FireFox نىڭ Stylish قىستۇرمىسى بولسا، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى تېخىمۇ ھوزۇرلىنىپ زىيارەت قىلىسىز!

تەدبىركار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان تور كۆرگۈ FireFox نى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغاندىن بېرى، ئوت تۈلكە ئىشلىتىدىغانلار خېلى ئاۋۇپ قالدى. بىراق بىر قىسىم FireFox ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خېلى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسى FireFox تا نورمال كۆرۈنمەيدىكەن. ئەلۋەتتە، ئىلگىرى تەدبىركار ئۆزىنىڭ FireFox ئىشلىتىش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇسۇللارنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا خېلى كۆپ قىسىم بېكەت باشلىقلىرى تور بېكىتىنى FireFox تا نورمال كۆرسىتىش ھالىتىگە تەڭشىمىگەن ياكى ئاتەش تۈلكە ئىشلەتكۈچىلىرى FireFox نىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا بېكىتىۋەتكەن ئەھۋالدا، تور بېكەتتىكى بارلىق ئورۇنلار شۇ خەت نۇسخىسىدا كۆرۈنۈپ يەنە بىر قىسىم قولايسىزلىقلار كېلىپ چىقتى. ئۇشبۇ سەۋەبتىن، بۈگۈن كۆپچىلىككە FireFox نىڭ يەنە بىر نادىر قىستۇرمىسى – Stylish نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

بىر قىسىم، ھەتتا خېلى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى FireFox تا زىيارەت قىلغىنىمىزدا، خەت نۇسخىسى تونىمىغان ھالەتتە ئەرەپچىدەك كۆرۈنىۋالىدۇ. بۇ مەسىلىنى «ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى FireFox تا نورمال كۆرسىتىش ئۇسۇلى» ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇل بېكەت باشلىقلىرىغا ماس كېلىدۇ. بىراق، ھەممىلا ئادەم بېكەت باشلىقى ئەمەستە، نۇرغۇن FireFox ئىشلەتكۈچىلىرى يەنىلا ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر قىسىم تور بېكەتلەرنى FireFox تا نورمال زىيارەت قىلالماي بېشى قاتماقتا. گەرچە FireFox تىن مەلۇم يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەپ قويساق، بارلىق تور بېكەتلەر شۇ خەت نۇسخىسىدا كۆرۈنسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا كۆڭۈلدىكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس.

Stylish بولسا، تور بېكەتنىڭ مەلۇم قىسمىنى خالىغان خەت نۇسخىسىدا كۆرسىتەلەيدىغان FireFox قىستۇرمىسى بولۇپ، بىز پەقەت ئازغىنە CSS كودى بىلسەكلا، ئۆزىمىز نورمال كۆرسەتمەكچى بولغان مەلۇم تور بېكەتنىڭ مەلۇم قىسمىنى مەلۇم خەت نۇسخىسىدا كۆرسىتىش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز. ئەلۋەتتە، CSS بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن، تەييار كودنى ئىشلىتىشمۇ بىر ئاقىلانىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

Stylish قىستۇرمىسىنى ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش

يازما ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن Stylish قىستۇرمىسى بار بەتكە ئۇلانغاندىن كېيىن، FireFox قا قوشۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قىستۇرمىنى ئورنىتىمىز، ئورنىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن FireFox قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەلەپ بويىچە قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، تور كۆرگۈنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجەكتە S ھەرىپى شەكىللىك بىر كىچىك ئايكوننىڭ پەيدا بولغان بولسا، ئۇنداقتا قىستۇرمىنى ئورنىتىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.

ئەمدى بىز ئۇيغۇرچە نورمال كۆرسەتمەكچى بولغان بەتنى ئېچىۋالىمىز ۋە ئاستى تەرەپتىكى Stylish قىستۇرمىسى ئايكونىنى چەكسەك، بىر قىسىم تەڭشەكلەر كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن ئاستىدىكى 提供给 XXX ناملىق تۈرلەر ئىچىدىن ئۆز ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاللىساق بولىدۇ. تاللىغاندىن كېيىن CSS يازىدىغان ئورۇن كۆرۈنىدۇ. بۇ ئورۇندىن ئەڭ ئۈستىگە بىز يازماقچى بولغان پاسون نامىنى(مەسىلەن، تورخۇمار، ئۇلىنىش دېگەندەك)، ئاستىغا خەتكۈش(زۆرۈر ئەمەس) قاتارلىقلارنى تولدۇرغاندىن كېيىن، ئاستىدىكى كودلارنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى كودنىڭ ئىچىگە CSS يېزىپ قويساق بولىدۇ:

