مىكروسوفت 1987-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىركەت لوگوسىنى ئۆزگەرتتى
مىكروسوفت تۈنۈگۈن رەسمى ھالدا 1987- يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان شىركەت لوگوسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەسلىدىكى يانتۇ خەت نۇسخىسى Segoe خەت نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر لاھىيە ئۇسلۇبى Windows8 نىڭ لوگوسىغا ئوخشاپ قالىدۇ. Windows 8 رەسمى تارقىتىلىشتىن بۇرۇن مەزكۇر شىركەت لوگوسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى قارىماققا Microsoft نىڭ يېڭى مەھسۇلاتىغا بولغان كۈچلۈك قوللىشىدەك قىلىدۇ. ئىلگىركىسىگە ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ قېتىم يىڭى لوگونىڭ ئالدىغا تۆت خىل رەڭلىك كۆزنەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاخىرقى ئىككى ھەرىپ f بىلەن t ئۆز-ئارا تۇتۇشۇپ كەتكەن، لېكىن كونىسىدا بولسا o بىلەن s ئۆز-ئارا تۇتاش ئىدى.
بىلدۈرۈلىشىچە يېڭى لوگو بۇندىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىغان يىڭى مەھسۇلاتلاردا بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇنقى مەھسۇلاتلاردا كونا لوگو يەنىلا مەلۇم مەزگىل ھايات كەچۈرىدۇ. تۆۋەندىكىسى مىكروسوفتنىڭ يېڭى logo سى، سىلەرچە قانداقراق بوپتۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: logo، Microsoft، لايىھە، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,199 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: microsoft-new-logo.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 8 Professional نىڭ RTM نەشىرى ئاشكارىلاندى
- كېيىنكى يازما > iPhone 5 ئاخىرى كەلدى، 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى!
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- Pixar لوگوسىدىكى كىچىك چىراقنىڭ قاتىللىق ئەنزىسى
- ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى | ئەسەبىي سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
يىڭى لوگو قارىماققا راستىنلا چىرايلىق كۆرنىدىكەن
ماڭا بۇ يېڭى لوگونىڭ رەڭگى بىر خل كونىلىخنى بىلدۈرگەندەككەن… خازىرقى تەرەقىياتقا ماس ھەرخىل كورۈش بۇلۇڭلىرىدىن ئادەمگە يۇقىرى تېخنىكا تۈسىنى بېردىغان ئالايىدە لايىلىگەن بولسا پەيزى بۇلاتتى…
چىرايلىق ھەم سىلىق كۆرىنىدىكەن.
لاھىيلەشكە قانچە پۇل كەتكەندۇ
ھەجەپ ئاۋۇ كەينىدىكى ft دېگىنىنى Facebook بىلەن Twitter دېمەكچىدەك ھېس قىلدىما؟
نىمانداق ئاددى!!! لېكىن چىريلىقكەن
قاراشقا راستىنلا، بەك سىپتا چىقىپتۇ. شۇنداق ئاددىي، ئاددىي نەرسىلەر كىشىگە باشقىچىلا بىر گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.
بۇ يىل كۆرگەن ئەڭ تاينى يوق لوگو بوپتۇ
مەنمۇ شۇ قاراشتا…
مېنىڭچە ف ت ھەرپىنىڭ قوشۇلىشىغا قارىغاندا Microsoft دېگەن خەتنىڭ بىردىن بىر ھەرپنىڭ چىكىنىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندەكلا تۇيغۇ بەردى ماڭا، خۇددى ت ھەرپى قېچىپ كەتكىلى قوپسا ف ھەرپى تۇتىۋالغاندەك
ياخشىمۇسىز ؟ مەن ئاتەش تورىدىن سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى ، سىزنىڭ ۋاختىڭىز يىتەرمۇ ؟ 1511919501 چ چ
دەرىزىنىڭ سۆرىتى يەنىلا بۇرۇنقىسى چىرايلىقكەنتۇق. بۇ يېڭى دەرىزىسى بەك ئاددىيكىنا…
راسلا ئادەمگە بىر خىل ياخشى تۇيغۇ بېرىدىكەن ، قالتىس !!!
نىمانداق سەت ، يەنىلا بۇرىنقىسىغا يەتمەيدىكەن
مىكروسوفتنى قوللايمەن.
بوپىتىغۇ مانا ئىشقىلىپ ماڭا خىلى چىرايلىق كۈرۇندى
windows phone غىمۇ مۇشۇ logo نى ئىشلىتەرمۇ؟
windows phone تىزراق ئوموملاشسا دەيمەن
قالتىسكەن
تېلفوندا ئۇچۇر يازسا تەخەللۇس ساقلانمايدىكەنغۇ؟
چىرايلىقكەن
قانچە ئاددى ھەم چوڭ سۈپەت بولسا كىشنىڭ ياختۇرشغا ئىرشدىكەن