Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلدى | ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
بۈگۈن سەھەردە، مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم يېڭى تىل بولاقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئىلگىرى Windows 8 نى سېتىۋالغان تورداشلار ئەمدى ھازىردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدۇ.
ئالىم-ئەھەت بلوگىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ھەممىمىز ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3 كۈننىڭ ئالدىدا بۇ ئىشلارنى تېخى چۈشۈمدە ئېنىق كۆرگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئەمدى بەزى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە بۇ يەردە رەسمىي ئاشكارىلاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى پۈتۈنلەي تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بەزى قوشۇمچە ماتېرىياللارنىڭ ئاخىرقى تەرجىمىسىنى قايتا تەكشۈرۈش، رەسمىي ئېلان قىلىشقا ئىمزا قويۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدىم، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 دە ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. ئەڭ ئاخىرقى ماتېرىياللارنى پىدا كىتابخانىسىدىكى (ئۇيغۇرسوفتنىڭ سابىق خىزمەتچىسى) مۇھەممەد توختى ۋە جىڭ ناھىيەسىدىكى ئوسمان (ئىزدىنىشتىكى ئۆردەك) ئاكاممۇ كۆرۈپ بەرگەن ئىدى. ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. دېمەك بۇ خىزمەتكە 2 يىل 1 ھەپتە ۋاقىت كېتىپتۇ. مېنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تۆھپىسىدۇر.
بايا يەنە ئاكامدىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننى، ئارقىدىنلا Microsoft تتىن كەلگەن تەبرىك تېلېفوننىمۇ قوبۇل قىلدىم. ئۇلار ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلەر بولۇپ، Microsoft نىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل يۇقىرى قاتلام خادىمنىڭ دېيىشىچە بۇ ئىش پۈتۈنلەي Microsoft تەلەپ قىلغان سۈپەت بىلەن تاماملانغانلىقىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا Windows 8 نىڭ سېتىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. يەنە نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتە يىغىن بار ئىكەن. ۋاقتىم چىقسىلا، بۇ جەرياندىكى ئىشلارنى ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە يېزىشقا تىرىشىمەن.
ئۇيغۇرچە ئوتقاشتەك خەتلەرنى كۆرۈپ كۆزىڭىز چوقۇم قىزاردىغۇ دەيمەن؟ ھاھاھا! ئەلۋەتتە، Win8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن يۇقارقىدەك چىرايلىق كۆرۈنۈشى ناتايىن. يۇقارقى رەسىم تورداشلار سىستېما فونتىنى ئالماشتۇرۇش قورالى ئارقىلىق ئۆزى خالىغان فونتنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى نەتىجە. بىراق سىستېما ئۆزى تەمىنلىگەن Segoe UI خەت نۇسخىسىمۇ ئۇنچە سەت ئەمەس.
Windows 8 نىڭ تىل ئارايۈزى بولىقىنى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش:
تەرتىپ بويىچە «كونترول تاختىسى(خەنچە: 控制面板)»دىن «سائەت، تىل ۋە رايونلار(خەنچە: 时钟/语言和区域)»نى تاللاپ، «تىل(语言)»نىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تاللايمىز ۋە ئۈستىگە يۆتكەش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساقلا ئىشلار تاماملىنىدۇ. ناۋادا تىل بولىقىنى چۈشۈرۈشكە بولمىسا، سىستېما تىلىنى ئېنگلىزچىگە تەڭشەپ قايتا قوزغىتىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:
Windows 8 كەسپىي نۇسخىسىنى سېتىۋېلىش | باشقا Win8 ھەققىدىكى يازمىلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: win8، windows8، ئۇيغۇرچە، سېستىما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 42,327 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: uyghur-language-pack-for-win8.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 8 رەسمىي ھەقىقىي نەشىرى كەسپىي نەشىرى(سېتىۋالغاندىلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز)
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- مىكرو فىلىم – بوۋاق
- [جەۋھەر] ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئەڭ تولۇق كەسپىي دەرسلىك(1-7)
- ئۇيغۇر ئېلانلىرىنى كىم ياخشى ئەمەس دەيدۇ؟ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئېلانلاردىن ئىككى شىڭگىل
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش/تونۇتۇش | ئەڭ ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇل
ئاھھھھھھھھھھھھھھھھھھ!
دىۋان دېگەن گەپنى دەپ بولالماي قالدىم!
ئالامەت خوشاللىنارلىق ئىش! يارايسىلەر ئەزىمەتلەر! ئاخىرى روياپقا چىققان بۇ خىزمەت ئۈچۈن ھەر بىر تورچىلارنى قۇتلۇقلايمەن! microsoft شىركىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى بۆلىكىنى تەييارلىغان، تارقاتقان ھەر بىر ئادەمگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!
مۇبارەك بولسۇن !
بەك ھاياجانلىق بولىدىكەن ! ئانا تىلىمىزنىڭ ھۇزۇرىنى ئەمدى windows8 دە سۈرىدىغان بولۇپتۇقتە !!
