Cut The Rope ئارغامچا كېسىش – iPhone/Android تىكى بەش يۇلتۇزلۇق تەۋسىيە ئويۇن(HTML5 نۇسخىسى)
Cut The Rope(ئارغامچا كېسىش) ئويۇنى بولسا iOS/Android سۇپىسىدىكى بىر تۈرلۈك ئىنتايىن ئالقىشلىق ئويۇن بولۇپ، ياسىلىشى ئىنتايىن نەپىس، قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى مېۋىچى نىنجا، غەزەپلەنگەن قۇشقاچلاردىن قېلىشمايدۇ، بازارغا چىققان قىسقىغىنە 12 كۈندىلا ئۈچ مىليون يۈرۈش سېتىلغان بولۇپ، ئادەمنى قىززىقتۇرۇش كۈچىمۇ خېلىلا يۇقىرى، بىر قېتىم ئويناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ…
ئۇزۇندىن بۇيان، بىز ئارغامچا كېسىش(Cut The Rope) ئويۇنىنى پەقەت iPhone ،iPad ۋە Android قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردىلا ئويناپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر ھەقلىق ئەپ ئىدى، ئەمما يېقىندا مەزكۇر ئويۇننى ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ بىلەن مىكروسوفت ھەمكارلىشىپ، مەزكۇر ئويۇننىڭ ھەقسىز html5 تور بەت نۇسخىسىنى ئېلان قىپتۇ. يەنى بۇ دېگەنلىك، سىزدە پەقەت بىر دانە ئىلغار تور كۆرگۈ، مەسىلەن، IE9، FireFox، Safari ۋە Chrome قاتارلىقلار بولسا، ھەرقانداق جايدا بۇ ئويۇننى ھەقسىز ئويناش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. لېكىن شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن: ھەرگىز خۇمار بولۇپ قالماڭ…
Cut The Rope نىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:
ئارغامچا كېسىش ئويۇنى Cut The Rope سەزمە ئېكرانلىق مەشغۇلات ئۇسۇلى قوللانغان بولۇپ، ئوينىغۇچىلار ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن كەمپۈت باغلانغان ئارغامچىنى كېسىپ، ھەمدە ئامال بار سېرىق رەڭلىك يۇلتۇز بەلگىسىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەن شەرت ئاستىدا، يەنە بەزىدە سۇ كۆپۈكچىسى قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەھۋالدا كۆپۈكچىنى تېشىۋېتىپ ئاخىرىدا كەمپۈتنى پاقىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويسىلا بولىدۇ. ئويۇننى ئويناش جەريانىدا بىر قىسىم ئاساسى بىلىملەر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، گەرچە ئاددى بولسىمۇ، ئەمما ئوينىغۇچىلاردىن كاللا ئىشلىتىپ ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن پىكىر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ ئويۇننى قىزچاقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئويناشمۇ شۇنداق كۆڭۈللۈك!
HTML5 ئويۇنلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېس قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى:
گەرچە بۇ ئارغامچا كېسىش ئويۇنىنىڭ تور بەت نۇسخىسى HTML5 تىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى يانفون نۇسخىسىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ، ھېچ بولمىسا FireFox ، Chrome قاتارلىق تور كۆرگۈلەردە ئىنتايىن راۋان يۈرۈشىدۇ. ئەمما مەزكۇر ئويۇن مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولغاچ، بىر قىسىم ئۆتكەللەرنى چوقۇم IE9 دا ئوينىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ ئويۇن ئارقىلىق نادىر يانفون ئويۇنلىرىنى ھەقسىز ئويناش مەقسىدىگە يېتىپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ يېڭى HTML تور بەت ئويۇنى تېخنىكىسىدىن ھوزۇرلىنالايسىز، بەلكىم بۇندىن كېيىن بىز ھەقىقەتەن ھېچقانداق قىستۇرما قاچىلىماي، پەقەت بىر تور كۆرگۈ ئارقىلىقلا، مەلۇم تور ئادرېسىنى ئېچىپ خىلمۇ-خىل 2D ياكى 3D ئويۇنلارنى ئوينىيالىشىمىز مۇمكىن.
