كۈچلۈك رەقىبلەر ئۇچراشقاندا – iPhone 5s VS Galaxy S4
يېڭى بىر يانفون بازارغا چىققاندىن كېيىن، باشقا تىپتىكى يانفونلار بىلەن سېلىشتۇرۇلۇش ئىزچىل ساقلىنىش تەس ئىشنىڭ بىرى. iPhone 5s مۇ بازارغا چىققىلى ئىككى كۈن بولمايلا، چەتئەل تاراتقۇلىرى Galaxy S4 بىلەن بىر قۇر قاتتىق سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرۈپتۇ. ئۇلار ئىشلەتكۈچى تەسىراتى، Touch ID، ئىشلەتكۈچى ئۆزى تەڭشەش، CPU ئىقتىدارى، يانفوننىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى، ئەپلەرنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى، FaceBook، يۈكلىنىش سۈرئىتى، ئېكران، ئويۇننىڭ يۈرۈشى ۋە 3D رەڭلىنىشى، كامېرا قاتارلىق كۆپ قىسىم جەھەتلەردىن، نۆۋەتتىكى بازاردىكى ئەڭ قاتىل بۇ ئىككى يانفون ئارىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.
سېلىشتۇرۇشتىن قارىغاندا، بۇ ئىككى ئۈسكۈنە ئوتتۇرىسىدا ھەم ئۇتۇش ھەم ئۇتتۇرۇش ياكى تەڭلىشىش ئەھۋالى باردەك قىلىدۇ، تەپسىلاتىنى كۆپچىلىك ئۆزى سىننى كۆرۈپ ھېس قىلىپ باقسا بولىدۇ. ئەمما، توركۆرگۈنىڭ سۈرئىتىنى سىنىغاندا، iPhone 5s تا سىنىغىنى Chrome بولۇپ، ئىپادىسى Galaxy S4 تىكىدەك ئېسىل ئەمەس. بۇ سىناقنى ئېلىپ بارغان تاراتقۇ نۆۋەتتە iPhone 5s تىكى Safari نى ئىشلىتىپ Galaxy S4 بىلەن قايتا سېلىشتۇرۇپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
iPhone 5s VS Galaxy S4
خوش، بۇ سېلىشتۇرۇشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆڭلىڭىزدە قايسى تەرەپكە ئېغىش بولدىكىن؟ iPhone 5s نى تاللامسىز ياكى Galaxy S4 نىمۇ؟ قېنى سىزمۇ سەۋەبىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمامسىز؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Galaxy، iPhone، سېلىشتۇرما، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,659 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-5s-vs-galaxy-s4.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iOS 7 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى(iPhone/iPad/iPod Touch)
- كېيىنكى يازما > يانفون كامېراسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاجايىپ مەنزىرە | سۈرەتكە تارتقان شۇ دەقىقىدە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
بۇلا سېلىشتۇرۇپ ئۇتۇرىۋېرىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن د ۋ ن مىنوڭ بوپتۇ ۋەت
بىر دوكلاتتىن كۈرۈشىمچە 5S مەيلى بىخەتەرلەك جەھەتتە ،تاشقى كۈرۈنىشى جەھەتتە ، ۋە ياكى باشقا ئىقتىدارلىرىدا بولسۇن ، ھازىرقى بازادا ئەڭ ئىسىل نوچى تېلفۇنكەن ، راس شۇندامىدۇ ؟
5S نى تاللايمەن.
ئېكراننىڭ كىچىكلىگىنى ھىساپقا ئامىغاندا ئالما 5s ھازىرقى ئەڭ نوچى يانفۇندەك قىلىدۇ
ئالمىنىڭ يېڭى سىستىمىسى ئاندروئىدقىلا ئوخشاپ قاپتۇ
5s قانداقراق بازار تاپاركىن ئەمدى
5س نىڭ ھازىقى بازار ئەھۋالى ياخشى، لىكىن مال يىتىشمەسلىك سەۋەپلىك ئادەمنى ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. تۈنجى كۈنىلا ئامباردىكى 5س قۇرۇقدىلىنىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. لىكىن ھىلىقى 5 رەڭلىك دىگەن يانفۇنىنىڭ كۆڭۈلدىكىدك ئەمەسكەن.
