iPhone 5 ئاخىرى كەلدى، 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى!
بىزنىڭ نەچچە ئايلىق پەرەز ۋە قىياسلىرىمىزدىن كىيىن، ئالما شىركىتى بۈگۈن چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ھەقىقىي تۈردە تەكلىپنامە ئېۋەتىپ، يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىش يىغىنىنىڭ 12-سىنتەبر (بىزدە 13-سىنتەبر ) ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەكلىپنامىگە 12 دېگەن ساننى يېزىپ، سايىسىغا 5 نى چىقارغان بولۇپ، بۇ كىيىنكى ئەۋلاد ئايفوننىڭ iPhone5 دەپ ئاتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغاندەك قىلاتتى. بۇ رەسىمنىڭ ئۈستىگە It’s almost here دەپ ئاددىيلا خەت يېزىلغان. بۇ «مانا ئازلا قالدى» دېگەن مەنىدە. يىغىننى سان-فرانسىسكودىكى Yerba Buena سەنئەت مەركىزىدە ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى مەھسۇلات تېخىمۇ نېپىز ۋە ئۇزۇن بولىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىچىدىكى قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى كۈچەيتىلىپتۇدەك. يىغىندا يەنە iOS 6 نىڭ بەزىبىر يېڭىلىقلىرىنى ئېلان قىلىشىمۇ مۇمكىنكەن. يەنە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى iPad mini نىمۇ ئېلان قىلىپ قېلىشى مۇمكىنمىش.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، خەۋەر
- يازمــا مەنبەســى: پاسىبان كۇلۇبى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,288 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: letter-5-on-the-apple-invitation.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفت 1987-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىركەت لوگوسىنى ئۆزگەرتتى
- كېيىنكى يازما > Google نىڭ ئىشخانا مۇھىتىنى كۆرۈپ باققىنىڭىزغۇ راستۇ، لېكىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى كۆرۈپ باققان دىسىڭىز ئىشەنمەيمەن
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
قاراپ باقامىز قېنى
تورخۇمار ئەپەندى تورخۇمارنى تېلفۇندا زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ياندىكى ھەركەتچان ئېلان ئالدىغا چىقىۋېلىپ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدىكەن.
بولۇپمۇ بەتنى چوڭايتىپ كۆرگەندە.
مەنمۇ شۇنداق پىكىرنى بەرمەكچى ئىدىم، مەنمۇ كۆپ ھاللاردا ئايفپندا زىيارەت قىلىمەن، مۇشۇ ئېلان ئېكراننى، مەزمۇننى توسۇۋېلىپ بەك ۆىلە قىلىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلساڭلا.
يەنە ئالەم مالەم بولىدىكەندە…..
ئالجىغانلار ، تەييارلىقىڭلار پۈتتىمۇ؟؟؟؟
مېنىڭ شۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرىدىغانغا تەييارلىقىم پۈتتى
مانا ئالما ساراڭلىرىغا بولۇپ بىرىدىكەدە ئەمدى ……….
ios6نى ساقلاپ كۆزۈم 12 بولاي دېدى مېنىڭ…
بولدىلا سونىي lt28نى ئويناپ تۇراي.