SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
SAMSUNG مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى بايرىقى ئاستىدىكى GALAXY S تۈرىدىكى ئۈچۈنچى ئەۋلاد ئەقلىيفوننى GALAXY S III رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ يانفۇن 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالدى بىلەن ياۋروپادا بازارغا چىقىدۇ، ئارقىدىن باشقا دۆلەتلەردە بازارغا چىقىدۇ .
ئىلگىركى خەۋەرلەرگە ئوخشاش، GALAXY S III گە 4.8سۇڭلۇق HD Super AMOLED ئېكران، 8مىليون پېكسىللىق كەينى كامېرا ۋە 1مىليون 900 مىڭ پېكسىللىق ئالدى كامېرا سەپلەنگەن ، ھەمدە Android4.0 سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن.
لېكىن بۇ قېتىم سامسۇڭ GALAXY S III نىڭ يورۇق نوقتىسى قاتتىق دېتالدا بولماستىن ، ئۆز ئارا ھېس قىلىشقا بولغان ئەلالاشتۇرۇشتا، Samsung بۇنى «تەبىئىي بولغان ئادەم ماشىنا ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھېس قىلىش» دەپ ئاتىدى. يېڭىدىن قېتىلغان «Smart stay» ئىقتىدارى ئىشلەتكۈچىنىڭ يانفون ئىشلىتىش ئادىتىنى پەرىق ئېتەلەيدۇ، ئېلىكترونلۇق كىتاب ئوقۇغان ياكى توربەت كۆرۈۋاتقان چاغدا، ئالدى كامېرا ئارقىلىق كۆز پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ئاپتوماتىك ئېكراننىڭ يورۇق ھالەتتە ساقلايدۇ. « S Voice»ئىقتىدارى يەنە ئالمىنىڭ Siri غا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان بولۇپ ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.
يېڭى GALAXY S III يەنە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. مەسىلەن سىز مەلۇم بىرىگە ئۇچۇر يېزىۋاتقان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشنى قارار قىلسىڭىز، يانفوننى قۇلىقىڭىز يېنىغا ئەكەلسىڭىزلا يانفون ئاپتوماتىك شۇ كىشىگە تېلېفون ئۇرىدۇ. GALAXY S III گە يەنە ئورتاقلىشىش ئىقتىدارى «S Beam»قېتىلغان بولۇپ، WiFi ۋە يانفون سىگنالى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھۆججەت ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
بۇندىن باشقا GALAXY S III يەنە سىمسىز ئېكران ئۇزىتىش، تېز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىش، NFC يانفون پۇل تۆلىگۈچىسى، سىمسىز زەرەتلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوللايدۇ. بىلىشىمىزچە ، سامسۇڭ GALAXY S III بۇيىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالدى بىلەن ياۋروپادا بازارغا چىقىدىكەن، ئارقىدىن باشقا دۆلەتلەردە بازارغا چىقىدىكەن.
Asymco نىڭ ستاتىستىكا ماتېرىيالىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئالما ۋە Samsung بىرىنچى پەسىلدە يانفون كەسپىدىكى %91 پايدىنى قولغا كەلتۈرگەن، IDC نىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى پۈتكۈل يانفون مال چىقىرىش مىقدارى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سامۇڭ 93 مىليون800 مىڭ دانە يانفون مال چىقىرىش مىقدارى بىلەن نوكىيانىڭ خوجىلىق ئورنىنى تارتىۋېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانفون ياساش زاۋۇتىغا ئايلانغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Samsung، ئەقلىفون، خەۋەر، مەھسۇلات، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,599 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: samsung-galaxy-s3.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- كېيىنكى يازما > iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
ۋاھ تۇنجى ئىنكاسىمدىلا دىۋانغا چىقىپتىمەن، دىۋانغا بىر باشلاپ قويۇڭلا مەندەك يىڭى كەلدىئاخۇننىمۇ؟
ئەمدى ئوقاي
ئالما بىلەن ئۇچىرىشىشنىڭ ئالدىدا مەن سامسۇڭنىڭ سابىق قوللىغۇچىسى ئىدىم
ئالمىغا رىقابەت ئېلان قىلالايدىغان شىركەت بار دېيىلسە ئۇ باشقا بىرى ئەمەس دەل سامسۇڭ شىركىتىدۇر. گەرچە بۇ رىقابەتتە ئالما مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇپ كەلسىمۇ لېكىن، ئالما بىلەن كۈچ سىنىشىشتا سامسۇڭدىن باشقىسى يارىمايدۇ.
ئەگەر ئالما ۋە iPhone/iPad بولمىغىنىدا دۇنياغا خوجا بولىدىغىنى سامسۇڭ بولۇپ قالاتتى!
ئۈستىدىكى يولداشنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن !!!