ئىكراننىڭ سەزگۈرلىكى ۋە ئىنكاسىنىڭ تىزلىكىدە ئايفۇن سەركىسى.
تېلفون سېتىۋېلىشتىن ئاۋال سېتىۋالغان تېلفوندا مەن نىمە ئىشلارنى قىلالايمەن، قايسىسى بەكرەك ھاجىتىمدىن چىقىدۇ دەپ ئويلايمىزغۇ دەيمەن؟ مەن سامسوڭ Galaxy S4نى تاللايمەن، ئېكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى، سەپلىمىسىنىڭ يۇقۇرلىقى، ئېكراننىڭ چوڭلىقى سىرتقى شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى.رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى جەھەتتە مەن Galaxy S4نى تاللايمەن ، سېستىمىنىڭ راۋانلقىنى سېلىشتۇرساق ئۈستىدىكىلەر ئېيتقاندەك ئۇنداق چوڭ پەرىق يوق…ئاۋال قۇلۇڭلارغا ئېلىپ سىناپ بېقىپ باھا بەرسەڭلەرمۇ بۇلىدۇ، تورخۇماردىكىلەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئالما ئىشلىتىدۇغۇ ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭكىنى داڭلايدۇ… قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق….
گالاكسى قىتىپ قىلىشتا چىمپىيۇن، ئالما سىزىم چىقىرىشتا چىمپىيۇن، نوكىيا سۈرەت ياساشتا چىمپىيۇن…. ئالما سىنىپ باشلىقى، سامسۇڭ ئۈگىنىش باشلىقى، نوكىيا تۇرمۇش باشلىقى
مەن lumia 1020 نى تاللايمەن، ھېچقايسى 1020غا يەتمەيدىكەن.
مەنمۇ شۇ 1020 نى تاللايمەن نوچىسى شۇ
راس، ئالمىنىڭ ھازىرقى سىستىمىسى ئاندىروئىدقا ھەم ۋىندوۋسفون غىمۇ ئوخشاپ قاپتۇ،
ھازىرقى نەشىرىنىڭ كۆپ ۋەزىپە بىر تەرەپ قىلىش ھالىتى ۋىندوۋسفونغا ، ئىكراننى ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىغاندىكى چىقىدىغان تىز كونتىروللارنىڭ سىن بەلگسىمۇ ۋىندوۋس نىڭ مىترو يۈزى سىن بەلگىسىنىڭ ئۆزى، قۇرۇلمىسى ئاندىروئىدقا ئازراق ئوخشاپ قاپتۇ،
لىكىن ھازىرقى ۋىندوۋسفون 8 نىڭ سۈرئىتى ئىنكاسىنىمۇ بوش چاغلىمىغايسىزلەر، ئالدى بىلەن ئىشلىتىپ بىقىپ باھا بەرگەيسىزلەر، قىتىپ قالىدىغان ئىشلار ئەسلا يوق، سىستىمىنىڭ ئىنكاسى ئالمىدىن پەقەتلا قىلىشمىغۇدەك،
مەن symbian نىڭ nokia n8-00 نى ئىشلىتىپ بىقىپتىمەن، كامىراسى دەششەتتى كاساپەتنىڭ ، ئاندىروئىدنىڭ پەقەت 4.0 نەشىرىنى ئىشلىتىپ بىقىپتىمەن، ios نىڭ 6.1.2 نى ئىشلىتىپ بىقىپتىمەن، مانا ھازىر ۋىندوۋسفون8 نى ئىشلىتىۋىتىپتىمەن، بۇ يىڭى سىستىمىدىن مەن خىلى رازى بولدۇم،
ماڭا بۇ يىڭى سىستىمىنىڭ ئەڭ ياققان يىرى سىستىمىنىڭ باشقا سىستىمىلارغا ئوخشىمايدىغان، باشقا سىستىمىلاردا سىز ھىس قىلالمايدىغان ئۆزگىچە لاھىيەسى
سىندىن كۆرۈشكە بولىدۇكى تور كۆرگۈدىكى سېلىشتۇرۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا ئايفون 5s نىڭ ئىپادىسى ئومۇميۈزلۈك ياخشىكەن.
