Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنىڭ ئىسمى بولسا 刷机精灵، تۆۋەندە ShuaMe دەپلا ئاتايمىز. مەزكۇر قورال ئاساسلىقى Android سىستېمىلىق يانفونلارغا قايتىدىن سىستېما قاچىلاش، بىرلا كۇنۇپكا بىلەن ROOT ھوقۇقىنى ئېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدىغان بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
ShuaMe نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى
ئاۋال پروگراممىنى قوزغىتىپ، ئاندىن ئۇچۇر سىمى بىلەن يانفوننى كومپيۇتېرغا ئۇلىساق، ShuaMe ئاپتوماتىك ھالدا قوزغىتىش پروگراممىسىنى تېپىپ قاچىلايدۇ ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇلانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ ئىنتايىن ئاددى، راھەت ۋە يېقىشلىق چىققان؛ بىز ئۆز ئېھتىياجىمىز بويىچە خالىغان مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايمىز. Windows 7/XP قاتارلىق سېستىمىلاردىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، Windows8 تىمۇ نورمالكەن).
ShuaMe نۆۋەتتە 50 خىلدىن ئارتۇق Android سىستېمىلىق يانفوننى قوللايدىغان بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ قولىدا كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىغان يانفونلارنى ئاساسەن ShuaMe ئارقىلىق ROM يېڭىلىغىلى ياكى Root قىلغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ShuaMe نىڭ ئىقتىدارى بۇلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، Rom بازىرى، زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىمۇ بار.
باشقا ئىقتىدارلىرىنى تەپسىلىي ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىشقا بولىدۇ. بۇ قورالنى تەۋسىيە قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت، ھەمىشە تورلاردا Android سىستېمىلىق يانفونلارنىڭ Root ھوقۇقىنى ئېلىش ياكى باشقا Rom لارنى يېڭىلاش توغرىلىق سوئاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ مەشغۇلاتلار ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس. ShuaMe نىڭ بىر كۇنۇپكىدا Root ھوقۇقىغا ئېرىشىش ۋە بىر كۇنۇپكىدا Rom يېڭىلاش ئىقتىدارى بۇ جەھەتتە ئىنتايىن قالتىس چىققان دېيىشكە بولىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ShuaMe نىڭ كىشىگە بەرگەن تەسىرى، ئىنتايىن قولايلىق، پاكىز ۋە يېنىك. ناۋادا Android سىستېمىلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ShuaMe بىر سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە، ئەتراپىڭىزدا Android سىستېمىلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقان دوستلىرىڭىز بولسا، ئۇنداقتا ShuaMe نى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ، بەلكىم يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يانفونغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۈچۈن Root ھوقۇقىنى ئالىمەن دەپ تەمتىرەپ ئولتۇرغان بولۇشى، ياكى MIUI دەك ROM لارنى يېڭىلايمەن دەپ ھەرەج تارتىپ ئولتۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
ShuaMe نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | Android قا مۇناسىۋەتلىك باشقا يازمىلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، ئەلالاشتۇرۇش، سېستىما، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 04-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shuame.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «قەغەز پىچاق» بىلەن كوچىدىلا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن كىشىلەر، بۇمۇ بىر خىل سەنئەتكەن…
- كېيىنكى يازما > Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- NOKIA نىڭ يېڭى يانفونى قانداقراقتۇ؟ بىر تورداشنىڭ Nokia Lumia 800 نى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلاپ باقايلى
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- SAMSUNG نىڭ يېڭى تېلېفونى Galaxy S III رەسمىي ئېلان قىلىندى!
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- نېمىشقا يېڭى نەشىردىكى iOS ئېلان قىلىنىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ Android نى نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن ساقلايمىز؟
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- تۇيۇقسىز ئامىتىم كېلىپ تېخى بازارغا سېلىنمىغان بىر دانە 7 ديۇملۇق بىلكان پەدنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم…
- Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- ئاددى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا Windows7 بىلەن Windows8 نى قوش سېستىما شەكلىدە قاچىلاش
دىۋان دىۋان !!!
بەك ياخشى تىمىكەن.مىنىڭ تىلفۇنۇممۇ ئەنجىرويىد ئىدى.ھى ھى.رەھمەت
بەك ياخشى تىمىكەن.مىنىڭ تىلفۇنۇممۇ ئەنجىرويىد ئىدى.ھى ھى.رەھمەت
مەن ئاشۇ نەرسىدىن پايدىلىنىپ تۇنجى قېتىمقى رومنى يېڭلىدىم ئەمما باشقىسىنى يازاي دىسەم بولمىدى ….ھېلقى recoveryھالىتىگە كىرمىدى شۇ
بۇ تىما بەك ياخشىكەن بىراق مەن ROMنى چۇشۈرۈپ بۇلۇپ قاچىلاش باسقۇچىغا كەلگەندە 错误代码1009دەپلا چىقىۋالدى، بۇ توريۇلى ئۇلانماسلىق، 防火墙نىڭ 代码سكەن، بىراق كومپىيۇتىرىمدا تور شۇندااق نۇرمال بارىلىق ۋىرۇسخورلارنى ئۈچۈر ۋەتسەممۇ يەنىلا 错误代码1009دەپلا چىقىۋالدى ، ياردەم بىرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
ShuaMe بۇنى ئىشلىتىۋانقىنى4ئايدىن ئاشتى http://www.alip.biz
ئالىپ تورىدابار بۇ ئالىپ تورىدىكى ئادىرسى
http://www.alip.biz/thread-2863-1-12.html
يىڭى دىگەن تورداش ، 1009 خاتالىقى چىقىۋالسا، تېلفۇننى قايتا قوزغۇتۇپ سىناپ بىقىڭ، مىنىڭ قايتا قوزغۇتىۋەتسەملا ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ ،
بەك ئۇيقۇم كەپ كەتتى ،توك كىتىپ يېرىم كىچىدىن ئاشقاندا كەلگەنتى، تورخۇمارنى كۇندە يوقلاشقا كۇنۇپ قېلىپ چىدىماي تورغا چىقتىم …
ئۇخلۇدۇم ئەمسە!
رەھمەت،مىنىڭ تىلفۇنۇم نىڭ تىپ نۇمۇرى SONY X10i،دەسلەپ 错误代码1009دەپ چىقىۋالغانتى، تىلفۇننى قايتا قوزغاتسام 错误代码1024 يەنى 精灵不支持你的设备دەپ چىقىۋالدى،
12.04ئۇبۇنتۇدا يېزىلدى.دەششەت چىرايلىق چىقىدىكەن ماۋۇ تورخۇمار…كۇيۇپ قالدىم..
1024دەپ چىقىۋالغان بولسا بۇ نەرسە سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزنى قوللىمايدىكەن
دۇستۇم ئويۇنلارنى جىقىراك يوللىسىڭىز بوپتىكەن
خ ـ ت س ئالماڭلا جۇمۇ ،،،مەن ئالغان تويۇپ كەتتىم ،،،
تولىمۇ ئەپسۇس مېنىڭ تېلفۇنۇم COOLPAD 8811 ئىدى ، تۇنىماي قالدى ، كاساپەت .
مىنىڭ samsung S5360تى تونۇمىدىدە.قانداق قىلىشامىز ئەمدى.
بۇ سېستىما ياخشى ئىكەن
بۇ يەرگە كەلمىگخلى ئەجەب ئۇزۇن بوپتىيا