@-moz-document domain("www.torhumar.com") {
كودنى مۇشۇ يەرگە يازىمىز
}

يەنى ئاشۇ بەتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئۇيغۇرچە كۆرسەتمەكچى بولساق، شۇ بەتنىڭ ئەسلى كودىنى ئېچىپ، مۇۋاپىق Class ياكى ID نى تېپىپ CSS يازساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، CSS تىن خەۋىرى يوق تورداشلار ئۈچۈن بۇ ئۇسۇل بەك تەۋسىيە قىلىنىپ كەتمەيدۇ. ناۋادا شۇ بەتنىڭ بارلىق خەت نۇسخىسىنى بەلگىلىگەن خەت نۇسخىسىدا نورمال كۆرسەتمەكچى بولساق، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى كودنى قىستۇرۇپ سىناپ باقساق بولىدۇ:

*{
font-family: Alpida Unicode System, UKIJ TUZ TOM,Uyghur Ekran, Alkatip Tor, Microsoft Uighur !important;
font-size:15px;
}

يەنى ئۈستىدىكى كود مۇشۇ بەتتىكى ھەممە جايغا ئۈنۈملۈك بولۇپ، شۇ بەتتىكى بارلىق ئورۇننىڭ خەت نۇسخىسىنى مۇشۇ تەرتىپتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مۇشۇ بەتتىن باشقا بەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقارقى كود يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. شەرت: يۇقارقى خەت نۇسخىلىرىدىن بىرەرسى كومپيۇتېرىڭىزغا ئورنىتىلغان بولۇشى كېرەك.

ئاخىرقى سۆز

Stylish قىستۇرمىسى، FireFox تا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى نورمال كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، ناۋادا CSS تىن ئازراقلا خەۋىرىڭىز بولسا، خالىغان بەتنىڭ خالىغان قىسمىنى ئۆزىڭىز خالىغان ئۈنۈمدە كۆرسىتەلەيسىز، شۇ ئارقىلىق تور زىيارىتىڭىزنى تېخىمۇ قولاي ۋە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالايسىز. تورداشلارنىڭ ياخشى قىستۇرمىلار بولسا داۋاملىق تەۋسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن.

مۇناسىۋەتلىك مەنزىللەر:

FireFox نىڭ Stylish قىستۇرمىسى |     FireFox نى چۈشۈرۈش |    مەنبە: torhumar.com |    تەدبىركارنىڭ FireFox ئىشلىتىش تەجرىبىلىرى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. قازانچى 2011.02.25 , 01:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئاتەش تۈلكە ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تور كۆرگۈ ئىكەن.
    مەن بىر سوئال سورىماقچى.
    ئاتەش تۈلكە كۆركۈچىسىدە تورغا چىقىپ دېتال ياكى ماتىرىيال چۈشۈرگەندە چۈشۈرۈش قورالى ئاپتوماتتىك چىقىدىكەن، ئەگەر تەييار چۈشۈرۈش ئادېرىسى بولۇپ قالسا چۈشۈرۈش قورالىغا قانداق قىلىپ چاپلىغىلى بولىدۇ؟

    • FinalFantasy 2011.02.25 , 04:54

      !DownThemAll قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىمىز.

