UDiskMonitor – بارماقدېسكا(U盘) ئىچىدىكى ماتېرىياللار بەزىدە مۇشۇنداق ئوغرىلىنىدۇ
بەزىدە مۇئەللىملەر بارماقدېسكا ئىچىگە خېلى مۇھىم نەرسىلەرنى ساقلاپ يۈرۈيدۇ، نېمىلىكىنى دېمىسەممۇ، ئولتۇرغان ئەقىللىق ساۋاقداشلار ھېس قىلىپ بولدىغۇ دەيمەن. بىزگە لازىملىق نەرسە مۇئەللىمدە بار، بىراق مۇئەللىم بىزگە بۇنى بەرمەيدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟
بارماقدېسكا ئوغرىسى بولسا، بارماقدېسكا ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىقچە كۆچۈرىۋالىدىغان بىر خىل قورال بولۇپ، بارماقدېسكا چېتىلغانلىقىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ بېكىتەلەيدۇ ۋە بارماقدېسكىدىكى ماتېرىياللارنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كۆچۈرىۋالالايدۇ، بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېر قوزغالغاندا تەڭ قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇشقا بولىدۇ. لازىم بولغاندا Ctrl + Alt + U ئارقىلىق كۆرۈنمە يۈزىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
ئىزاھات: مەزكۇر قورال بىلىشىمچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەر بولۇپ، پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەنلىكى ئېنىق، شۇڭا مۇئەللىملەر كۆپ ئېھتىيات قىلارسىلەر. مەزكۇر قورالنىڭ كېلىش مەنبەسى تور دۇنياسى بولۇپ، پۈتۈنلەي كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىنى ئالغان، كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ۋە مەزكۇر بېكەت مەسئۇل بولمايدۇ.
يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ پەقەت چۈشەندۈرۈلىشى ساقلاپ قېلىندى، شۇ سەۋەپتىن سىزگە قولايسىزلىق كەلتۈرگەن بولساق ئەپۇ قىلغايسىز!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: USB، بارماقدېسكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,905 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: udiskmonitor.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفتنىڭ ھەقسىز ماتېماتكا يۇمشاق دېتالى Microsoft Mathematics v4.0
- كېيىنكى يازما > FireFox نىڭ Stylish قىستۇرمىسى بولسا، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى تېخىمۇ ھوزۇرلىنىپ زىيارەت قىلىسىز!
- 21- ئەسىردىكى ئون چوڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى ئالمىنىڭ ئىكەن…
- Crypteks – قاتمۇ-قات مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ ۋەھشەت بارماقدېسكا!
- ئېلىمىز جۇڭگودىن يىراق قىرلارغا يېتىپ كەلگەن سېھىرلىك قاتتىق دېسكا…
- مىكروسوفت Windows نىڭ ئاپتوماتىك قوزغىتىش(AutoRun) ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى…
- Windows تىكى كۆك ئېكران بولۇۋېلىش ئەسلى مۇنداق باشلىنىپتىكەن…
2008-يىلى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئىدىم، گەرچە بۇ دېتال ئاقىلىق قىلمىغان بولساممۇ
خېلى يامان ئەمەس دىتالدەك تۇرامدۇ نېمە …….
ئوقۇتقۇچىلار دىققەت قېلمىسا بولمىدى ئەمدى~!
بۇ خەتەرلىك قورالكەن. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئەڭ ياخشىسى بۇ قورال بىلەن تونۇشمىغىنى تۈزۈك!
ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا بىزگىمۇ ماس كەلگىدەك … بەزى ئاغىنىلەر بارماقدېسكىدىسىكى ماتىرىياللارنى كۆچۈرگىلى قويمايدۇ … ئەمدى تازا باپلىنىدىغان بولدى … خەنزۇچە بارماق دېسكا ئوغۇرىسى دەپ ئىزدىسەك تاپقىلى بۇلامدۇ بۇنى ؟!
ۋەتەن ما تېمىنى كۆرۈپ قالسا زە …. تەدبىركار ئىشىڭىز چاتاق !
مەندە با كىمگە لازىم.
ماڭا لازىم.
نەق مەن ئىزدەپ يۈرگەن دېتالغۇ بۇ. ۋاھ
نەدىن چۈشۈرىمىز دوستلا
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردىغان يېلى مەلۇم بىر پەندىم ھەل قىلغۇچ ئېمتىھان بەرمەكچى ( نەچچە قېتىم بېرىپتۇ ئۆتەلمىگەن ) بولغاندا مۇئەللىم بىزگە پەقەتلا تەكرار قىلىپ بەرمىگەن ھەم دائىرمۇ بەلگىلەپ بەرمىگەن. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەڭ ئەسكى مۇئەللىم ئىدى ئۇ ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۆتەلمىسەك بىكارغا 5 ئوقۇغان بولاتتۇق. ھېلىمۇ ياخشى ئاق كۆڭۈل سىنىپ تەربىيچىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۇ يوق ۋاقىتتا ئىشخانىسىغا كىرىپ كومپىيۇتېردىن ئەتىسى ئېلىندىغان ئەشۇ ھەل قىلغۇچ ئېمتىھاننىڭ سوئالىنى ئوغۇرلاپ چىققىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدۇ. ئېسىت بۇنى بالدۇراق بايقىغان بولسامچۇ
ئىلگىرى بۇ دىتال تەدبىركار بلوگىنىڭ ئىلگىرىكى نەشىرىدە بار ئىدى. شۇ چاغدا پۈتۈن تەدبىركار بلوگىنى بىر قېتىم قىزىۋەتكەن ئىدىم. كېيىن شۇ ئادرىسنى باسسا ‹‹يەۋېتىپتىمەن!›› دىگەن خەتنى چىقىرىپ قويوپتىكەنسىز. بلوگىمدا ھېلىمۇ شۇ ئادرىسى بار. بۇرۇنقى تەدبىركار بلوگىنىڭ مەزمۇنلىرىدا نۇرغۇنلىغان ياخشى ماتېرىياللار بار ئىدى.
نەدىن چۈشرەمىز ئۇنى..`
مەندە بار ئاغىنلەر ئۇ دېتال، لازىم بولسا ئەۋەتىپ بېرەي، تورخۇمارمۇ قىززىق ئاداشكەن، باللانى قىزىقتۇرۇپ قويۇپ ئادېرىسىنى چىقارماپتۇ
ئۇنداق بولسا خاپا بولماي ماڭا ئەۋەتىپ بىرەمسىلە؟ ئېلخەت:ataman828@126.com رەھمەت!
دوستلار! ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلا!!!!
نەدىن چۈشرەمىز ئۇنى..`
نەدىن چۈشرەمىز ئۇنى…..
مەن دە نوچىسى بار بۇ دىتالنىڭ ، سىناقتىن ئۆتكەن.لازىم بولسا چ چ 123000016 بىلەن ئالاقىلاشساڭلا بولدۇ
مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا ئورنىتىپ قويسام قانداق بولار….