Google نىڭ ئىشخانا مۇھىتىنى كۆرۈپ باققىنىڭىزغۇ راستۇ، لېكىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى كۆرۈپ باققان دىسىڭىز ئىشەنمەيمەن
ئارىمىزدا Google نىڭ ئازادە خىزمەت موھىتىنى بىلمەيدىغانلار بەكلا ئازغۇ دەيمەن. ھېچ بولمىسا تورخۇمارنىڭ دائىملىق ئوقۇرمەنلىرى بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. دەرۋەقە Google ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ياخشى بولغان خىزمەت موھىتى ۋە تەمىناتى ئارقىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە بۇرۇن كۆپ تونۇشتۇرۇپ كەتتۇق. بۈگۈن تورخۇمارلارغا ئۆزىمىز كۈندە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەمما بىزگە قاراڭغۇ بولغان Google نىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتىمىز.
نۆۋەتتە Google نىڭ سىرتىقا قارىتا ئېنتايىن ئاز ئىچىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. يىقىندا Google ئۆزىنىڭ بارلىق مۇلازىمەت سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يۈكسەك مەخپى تۇتىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى مۇخپىرلارغا قارىتا ئىچىۋەتتى. بۇ بىزنىڭ Google نى تېخىمۇ چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق بولدى ئەلۋەتتە.
مانا بۇ غايەت زور ئىسكىلات بىز ھەركۈنى ماتىرىيال ئىزدەشتە، فىلىم كۆرۈشتە، رەسىم ھەمبەھىرلىنىشتە ھەتتا ھۆججەت يۈكلەشتە ئىشىلتىپ كېلىۋاتقان Google نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساقلايدىغان فىنلاندىيەگە جايلاشقان ئامبار(ئومومى كۆلىمى 10683 كۇادرات مىتىر).
Google تەرەپ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرەلەيدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئاممىنىڭ شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش. شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم يىپىق شەكىلدە قوغداش ئىلىپ بېرىشىمىز كېرەك. دەرۋەقە بىزمۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى بولغان نادىر لايىھەلەردىن ئورتاقلىشىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2008-يىلىدىن باشلاپ ئېنېرگىيە تىجەش تىپىدىكى سانلىق مەلۇمات پىلانىنى ئېلان قىلدۇق. لېكىن يەنىلا ھەتتا شىركەت ئىچىدىمۇ پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرىش ھوقوقىغائىگە.» دەيدۇ.
مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پۈتۈنلەي دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىپ سوۋۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، گىرانىت تونىل ئارقىلىق دېڭىز سۈيىنى ئۇچۇر مەركىزىگە يوللايدۇ. ئاندىن يەنە تونىل سىستېمىسى ۋە پومپا ئارقىلىق دېڭىز سۈيىنى مۇلازىمېتىر ئىسسىقلىق قويۇپ بەرگەن ئىسسىقلىق ئاملاشتۇرغۇچقا قارىتا ئىتتىرىدۇ. دېڭىز سۈيى ئىسسىقلىق سۈمۈرگەندىن كېيىن يەنە قايتا دىڭىزغا قۇيۇلىدۇ. يۇقىردا كۆرگەن ھەرخىل رەڭلىك تۇربىلاردىكى كۆڭ رەڭلىكى بولسا سوغۇق سۇ توغشۇش تۇربىسى. قىزىل رەڭلىكى بولسا ئىسسىق سۇ توشۇش تۇربىسى.
Google سانلىق مەلۇمات ئامبىرى
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
يازما ھەقىقى مەنبەسى | Google ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك يازما (1) | Google ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك يازما (2) | Google ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك يازما (3)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، ئامبار، ئىشخانا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,971 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-data-center.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone 5 ئاخىرى كەلدى، 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى!
- كېيىنكى يازما > ماۋۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى؟! 1000 يىللاردىن كېيىنكى ئىنسانلار تەرەققىي قىلىپ پۈتۈنلەي «غەلىتە مەخلۇق»قا ئايلىنىپ كېتىدۇ؟!
