iOS 7 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى(iPhone/iPad/iPod Touch)
ئالما شىركىتى تېخى يېقىندا iPhone 5C ۋە 5S نى ئېلان قىلغىلى تېخى ئۇزاق بولمىدى. بۇ ئىككى يېڭى ئايفونغا ئەڭ يېڭى iOS قاچىلانغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، iOS نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئۇنۋېرسال جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم iOS 7 گە نەچچە يۈزلىگەن يېڭى ئىقتىدار قوشۇلۇشتىن باشقا، يەنە كۆرۈنمە يۈز پۈتۈنلەي يېڭىلانغان.
ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 11 دە، iOS 7 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى! ھازىر ئەمدى كۆپچىلىك خاتىرجەم چۈشۈرۈپ، قولىمىزدىكى iPhone ۋە iPad قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە يېڭىلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. iOS 7 دىكى بىر قىسىم ئىقتىدارلار توغرىلىق ئىلگىرى iOS 7 Beta نەشىرى توغرىسىدا سۆزلىگەندە تەپسىلىي توختالغان. شۇڭا بۇ يەردە ئايرىم توختالمايمىز.
بۈگۈن سەھەردە مەنمۇ كۆپچىلىك قاتارىدا iOS 7 نى ئىشلىتىشكە نائىل بولدۇم. بىر كۈن ئىشلىتىشىمگە ئاساسلانغاندا، Beta نۇسخىسىدىكى مەسىلىلەر ئاساسەن قالمىغاندەك قىلىدۇ. توك يېتىش ئەھۋالىمۇ ئىنتايىن ياخشى(مەن iOS 6 قاچىلانغان چاغدىمۇ 1.5 كۈن يەتكۈزۈپ ئىشلىتەتتىم)، قېتىپ قالىدىغان ياكى سۆرىمەيدىغان ئەھۋالمۇ يوق. ناۋادا 4S ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈسكۈنىلەر بولسا، خاتىرجەم يېڭىلىساڭلار بولغۇدەك. ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قىسىم زۆرۈر ئەپلەرمۇ iOS 7 گە مۇناسىپ نۇسخىسىنى يېڭىلاپ ئۈلگۈرۈپتۇ، قارىغاندا نەچچە ئايغا قالماي ئاساسەن ھەممىسى يېڭىلىنىپ بولىدىغان ئوخشايدۇ.
iOS 7 نى قاچىلاش
iOS 7 نى يېڭىلاشتىن بۇرۇن، ئاۋال iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش كېرەك، بۇ بەتنى ئېچىپ iTunes نى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا سىزدە كومپيۇتېردا دەرىجە كۆتۈرۈشكە شارائىت بولمىسا، ئۇنداقتا WiFi بار شارائىتتا يانفوننىڭ ئۆزىدە يېڭىلاش ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق سۈرئەت جەھەتتە يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئۇسۇل ئانچە تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئاۋال ماتېرىيالنى iTunes ئارقىلىق تولۇق بىر زاپاسلىۋېلىپ، ئاندىن iOS 7 نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، يانفوننى كومپيۇتېرغا چېتىپ iTunes ئارقىلىق يېڭىلاش. بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ بىخەتەر ۋە قولايلىق ئۇسۇل. يەنى ئاۋال iTunes نى قوزغىتىمىز، ئاندىن Shift نى بېسىپ تۇرۇپ 检查更新 دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ، چىققان كۆزنەكتىن توردىن چۈشۈرۈپ تەييار قىلغان iOS 7 نىڭ بولىقىنى تاللاپ بەرسەكلا بارلىق مەشغۇلات ئاپتوماتىك تاماملىنىدۇ.
iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھەققىدە
iOS 7 ئېلان قىلىنغىلى تېخى بىر كۈن بولدى، شۇڭا نۆۋەتتە تېخى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى يوق. بىراق توردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرمۇ خاككېرلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىشلىنىشكە باشلاپتۇ، شۇڭا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئېھتىياجى بار تورداشلارنىڭ يەنىلا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا يانفونىڭىزنىڭ سىستېمىسى iOS 6 بولۇپ ھەمدە تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز، شۇنداقلا ئاشۇ ھالەتتە تۇرىۋېرىشنى خالىسىڭىز، ئۇنداقتا iOS 7 گە يېڭىلىماي تۇرۇڭ.
iOS 7 نى چۈشۈرۈش
iOS 7 نىڭ ھەر قايسى بولاقلىرىنى تاللاپ چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | iTunes نى چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPad، iPhone، ipod
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,161 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ios7.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- كېيىنكى يازما > كۈچلۈك رەقىبلەر ئۇچراشقاندا – iPhone 5s VS Galaxy S4
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
مەن يېڭىلاپ بولدۇم ،ھەقىقەتەن ئۆزگىچە لايىھىلىنىپتۇ !
مەنمۇ بۈگۈن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۋالدىم ، بىراق ئۇيغۇرچە ئەپ تىن نۇر ، ئۇچۇر ۋە ئىز قاتارلىق ئەپلەردىكى خەتلەر قالايمىقان چىقىپ ئوقۇغىلى بولمىدى ، بۇ نىمە سەۋەپتۇ ؟ يەنە كىم ھىس قىلدى ؟
رەھمەت مەنمۇ يىڭىلىۋالدىم،ئەمما دىتال كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر بەك قالايمىقان چىقىۋاتىدۇ.