ئايفوننىڭ ھىلىقى بارماق سىزىش ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلغان بىر ئامىرىكىلق پارلامىنىت ئەزاسى تىم كۇكقا خەت يىزىپتىمىش، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئەگەر مەخپى نۇمۇر خاككىرلار تەرىپىدىن ئوغىرلانسا نۇمۇرنى ئۆزگەرتىۋەتسە بولغان بىلەن ، لىكىن بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، بارماق ئىزى تونۇتۇش تىخنىكىسىدىن خاككىرلار پايدىلنىپ سىزنىڭ بارماق ئىزىڭىزنى ئوغىرلىۋالسا سىزنىڭ پۈتۈن ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ……. دەپتۇ،ئالما تەرەپ تىخى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرماپتىمىش …. ئويلىسام ئۇ گەپلەرنىڭمۇ خىلى ئاساسى باركەن، ھازىرقى تىخنىكىلارنى بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمىغىدەك جۇما …….
مەن گىلاكىس تۆتنىمۇ ئىشلىتىپ باققان، ئۇنىڭ رەسىمگە تارتىش سۈزۈكلىكى بىلەن تور سۈرئىتىنىڭ تىزلىكىگە گەپ توغۇر كەلمەيدۇ، ئالمىنى بىسىپ چۈشىدۇ، لىكىن مەن ئۇنىڭغا كۆنەلمىدىڭ، يەنىلا ئالما كۆپ قولايلىقكەن يەنىلا ئالمىغا يىنىپ چۈشتۈم، مىنىڭچە تور سۈرئىتى نورمال بولسىلا ھاجىتىمىزدىن چىقسىلا بولدى، مەن ئالمىنى تاللايمەن
مۇشۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتىمنى سۆزلەپ باقاي دېۋىدىم،تەدبىركار چاققان كەپتۇ.
كەمىنەiphone5 بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم.(5sنىڭ سەپلىمىسىمۇ مۇشۇنچىلىك چىقار ئەمدى، ھازىرچە قولۇمدا5sبولمىغاندىكىن دەپچۇ)
ماڭا يارىمىغان يېرى سامسۇڭنىڭ سۈرەت ئېنىقلىقى(سىنىغان يانفون ئۈچ خىل تور قوللايدىغان i9508)تازا يارىمىدى.
تورغا چىقىش سۈرئىتى،باتارىيەنىڭ ئەھۋالى،ئويۇنلارنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتى جەھەتتە يەنىلا سامسۇڭ ئۇتتى.ئىككى يانفونغا ئوخشاش ۋاقىتتا توك قاچىلىغاندىن كېيىن. ئىشلەتمەي قويۇپ قويسام،ئايفوننىڭ توكى 4 كۈندە.سامسۇڭنىڭ توكى 9 كۈندە تۈگەپتۇ(ئومۇمىي سىناققا ئىككى ھەپتە ۋاقىت كەتتى).
بۇ ۋاقىتتا ئويلىغىنىم،ئەگەر ئايفوننىڭكىدەك ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان پىروگىراممىلارنى توختاتقىلى بولسا،سامسۇڭنىڭ بۇ يانفونى توكنى خېلى يامان ئەمەس تىجەپ قويغۇدەك.
ئۆيدەwifiبولغاچ،ئىككىسىنىڭ يانفون كارتىسىدىكى تورغا چىقىش سۈرئىتىنى سىناپ يۈرمىدىم.ئەمما wifiئارقىلىق تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتى ئايفوننىڭ تىزرەككەن.
تورغا چىققاندا ھەر ئىككىسىدە تىڭشۈننىڭ يانفون تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلەتتىم.سۈرئەت ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.ئۈندەللالنىڭ يېڭى ئويۇنلىرىنى سىناپ باقتىم، سۈرئەت يەنىلا تەڭ دېگۈدەك.
