نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

A5 تىپلىق iDevice لارنى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش – iPhone 4S/iPad2 قاتارلىقلارنى قوللايدۇ

absinthe

Pod 2g نىڭ ئالدىن خەۋەر بەرگىنى بويىچە، greenpois0n گورۇپپىسى(Chronic Dev Team) نىڭ باشلامچىسى p0sixninja  ئالدىنقى كۈنى كەچرەك Twitter دا A5 CPU سەپلەنگەن ئالما ئۈسكۈنىلىرى، يەنى iPhone 4S ۋە iPad 2 لەرنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى Absinthe نى greenpois0n.com دىن چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى…

بۇ قۇرال ئارقىلىق iPhone 4S نىڭ iOS 5.0 ۋە 5.0.1 ئىككى خىل نەشىرنىڭ ھەممىسىنى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدىكەن. iPad 2 نىڭ چوقۇم 5.0.1 بولۇشى كىرەك ئىكەن. ھەمدە كومپيۇتېردا iTunes نىڭ 10.5 دىن يۇقىرى نەشىرى بولۇش كىرەك ئىكەن. Twitter دا  ئىيتىلىشىچە بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالىنى ئىشلىتىش ناھايىتى ئاددى بولۇپ، پەقەت بىر كونۇپكىنى بىسىپلا ئىشنى تاماملىغىلى بولىدىكەن.

دىققەت:

بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمىغان پىرىنسىپ بىلەن، يەنى Absinthe نىڭ يېڭى بايقىغان ئۇسۇلى بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، (ناھايىتى ئاز نىسبەتتە) ماتېرىيال ۋە شەخسى ئۇچۇرلار ئۆچۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنچىلىكى بار.. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئاۋال iTunes ئارقىلىق راۋۇرۇس زاپاسلىۋىلىپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ!

Windows نەشىرىدىكى Absinthe ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى:

1. iTunes دىكى ھۆججەتلەرنىڭ زاپاسلىنىپ بولغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، ئۇچۇر سىمى بىلەن iPhone 4S نى ئۇلاڭ ھەمدە iTunes نى تاقىۋېتىڭ، Absinthe نى چۈشۈرۈپ(چۈشۈرۈش ئادرېسى مەزكۇر يازمىنىڭ ئەڭ ئاستىدا) پرېستىن يايغاندىكى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك:

image

Absinthe نى قوزغىتىمىز،  بۇ چاغدا iPhone 4S كومپيۇتېرغا ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق ئۇلانغان بولىشى كېرەك، ئاندىن Jailbreak كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

image

ئاندىن پروگرامما ئىجرا بولۇشقا باشلايدۇ. نەچچە مىنۇت سەۋرچانلىق بىلەن ساقلايمىز.

image

ئۇچۇرلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ، سىمنى تارتىۋەتمەڭ.

image

كومپيۇتېردا قىلىدىغان مەشغۇلاتلار تۈگىدى. ئەمدى iPhone 4S نى ئېچىڭ.

image

يانفون ئېكرانىدا greenpois0n نىڭ ئايكونى كۆرۈنىدۇ، كارىڭىز بولمىسۇن. بۇ چاغدا تەڭشەك(设置) نى ئاچىمىز، ئاندىن V P N تۈرى كۆرۈنىدۇ، ئۇنى ئاچىمىز، ئاندىن سېستىما خاتالىقى كۆرۈنۈپ iPhone ئاپتوماتىك قايتا قوزغىلىدۇ. بۇ چاغدا ئېكراندا Cydia نىڭ ئايكونى كۆرۈنىدۇ، تۈرمىدىن قېچىش مەشغۇلاتى تولۇق تاماملانغان بولىدۇ!

سىنلىق دەرسلىك:

تۈرمىدىن قېچىش قورالى Absinthe نى چۈشۈرۈش:

Windows نەشىرىدىكى Absinthe نى چۈشۈرۈش     |     مەنبە: تورخۇمار     |     Mac نەشىرىدىكى Absinthe نى چۈشۈرۈش

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 12 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ، ، ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 24-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: absinthe.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ئاۋاز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەقلەر دىۋان دەپ كېتىدىكەن نەرى با بۇ يەرنىڭ ئارزۇلىغۇدەك؟

  2. ئەرك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رىۋايەتلەردىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دىگەن مۇشىنچىلىك ئاددى ئىشمىتى

  3. مۇرادىل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھاي.. مەن تېخى ئالغىلى 20 كۈنمۇ بولمىغان iphone 4 رىمنى ساتاي ئەمسە.. ماۋۇ 4s ئالايمىكىن ئەمدى.. باللار سىلەرچە قايسى ياخشى..

    • سەبىدىل :

      ئۇنىڭدىن يەنىلا ئوكۋاپ ماركىلىق كىچىك زىرەك ياخشى ، ئاشۇنى ئېلىڭلا …. ئىشلىتىپ تەسىراتىڭىزنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . :roll:

  4. نۆل ۋە بىر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    22-چىسلا ئەتىگەندە چىققانىدى …مەن شۇ ۋاقىتتىلا سىنىغانىدىم… مۇۋاپقيەتلىك تۈرمىدىن قىچىپ كەتتى…لىكىن ئۈستىدە دىيلگىنىدەك vpnدىگەندەك نەرسىلەر كۆرۈنمىدىغۇ؟!

  5. گادي : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس خەۋەركەن ، تۈرمىدىن قاچان قاچارمەن دەپ تاقىتىم تاق بولغانتى،پۇرسەت ئاخىرى يىتىپ كەلدى!

  6. شاخيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايتى ياخشى دىتالكەن مەن iPhone 4S iOS 5.1 مۇۋاپىقىيەتلىك تۇرمىدىن قاچۇرۋالدىم

    • يۇمۇر :

      سزنىڭ قۇلۇپلۇق نۇسىخۇستكىمۇ ياكى قۇلۇپسز نۇسخۇستكمۇ 4S مۇ؟

  7. فەرۇق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار! بۇ تۈرمىدىن قېچىش دېگەننى قەتئي چۈشەنمىدىم..مەنمۇ iPhone 4 ئشلىتىپ تۇرۇپ بۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن..مۇمكىن بولسا ماڭا تۈرمىدىن قېچىش دېگەن زادى نىمۇ.. iPhone ئشلاتكۈچىلەرگە تۈرمىدىن قېچىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرىپى بار؟دېگەنلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار…ھازىر ھەممە تور بېكەتلىرىدە تۈرمىدىن قانداق قېچىش توخۇرلۇق گەپلەر جىق بولۇپ كىتىپتۇ..لېكىن تۈرمىدىن قېچىش دېگەن نېمە ئىكەنلىكى قەتئي چۈشەندۈرۈلمەپتۇ..بۇنداق بولغاندا بىلىدىغانلار بىلىپ مېڭىۋەرسە بىزدەك بىلمەيدىغانلارغا ئۇۋال بۇلامدۇ قانداق خى خى~~~~

  8. ئەخمەت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇرمىدىن قاچۇرسىڭىز سىز خالىغان دىتاللارنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايسىز يەنە يانفۇنىڭىزنى ئۇيغۇرچە قىلالايسىز تۇرمىدىن قاچۇرمىغاندا خالىغان تور بەتتىكى دىتاللارنى قاچىلىيالمايسىز چۈشەندەڭىزمۇ

  9. قەدەم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭكى 4s 5.1 نەشىردىكى كانادا مىلى، بۇنىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بۇلامدۇ؟؟؟






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)