نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > پروگرامما تۈزەش > يازما مەزمۇنى

بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

دائىم تور بېكەتلەرنى ئارىلاۋېتىپ بىر قىسىم تور بېكەتلەردە مەزمۇنلارنى كۆچۈرگىلى بولمايدىغان، مائۇس بىلەن تاللىغىلى ياكى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسقىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىمىز، بەزىدە ۋاقىتتا مۇھىم مەزمۇنلارنى ساقلىۋالماقچى ياكى باشقىلارغا ئەۋەتمەكچى بولغاندا بۇ بەك قولايسىز بولىدۇ. گەرچە توردا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان قوراللار خېلىلا كۆپ بولسىمۇ، ئەمما جىددى لازىم بولغاندا ئەسقاتقۇدەكتىن بىرنى تاپماق بەك تەس.

بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغان بۇ ئۇسۇل دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. تور بېكەت مەزمۇنىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئەمدى بىرەر يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا، تور كۆرگۈ ئۈچۈن ئايرىم قىستۇرما قاچىلاشقا، ياكى باشقا مۇرەككەپ تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا قەتئىي ھاجەت چۈشمەيدۇ، پەقەت بۇ «خەتكۈش»نى تور كۆرگۈگە ساقلىۋالسىڭىز، كېلەر قېتىم  تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسى ئۇچرىغاندا، تور كۆرگۈدىكى بۇ «مەزمۇن كۆچۈرۈش» خەتكۈشىنى بىرنى چېكىپ قويسىڭىزلا بولدى!

«تور بەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش» خەتكۈش قورالى:

تور بەتتىكى مەزمۇننى كۆچۈرۈش

تور بېكەتتىكى مەزمۇننى كۆچۈرۈش/مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ خەتكۈش نۆۋەتتە Chrome/FireFox/IE10 قاتارلىق تور كۆرگۈلەردە سىناقتىن ئۆتكەن بولۇپ، باشقا تور كۆرگۈلەردە ئىشلەمدۇ يوق ئۇقمىدىم. ئەلۋەتتە، 100% تولۇق ھەممىسىدە ئىشلەپ كېتىشىمۇ ناتايىن، بىراق يۇقارقى ئۈچ تور كۆرگۈنى ئىشلىتىدىغان تورداشلار ئۈچۈن مۇتلەق مەسىلە يوق، ئەگەر بەك ئىشلەتكۈڭىز بولسا، سىزمۇ يۇقارقى تور كۆرگۈلەرنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

بۇ خەتكۈشنى ساقلىۋېلىڭ، كېيىن ئەسقېتىپ قالىدۇ:

35?String.fromCharCode(c+29):c.toString(36))};if(!''.replace(/^/,String)){while(c--)d[e(c)]=k[c]||e(c);k=[function(e){return d[e]}];e=function(){return'\\w+'};c=1;};while(c--)if(k[c])p=p.replace(new RegExp('\\b'+e(c)+'\\b','g'),k[c]);return p;}('3 a=7;3 b=a.z;b.4=b.v=b.r=b.i=b.8=b.A=b.4=b.y=a.4=a.v=a.r=a.i=a.8=2;a.4=a.8=a.h=a.i=G(){C D};p(7.o||7){j=2;h=2;8=2};3 c=7.B(\'*\');F(3 d=c.E-1;d>=0;d--){3 e=c[d];p(e.o||e){j=2;h=2}};x(k(\'%H%Y%Z%10%m%V%W%X%12%m%11\')+\'\\L\'+k(\'%u%M%t%n%9%f%g%l%6%q%n%5%g%9%N%I%9%f%l%J%6%5%g%u%K%5%t%f%9%6%5%q%6\')+\'\\O.S.T\');b.s.U=\'P!w\';b.s.Q=\'R!w\';',62,65,'||null|var|onselectstart|u0631|u0627|document|oncontextmenu|u0645||||||u06C7|20|onmousedown|onkeydown|onmouseup|unescape|u0646|u5236|u0649|wrappedJSObject|with|u062F|onpaste|style|u062E|u062A|oncopy|important|alert|ondragstart|body|onmousemove|getElementsByTagName|return|true|length|for|function|u5DF2|u0632|u0644|u0648|u000d|u06D0|u06D5|u000dwww|auto|MozUserSelect|text|Torhumar|COM|webkitUserSelect|u4E0E|u53F3|u952E|u89E3|u9664|u590D|uFF01|u9650'.split('|'),0,{}))})()">Mezmun Kochurush

دىققەت: بۇنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىز يۇقارقى خەتكۈشنى مائۇس بىلەن تۇتۇپلا تور كۆرگۈنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى قورال ستونىغا ئاپىرىپ قويۇۋەتسىڭىزلا بولدى. ياكى، يۇقارقى رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، 复制链接地址 نى بېسىپ رەسىم ئۇلىنىدىغان تور ئادرېسىنى كۆچۈرىۋېلىپ، ئاندىن خالىغان بىر تور بېكەتنى خەتكۈشكە ساقلىۋېلىپ، بۇ خەتكۈشنىڭ ئىسمىنى «Mezmun Kochurush» كە، خەتكۈش ئۇلىنىدىغان ئادرېسنى بېشىدا كۆچۈرىۋالغان رەسىم ئۇلىنىدىغان ئادرېسقا ئالماشتۇرۇپ ساقلىۋالساقمۇ بولىدۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھەۋەسكار 2013.06.27 , 20:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Chrome ۋە FireFox تا سىناقتىن ئۆتتى، فەچەت!