ئەگەر galaxy ئىشلىتىپ باققان يولداشلار بولسا، ئۇنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا بايقاپ قالىدۇ. ھەقىقەتەن بولىدىغان ئوقەت جۇمۇ بۇ!
ئالما تىلفۇنىدىن باشقا تىلفۇن تاللاشقا توغرا كەلسە سامسۇڭنى تاللايمەن
ئەمدى شۇ نىمىلا دېمەيلى samsung دېگەن پىشقەدەم تىلىفونچى. ئالما مەھسۇلاتلىرى ناھايتى تىزلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بىرنىمە دېيىش قىيىن.
4-ئەۋلادنى سېتىۋەتكەندىن بېرى 4s ئالايمۇ ئالمايمۇ دەپ يۈرگەن ئىدىم، ئەمدى ئايفون ئالماي مۇشۇنىلا ئالايچۇ.
كامېرا ئوخشاشكەن،تېخى قۇلاققا ئەكەلسە ئۆزى ئۇلىنىدىكەن،بۇ ئايفوننى بېسىپ چۈشكەن ئارتۇقچىلىقىمۇ نېمە؟ Siri نىڭ ئورنىغىمۇ ئۆزىنىڭكىنى سەپلەپتۇ،بۇمۇ ياخشى بولغىنى، لېكىن سامسۇڭنىڭ تېلفۇنىنىڭ تۈرلىرى بەك جىق، ئالمىدەك ساناقلىقلا پەچەت تېلفۇنلارنى چىقارغان بولسا ئاللىقاچان ئەتىۋار مەھسۇلاتقا ئايلىنامتىكىن دەيمەن،شۇنداقتىمۇ ياخشى،ئالمىنى پۇلى بارلارلا ئىشلىتەلەيدۇ،سامسۇڭنى بايلارمۇ،نامراتلارمۇ ئىشلىتەلەيدۇ…
ماۋۇ تېلفۇننىڭ باھاسى قانچە ئەتراپىدا چىقار؟
ماۋۇ يەردە ۋىدىئوسى بار ئىكەن.
http://blog.naver.com/kikakikagogo?Redirect=Log&logNo=150137801991&jumpingVid=C64C2166A3E70093664F76364DDFD4F5FD2E
ۋىدىئوسىنى كۆرۈپ ئالغۇم كېلۋاتىدۇ دىسە ئايفوندىن ۋاز كىچىدىغان گەپمۇ نىمە.
باھاسى نەچچىدۇ ، مەنمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن. لېكىن بۇ يەردە قولۇمغا زاۋۇتتىن چىققىنى تېگىدىغىنىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ.
باھاسىغا بىر نېمە دىمەك تەس، ياۋروپا بازارلىرى تويۇنغاندىن كېيىن ئاندىن چوڭ قۇرۇقلۇققا كىرىدىكەن. مەنچە 5~6مىڭ ئەتراپىدا بولارمىكىن
چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئەتكەس مالنىڭ باھاسى 5100 بولۇۋېتىپتۇ. مەن galaxy تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققان، سىزىمچانلىقى يامان ئەمەس (ئالمىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ) ئېكرانغا بارماق تەككەندىن كېيىنكى ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلى ئومۇمەن ماڭا ياقمايدۇ ئاندروئىدنىڭ. ئېغىر تۇيغۇ بېرىدۇ ئادەمگە.
مەن بەك ئۆچ بۇ ماركىغا…ئۆتۇپ كەتكەن دورامچۇك بولغانلىقى ئۈچۇن…ئاڭلىشىمچە بۇ تىلفۇننى ئاساسەن ئادۇۋكات لايىھەلەپتۇدەك…
galaxy S II قولغا چۈشكەنتى بولمىسا، ئىشلىتىش نىسىپ بولمىدىدە، كاساپەت.
مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە نوكىيا غا سەل ئىچىم ئاغرىپ قالدى
مىنىڭ بۇتور بىكەتكە تۇنجى كىرىشىم بۇ توربەتتىكى مەزمۇنلانى كۆرگەندىن كىيىن ئۈزۈمنىڭ بىلىدىغانلىرىمنىڭ چەكلىك لىكىنى ھىسقىلدىم .يۇقىردىكىiPhoneبىلەنsamsung ھەرئىككىسى ھەقىقەتەن ئىختىدارلىق لىكىن nokia مۇ ھەرھالدا ياخشى دەپ قارايمەن
خۇش كەپسىز، داۋاملىق كەپ تۇرۇڭ
تۇنجى قىتىم نوكىيا دىن Android قا كۆچۈپ، samsung نىڭ galaxy nexus دىگەن يانفوننى ئالايمىكىن دەپ ئويلىشىۋاتقان ،مۇشۇ يانفۇن توغۇرلۇق بىلىدىغانلار بولسا تەلىم بەرگەن بولساڭلار ..
ئاندروئىد ئېغىر تۇيغۇ بېرىدىگەن.