ئوڭشاشنىڭ ئامالىنى ئېيتىپ بەرسەڭلار قېرىنداشلار.
نۇرتورى تۈنۈگۈن يېڭىلاندى تەتۈرخەتلەر ئوڭشىلىپتۇ
ھە … دىمەك ئۇ ئەسلى ئەپنىڭ مەسلىسىكەندە … ؟
مەن تۇرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بايقالغاندا ئاندىن يېڭىلىسام بولغۇدەك.
يېڭى ئايفۇن توغرىسىدا خېلى تالاش تارتىش قىلغانتۇق ، قىممەتكەنيەي ، بەك چوڭ ئۆزگۈرۈش يوق دىگەندەك … نۇپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ سىتاتىسىتكا قىلىشىچە %80 ئالمىچى يەنىلا يېڭى ئالما ئېلىشقا قىزىقىدىكەن
يو يەنىلا سامسىدىن ئالما ياخشى دەپ قاراپتۇ مەن ھازىرچە يىڭى سىستىمىغا كۆچمەيمەن يا تۈرمىدىن قاچالمايسىز يا ئەپ ئايدىدا تىزىملىتىپ 3- تەرەپ ئەپلىرىنى ئىشلەتسىڭىز ئىچىلمايدۇ مەنچە يەنىلا 5.1.1ياخشى ،مۇشۇ شىركەتمۇ چۇ يوچۇقلارنى ئىتىشكە ئۇستا بولاپ كەتتى
يېڭى نۇسخىسىنىڭ كۆركەملىكى ئەمەس مۇقۇملىقى ئەڭ مۇھىم
تورخۇمار بېكىتىنى ئاچقاندا بەتنى كەينىگە ياندۇرۇش بەلگىسىنى باسساق پەقەت ئىنكاس يوق ،نېمە ئۈچۈن؟ ئشلەتكىنىم IE10 ئىدى.
باللا ماشۇ ئۇيغۇرچە مەمە رەسىم لاھىيلىگىلى بولىدىغان تور بەت ئادىرىسىنى دەپ بەرسەڭلار!
مەندە بىر ئەپ با مەخسۇس مەمە رەسىم لاھىيلەيدىغان خېلى بولىدىغان ئەپكەن … ئەپ ئىسمى 暴走漫画 .
تورخۇماردىن ئوبدان ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ مە مە مە مە مە لەر ئادرىسى
تىبەت كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپتۇيۇ نىمىشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلمايدۇ … بەك ئاچىقىم كەلدى . بەزى ئۇسلۇبلىرى ئاندىرويىد قا ئوخشاپ قاپتۇ … بولدىلا قاينىماي …
يەنە بىر چاتاق يىرى : توك قاچىلاشتا چوقۇم ئەسلى سىمى بولىشى كىرەك ، بولمىسا بازاردىن سىتىۋالغان 20 كويلۇق سىمنى تونىمايدىكەن … بۇ قولايسىز بوپ قالدى …
ئۆتكەندە توردا بىر قىزنىڭ iPhone نى توكقا چېتىقلىق ھالەتتە تېلىفون كەلگەندە قوبۇل قىلىپ، تېلىفون پارتلاپ كېتىپ ئۆلگەنلىكى، كېيىن ئۇلارنىڭ ئالما ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىقتى. كېيىن تەكشۈرۈپ مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىزچاق ئىشلەتكىنى سىز ئېيتقان 20 كويلۇق سىم ئىكەن، شۇ سەۋەپتىن بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيەتنى ئالمىمۇ ئۈستىمىزگە ئالالمايمىز دەپتىكەن. بەلكىم ئالمىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئەڭ چوڭ چەكتە كونترول قىلىمىز دەپ قوللانغان ۋاستىسى بولۇشى مۇمكىن.
ھىم….ئەمدى ئالما ئالماسلىققا باھانەم قالمىدى، يا بولمىسا ئالما 6 چىققانداق بىراقلا ئالامەن،،،قاچانمۇ چىقار ئالما 6تە؟ ئېكرانى چوڭراق چىقسا بولىتى
خۇدايىم بۇيرىسا پات يىقىندائالما 5S تىن بىرنى ئالىمە ،شۇ چاغدا ھۇزۇرنى سۈرمىسەم
قاچان تۈرمىدىن قاچسا شۇ ۋاقىتتا يېڭىلايمەن !
مەشخۇلات قىلغاندىكى كۇرۇنمە يۇزى ئاق رەڭ دىكەن كۇرۇنمە يۇزىنى باشقا رەڭگە تەڭشىگىلى بۇلامدۇ بۇنىڭ
iPad 4 نىڭمۇ سېستىما نەشىرىنى يۇقىرىلىتىش ئۇسۇلىمۇ يۇقىرىدىكى دېيىلگەنلەرگە ئوخشاش بولامدۇ-يا؟
سىلەر ئالما 5 ، 5s , 5C , لارنى ئېلىۋېرىڭلار. بۇنداق چىقىۋەرسە بۇ ئۆمرۈمدە خۇدايىم بۇيرىسا ئالما 100 چىققاندا ئالىمەن!
تېلفۇننىڭ قۇلۇپلۇق ياكى قۇلۇپسىز لىغىنى قانداق تەكشۇرىدۇ .. تەكشۇرۇش ئۇسۇلى قانداق