نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما كۆرۈش

خاككېرلىق بىلەن 4 مىليون پۇلنى ئالداپ كەتكەن دوكتور، توينىڭ ئالدىنقى كۈنى تۇتۇلۇپتۇ…

يېقىنقى كۈنلەردە،  نەنجىڭ شۈەنۋۇ ساقچى دائىرىلىرى «باھار گۈلدۈرمامىسى ھەرىكىتى» دە ئىككى يىل مەلۇم ئويۇن تور بېكىتىگە يوشۇرۇنۇپ، تور يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمال نومۇرىغا تايىنىپ، 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق نەپكە ئېرىشكەن بىر نەپەر ئادەتتىن تاشقىرى «قارا مېھمان(hacker)» – شۈي فاڭنى تارتىپ چىقاردى. ئۇ چەتئەلدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ قولغا چۈشكەندىن كېيىن جىنايىتىنى تولۇق تاپشۇرغان،  ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ دېلونى ئۇ ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيىسىنىڭ سىناپ بېقىش ئۈچۈنلا سادىر قىلغانىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: مەن مۇشۇ سەۋىيەم بىلەن قاچانغىچە يۈرەلەيدىغانلىقىمنى كۆرۈپ باقماقچى ئىدىم، ساقچىلار مېنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ دەپ قاراپتىكەنمەن…

[دېلونىڭ بايقىلىشى] مەۋھۇم بانكىدىن يۈز مىليون سەردىن ئارتۇق «كۈمۈش» چىقىرىلسا، تور بېكەت ئۈچۈن خەتەرلىك!

بۇلتۇر 11-ئايدا، خاڭجۇدىكى مەلۇم قارت-شاھمات تور بېكىتىدە، تورداشلار خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ناھايىتى شاد-خۇرام ئويناۋاتقان ئىدى ئەمما مەزكۇر تور بېكەت ئارقا سۇپىسىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان تور باشقۇرغۇچى خادىملار چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ ئىشلەۋاتاتتى.

دائىم تور ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغان ئادەم بىلىدۇ، تور ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغانلار ئۆزى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئويۇن توچكىسى- يەنى تور مەۋھۇم پۇلى سېتىۋالىدۇ. ئەلۋەتتە، خاڭجۇدىكى بۇ تور بېكەتتىمۇ شۇنداق. مەزكۇر تور بېكەتتە ئىشلىتىدىغان تور پۇلى ئادەتتە «كۈمۈش» دەپ ئاتىلاتتى. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، تور بېكەتنىڭ «كۈمۈش»لىرى مەۋھۇم بانكىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ھالەتتە تۇرىدىكەن. تور باشقۇرغۇچى خادىملىرىنى تەرلەتكۈزۋەتكەن ئىش بولسا، مەۋھۇم بانكىدا ساقلىنىۋاتقان «كۈمۈش» كە ھەر كۈنلۈكى مۇقىم ھالدا 120 مىليون «كۈمۈش» نىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى بولۇپ، بۇ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا بىر تۈمەندىن ئارتۇقراق پۇل بولاتتى.

ئۇلار بۇ خىل ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن «جەزمەن سىستېمىغا بىرى ھۇجۇم قىلدى» دەپ ئويلاشتى. تور باشقۇرغۇچى خادىملار بۇلارنى بىر كۆرۈپلا بۇ مەسىلىنى تونۇپ يەتتى. ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىق ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىككى ئاي ئاقتۇرۇپمۇ بۇ مەسىلىنى تاپالمىدى. «كۈمۈش» كۆپىيىشى سەۋەبلىك مەزكۇر ئويۇن سۇپىسىدىكى مەۋھۇم پۇللارنىڭ كۇرسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن قىسقىنىغا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر تور بېكەت 4 مىليوندىن ئارتۇق زىيان تارتتى. بۇنىڭغا ئامال قىلالمىغان تور بېكەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇلتۇر 11 – ئايدا نەنجىڭ شۇەن ۋۇ ساقچى دائىرىلىرىگە دېلو مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ نەنجىڭدىكى مۇلازىمېتىرىنى تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىشىنى ئۆتۈندى.

[يوشۇرۇن جەڭ] تور ساقچىلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، نەچچە كېچە ئىزدەپ پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خۇددى تور بېكەت خادىملىرىغا ئوخشاشلا دەريادىن قۇرۇق قول قايتتى. ئۇلار مۇلازىمېتىردىن «قارا مېھمان» كىرەلىگۈدەك تۆشۈك، ھەتتا «قارا مېھمان» ھۇجۇم قىلىشتا قوللانغان ئۇسۇلنىمۇ تاپالمىدى. شۇەن ۋۇ ج خ ئىدارىسى تور ساقچىسى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى سۈن يوڭ مىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۈچۈن تور ساقچىلىرى دەرھال ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش يوللىرىنى تەڭشەپ، دىققەتنى گۇمانلىق ئىزلارغا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك». شۇنىڭ بىلەن، بۇلتۇر 11-ئايدىن باشلاپ، شۇەن ۋۇ تور ساقچىلىرى «قارا مېھمان» بىلەن بىر مەيدان ئىس-تۈتەكسىز «يوشۇرۇن جەڭ» نى باشلىۋەتتى.

سۈن يوڭ مىڭ مۇنداق دېدى: «بىز چارلاش داۋامىدا، تور ساقچىلىرىمىز خاككېرنىڭ ئىزلىرىنى بايقاپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىز قوغلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. ئەمما بۇ خاككېر قارىماققا بىر قىسىم يېڭىياچىلارغا ئوخشىمايدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ تور ساقچىلىرىمىز ناھايىتى  تولۇپ-تاشقان ھاياجان بىلەن كۆزلىگەن نىشانغا يېتەي دەپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ خالتا كوچىغا كىرىپ قالغانلىقىنى بايقىدى».

«بۇ خىل ئەھۋال كۆپ قېتىم قايتىلاندى، بىز نۇرغۇن قېتىم بۇ دېلونى پاش قىلىشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ باقساقمۇ، نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولدى» دېدى سۈن يوڭ مىڭ. گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قوللانماقچى بولغان قەدەم-باسقۇچلىرىنى بىلىۋالغانلىقتىن، ئۇلارنى «قاپقان»غا دەسسەتمەكچى بولدى، ئەمما بۇ ئىشمۇ ئاقماي، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بىر «قاقۋاش»قا يولۇققانلىقىنى ھېس قىلدى.

[جەزملەشتۈرۈش] گۇماندارلار تور ساقچىلىرىنى بىر سوغۇق نەپەس ئالغۇزدى: قالتىس بولدى!

مەۋھۇم پۇل ئېقىش يۆنىلىشىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل تور ساقچىلىرى ناھايىتى مۇھىم بىر يىپ ئۇچىنى بايقاپ قالدى، تور بېكەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاشۇ ۋاقىتتا، خاڭجۇدىكى گۇلىن ئىسىملىك بىرەيلەن مەزكۇر تور بېكەتتە ئىزچىل غايەت زور مىقداردىكى مەۋھۇم پۇللارنى سېتىۋاتقان ئىكەن. ئون نەچچە كۈن ئىزدەش قوغلاش ئارقىلىق ساقچىلار ئاخىرى، مەزكۇر تور بېكەتكە ھۇجۇم قىلغان «قارا مېھمان» نىڭ ئىسمى شۈ فاڭ بولۇپ، سىچۈەننىڭ مىيەن ياڭ دېگەن يېرىدىن ئىكەنلىگىنى، گۇلىن دېگەن كىشى بولسا ئۇنىڭدىن بۇ ھارام ماللارنى سېتىۋالغانقىنى جەزملەشتۈرگەن.

شۈ فاڭنىڭ تەرجىمىھالى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تور ساقچىلىرى ئىختىيارسىز سوغۇق بىر نەپەس ئالدى. چۈنكى ئەمەلىيەت تولىمۇ قىزىقارلىق ئىدى. 1979-يىلى تۇغۇلغان شۈ فاڭ تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۇنىڭ تالانتى نامايان بولۇشقا باشلىغان. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىدا مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆز ئالدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بىر مەكتەپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئۇ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم بىلىم يۇرتىغا كىرىپ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات ساھەسى تۆۋەن تېمپېراتۇرلۇق ئۇلترا ئىلمى ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ ساھەدە نەتىجىسى ياخشى بولغانلىقتىن ئۆرلەپ ئوقۇغان ۋە ئۆزىنى تەتقىقاتقا ئاتىۋەتكەن.