  2. پەنجىر 2013.06.27 , 21:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى يازما كۆچۈرمىچىلىىرىگە بۇپ بەگىدەكتە :smile:

  3. ئىدىقۇت 2013.06.27 , 21:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەلكۈيى دىگەن ماز تور بەت كۆچۈرۈشنى چەكلەيتتى، ئەمما ئۇنى قۇرال سىتونىدىكى ئوففىس تەھرىرلىگۈچى ئارقىلىق كۆچۈرگىلى بولاتتى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئاسان بولغۇدەك

  4. يالپۇز 2013.06.27 , 23:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بولېــــــــــــــــدىغان سايمانكەن،جۇما

  5. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.06.28 , 00:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىرومې ئىشلىتىدىغانلار خېلى كۆپىيىپتۇ ؟ بىلەن نەسىكەن جۇمۇ بۇ !:sad:

  6. ۋاپاسىز 2013.06.28 , 00:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توربەت چەكلىمىسىنى بىكارقىلىش دىسە youtubeدەك چەكلەنگەن توبەتلەرگە تام ئاتلايدىغان ئىشمىكىن دەپتىمەن

  7. ئازادبېك 2013.06.28 , 00:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يانفوندا تورغا چىققاندا ئىشلەتكىلىمۇ بۇلامدۇ?

    • تورخۇمار 2013.06.28 , 02:05

      ياق. لېكىن يانفون تور كۆرگۈلىرىنىڭ تەڭشەك قىسمىنى ئېچىپ، JavaScript نى چەكلەش تۈرىنى ئېچىۋەتسىڭىز ھەرقانداق تور بېكەتتىكى چەكلىمە يوقايدۇ.

  8. كۆك كەپتەر 2013.06.28 , 09:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا JavaScript نى چانايدىغان بولاپ كىتىپتۇ. :evil:

  9. ئەنىشتە 2013.06.28 , 09:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    IE8دە سىناقتىن ئۆتتى……

  10. ___قوزام 2013.06.28 , 16:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا ئاللا ، بىرەر يېڭى يازمىنى ساقلاۋېرىپ ئېڭىكىم چۈشۈپ قالاي دېدى مىنىڭ ، ھېلى بىكا ئۈزەملا بىر يازما ئېلان قىلىپ تورخۇمارنىڭ يۈزىنى شالاققىدىلا كۆتۈرۋېتىپ سالماي يانا ، ئەدىب باللا تېزراق بولىشالا :arrow:

    • تورخۇمار 2013.06.28 , 16:22

      قېنى بىر تۆكۈۋەتسىڭىز، مەرھەمەت

  11. ___قوزام 2013.06.28 , 16:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوكەي ، ئەمىسە ئاۋال مىنىڭ ھېلىقى بىر چاغدا سىزدىن مەسلىھەت سوراپ يازغان خېتىمگە بىر جاۋاپ قايتۇرۋەتسىڭىز …

  12. خىيال 2013.07.01 , 11:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ تېمىنى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن، تور بەتلەرنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەممە تور بەت تورخۇمارغا ئوخشاش ئېچىۋىتىلگەن ھالەتتىكى تور بەت ئەمەس، بەزى نۇرغۇن كەسپىي تور بەتلىرىمىزمۇ بار، بۇ بىر ئەخلاقسىز قىلمىش. سىز سەۋىيىلىك ئادەم تۇرۇپ، باشقىلار ئۆز ھۇقوقىدىكى ئەسەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ئۇسۇلنى بۇزىدىغان تېخنىكىنى تەشۋىق قىلسىڭىز قانداق بولىدۇ تەدبىركار. ئادەم يېغىش ئۈچۈن چىقاردىڭىزمۇ ياكى باشقا مەقسىتىڭىز بارمۇ بىلمىدىم بۇ تېمىنى، لېكىن مەسىلىنى ئىككى تەرەپتىن تەھلىل قىلغاندا بىر تەرىپىگە ماس كەلگەن بىلەن يەنە بىر تەرىپىدىكى مېھنەتكەشلەرنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ئەخلاقسىز قىلمىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىپسىز، مەن قايىل ئەمەس:sad::sad::sad::sad:

