نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس

iPhone 5S ۋە iPhone 5C ئېلان قىلىنغىلى ئەمدى ئىككى كۈن بولسىمۇ، بىراق توردا بۇ مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى داۋراڭ تېخى توختىغىنى يوق. تورخۇماردىكى تورداشلارمۇ بەس-بەستە ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتلارغا بولغان كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. بەزىلەر يانفوننىڭ ئېكرانىنىڭ يەنىلا كىچىك ئىكەنلىگىدىن ئاغرىنسا، بەزىلەر باھاسىنىڭ ئويلىغىنىدىن قىممەت بولۇپ كەتكەنلىگىنى ئېيتتى. دېمىسىمۇ، بىر يىلدىن بېرى ئالما شىركىتى ئەرزان باھالىق iPhone چىقىرىدۇ دەپ قاراپ ئولتۇرغان نۇرغۇنلار، 4488 سوملۇق iPhone 5C غا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى…

5c

گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسمۇ، ئالمىنىڭ يەنىلا ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش تاكتىكىسى بار. ئالما شىركىتىنىڭ تارىخىدا، مەھسۇلاتلار سېتىلىش جەريانىدا باھانى قىرقىيدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، ئالمىنىڭ ئىزچىل قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلى، يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنغاندا، ئالدىنقى ئەۋلاد مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش. مەسىلەن، iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندا، iPhone 4 نىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن، iPhone 5 بازارغا سېلىنغاندا iPhone 4S نىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن. ھالبۇكى، بۇ قېتىم ئەھۋال سەل ئۆزگىچە، ئېلان قىلىنغىلى ئۈچ يىل بولغان iPhone 4 ھېلىھەم ئالمىنىڭ ئورگان بېتىدە سېتىلىۋاتىدۇ، ئەمما تېخى تۇغۇلغىنىغا بىر يىلمۇ تولۇق توشمىغان iPhone 5 بىۋاستە سېتىلىشتىن توختىتىلغان.

iPhone-5C

ئۇنداقتا، iPhone 5 ھەقىقەتەن سېتىلىشتىن توختىتىلدىمۇ؟ ئۇ iPhone لار ئىچىدىكى ئۆمرى ئەڭ قىسقا iPhone بولۇپ قالارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئازراقلا دىققەت قىلساق، iPhone 5 نىڭ يەنە بىر خىل شەكىلدە تېخىچە ھايات ئىكەنلىگىنى بايقاش تەس ئەمەس. iPhone 5C دەل ئۈستىگە بىر قاتار رەڭلىك چاپان كەيدۈرۈپ قويغان iPhone 5 شۇ، سىرتقى قاپنىڭ سۈپىتى ۋە رەڭگىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىككىسىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىدە ھېچقانداق پەرق يوق.

يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، iPhone 5 يېڭى ئېلان قىلىنغاندا سىرتقى قاپنىڭ سىرىنىڭ تېز چۈشىدىغانلىقى ناھايىتى تېزلا تاراتقۇلارنى بىر ئالغان. ئەمدى ھازىرقى iPhone 5C غا قارايدىغان بولساق، ئالما ئاللىقاچان ئالدىنقى ئەۋلاد iPhone دىكى بۇ كەمچىلىكنى ئېتىراپ قىلغان ۋە دادىل تۈزىتىشكە ئۇرۇنغان. 5C ئەمەلىيەتتە دەل شۇ سىرى چۈشمەيدىغان 5 شۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس. ئالمىنىڭ تاللاپ مېڭىۋاتقىنى، ھېلىھەم يۇقىرى تىپتىكى بازار، ئىلگىرى توردا تارقالغان ئەرزان باھالىق ئايفون دېگەن گەپلەرنىمۇ ئالما ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلىپ باققىنى يوق.

بۇ ئالمىنىڭ ئۆزگىچە بازار تاكتىكىسى

5C ئارقىلىق iPhone 5 نىڭ باھاسى چۈشۈرۈپ سېتىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىن ساقلانغان، ھەمدە مەھسۇلاتقا يېڭى نام بېرىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى iPhone 5 نىڭ باھاسى چۈشۈرۈلۈشىنى ساقلاۋاتقان خېرىدارلارغا بولغان قىززىقتۇرۇش كۈچىنى يۇقىرىلاتقان.

ئوخشاش سەپلىمە ئىشلەتكەن شارائىتتا، سىرتقى قاپقا سۇلياۋ ئىشلىتىش ئارقىلىق iPhone 5C نىڭ تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن، شۇ ئارقىلىق پايدا نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرىلاتماقچى بولغان

تېخىمۇ قالتىس يېرى شۇكى، 5C نىڭ پەيدا بولۇشى 5S نىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، بەلكىم سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. يەنى، iPhone 5C يۇقىرى باھا ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى 5S نى سېتىۋېلىشقا(800 سوم قوشسىلا 5S كېلىدۇ ئەمەسمۇ) مەجبۇرلاپ، 5S نىڭ سېتىلىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق يانفون ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا تىپتىكى بازارلارنى ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان يەنە بىر خىل ئۇرۇنۇپ بېقىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا باھاسى قىممەتكەن دېگەن كۆز قاراش ئىزچىل يۇقىرى بازاردا ئويناۋاتقان ئالمىغا نىسبەتەن ئانچە بەك پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