2007-يىلى، شۈ فاڭ مەلۇم ئويۇن تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، قانۇنسىز نەپ ئالغانلىقتىن، ج خ ئورگانلىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان. شۇ قېتىمدىن ئىشتىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدىن ۋاز كېچىپ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ۋە چەتئەلدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ دېلو سادىر قىلىش باسقۇچىدا، تېخىچە چەتئەللىك پروفېسسورنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، كىرىمىمۇ خېلى يامان ئەمەس ئىكەن.

[قولغا چۈشۈش] ئۇ باھار بايرىمىدا ئۆيىگە قايتىپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان تويىنىڭ ھارپا كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى.

بۇلتۇر 12-ئايدا، شۇەن ۋۇ ساقچى دائىرىلىرى شۈ فاڭ (ھېسابات نومۇرى) نى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تۇتۇشنىڭ ھەقىقەتەن قېيىن ئىكەنلىكى ئايان بولغان. ئەمما ناھايىتى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساقچىلار ئۇنىڭ باھار بايرىمىدا يۇرتىغا قايتقان ۋاقتىدا ئۇنى تۇتۇشنىڭ ياخشى پەيت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭلاشقا ئۇلار باھار بايرىمىدىن بۇرۇن بارلىق تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ قويغان. چارلىغۇچىلارنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى شۈ فاڭنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، مىيەن ياڭغا قايتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلوغا مەسئۇل خادىملار ناھايىتى تېزلىكتە، مىيەن ياڭغا يېتىپ بارغان. بەزى ئۇچۇرلاردىن ئايان بولۇشىچە، شۈن فاڭ باھار بايرىمىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى توي قىلىپ، تويدىن كېيىن ئايالى بىلەن بىرلىكتە خەينەن ئارىلىغا بېرىپ شېرىن ئاي ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن. شۈ فاڭنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە خادىملار باھار بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىلا ھەرىكەتكە كەلگەن. باھار بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتە، بىر بانكىدىن پۇل ئېلىۋاتقان شۈ فاڭنى قولغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ توي مۇراسىمى مۇددەتسىز كېچىكىپ كەتكەن.

ئاندىن خاڭجۇغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئۇنىڭ خاڭجۇدىكى شېرىكى گۇلىنمۇ تۇتۇلغان. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىككى نەپەر جىنايەتچى قولغا چۈشكەن.

[جىنايەتنى تاپشۇرۇش] كومپيۇتېر سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، «ئۆزىنى ھېچكىم تۇتالمايدۇ» دەپ ئويلاش

سوراق قىلىش ئارقىلىق، شۈ فاڭ بىلەن گۇلىن ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى تاپشۇرغان. 2008-يىلدىن بۇيان، شۈ فاڭ ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر جەھەتتىكى ئادەتتىن تاشقىرى ھۈنەرلىرىگە تايىنىپ، خاڭجۇدىكى مەلۇم ئويۇن تورى سۇپىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە تور بېكەت ئارقا سۇپىسىدىن يوچۇق ئىزدەپ، «مەۋھۇم بانكا»نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ «مەۋھۇم بانكا» دىكى پۇللارنى دوستىنىڭ 支付宝سىغا يۆتكەپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، گۇلىنغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ۋە بۇ بازارلىق ئىشتىن 4 مىليون پايدىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇ 4 مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتكەن.

شۈ فاڭ چەتئەلدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، كىرىمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئۇنداقتا، ئۇ شۇنداق بىر ياخشى كىرىمگە ئىگە تۇرۇپ، بۇنداق جىنايەتنى نېمە سەۋەبتىن ئۆتكۈزدى؟ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن شۈ فاڭنىڭ بەرگەن جاۋابى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى. 2007-يىلى شۈ فاڭ بىرىنچى قېتىم دېلو سادىر قىلىپ تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئادەمنى ئەقلىنى لال قىلىدىغان بىر ئوي پەيدا بولغان. ئۇ مۇنداق قارىغان:«مەن ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېر جەھەتتىكى سەۋىيەمدىن پايدىلىنىپ، قەتئىي تۇتۇلۇپ قالماسلىقىم كېرەك، ئەگەر تۇتۇلۇپ قالسام، بۇ مېنىڭ ناھايىتى بىپەرۋالىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر بۇلارنى ئىنچىكە پىلانلىسام، ساقچىلارنىڭ توسۇقىدىن تامامەن قېچىپ كېتەلەيمەن».

شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 2008-يىلىدىن باشلاپ، مەزكۇر ئويۇن تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە « مېنى ساقچىلار مەڭگۈ تۇتالمايدۇ» دەپ ئويلىغان.

نۆۋەتتە، شۈ فاڭ شۇەن ۋۇ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 19 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. مەشئەل : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ ئەمدى دۆلىتىمىزنىڭ ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلىنىپ سوتسىيالىزىم ئىشلىرى ئۇچۇن بىركىشلىك تۆھپىسىنى قوشقۇسى~!

    • سەھرالىق :

      چەتئەلدە بولسا بۇنداق ئادەمنى ئەتىسىلا كېپىللىككە ئەپچىقىۋالىدىغانلار چىقىدۇ،ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرى ئادىل، موما سەينى يىگۈزگىنى يىگۈزگەن، مۈشۈك ئېيىق ۋايرۇسىنى ياسىغان يولداشنىڭ «ئىش-ئىز»لىرىدىن ئىبرەت ئالىدىغان ئىش ئىدى…

  2. مەڭگۈ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ يامان سولتەك ئىكەن بۇ ، لېكىن تۇرۇپ قاپتۇ ئەمەسما …. :mrgreen:

  3. مەڭگۈ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنكاس تەھرىرلەيدىغان يېرى يوقما ؟
    ئەسلى تۇتۇلۇپ قاپتۇ دېمەكچى ئىدىم ….. :arrow:

  4. كارو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي بىچچارە بايقۇش.

  5. ئائىشە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ »، بۇ جاھاندا ئاشكارىلانمايدىغان نېمە ئىش بار ؟ ھەرقانچە ئۇستا بولسىمۇ تۇتۇلۇپ قاپتۇ ئەنە .

    • ئىنتىزار :

      تورخۇماردا قىزلارمۇ بارمۇ نېمە ؟!

  6. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‘ دۈمبىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەن ئالدىغا كەپتۇ ‘ دىگەندەك ئىش بۇپتۇ … پوق بارمۇ ئۇ ئاداشقا بۇ يەردە … :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  7. ئائىشە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا قىزلار كىرسە بولمايدىغان نېمىسى بار ؟

    • قادى :

      كىرسە بولمايدىغان يېرى جــــــــــــــــــــــــــــــــــــىق، دىۋان تالىشىپ قالسىڭىز مۇش يەيسىز شۇ :twisted:

    • بايلىق بلوگى :

      :mrgreen: :mrgreen: بۇ قادى ئەپەندىم نىمانداق قىزىقارلىق گەپ قىلىدىغاندۇ

  8. مەڭگۈ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا قادى ئەپەندى مۇشت يەپ باققان بولسا كېرەك(چاخچاق ھە) :razz:

    • قادى :

      مۇشتقۇ يېمىدىم، لېكىن دىۋان تالىشىپ، ئالاتاغىل سۆزلىگەن دىۋان دىۋانىلىرىنى نەچچە مۇش سېلىۋەتكەندىمەن (ئىچىمدە :mrgreen: )

  9. ئائىشە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇرۇشۇپ _ تالىشىپ يۇرۇش مەدەنىيەتسىز ئادەملەرنىڭ ئىشى . تورخۇماردا ئۇنداق ياۋايىلىق يوقتۇ ؟

    • قادى :

      بەزىدە ئىشتىن چۈشۈپ بىكار بوپ قالغاندا مەدەنىيەتسىزلىك قىپمۇ قويىمەن قوشۇمچە. :neutral:

  10. ۋەيرانى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ پۇلنى ئوغۇرلاپ يۇرگىچە وزى تاپسىلا بولىدىغان ئاداشكەن بۇ…ئەمدى تارىم تۇرمىسىگە پالاپ ،كېۋەزگە باكتىرىيە ياساتقۇزدىغان بولدى بۇنى..

  11. ...كەپسىز شۇم... : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كاساپات….يامان گۇي كەنتۇق….

  12. پاكزات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يەرگە كىلىپ نىمە قىلاتتىكنا

  13. قاينام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ كۈندە خۇتۇن – خەقلەرنىمۇ يۇرىكى يوغىناپ كېتىپتۇ. بۇنۇڭغا نېمە دىگۈلۈك ئەمدى.

 汗