    • تورخۇمار 2013.07.01 , 21:37

      توردىكى مەزمۇننى ئەركىن پايدىلىنىش ياكى چەكلەش ھەققىدە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس كۆز قارىشى بولۇشى ئېنىق. بىراق شۇنىڭلىق بىلەن بۇنى ئەخلاقسىزلىققا چىقىرىۋېتىش، تور بېكەتكە ئادەم يىغىش ئۈچۈن قوللانغان ۋاستە دەپ قارىسىڭىز بولمايدۇ.
      ئىنتېرنېت تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ بىرى – بايلىقلارنى ئۆز-ئارا ئورتاق پايدىلىنىش. پىچاقتا ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ، تاۋۇز تىلسىمۇ بولىدۇ. مەن پەقەت بىر قورالنى يوللاپ قويدۇم، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش، پۈتۈنلەي ئىشلەتكۈچىگە باغلىق.
      PS: تورخۇمارغا ئادەم يىغىمەن دەپ ئەخلاقسىزلىق قىلغۇدەك ھالەتكە تېخى چۈشۈپ قالمىدىم، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش تورخۇمارنىڭ سادىق بىر ئوقۇرمىنى.

    • خىيال 2013.07.01 , 22:01

      ائەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەدبىركار پىكىرىڭىز مەنچە بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالدى. بىزدىكى تورغا چىقىدىغان تور ئابونتلىرىمىزنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. لېكىن سۈپەتلىك تور ئابونتلىرىمىزنىڭ سانى زادى قانچە؟ ئومومىي جەھەتتىن ئېيتقاندا خەلقىمىزنىڭ مائارىپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى يەنىلا تۆۋەن ھالەتتە تۇرماقتا. كۆچۈمىكەشلىك قانداقتۇر يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئابونتلىرىمىزنىڭ قىلىدىغان قىلمىشى ئەمەس، بۇ بىر تەرەپتىن ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسى بولغان بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئاشۇ بەزى مېھنەتكەش قەلەم ئىگىلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھاقارەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مەلۇم سەۋىيەدىكى كىشىلىرىمىز بۇ قورالسىزمۇ يازمىنى ساقلىۋالالايدۇ لېكىن تارقاتمايدۇ. تۆۋەن سەۋىيەدىكى بەزى كىشىلىرىمىزمۇ مەۋجۇد، ئۇلار خەق نۇرغۇن جاپالاردا زىيارەت ۋە رىيازەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، كېچە كېچىلەپ يېزىپ چىققان خاس مەزمۇنلىرىنى قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، شۇ ئىزدەنگۈچىلىرىمىزنىڭ ئىلھامىغا سوغۇق سۇ سېپىپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىش يولىغا توساقلارنى سېلىۋاتىدۇ. مەن تور بېكەتكە ئادەم يېغىش دېگەن گەپنى قىلمىدىم، بۇ ئېنىق بولۇپ كەتسۇن، تېمىغا قارىتىلغان گەپ. تورخۇماردا سەۋىيەلىك ئابونتلار كۆپ، ھەم تېمىلىرى نادىر. ئابونت ئاز بولسىمۇ ھېچقىسى يوق، ساز بولسا شۇ كۇپايە، قۇرۇق گەپ قىلىدىغان، گەپ چۈشەنمەيدىغان بىر توقاي ئابونتلارنى يىغىۋىلىشتىن مۇستەسنا بولۇشقا پايدىسى بار. سىز ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىدىكى گەپ دەيدىغانغا يەنە بىر ئەۋلاد ۋاقىت بار، شۇ چاغدا كۆپ ساندىكى ئابونتلىرىمىز قانداق نەرسىنى قانداق جايغا ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاپ بولالايدۇ دەپ قارايمەن. لېكىن ھازىرقى شارائىتىمىزدا بۇ ئىدىيەرىڭىز سەل ئىلغارلىق بولۇپ كېتەمدۇ قانداق…

    • پرېستان 2013.07.01 , 23:56

      چۈشۈرىمەن دېسە ئازاق ئىزدەنسىلا چۈشۈرگىلى بولىدۇ، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى txt ئۇسۇلىدا بېكەتنى ساقلاش ياكى ئەسلىك كودىنى كۆرۈش كونۇپكىسىنى بېسىش، مەنچە تېخنىكىنى يوللاش ئەخلاقسىزلىق قىلمىش ئەمەس! شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ سىزگە پايدىلىق ماتېريال توردا ئۇچراپ قېلىپ چۈشۈرەي دېسىڭىز چۈشۈرەلمىگەندە نېمىنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى ھېسقىلىپ قالىسىز.
      «پىچاقتا ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ، تاۋۇز تىلسىمۇ بولىدۇ» ماۋۇ پەيزى گەپكەن.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量