Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!
گەرچە Google Chrome ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق بولغان ۋە ئاللىقاچان تورداشلارغا تونۇش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بىر پارچە تونۇشتۇرۇش ماقالىسى يېزىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، نېمىلا دېمىگەن بىلەن، ئارىمىزدا تور كۆرگۈ دېسە يەنىلا شۇ IE دىن باشقىنى بىلمەيدىغانلار خېلى كۆپ ساندا ئەمەسمۇ؟ شۇنداق، بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تور كۆرگۈنىڭ نامى Chrome.
Chrome تور كۆرگۈسى گۇگېلنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادىتىگە ماس ھالدا ئىنتايىن ئاددى، تېز، مۇكەممەللىكنى قوغلاشقان ھالدا لايىھەلەنگەن. ئەڭ مۇھىمى، Chrome تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغان بىر ئۇقۇم - تېز! ھەقىقەتەن، تەدبىركارنىڭ سىناش نەتىجىسىدە مەلۇم بولۇشىچە، Chrome نىڭ مەيلى قوزغىلىش سۈرئىتى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تور بېكەتلەرنى ئېچىش جەھەتتىن بولسۇن، سۈرئىتى خېلىلا چاققان بىلىندى.
Google Chrome باشقا مودا تور كۆرگۈلەرگە ئوخشاشلا، تور بېكەتلەرنى خەتكۈش شەكلىدە ساقلىۋېلىش، ئۇچۇرلارنى ماس قەدەمدە زاپاسلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. ناۋادا سىز FireFox نىڭ Sync ماس قەدەملەش مۇلازىمېتىرى دائىم ئۇلانمايدىغان ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ئۇنداقتا Chrome نىڭ ماس قەدەملەش ئىقتىدارى بىر سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، Google Chrome مۇ FireFox قا ئوخشاش ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان كېڭەيتمە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، Ghrome WebStore دا نۆۋەتتىكى كېڭەيتمىلەرمۇ نەچچە ئونمىڭدىن ئاشىدۇ. سىز بۇ ئارقىلىق Chrome نىڭ ئىقتىدارىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ئىشلىتەلەيسىز.
مەنزىل تونىلى: Google Chrome تور ماگزىنى
نۆۋەتتە 支付宝 قاتارلىق توردىكى كۆپ قىسىم پۇل-مۇئامىلە تور بېكەتلىرىمۇ Chrome غا ياخشى ماسلاشقان بولۇپ، توردىن نورمال پۇل-ئالاقە مۇئامىلىسى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بانكىلاردىن 兴业 بانكىسى قاتارلىق بانكىلارمۇ Chrome نى ياخشى قوللايدۇ. ئەلۋەتتە، سىز Chrome دىكى IETab قىستۇرمىسى ئارقىلىقمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز.
ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى قوللاش جەھەتتىمۇ، Chrome نۆۋەتتە خېلىلا ياخشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. Chrome نۆۋەتتە TTF فورماتى شەكلىدىكى خەت نۇسخىسىنى بىۋاستە چۈشۈرۈشنى قوللايدىغان بولۇپ، تور بېكەت ياسىغۇچىلار EOT بىلەن تەڭ TTF شەكلىنىمۇ قوشۇپ قويسا، Chrome ئىشلەتكەنلەرمۇ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى نورمال كۆرەلەيدۇ دېگەن گەپ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى كۈنلەردە تاراتقۇلاردا، Chrome تور كۆرگۈسىنىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى بازار ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ FireFox تىن ئېشىپ ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىگى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلگەن بولۇپ، يېقىندىن بېرى بېكەت زىيارەتچىلىرىنىڭ تور كۆرگۈ سىتاتسىكىسىدىن ئىگەللىشىمگە ئاساسلانغاندىمۇ، Chrome تور كۆرگۈسى ئىشلىتىدىغان زىيارەتچىلەرنىڭ سانى FireFox تىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، Chrome تور كۆرگۈسى ھەقىقەتەن مۇۋاپىقىيەت قازانغان مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قىسقىغىنە نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ھازىرقىدەك بازار ئىگەللىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ ئەلۋەتتە. ناۋادا تور كۆرگۈ ئالماشتۇرۇش ياكى Chrome تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىپ بېقىش ئويى بار تورداشلار بولسا، مۇشۇ باھانىدە سىناپ كۆرۈشمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش دەپ قارايمەن.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Google Chrome تور كۆرگۈسى ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Chrome، Google، توركۆرگۈ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 48,813 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-chrome.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پارولنى تېپىپ بېرەلەيدىغان ئاجايىپ قورال – WebBrowserPassView
- كېيىنكى يازما > تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- Google كۆزئەينىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تەسىرات كۆرۈنۈشلىرى
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
- Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…
- [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- Google نىڭ ئىزدەش بېتى بەك ئاددى، ئەمما خىزمەت بىنالىرى ئۇنچە ئاددى ئەمەس
- بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
دىۋا مۇشۇنداقمۇ قالامدۇ دەيمە دىۋان تالىشىدىغان دىۋانىلەردىن يوققۇ بۈگۈن
تىلەمچىلىك قىلغىلى چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. سىلى نېمىش قىللا بۈگۈن تالاغا چىقماي؟
بىكاچىلىقتا بىلوگ ئارلاپ ئولتىراپتىكەنمە نىمە بومماپتىما
دىۋان ساقلاپ قېرىپ كىتەي دىگەنلەمۇ بار بولمىسا
شۇ سىلەدىن ئاشمايۋاتسا يېڭى يازما قۇشۇلسا مەزمۇن بىلەن كارى يوق دىۋاننى ئويلايدىغان گەپتە
ئۆتكەندە تەدبىركارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن FireFox نى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تونىتالماي يەنە بىرمۇنچە كاشىلىلىرىنى ئوڭشاپ بولالماي جىلە بوپ يۇيىۋەتكەن ئىدىم ، مۇنۇ ئوقەتنى قاچىلىسام يەنە بىر يېرى بىر قانداق قىلىپ خاپا قىلسا يەنە جىلە بوپ قالارمەنمۇ ….
جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس ، قېنى بىر سىناپ باقاي .
تور خۇمار، شاھ ئۇيغۇر،پاسىبان كۇلۇبى قاتارلىق كۆپ قىسىم بىلوگلار شۇنداق پەيزى كۆرۈنىدۇ..
مەن ئىشلىتىۋاتقىلى يىرىم يىل بولاي دىدى.. ماڭا ئازراق قولايسىز بىلىنگەن يىرى.. فىلاش قويغۇچ ئارقىلىق قويىدىغان فىلىم ياكى كىيۇكىيۇ رىستورانى دىگەندەك ئويونلار نى ئوينىغاندا بىۋاستە كۆرۈنمەيدۇ…
قايسى قىستۇرمىسىنى قاچىلىسا بولىدۇ بىلەممىدىم…
بۇنىڭغا قىستۇرما كەتمەيدۇ، مەن كېرەمجاننى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ئاز كەم 3 يىل بولدى، باشقىسىغا كۆنەي دەپمۇ كۆنەلمىدىم، ئادەتتە مەن flash قويغۇچنىڭ ھەممە نۇسقىسىنى تولۇق قاچىلايمەن، شۇڭا سىز دىگەندەك ئەھۋاللارغا ئۇچرىمىدىم!
مەن IEدىن باشقىسىغا تازا كۆنەلمىدىم ، ھازىر IE9نى ئىشلىتىۋاتىمەن!
