ئاددى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا Windows7 بىلەن Windows8 نى قوش سېستىما شەكلىدە قاچىلاش
ئالدىنقى يازمىمىزدا Windows8 نى قاچىلاش ئۈچۈن كېتىدىغان تەييارلىقلارنى قالدۇرغان ئىدۇق. بىراق يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ماڭا E-Mail ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېگەننى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، بولسا بۇنىڭدىنمۇ ئاددى ۋە بىخەتەر بولغان، كومپيۇتېردا ئەسلىدە بار بولغان Windows7 گە چېقىلمىغان ئاساستا Windows7/Windows8 قوش سېستىما ئورنىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سوراشتى…
شۇنداق، بۇ خىل مەقسەتكە تامامەن يەتكىلى بولىدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددى ۋە بىخەتەر. ئەلۋەتتە، قوش سېستىما قىلىش جەريانىدا سىزدىكى مەشغۇلات خاتالىقى تۈپەيلى ھۆججەتلىرىڭىز ئېچىلمايدىغان، كومپيۇتېر قوزغىلالمايدىغان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بەك ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز سېستىمىنى Ghost قا ئوخشاش قوراللاردا بىر نۇسخا زاپاسلاپ قويۇڭ.
مەزكۇر دەرسلىك ماس كېلىدىغان كومپيۇتېر:
Windows7 قاچىلانغان ۋە نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان بىر دانە كومپيۇتېر.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
Windows8 قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بىر دانە Windows Live ID بىلەن سېستىمىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بولسا hotmail دەك E-mail دىن بىرنى تەييار قىلىپ قويۇڭ.
ئۇنىڭدىن باشقا، Windows8 قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن نورمال ئەھۋالدا ئادەتتە Windows7 قاچىلانغان رايون بەلگىسىنى يوشۇرىۋېتىشى مۇمكىن، بۇ نورمال ئەھۋال. يەنى ئەسلىدىكى C رايون يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ قېلىشى مۇمكىن، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق باسقۇچىدىكى 磁盘管理 نىڭ ئىچىدىن يوشۇرۇلۇپ قالغان رايوننى تېپىپ C رايون بەلگىسىنى بېرىپ قويساقلا كۇپايە. ناۋادا Windows8 مۇھىتىدا C دېسكىنى زىيارەت قىلىش ئېھتىياجىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ مەشغۇلاتنى قىلىپ يۈرۈش تېخىمۇ ھاجەتسىز.
ئاستىدا تىلغان ئېلىنغان ھەر بىر مەشغۇلاتقا تولۇق ۋە تەپسىلىي دىققەت قىلىڭ. مەسىلە كۆرۈلسە مەن قەتئىي ئىگە ئەمەس.
تەييارلىق باسقۇچى:
1. ئاۋال كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكا رايونىدىن سىغىمى 20GB دىن كىچىك بولمىغان بىر رايون ئاجرىتىمىز(مەن تەخمىنەن 30GB ئاجرىتىپ قويدۇم). ئاجرىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى. تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكى جايغا كىرىڭ:
控制面板 → 管理工具 → 计算机管理 → 磁盘管理(يۆنىلىش سترىلكىسى بويىچە سولدىن ئوڭغا)
يەنى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ قاتتىق دېسكا رايونى بولۇپ، بىز بۇ رايونلار ئارىسىدىن بىكار ئورۇن سەل چوڭراق بولغان رايوندىن مەخسۇس Win8 قاچىلاش ئۈچۈن سىغىمى 20GB تىن ئاز بولمىغان يېڭى قاتتىق دېسكا رايونىدىن بىرنى سىقىپ چىقىرىمىز.
ئۇسۇلى: بىز سىقىپ چىقارماقچى بولغان رايوننىڭ ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىنى بېسىپ 压缩卷 نى باسىمىز، 输入压缩空间量里 غا بۇ يېڭى رايوننىڭ سىغىمىنى يازىمىز(قانچە G نىڭ قانچە MB بولىدىغانلىقىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز). ئاندىن 压缩 نى باسساق ئۈستى تەرىپى يېشىل رەڭلىك يېڭى رايوندىن بىرى پەيدا بولىدۇ.
ئەمدى بۇ يېشىل رەڭلىك رايوننى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسىمىز ۋە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارىمىز:
新建卷 → 下一步 → 分配盘符 (يۆنىلىش سترىلكىسى بويىچە سولدىن ئوڭغا)
يەنى بۇ قاتتىق دېسكا رايونىغا بىر تەرتىپ نامى بەلگىلەيدىغان باسقۇچ بولۇپ، مەسىلەن I دەپ تولدۇرۇپ قويسىڭىز بولدى. ئاندىن تەرتىپ بويىچە 下一步 نى بېسىۋەرسەك بۇ مەشغۇلات ئاخىرلىشىدۇ.