ئاندىن ماڭا سەل غەلىتە تۇيۇلغىنى،سامسۇڭدا ئويۇن ئويناپ ياكى سىن كۆرۈپ ئايفونغا قاراپ،ئايفون مۇشۇ شۇمىدۇ دەپ قالىدىكەنسىز.نېمىشقا دېگەندە چوڭراق ئىكرانى بار يانفوننى يېرىم سائەت قىسقا ئارلىقتىن ئۈزمەي ئىشلەتكەندىن كېيىن،ئادەمنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئالدانسا كېرەك.يېنىمدا ئايفوننىڭ قويۇقلۇق ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە بولسىمۇ.سامسۇڭنى قويۇپ ئايفوننى قولۇمغا ئالغاندا راستىنلا تونۇيالمىدىم
بۇ يانفون نېمانچە كىچىكلەپ كەتكەندۇ دەپ قالدىم ئۆزەمچە.
باشقا ئىنچىكە سېلىشتۇرمىلارنى مەندە ئۈسكۈنە بولمىغاچ سىناشقا مۇمكىن بولمىدى.سىناش جەريانىدا بىر قانچە پارچە سۈرەت تۇتۇپ تەدبىركارغا يوللاپ بەرگەن ئىدىم.(ئېسىدە بولسىلا).ئەگەر ماڭا تاللاش توغرا كەلسە مەن يەنىلا سامسۇڭنى تاللاش قارارىغا كەلدىم(ئەمما بۇ كاساپەت ئايفوندىنمۇ تىز يېڭىلىنىدىغان بولۇپ كەتتى، بىرنى ئېلىپ بولغۇچە يەنە بىرسى چىقىپ بولغان…شۇنىڭغا قاراپ يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى دەپ،نوكىيانى ئالايمىكىن دەيمەن،تەستىرەك يېڭىلىنىدىغان،كونىراپ كەتسە ياڭاق چاقسىمۇ بولىدىغان بولغاندىن كېيىن)
شۇنىڭ بىلەن سىناق مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى.
مەنمۇ تاللاش توغرا كەپ قالسا 5 س نى تاللايمەن ،ئۈلۈشكۈن ئىشخاندىكى بىر خىزمەتدىشىم ئەكەپتىكەن ،شۇنداق ياقتۇرۇپ قالدىم.
ئۇنى بۇنى دىگەن بىلەن ، ئايفۇننىڭ ئىكران، سىپيو . مۇھىم دىتالىرنى سەنشىڭ ياساپ بىردۇ،
ئۇلىنىڭ پەرقى سىستىمىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا، isoسىستىما راۋان، توۋەن سەپلىملىك ھالەتىمۇ تىز ئىجرابولىدۇ،androidسىستىمسى بولسا بىرقەدەر ئىجرا قىلنىشى ئاستا ،ھازىر بۇمەسلىىمۇ بارا_باراياخشىلىنىۋاتىدۇ,ئەگەرئېلىشقا توغراكەسە سەنشىڭنى تاللايمەن
بۇرۇن گلەكسى ئېس 3 ئىشلەتكەن چېغىمدا يۇقارقى تورداش ئېيتقادەك قېتىۋالاتتى ،لېكىن ئېس4 ئۇنداق قېلىق چىقارمىدى .
ماڭا ئېس 4 نىڭ ياقىدىغان يېرى توك سەرپىياتى تۆۋەن (بىركۈن ئىشلىتىپ ،ئۇخلايدىغان ۋاقىتقىچىلىك 60% يەيدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز)،ئىكران سۈزۈك ، چوڭ، تور سۈرئېتى تىز ، كامىراسىنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقرى، ھەممىدىن بەك ياقىدىغىنى باتارىيە ، بۇرۇن ئالما ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا بىركۈن يەتكۈزەلمەي بەك ئىچىم پۇشاتتى ، ھازىر ئېس4 نى بەزىدە 100% توكنى ئىككى كۈن ئىشلىتىمەن .
مەن ھېچقانداق ئويلانمايلا سامسۇڭ نى تالالايمەن ~ ماڭا سەپلىمىسى ياخشى بولسىلا بولدى .
man mu samsung ni tallayman.kollinix qan apliri kop بولدى
يو پانا زادى قاسى ياخشىكڭن تاڭ ئىككىنلىنىپ قالدىم يا ھەجەپ ئۇقمىغاندىكىن يازمىساممۇ بوپتڭىن ھە
مەنمۇ سەھرالىقنى قوللايمەن يەنىلا نوكىيا ياخشى
ئالما 5s