى ئارىسىدىن دۇبەينىڭ ئىككى ساقچى ماشىنىسىنى قوغلاپ كېتىۋاتقان بىرسى كۆرۈندى شۇنى قوشتۇم بوپتىمۇ
خاتا بولسا قايتا قوشاي
ياق ئۇ مەن ئەمەس ، مېنىڭكىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ ئىزدەيسىز ، يەنى « مىرئادىل » دەپ
تامدىن ئارتىلمايمۇ ئىشلەتكىلى بولامدۇ. تام ئارتىلدىغان ئىش بەك ئاۋارچىلىقكەن
تام ئارتىلىدىغان ئىش يوق ، نورمال ئىشلەۋىرىدۇ …
قانداق قىلغاندۇ شۇنىڭڭغا قىزىقىپ قالدىم
ئافتىردا قىلغان نەرسىلەر ، ئىشقىپ بەك تەس ئەمەس .
پىرىخونلۇق ئەسلى ئاياللارنىڭ پاتېنتى ئىكەنلىكىنى ما يازمىدىن ئۇقتۇم. ئەمدى ما گۇينىڭ ھۈنەرلىرىنى “پىرىخونلۇق” دەيدىغانلار ئاساسىڭلارنى دەپ باقامسىلەر؟
بۇ دېگەنلىك ئۇنى پېرىخون دېگەنلىك ئەمەس…
بۇنىڭ ئىجادىي سېھرىگەرلىك ماھارىتى كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا شۇنداق نام بەرگەن خالاس…
بىزمۇ تەرپلەيمىزغۇ ئادىل ھوشۇرنى پەلەك شاھى، ئابدۇكېرىم ئابلىزنى كۈلكە ئەلچىسى دەپ
سىننىڭ نامىنى ئوقۇڭ، شۇ يەرگە جىنسى ئەسكەرتىلىپتۇ…
شۇڭا بۇ يازمىغا ئەر پېرىخون دەپ ئالماي ئامال يوق…
فىلىم كىرىشتۇرۇش تىخنىكىسىغۇ بۇ. ئاۋۋال ئوخشىمىغان كۆرۈنۈشلەرنى سۇرەتكە ئىلىۋىلىپ، ئاندىن كومپىيۇتېردا كىرىشتۇرگەن ئىكەن.