Google بىكار بولسىلا ئىشخانا بېزەيدىغان ئوخشايدۇ، Google نىڭ يېڭى بېزىگەن ئىشخانىسىنى كۆرۈپ كېلەيلى!!
ئالدىنقى مەزگىللەردە Google ئۆزىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش شىتابىنىڭ 4-قەۋەت ئىشخانىسىنى بېزىدى. قارايدىغان بولساق ئىشخانىلاردا بىرخىل ئازادىلىك، خۇشاللىق ۋە ئىجادىيلىق بار ئىدى. Google نىڭ خىزمەت مۇھىتى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ. ئويۇنچۇق، تېلېۋىزور، بىليارت، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى … قاتارلىق. بۇنداق ئىشخانا بولسا كىمنىڭ كەتكۈسى كېلىدۇ دەيسىز… بولدى قۇرۇپ گەپ مۇشۇنچىلىك بولسۇن، ئېچىلىپ قالغان ئېغىزىڭىزنى ئاستا يۇمۇۋېلىپ، ئالدىرىماي كۆرۈڭ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google,ئىشخانا,مۇھىت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-l4-office.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پەقەت ئالاھىدە كۆزەينەك تاقىغاندىلا مەزمۇنىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەخپىيەتلىكنى قوغدايدىغان ئۆزگىچە ئېكران!
- كېيىنكى يازما > بالمېرنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشى يېتىپ كەلدىمۇ؟ مىكروسوفتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىكى سەككىز سەۋەپ
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
پېقىر دىۋاندا!
مىنىڭچە،گوگۇل دەك شىركەتلەر، تېخنىكادىن سىرىت يەنە خادىملارنىڭ ئىچكى قابىليىتىنى ۋە تەسەۋۇر كۈچىنى ئىشقا سېلىشىنى مۇھىم نۇقتا دەپ قارايدۇ ، ئىشخانا مۇھىتى خادىملارنىڭ كەيپىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، مەسلەن ئالايلۇق ، ئامېركىدىكى مەكتەپلەر بىلەن دۆلىتىمىزدىكى مەكتەپلەرنى ، دۆلىتىمىز دەرىسخانلارنى بىزەشكە قارشى ،
قارا دوسكا ئاقتام. چەتئەلەردە سىنىپلار ھەرخىل نەرسىلەر بىلەن تۇشۇپ كەتكەن.دۆلىتىمىز چەتئەلنىكىنىڭ تەسەۋۇر كۈچىنىڭ مولىقىغا ئاغزىنى تامشىتىپ ئولتۇرۇشقا رازىكى، قىلپنى ، كونا ئەندىزىنى ئۆزگەرەتمەيدۇ!
توغرا دەيسىز. مائارىپ جەھەتتىكى يېڭىلىقلار، ئوقۇغۇچىلارنى ۋە خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇھىتمۇ بەك مۇھىم. بىزدە ۋەزىپە ئۈچۈن تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ، خىزمەت ئورۇندايدۇ. چەتئەلدە بولسا، شۇ ئىشنى ھەر كىم ئۆزى خالىغان ئۇسۇل ۋە تەسەۋۋۇر بويىچە ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرىلىدىكەن.
ئاللا ئاللا . پەنجىركامنىڭ ھېكمەتلىرى ئالامەتلا چىقىپتۇغۇ ، ھەقىقەت ،ماڭا ھەممىدىن بەكرەك 7 – رەسىمدىكى ئىشخانا بەك يارىدىيا ئېينا !!!!!
دۆلىتىمىزدە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەش مۇھىتى ۋە خىزمەت بېسىمى سەۋەبلىك خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. گۇگېلدەك شىركەتلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى مەلۇم جەھەتتىن خىزمەتچىلىرىگە زور دەرىجىدە ياردىمى تېگىدۇ دەپ ئويلايمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا، كېيىن شىركەت قۇرۇپ قالسام، چوڭ بولمىسىمۇ شۇ كىچىك ئىشخانامنى ئازادە بىزىمىسەم
بۇندىن بۇرۇن كۆرگەن ئىشخانىغا قارىغاندا ماۋۇ ئىشخانىلارنىڭ بېزىلىشى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىكەن …
مېنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىگەن يېرىم ماۋۇنىڭ پۇچىقىغا تەڭ كەلمىسىمۇ ئىشقىلىپ ھازىرقىدىن ياخشى ئىدى
ماۋۇ ئىشخانىلارنىڭ رەڭ ماسلىششى ناھايتى ياخشى ، ئىللىق ئىكەن . دىمەك بۇنداق ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ بىرەر لايىھە ئەندىزىسى تۇرغۇزۇشتا قالايمىقان كاللا قاتۇرغاننىڭ ئورنىغا ئۆز موھېتىنى كۈزىتىپلا ئېلىھام ئالسا بولىدىغان گەپكەن . بىز ئاپئاق تامنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ قايسى خىل رەڭ بىلەن يەنە قايسى خىل رەڭنى ماسلاشتۇرسا چىرايلىق بولىدىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغىرا كىلىدىكەن…..
ۋاي بۇ گوگول ئەمدى ئۆي بىزەش شىركىتى ئاچسىمۇ بولامدۇ نىمە ..ئۆيۇمنى بىزەشكە تەكلىپ قىلسام بولىدىغان ئوخشايدا …
ئىشخانا بۇنداق پەچەت بولسا، بويتاقلار ئىجارە ئالغان ئۆيگە كەتمەي، ئىشخانىدىلا يېتىپ قوپۇپ ئىشلەيدىغان گەپ شۇ
ۋوي ، بۇ گۇگۇل شىركىتىدىكىلەر ساپلا ئالمىنىڭ كومپىيۇتىرىنى ئىشلىتىدىكەنغۇ
بۇيەردە تۆت تامغا قارىغىسىمۇ كەلمەيدۇ ، ئاقماس قائىدە ، شۇئارلار ….
گوگول گۈزەللىكتە ئالمىدىن قېلىشمىغۇدەك بىر مەھسۇلات چىقارسا بولغۇدەك ئەمدى.
ئۇلار ئىجادچانلىققا بەك بايكەن.ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان رامكىدىن بۆسۈپ ئەركىن تەپەككۈر قىلىدۇ،بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلارغا ئۇلار بىر-بىرسىگە ئىلھام بېرىدۇ.لېكىن بىز چۈشۈرۈپ تۇرىمىز…