بىردىنبىر كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك بۇرمىلىشى ئاستىدا، iPhone 5C غا ئاللىقاچان «ئەرزان باھالىق iPhone» دېگەن ماركا چاپلىنىپ بولدى، تىم كۇك بەلكىم بۇ «ئەرزان باھالىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن مۇخبىردىن قاتتىق نەپرەتلىنىشى مۇمكىن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. Forever 2013.09.12 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېخىمۇ قالتىس يېرى شۇكى، 5C نىڭ پەيدا بولۇشى 5S نىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، بەلكىم سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. يەنى، iPhone 5C يۇقىرى باھا ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى 5S نى سېتىۋېلىشقا(800 سوم قوشسىلا 5S كېلىدۇ ئەمەسمۇ) مەجبۇرلاپ، 5S نىڭ سېتىلىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
    .
    دىمەك 5 نى يوقۇتۇپ، ئاتالمىش يېڭى مەھسۇلاتى بولمىش 5C نى يەمچۈك قىلىپ 5S نىڭ سېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپتۇ-دە.
    يامانلىقىنى ماۋۇ ئالمىچى باققاللىنىڭ :shock:

  2. مەۋلان 2013.09.12 , 12:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5000 سومنى سانىيالىغان ئادەم 3 4يۈز كوي دىگەن ئادەتتىكىچە ئىش! ئىشقىلىپ ئاۋۇ س دىگەن تېلفۇننى قەتتىلا ياقتۇرمۇدۇم! رەڭلىك تېلفۇننى يەنىلا نوكيا ئىشلىسە بولىدىكەن رەڭ بىلەن ماركىنى ماشلاشتۇرالايدىغان! رەڭلىك ئايفۇننىڭ كەينىدىكى ئالمىنىڭ قارا بەلگىسى سەت چىقىپتۇ! قالغىنىنى سىتىلغاندىن كېيىن كۆرەيلى!

  3. تۇنجەر 2013.09.12 , 12:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە 5 s مۇ بازار تاپالمايدۇ چۇنكى ئالما 5 چىقىپ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئالما ھەۋەسكارلىرىنى نائۈمۈتتە قويسا بۇ قىتىممۇ يىڭڭى چىققان مەھسۇلاتتا بارماق تۇنۇشتىن باشقا بىرەر يىڭلىق يوق! ئامىركىدىكى شېركىتىنىمۇ ستىپ تىلفون ساھەسىدە زۇۋاللىققا يۈزلەنگەن سونىي شېركىتىمۇ كۈندىن كۈنگە يىڭڭى مەھسۇلات ئىشلەپ يەنە بىر قىتىم كۆزگە كۆرۈندى يىقىندا چىققان 39مۇ ئىنتايىن ئىسىل چىققان بىر مەھسۇلات دەپ قارايمەن ، بىرلا ئېغىز گەپ جوبىس كىتىپ ئالما تۈزۈك يىڭڭىلىق ياراتمىدى ! ئۇلار تىخىمۇ ئىزدىنىپ تىخمۇ ياخشى بولغان ئالما مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىشى كېرەك ئىدى لىكىن بىر يىلدا بىرلا قىتىم ئېلان قىلدىغان يىڭڭى مەھسۇلاتلىرىدا پەقەت ئەلالاشتۇرۇش ئازراق دەرىيجىسىنى يۇقرى كۈترۈشلا بار ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدە بىرەر يىڭڭىلىق يوق !

  4. ئەتىۋا 2013.09.12 , 12:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    iPhone 5C يۇقىرى باھا ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى 5S نى سېتىۋېلىشقا(800 سوم قوشسىلا 5S كېلىدۇ ئەمەسمۇ) مەجبۇرلاپ، 5S نىڭ سېتىلىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    مەنچىمۇ ما پەرەز بەك توغرا بوغان چىراي ، 5Cنىڭ باھاسىنى كۈرۈپلا مىنىڭمۇ تۇنجى ئويلىغىنىم س ئالغىچە ئەس ئاسام بوممامدۇ ، ھەقىقەتەن كاللا ئىشلىتىپ قۇيۇپتۇ

  5. بىرتال نۇقتا كوم 2013.09.12 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ بىر بۆرەككە ئاران 3 يېرىم تال ئايفون كىلىدىكەن ، بۇ ئايفون جىق ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلدى دىسەكمۇ بولىدۇ ، بىز ھەم تېخى نامرات تۇرساق :mad:

    • ئەتىۋا 2013.09.12 , 13:41

      ياۋ ما بىژتالجاننىڭ گىپىنى ھا ھا …
      بىزلەدە بۆرەك ساتىدىغان ئىش يوقتۇ ھە

  6. ئابدۇخېلىل 2013.09.12 , 13:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئادامنى ھەيران قالدۇردىغان يېڭىلىق يوق دىيەرلىكiOS 7، بارماق ئىزى پەرىقلەندۇرۇش كۇنۇپكىسىدىن باشقا يېڭىلىق يوق ،iPhone 5C جوڭگونىڭ تاغتۇرا تېلفونلىرىغا ئوخشاپ قاپتۇ، رەھمەتلىكنىڭ يوقلىقىنى بىلندۇرۇپ قۇيۋاتىدۇ دە…ھەي….:cry:

  7. ئىسيانكار 2013.09.12 , 13:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىردىنبىر كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك بۇرمىلىشى ئاستىدا، iPhone 5C غا ئاللىقاچان «ئەرزان باھالىق iPhone» دېگەن ماركا چاپلىنىپ بولدى، تىم كۇك بەلكىم بۇ «ئەرزان باھالىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن مۇخبىردىن قاتتىق نەپرەتلىنىشى مۇمكىن.