chrome ئىشلەتمەي تورغا چىقىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي…
بۇنىڭدا مەن ئۇيغۇرچە ئەمەس باشقا بەتلەرنى ئىشلىتىۋاتىمەن… تورخۇمار ياخشى چىققان بىلەن ئۇلىنىش ياكى باشقا بەتلە تازا نورمال ئەمەس خەت شەكلى … لىكىن سۇرئەت دىگەندە مەسىلە يوق دىيەرلىك … لىكىن خەت فورماتى نورمال ئەمەس …بۇنى ئۆزىمىز ئوڭشايدىغان ئۇسۇل بارمىدۇ …
كومپىيۇتېرىڭىزغا alpida unicode system فونتىنى قاچىلاپ قويۇڭە يەنە نورمال چىقمايدىغان بەتمىكىن ئۇ… مەن ئىشلىتىۋاتقىلى نەچچە ئاي بولدى شۇنداق ياخشى. http://d.qutyar.net/bashqa/20110205/219.html ماۋۇ مەن دېگەن فپنتنى چۈشۈرۈش ئادرېسى. قېنى سناپ بېقىڭ. يەنە ھەل بولمىسا يەنە ئىنكاس قىلىڭ. مەن با
تەدبىركار بىزمەزگىل تۈلكىنى تۇنۇشتۇرۇپ تۈكىگە كۆندۈرگەن ئىدى. ئەمدى چرومنى تۇنۇشتۇرۋاتىدۇ، بۇنىڭغا كۆنگىلىمۇ ئاز قالدۇق
مەن ئادەتتە توردا قىلىدىغان ئىشىم كوپ بولغاچقا Chrome تور كورەۇسىنى ھەم I9E نى تەڭ ئىشلىتىمەن …. مەن Chrome توركورگۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئىككى يىل بۇلايدىدى ماڭا بەرگەن تەسىرى ئىشقىلىپ بەك ياخشى ھەم قولاي….ماڭا I9E دىنمۇ كۆپ ياخشى تۇيۇلىدۇ…..Chrome نى ئاساسلىق ئورۇندا …..I9E نى قۇشۇمچە ئورۇندا ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن……..
مەن ئادەتتە IE بىلەن Chrome نى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن.
تەدبىركار تىمىنى يوللاپ قويوپ كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەرگىلى چىقمايدىغۇ….
مەن ئىزچىل بار. سىز دېگەندەك مەسىلىلەرگىمۇ يولۇقۇپ باقمىدىم، شۇڭا ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققان تورداشلاردىن ئاڭلايلىمىكىن دەپ ئولتۇرغانتىم.
بۇ تور كۆرگۈ بەك ياخشې.
مۇشۇنىڭغىلا يېتىۋالدىم مەن خېلى ئۇزۇن بولدى. FireFox قوزغىلىشى بەك ئېغىرلاپ ياقماي قالدى. ھازىر بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر كۆرگۈچنى تەڭ قىلمايۋاتىمەن. Safari نى Mac تە ئىشلەتسە بولىدىكەن…
بۇ كۆرگۇدە ئۇلىنىش قاتارلىق توربەتلەر نۇرمال كۆرۇنمەيدىكەن
يامان بىلمىدىممۇ تونۇتۇشنى
بولسا مەخسۇس تېما ئارقىلىق كرومنىڭ قىستۇرمىلىرى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن، تەمىنلەنگەن بولسا
بولىدۇ، مەخسۇس تېما يازايلى ھە
مەن يانتېلىفۇنىمدا ،كىرەمجاننى ئىشلىتىمەن.سۈرئىتى شۇنداق تېز.كومپىيۇتىرىمدا ئوت تۈلكە بىلەنIE9 بار. قېنى كىرەمجاننى كومپىيۇتىرىمغا چۈشۈرۈپ بىر سىناپ باقاي.
كىرەمجان ھەقىقەتەن بەلەنكەن.
كىرەمجاننى ماڭىمۇ يوللاپ بېرىڭلار ياخشى بول
مەن بۇتورغا مەپتۇن بوپ قالغانتىم لىكىن بىر تالمۇ ئۇيۇن چۈشۇرەل مىدىم
ھەممە يېرىغۇ ياخشى لېكىن شۈنلىي قوللىمايدىغان يېرى چاتاقتە بۇنىڭ
ھەممىنى قوللايدىغۇ؟
ئۇنداق ئەمەستۇ . مەن نەرسە چۈشۈرسەم بىۋاستىلا تور كۆرگۈچ ئۆزى چۈشۈرىدۇ . چوڭراق نەرسە چۈشۈرسەم شۇڭا باشقا توركۆرگۈدە بەتنى ئېچىپ چۈشۈرىمەن. شۈنلىينى تونۇتىدىغان بىرەر ئۇسۇل بارمۇ
迅雷 نىڭ ئەڭ يېڭىسىنى قاچىلىسىڭىز ئاپتوماتىك كروم قىستۇرمىسىنى قاچىلايدۇ. قاچىلىمىسا كروم ئەپ بازىرىدىن ئىزدەپ تېپىپ قاچىلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنداقتا Chrome نىڭ جىڭكۇسى كىمدە بار ؟؟؟؟؟؟ مەن چۈشۈرەلمىدىم ؟؟؟
مەن مۇ بەك ئامراق بۇ توركۆرگۇچكە