ئاللاھ ئەجرىڭلەرنى بەرگەي !…
ئەمدى windows8 نى سېتۋېلىششقا باھانە قالماپتۇ
سېتىۋىلىشقا باھانە جىق، سېتىۋالماسلىققا باھانە قالمىدى…
سەككىز كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتاتتىم بۇ كۇننى …
مەنمۇ سېتۋالغان يېڭىۋالسام بولغۇدەك
دوستۇم windows8 سېتىۋېلىپتىكەن ئەمدى قاچىلىماي بولماپتۇ ، ئۇنى بىر تەخسە توخۇ قۇرىمىسى بىلەن مىھمان قىلىپ windows8 نى قاچىلىمىسام پەقەت بولماپتۇ لىكىنزە كەڭ بەلۋاغلىق تور دىگەننى قەتتى تۇنىمىدى دەيمەن ئۇ سېتىۋالغان windows8 يەنە كەڭ بەلۋاغلىق تورنى تۇنىمىسا يەنە windows7غا چىكىنسەم بۇلىدۇدە ھەي مەن قانداق قىلسام مۇشۇ كەڭ بەلۋاغلىق تورنى تۇنۇتالارمەن
كەڭ بەلۋاغ تورىنى تۇنىمىغاننىڭ سەۋەبى باردۇ ؟
مەن چۈشۈردۇم،بۇرۇن سول تەرەپ ئاستىدىكى ۋەزىپە بالدىقىدىكى «ئېنتېرنېت»«ھۆجەت كۆرۇش» يۇقاپ كەتتى؟
تورخۇمار ئەپەندىم مەنمۇ ھەقلىق نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئىدىم ،ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىدىم، قايتا قايتا سىنىساممۇ 正在检查可用性…دەپ ئارقىدىنلا 语言包无法使用 دەپ لا چىقىۋالدى،ئورگان بېتىدە چۈشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمىگەن چېغى پەقەتلا تاپالمىدىم
سىستېما تىلىنى ئېنگىلىزچىگە تەڭشەپ قويۇپ ئاندىن چۈشۈرۈڭ. دېققەت: ئېنگىلىزچىغا تەڭشىگەندىن كېيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىسىز.
خەنچە نۇسخسى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چۈشۈرىشنى بىۋاستە قوللىمايدۇ. ئالدى بىلەن ئېنگىلىزچە تىلت بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىزدەتسىڭىز تاپالايدۇ.
خەنچە نۇسخسى ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە تاپالمايدۇ. ئالدى بىلەن پەرەڭچە(ئېنگىلىزچە) تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئاندىن ئۇيغۇرچىنى ئىزدەتسىڭىز تاپىدۇ.
تورخۇمار ئەپەندىم مەن چۈشۈرسەم،ئاستىدىكى ۋەزىپە بالدىقىدىكى«ئېنتېرنېت»«ھۆجەت كۆرۇش» يۇقاپ كەتتى؟
بۇ تىل بولىقىنى چۇشۇرۇش ھەجەپ تەسكە چۈشۈپ كەتتى. 12 يىل بۇرۇنقى تور سۈرئىتى كۆز ئالدىمغا يەنە بىر كەلدى. نىمە دىگەن ئاستا بۇ يىڭىلاش باسقۇچى.
ۋىندوۋس 8قاچىلانغان نوكىيا 920گىمۇ ئۇيغۇرچىنى قاچىلىغلى بولارمۇ؟
تورداشلارغا ئۇچرىغان چاتاقلىرى ئاز ئەمەس ئوخشايدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ھەممىسى ئوڭشىلىدۇ ھەقىچان. مەن يەنە ئازىراق ۋاقىت تەخىر قىلاي.
خۇشاللىقتىن ھاياجىنىمنى باسالماي قىلىۋاتىمەن !نىمە دىگەن پەيزى مىنۇتلار ھە !
كاتتا خۇش خەۋەركەن.
ماۋۇ كاتتا ئىش بوپتۇ ، ئەندى windows8 سېتىۋالمىسام بولمىدى، شۇغىنىسى توردىن سېتىۋېلىشقا ئامالىم يوقتە نەق پۇلغا ساتىدىغانلار بولسا ماڭا بىر ياردەم قىلىپ سېتىپ بەرساڭلار ، قىممەترەك بولسىمۇ مەيلىتى
windows8 بەك رومانتىكلىشىپ كىتباردۇيا ، ئالماي بوممىدى ئەمدى.
windows8 بەك رومانتىكلىشىپ كىتباردۇيا ، ئالماي بوممىدى ئەمدى.
مەن بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن ، مەن .ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى مۇۋەپىقىيەتلىك قاچىلىدىم ئەمما ماۋۇ خەتلەر سەل سەترەك تەدبىركار ئەپەندى خاپا بولماي ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە خەتلەرنى چىرايلىق چىقارغىلى بولىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە تورداشلارغا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىۋەتسىڭىز! بىلىدىغانلاردىن بىلمەيدىغانلار كۆپرەك بۇلىشى مۇمكىن.