    • ئەتىۋا 2013.09.12 , 15:50

      ئەسىلدە C دىگىنى ئىنگىلىزچە Colour رەڭلىك ، ھەرخىل رەڭدە دىمەكچە ئىكەنتۇق ، نەدىن قوپتى بېشىنى ئىشىك قىسىۋاغان بىر نەچچە مۇخبىر Cheap ئەزان دەپ تەرجىمە قىلىۋېلىپ بىزمۇ ئەزان گۆش ئوخشايدۇ دەپ قالاپ ئولتۇرۇپتۇق

  8. ھەۋەسكار 2013.09.12 , 16:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەر يىلى بارغۇ بۇ پاراڭلار … جوبىس ھايات چىغىدىمۇ 4س چىققاندىمۇ يەنە شۇ يىڭىلىق ئازكەن ، يوقكەن دىگەن گەپلەر ئاۋۇپ كەتكەن ، يەنە شۇ گەپلەرنى دىگەنلەر بىردىن 4س نى قولتۇقلاپ يۈرۈشكەن ، بۇيىلمۇ يەنە شۇنداق بولىدىغان چىراي … :kiss:

    • تۇنجەر 2013.09.14 , 12:35

      مىنىڭچە ئۇنداق بولماسمىكى…

  9. موگو 2013.09.12 , 22:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادەم دىگەننىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن،ھەر يىلى بارغۇ بۇ پاراڭلار … جوبىس ھايات چىغىدىمۇ 4س چىققاندىمۇ يەنە شۇ يىڭىلىق ئازكەن ، يوقكەن دىگەن گەپلەر ئاۋۇپ كەتكەن ، يەنە شۇ گەپلەرنى دىگەنلەر بىردىن 4س نى قولتۇقلاپ يۈرۈشكەن ، بۇيىلمۇ يەنە ئاشتا پاراڭلار كۆپىيدۇ ،

  10. ئېسيان 2013.09.12 , 23:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىمىسىمۇ ئاۋۇ س دىگەن خاشو تېلفوننى ياسايمىز، رەڭلىك قىلىمىز دەپ يۈرگىچە 5ئېس دىگەننىلا چىقارسىمۇ بولاكەن، رەڭلىك ئىشلەتكۈسى كېلىدىغانلار قاپ ئالسىلا بولىدۇ ئەمەسمۇ، تورغا چىقسىڭىز ئايفوندىن ئېسىل قاپلار تۇرسا :cool:

  11. ئەززام 2013.09.13 , 12:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئالما دىگەن كاساپەتنىڭ سىرتى رەڭگارەڭ بولغان بىلەن، تەمى ئۆخشاشكەندە.
    بىز يەنىلا مۇشۇ 4ئېس نىلا ئىشلىتىپ تۇرساق بولغۇدەك.:smile:

  12. پاسىبان 2013.09.13 , 23:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئانالىز بوپتۇ. ئوخشاش قاراشتا ئىكەنمىز. ئۇنىڭدىن سىرت، 4400 يۈەنلىك باھامۇ ئۆزى ئەرزان باھا ئەمەس. ئەرزان دېيىشسە مەن 2500 ئەتراپىدا بىرەر ئاقماس ئايفوننى ياساپ چىقىرىپ قالامۇ دەپ ئويلاپتىم، قارىسام ئايفون 5 كە پلاستىك قاپ كەيدۈرۈپلا 5c دەپتۇ.

  13. Mr.President 2013.09.15 , 17:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇقارقى قاراشلارغا قوشۇلىمەن دەپتۇ پادىشاھ!

  14. مۇئەل 2013.09.16 , 18:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېكراننىڭ كىچىكلىكى سەۋەبلىك سامسۇڭغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

    • ئالما 2013.09.22 , 18:30

      مەنمۇ بۇرۇن ئىكران كىچىك دەپ ئويلايتتىم ، ھازىر قارىشىم ئۆزگەردى ، 5 نىڭ چوڭ كىچىكلىكى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ، تېلېفون بولغاندىكىن . ..ئىكران چوڭ بولسا ئىلىپ يۈرۈش ئەپسىز بولۇپ قالىدىكەن ، ئىكران چوڭ بولغان بولسا كىنو كۆرۈشكە ياخشى دەپ ئويلايدىكەنمىز ، لىكىن تېلېفون ئىكرانى كېنو كۆرۈشكە يەنىلا كىچىكتە . .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量