  2. يۈكسەل 2011.02.25 , 04:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەل جاپالىق ئۇسۇلكەن. شۇنداقتىمۇ رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك! :oops::oops:

  3. GoodLuck 2011.02.25 , 10:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىشلىتىۋاتقان قىستۇرمىلار : FoxTab بۇ ئارقىلىق ياقتۇرغان ياكىۋاقتىنچە كۆرۈشكە ۋاقتىم يەتمىگەن بېكەتلەرنى ساقلاپ قويۇپ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تازلاپ ماڭىمەن.
    Live HTTP headers بۇ ئارقىلىق بېكەتتىن ھالقىغان تايانچ كودى ھۇجۇمى 跨站脚攻击 قىلغىلى بولىدىغان جايلارنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.
    View Source In Dreamweaver بەت مەزمۇنىنى بىۋاستە Dreamweaver دا كۆرسىتىش ، بۇنى كۆپ ئىشلىتىپ كەتمەيمەن.
    Firebug بۇ ئارقىلىق بەت كودىدىكى HTML, CSS , JavaScript تا مەسىلە بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ تۇرىغىلى بولىدۇ. ئەگەر قايسى بىرىدە مەسىلە بولسا ياكى ئۆلچەملىك بولمىسا، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە خاتا بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ، شۇنى چېكىپ مەسىلە بار جاينى تەكشۈرۈپ تۈزەتكىلى بولىدۇ. بېكەت باشلىقلىرىغا كەم بولسا بولمايدىغان قىستۇرما.
    Web Developer بۇنى كۆپىنچە بېكەت باشلىقلىرى بىلسە كېرەك. بۇمۇ تور بېكەت ياساشتا كەم بولسا بەك ئەپسۇسلىنارلىق بولىدىغان قىستۇرما.
    JavaScript Debugger بۇ JavaScript گۇمانى بولغان بېكەتلەرنى توسىدۇ، لىكىن ئازراقلا گۇمان بولسا توسىۋېلىپ بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىشتا قولايسىزلىق كەلتۈرىدىكەن، مەن ئۆچۈرۋەتتىم .
    Adblock Plus بەتتىن سەكرەپ چىقىۋالىدىغان ئېلان كودلىرىنى توسىدۇ .
    ———————————–
    سىلەرمۇ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان قىستۇرماڭلار بولسا قالدۇرغايسىلەر !

    • تورخۇمار 2011.02.25 , 21:38

      مانا يەنە زۆرۈر بولغان بىر قانچە قىستۇرمىنى بىلىۋالدىم

  4. 008 2011.02.25 , 14:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمە گەپلەر بۇ ؟

  5. چەۋەندازلار بلوگى 2011.02.25 , 22:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى كۆپ قىسىم توربىكەتلەر تەڭشىسە بولغۇدەك. مەنمۇ ئىلگىرى ئاتەش تۈلكىنى خېتى نورمال كۆرۈنمەيدىكەن دەپ ئىشلەتمىگەن ئىدىم. ئاتەش تەلكىگە مۇشۇ ئىقتىدارلار قوشۇلسا بولغۇدەك. ئۇيغۇرچە ئەرەپچىدەك چىققان ئەھۋال ئاستىدا ئەرەپچە قانداق چىقار؟

  6. ئېدىقۇت 2011.02.25 , 22:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ يازمىڭىزنىڭ ئاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەنزىللەر دىگەن يەردە خاتالىق باركەن! ئۆزگەرتىۋىلىڭ!

  7. ئېدىقۇت 2011.02.25 , 22:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاندىن خاتالىق كۆرۈنگەن تور كۆرگۈچ ئېنتىرنېت ئېكىسپلور 8-نۇسخىسىدا ئىنكاس يېزىشقا تەخەللۇس يېزىش ئېلخەت دىگەن جايلېرى ئىچىگە كىرىپ كىتىپتۇ!

  8. avast 2011.02.27 , 23:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇيەرگەقانداق ئەزابولىمىز؟؟؟؟؟؟؟؟

  9. wesalABC 2011.02.28 , 19:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ۋوي مەن CSSچۈشەن مېدىم !
    @-moz-document domain(“www.torhumar.com”) {
    CSS كودنى مۇشۇ يەرگە يازىمىز
    }
    ياز سام يەنە ئەسلىدېكىدەك تۇردۇ !:twisted::cry:
    يەنە ماۋۇ كۇد نىمۇ يازدىم
    *{
    font-family: Alpida Unicode System, UKIJ TUZ TOM,Uyghur Ekran, Alkatip Tor, Microsoft Uighur !important;
    font-size:15px;
    }
    ياز سام يەنە ئەسلىدېكىدەك تۇردۇ
    بۇلسا يەنە ئازراق ۋاختىڭېزنې ئالسام! تەپسىلى دەپ بېرەم سىز:?:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量