مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
سېتۋى بالمېر (Steve Ballmer) يۇمشاق دېتال ماگناتى مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO)، ئۇ 2006-يىلى دۇنيادىكى مىلياردېر تىزىملىكىدە 24-ئورۇنغا تىزىلغان. مال-مۈلكى 13 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللار. 1980-يىلى مىكروسوفت قېتىلغان. ئۇ بىل گېيتىس (Bill Gates) قۇبۇل قىلغان تۇنجى سودا ئىشلىرى دېرىكتورى. ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ماتېماتىكا ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە باكلاۋرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دادىسى شىۋىتسارىيەلىك بولۇپ، ئاپىسى رۇسىيەلىك يەھۇدى ئەۋلادى ئىدى. دادىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى (WWII) دىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ، ئۇرۇش جىنايەتچىسى سوت كوللېگىيىسىنىڭ باش سوتچىسىغا تەرجىمان بولغان. كېيىن ھەممىباب ماشىنا شىركىتى (General Motors Corporation) دە ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا فورد ماشىنا شىركىتى (Ford Motor Company) دە بوغالتىر بولغان.
سېتۋى بالمېر 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكىنىڭ دېترويت (Detroit) تا تۇغۇلغان. دادىسى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئوغلىنى ئاداققىچە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
سېتۋى بالمېرنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۇ بۇرۇنلا بىر ماتېماتىك ياكى فىزىك بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ تولۇق ئوتتورا مەكتەپتىكى چېغىدىلا ماتېماتىكا مۇسابىقەسىدە نەتىجىسى ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى SAT ئىمتىھانىدا 1600 نومۇر، يەنى تولۇق نومۇر ئالغان. ئۇ 1973-يىلى خارۋارد (Harvard University) ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىردى ھەمدە ماتېماتىكا ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە باكالاۋرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
1974-يىلى سېتۋى بالمېر خارۋراد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياتاق كارىدورىدا بىل گېيتىس بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. بىرى خېجىلچان، ئىچ مىجەز، ئىجتىمائىي ئالاقىگە نائۇستا كومپىيۇتېر ئاتامانى، يەنە بىرى ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر، ئىككىيلەننىڭ مىجەزى پەقەت ماس كەلمەيتتى. ئەمما ئۇلار بىر ئۇچرىشىپلا دوست بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ناھايىتى بىر يەردىن چىقاتتى.
1980-يىلى سېتۋى بالمېر ستانفورد سودا ئىنستىتۇتى (Stanford Business School) دا ئوقۇماقچى بولغاندا، بىل گېيتىس ئەمدىلا «تۇخۇم باستۇرغان» مىكروسوفتتا ئۇنى قايىل قىلىپ ئېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىكروسوفتنىڭ 30-خىزمەتچىسى بولدى.
سېتۋى بالمېر دەسلەپتە 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مائاش ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىكروسوفتنىڭ %7 پېيىنى كونترول قىلاتتى. 1981-يىلى مىكروسوفتنىڭ %8 پېيىنى كونترول قىلىدىغان بولدى.
1990-يىلى 34 ياشلىق سېتۋى بالمېر توي قىلدى. ئۇ ئۈچ بالىنىڭ دادىسى بولدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى بالىلىرى ۋە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش ئىدى. ئۇنىڭ بەختلىك توي مۇراسىمىغا ئاللىبۇرۇن 23 يىل ۋاقت بولدى.
ئۇ 1998-يىلى مىكروسوفتنىڭ باش دېرىكتۇرلۇقىغا تەيىنلەندى. ئاساسلىق ۋەزىپىسى شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىگە مەسئۇل بولۇش ئىدى. 2000- يىلى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) بولدى. ئارقىدىنلا بىل گېيتىس ھەممە ھوقۇقنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
بۇ 13 يىلدا مىكروسوفتنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ سانى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى. يىللىق كىرىمى تۆت ھەسسە، يىللىق پايدىسى 10 ھەسسە ئاشتى.
بۇ 13 يىلدا سېتۋى بالمېر ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون (Smartphone)، تاختا كومپىيۇتېر (Tablet PC) نىڭ غايەت زور پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. iPhone ۋە iPad كە ئوخشاش پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشقا ئېرىشكەن مودا مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرالمىدى. ئەمما ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى (Desktop operating system) بازىرىدا ئىگىلىگەن %90 تىن ئارتۇق بازار ئۈلۈشىنى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇمۇ ئاسان ئىش ئەمەس!