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- Google كۆزئەينىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تەسىرات كۆرۈنۈشلىرى
- كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
- Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…
- [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- Google نىڭ ئىزدەش بېتى بەك ئاددى، ئەمما خىزمەت بىنالىرى ئۇنچە ئاددى ئەمەس
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
- ئەجىبا بۇ Google Glass نىڭ كەلگۈسىمۇ؟ بۇنداق فانتازىيەلىك تۇرمۇش سەل قورقۇنۇچلۇقمۇ قانداق؟
بولدىكەن . يەنە بىز كۆرمىگەن يەرلىرى جىقتۇ . . .
بايىقى قاتتىق دېسكا نىم بوغاندا . بۇزۇلغانمىدۇ يا!!
دىۋان دىگەن مۇشۇما . . .ئەجەپ پىچەتكەن دىسە . . .
ئەتتى ئەتتىگەندىلا دىۋانغا ئولتۇرۇپ دۇكاننىڭ سودىسى ئەجەپ بوپ كەتتى دىسە .
بۇزۇلغان قاتتىق دىسكىلارنى شۇنداق پارچىلاپ تۇمۇرنىڭ سۈيىدە قايىنىۋىتىدىكەن بۇنداق قىلغاندا مۇكەممەل يوق بۇلىدۇ كىشلەرنىڭ شەخسي مەخپىيەتلىكىمۇ جەمىيەتكە تارقالمايدۇ
ھا ھا بۇ دىۋان دا تۇنجى ئولتۇرۇشۇم
كېچىكىپ تىمەن
بۇلانىڭ ئىشىك لىرىمۇ ئوزگىچىكەن ھە…..
ئالامەتكەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى،
بۇزۇلغان قاتتىق دىسكىنى بىراقلا ماگىنىتسىزلاپ ۋە يانچىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن. بۇ خەقنى SCSI قاتتىق دىسكا ئىشلىتەمدىكىن دىسەم، بىزگە ئوخشاشلا SATA قاتتىق دىسكا ئىشلىتىدىكەنغۇ.
2مىنۇت 45 سىكنۇت يېرىگە كەلگەندە ۋىندوۋىسxp نى كۆرۈپ قالدىممۇ نىمە.
قارغاندا xp نىڭمۇ ئاشۇنداق ئىلغار يەرلەردە لازىم بولىدىغان چېغى .
يا بولمىسا بۇ سىن بەك بۇرۇنقى سىنمۇيە !
بۇ سىن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويدۇم. ئەڭ يىڭى ۋىدىوسى يازما مەنبەسىدە بار. كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىشىڭىز مۈمكىن.
بىلىشىمچە، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئۆيىنىڭ ئىچىدىكى رادىئاتسىيىمۇ كىشىنى خېلى چۆچۈتكىدەك كۈچلۈك ئىمىش. ئۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغانلار قانداق قىلىدىغاندۇ؟رادىئاتسىيەدىن قانداق مۇداپىئەلىنىدىغاندۇ؟
« ئىسسىقلىق ئاملاشتۇرغۇچقا» ؟
ۋىروس تۇرخۇمارغا يۇقۇپ قالدىڭلارمۇ ئەمدى ؟
ئۆزەڭلىنىڭ بىلوگ بادۇ ؟
تورخۇمارلار كولۇبىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىنى جەلب قىلىدىغان يازمىلىرى ھەر بىر تورخۇمارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.دۇنياۋى چوڭ تور بېكەت بولۇش بىلەن قانچىلىك يۈكسەك مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقى مۇلازىمىتىرلىرىغا قاراپمۇ ھىس قىلغىلى بۇلىدىكەن.
تېتىملىق ئىنكاسلار يوقالغىلى تۇرۇپتۇ.
ئالما شېركتى بىلەن گوگېل شېركىتى ئوخشۇشۇپ قالىدىكەن. قائىدە جەھەتتە.
goole شىركىتى خىزمەتچىلىرىنى قانداق باقا goole توربەتتىن قانداق كىرىم قىلىدىغانتۇ؟
گوگىلنىڭ بىر تۇردىن قىلغان پايىدىسى بىر مىليارد دوللارغا يىتىدۇ باشقا تۇرنى ھىساپلىساق يىللىق بايدىسى كوپ , دۇنيادىكى بىرىنجى ماركا قاتارىدا تۇرىدۇ