ھازىر سىستىما ‹ئېكىسپى› بولسا بۇنى قاچىلىغىلى بولىۋېرەمدا
تىل بولىقىما؟ بولىدۇ… سىز ئاۋال win8 نى سېتىۋىلىپ، ئاندىن win8 غا تىل بولىقىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك قاچىلاڭ. ئاندىن win8 دىكى تىل بولىقى ھۆججەتلىرىنى بارماق دېسكىغا قاچىلىۋىلىپ win8 نى تامامەن ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ، ئاندىن «‹ئېكىسپى›» نى قاچىلاپ، بايامقى بارماق دېسكىدىكى ھۆججەتلەرنى «‹ئېكىسپى›» رىڭىزدىكى تەدبىركار دېگەن ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۋىتىڭ، مانا سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «‹ئېكىسپى›» رىڭىز دەرھاللا كۆك ئېكران بولىدۇدە كومپيۇتېرىڭىزنى خالتىغا قاچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوغان تاشتىن بىر ھارىۋا قوشۇپ قاچىلاپ، «خوڭيەنچى» غا ئاپىرىپ چۆكتۈرۈپلىۋىتىڭ، .ۋوي بىر ئىش ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ، ئاپلا ئەمدى سىز سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ كىچىك تىپتىكىسىنى تېپىپ، سۇدىن كومپيۇتېرىڭىزنى سۈزۈپ چىقىڭ، بۇ نېمە ئىش دېمەمسىز، ئاۋال كومپيۇتېرىڭىزنى تاشلىرىڭىزنىڭ ئاستىدىن چىقىرىپ، يەرگە ئېتىپ نەچچىنى تېپىپ، دەسسەپ، كاللا قويۇپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋىتىپ، ئاندىن يەنە ھېلىقى تاشلىرىڭىز بىلەن قوشۇپ خالتىغا قاچىلاپ، قايتىدىن چۆكتۈرۈڭ، شۇ ۋاقىتتا سىز بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى تەبىئىيلا ھېس قىلىسىز….
ھى ھى ھى بۇلدىغان گەپكە
كىم ئاۋۇ رەسىمدىكى تىل بولىقى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ بىرەلەيدىغاندۇ ؟
2. بەتتە دىۋان بامۇ
نېمىنداق ياخشى ئىش بۇ
قاندا چۈشۈرىمىز بۇ تىل بولىقىنى ، مەن ھەقلىق نۇسخىسىنى قاچىلاپ بولغانتىم كومپىيۇتىرىمغا، بۇ تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئىشلىتەي دېگەنتىم، لېكىن چۈشۈرەلمىدىم. چۈشۈرۈش مەنزىلىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار. رەھمەت!!!
مەن ھازىر ۋىندوۋس8 تە خەت يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن نىمىدىگەن ھۇزۇر ھە…..ئۇيغۇرچەخەتلەرنىمۇ چىرايلىق چىقىرىۋالدىم جاپاكەش ئۇستازلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت
مەن بەكمۇ خۇشال بولدۇم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن!ياشا ئۇيغۇرۇم
بەكلا كاتتا ئىش. بۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش كىرەك.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادىرىسى بولسا قالدۇرسىڭىز بوپتىكەن، ياكى بولمىسا چۈشۈرۋالغىنىڭىزنى ھەمبەھىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن. مىنىڭ ئۆيۈمدە تور يوق ئىدى.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادىرىسى بولسا قالدۇرسىڭىز بوپتىكەن، ياكى بولمىسا چۈشۈرۋالغىنىڭىزنى ھەمبەھىرلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن. مىنىڭ ئۆيۈمدە تور يوق ئىدى.:shy:
ئالامەت ھېسياتتا جۇمۇ مەن…. ئاشۇ رەسىمدىكىدەك فونت قاچىلاپ تېخىمۇ چىرايلىق بوپكەتتى ئۇيغۇرچە دىگەن….
چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا ئالىم ئەھەت بىلوگىدا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرۈپ قۇيىۋاتىدۇ . يازمىلارنى بىر قۇر ئۇقۇڭ . ئۇيغۇرتىلىنىڭ راھىتىنى ھېچنىمىگە تەڭلەشتۈرلمەيسىز جۇمۇ ……. باشقىچە ھۇزۇر
بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى زور بىر ئىلگىرىلەش.
بىراقمەن چۈشۈرگەن تىل بولىقىنىڭ يەنە كۆپ ئىشلەتمەيدىغان نۇرغۇن جايلىرى خەنزۇچە ھالەتتە تۇرىۋالدى.
بۇ ئەسلىدە شۇنداق چالا تەرجىمە قىلىنغانمۇ ياكى قاچىلاشتىكى مەسىلىمۇ؟ مەن خەنزۇچە ۋىندوۋىس 8گە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئېنگىلىزچە ۋىندوۋسىنى سىناپ باقمىدىم.
چۈشۈرۈش ئادىرسىنىئادىرسىنى يوللىۋەتكەنيوللىۋەتكەن بولساڭلا