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، مىكروسوفت باش ئىجرائىيە ئەمەلدار سېتۋى بالمېرنىڭ كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە دەم ئېلىشقا چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: CEO، Microsoft، باشلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,664 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: steve-ballmer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلدى | ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
- كېيىنكى يازما > خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- دۇنيادىكى مۇستەبىتلەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى رەسىملىرى
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- مىكروسوفت شېركىتىنىڭ يوقلىمىسى، دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاجايىپ تەدبىرلىرنىمۇ ئاڭلاپ باققۇلۇق
- مىكروسوفت 1987-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىركەت لوگوسىنى ئۆزگەرتتى
ceo لىقىنى بالمىرغا ئۈتكۈزۇپ بېرىپ بىل گېيتىس ئۆزى نىمە ئىش قىلغاندۇ
بىل گېيتىس ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى خەيرى – ساخاۋەت زاكات ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزىمەن دەيدۇ !
ئامدام ئەدەمتى!
لىكىن ھازىر ۋىندوۋىس يانفۇنلىرنىڭ بازار ئىگەنلىشى خېلىلا تېز بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبي يەنىلا نوكيا! نوكيانىڭ خېلى ئەقلى باركەن ئىشقىلىپ! ئەتتىگەن خەۋەرگە قارىسام ۋىدوۋىس يانفۇنلىرى جەنۇبى ئەمىرىكا بازىرىنىڭ 20پىرسەنتىدىن ئارتۇقنى ئىگىنلەيدىكەن! بۇ يىل ئىككىنجى پەسىل مال چىقىرىشتىمۇ سامسۇڭدىن قالسا 2-ئورۇنغا ئۆتەپتۇ!
مۇشۇ ceo دېگەن نىم گەپ پەقەت چۈشەنمەيمەن؟؟؟
باش ئىجرائىيە ئەمەلدار دېگەن گەپ، ئاساسى مەنىسى شۇنداق، زاغرا تىل بىلەن ئېيتىساق مۇشۇ ئورۇندا سىز لاۋدا، بارلىق ئىشلارنىڭ سىزنىڭ تەستىقىڭىز بويىنچە بولىدۇ دېگەنلىك.
بۇ ئادەم مىكروسوفىتقا خېلى چوڭ تۆھپە قوشقان بىراق مەغلۇبىيەتلىك نەتىجىلىرىمۇ ئاز ئەمەس ، ۋىستا سېستىمىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ، يانفۇن بازىرىنىڭ ئالما تەرىپىتىن تارتىلىپ كېتىشى مۇ شۇ ئادەمنىڭ كاساپىتىدىن . بۇ ئادەمنىڭ تەخىتتىن چۈشىشىمۇ بىر ياخشى ئىش . بىراق زادى كىم مىكروسوفىتنىڭ كىيىنكى تەخىت ۋارىسى بولار
ھەجەپ بەلەن نەرسىنى تېپىپ تەرجىمە قىلىپ سىز،بۇ ئادەمنى دەم ئېلىشقا چىقاي دىگەندە بىلىپتىمە..
بۇ بالنى گايتىسكام خېلى چوڭ بىلەتتىكەنتۇق ئەسلى ، شىركەتنىمۇ خاتىرجەم تاپشۇرۇپتىدەك ، ئەمدى ما خۇماداشلا دىگەندەك بەزىبىر چوتنى خاتا سوقۇپ قۇيۇپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا سەل تەسىر كۆرسۈتۈپتىمىش، شۇڭا دەم ئېلىشقا چىقايمىكى دىگەندە گايتىسكام بەك چىڭ ئېسىلىۋامماپتۇمىش، چىقساڭ چىقىۋە دىگەندەك گەپنى قىپتۇ …
ئەمدى مىكرۇسكوپنىڭ كىيىنكى لاۋداسى چىم بۇلاكى دىگەندە ، ئالدىنقى ھەپتە گايتىسكام ئۇچۇر قىپتۇ ، مىنى بېرىپ شىركەتكە بىرە يىل قارىشىپ بەسەڭ دەپ ، كەنجى بالامنىڭ خەتمە تۇيىغا ئاز قالدى ئەمەسمۇ ، كىلەر يىلى ئەتيازلادا بىر گەپ بوسۇن دەپ چىرايلىق رەت قىپ قويدۇم
بۇ ئەدەم يامانكەن جۇمۇ
بۇ ئادەمنىڭمۇ خېلى تۆھپىللىرى بارئىكەن ئەمەسمۇ…
بۇكىشى ceo بولغان بىلەن يەنىلام چوڭ چوتنى بىل گايتىس سوقىدۇ…
شىركەت نامى ئاشۇ ئەدەمنىڭ بولغاندىكىن……
شۇنداقمۇيە…
ياپىر،،،،،،،،،،
ئىچكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ تەدبىركارنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن چوڭمىش.
بۇ گەپ راسمۇ يا؟ تورخۇمارنى كىمگە ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغانلىقىنىمۇ دېدىمۇ يا؟!
تەبىركام ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولسا بىزگىمۇ ئاز تولا پايدىسى تىگەتتى.
ماڭىمۇ پايدىسى با ھى ھى ھى ھى