ئويۇننى باشلاش :
ئارغامچا كېسىش ئويۇنى Cut The Rupe نىڭ HTML5 تور بەت نۇسخىسى | مەنبە: تورخۇمار
يانفون نۇسخىلىرىغا مەرھەمەت:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، App، html، HTML5، iOS، ئەپ، ئويۇن، تور بېكەت، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,686 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cut-the-rope.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئافرىقا پاقىسىنىڭ Android ۋە iOS سۇپىسىدىكى Ant Crusher ناملىق ئويۇننى ئوينىشى
- كېيىنكى يازما > A5 تىپلىق iDevice لارنى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش – iPhone 4S/iPad2 قاتارلىقلارنى قوللايدۇ
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
گەپنى ئالدىن دەپ قوياي، تەدبىركار ئىككىمىز بۈگۈن ئوخشاش تېما يوللاپ قويۇپتۇق . لېكىن ھەر ئىككىلىمىز بىر بىرىمىزدىن كۆچۈرمىگەن جۇمۇ !
ئەپسۇس، ئىككىلا تور بەتتىن بۇرۇن پاسىباندا بىر كۆرگەن
ئاشۇنداق تىلفونى بارلارغىلا يىزىلغان تېماكەن بۇ،چىقپ كەتتىم
خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، بۇ يازما ئويۇننىڭ HTML5 تور بەت نۇسخىسىنى چۈشەندۈرۈش مەقسىدىدە يېزىلغان.
چۈشۈرۈش ئادرېسىنىڭ كۆرۈنىشى ئالاھىدە گۈزەل چىقىپتۇ.
ئى ،ئې 9 دىگەن نىمە نىمە ئۇ
كومپىيۇتېرنىڭ بىر ۋىنتىسى.
ما ئويۇننڭ مەن تىلفۇندا ئويناپ ، يىرتىپ پالەچ قىلىۋەتكەن
ھەقىقەتەن ئىسىل ئويۇن بۇ …
تۈرمىدىن قاچۇرغانلار ئۈچۈن …..
تورخۇمار يىلنىڭ بىشىدىلا پەيزى تىمىلارنى يوللاۋاتىدۇ…تۈرمىدىن قاچۇرغانلارغا ئەپ تۇنۇش تۇرىدىغان بىلوگلارنىڭ تىخىمۇ كۆپ بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
بۇنى مەنمۇ يوللىغانتىم بىراق يەنىلا تورخۇمار كوپ كۈچەپتۇ، تىرىشسام بولغىدەك
كۆپچىلىككە بۇ ئويۇننىڭ يەنە بىر نۇسقىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، ئەگەر سىزدە ئاندىرۇيۇت ۋە ئايئوئىس ئۈسكۈنىلىرى بولمىسا تور كۆرگۈچتىلا بۇ ئويۇننى ئوينىيالايسىز، تور ئادىرىسى:
http://www.cuttherope.ie/
تېمىنى تولۇق ئوقىمايلا ئېنكاس يازغاندىن كىين شۇنداق بولىدۇ…
(خىجىل بولغىنىدىن تىرنىقىنى تاتلاپ يەگە قاراپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)
ماۋۇ ياخشى ئويۇنكەن. مەن نۇرقۇتقا HTML5 تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئەكەتتىم ئەمىسە
چاتاق يوق
بۇ ئويۇننىڭ نەچچە خىلى بار ئىكەن ، مەن ھەممىسىنى ئويناپ ۋەت-ۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەن
قايسىڭلار ماڭا« تۇرمىدىن قاچۇرۇش» دىگەننى چۇشەندۇرۇپ بىرسىلە. مەخسەتكە كەلسىەك بۇ ئويۇننى بىر دوستەك ئوينىدىم دىگەن بۇگۇن مەنمۇ سىناپ باقاي دىسەم تىلفۇنۇم تىخىچە مايكول سىكۇفيۇت ياتقان تۇرمىدىكەن ئەمەسمۇ ،، «خەتتىكى خاتالىقلارنى كومەسكە سىلىپ ئوقۇڭلار»
مەن ئەجەپ چۈشۈرەلمىدىمغۇ! گوگىل پىلەيدىن چۈشۈرگەن بولمىسا ،باشقا بىر نەرسە چۈشۈپتۇ.