قاتتىق دېسكا رايونى قۇرۇش ئاخىرلاشتى. بولسا 计算机 نىڭ ئىچىگە كىرىپ يېڭى قۇرغان رايوننى بىر قېتىم فورماتلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمدى رەسمى قاچىلاش باسقۇچىغا كەلدۇق.
قاچىلاش باسقۇچى:
توردىن چۈشۈرۈپ تەييار قىلغان Windows8 نىڭ ISO ھۆججىتىنى Winrar ياكى Ultra ISO غا ئوخشاش قوراللار بىلەن مەلۇم رايونغا يېيىۋالىمىز(بايا بىز يېڭىدىن قۇرغان رايوندىن باشقا رايونغا، چۈنكى بۇ رايونغا بىز Win8 نى قاچىلىماقچى)، ۋە ياكى ئالدىنقى يازمىدا دېيىلگەندەك مەۋھۇم ئوپتېك دېسكىغا چىقىرىۋالساقمۇ بولىدۇ.
يېيىۋالغان مۇندەرىجىگە كىرگەندىن كېيىن Sources دېگەن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى Setup.exe نى قوزغىتىمىز(غول مۇندەرىجىدىكىنى ئەمەس، بەلكى Sources نىڭ ئىچىدىكىنى جۇمۇ)
قاچىلاش جەريانىدا بايا بىز يېڭىدىن قۇرۇۋالغان I رايوننى تاللاپ بېرىمىز، قاچىلاش جەريانى Windows7 نى قاچىلاش جەريانى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
قاچىلاش ئاخىرلاشتى. ئەمدى قايتا قوزغاتسىڭىز مەزكۇر يازمىنىڭ قىستۇرما رەسىمىدەك ئىككى خىل تاللاش تۈرى كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدا سۈكۈتتىكى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows8 بولۇپ، ناۋادا سىز ھېچقانداق تاللاش ئېلىپ بارمىسىڭىز 3 سكونتتىن كېيىن Win8 قوزغىلىدۇ. ناۋادا سىز بۇنداق بولۇشىنى خالىمىسىڭىز، ئاستىدىكى Change defaults or choose other options نى بېسىپ سۈكۈتتىكى مەشغۇلات سېستىمىسىنى Windows7 گە ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
قوش سېستىمىنى يۇيۇش ئۇسۇلى:
ئەلۋەتتە، Windows8 نى سىناپ بولغاندىن كېيىن ناۋادا بۇ قوش سېستىمىنى يۇيىۋەتمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
Windows7 گە كىرىپ باشلاش تىزىملىكىدىن 运行 نى(Win + R نى باسساقمۇ بولىدۇ) ئېچىپ msconfig دەپ يېزىپ ئىجرا قىلىمىز.
قوزغالغاندا ھەر قېتىم سېستىما تاللاش تۈرى چىقىدۇ، بۇ Windows تا بار بولغان بىر خىل ئالاھىدە سېستىما يېتەكلەش ئۇسۇلى بولۇپ، بىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىمىز، دەل بۇ يېتەكلەش جەريانىدىن Windows8 نى ئۆچۈرىۋېتىش. چىققان كۆزنەكتىن 引导 تۈرىنى ئاچىمىز ۋە بۇنىڭدىن Windows8 كە مۇناسىۋەتلىك تۈرنى تاللاپ ئۆچۈرىۋېتىمىز.
ئەمدى بېرىپ بىز Windows8 قاچىلىغان ئاۋۇ I رايوننى فورماتلىۋەتسەك بولىدۇ. ناۋادا بۇ ئارتۇق رايوننى يەنە بۇرۇنقى رايونلارغا قوشۇپ قويماقچى بولسىڭىز، EASEUS Partition Master ئارقىلىق بۇ رايوننى باشقا رايونلارغا قوشۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېرىڭىز پۈتۈنلەي Windows8 نى قاچىلاشتىن بۇرۇنقى ھالەتكە كېلىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ يەنە باشقا تېخىمۇ ئاددى ۋە ياخشى ئۇسۇللىرى بولسا داۋاملىق تەۋسىيە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows7، windows8، ئۇسۇل، تېخنىكا، سېستىما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: win7-win8-setup.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows8 نىڭ ئېلان قىلىنىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، Win8 نىڭ قانداقلىغىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟
- كېيىنكى يازما > Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
- ئەمدى قول ھەركىتى بىلەنلا ماشىنىڭىزنى باشقۇرۇپ كىتەلەيسىز | يىراقتىن سىمسىز كونتىرول قىلىش ئەسۋابى MYO
- [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- نادىر ئەسەر يارىتىش ئۈچۈن تەسەۋۋۇرلا كۇپايە | خوببېتلار فىلىمىنىڭ ئارقا سەپتىكى ئىشلىنىش جەريانى ۋە كومپيۇتېر CG تېخنىكىسى
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- يامغۇرلىقىڭىزنى تاشلىۋېتىڭ | ئەمدى كىيىملىرىڭىزگە سۇ ئەمەس، لاي- لاتقىمۇ يۇقمايدۇ!
- ئامراق يانفونىڭىزنىڭ توكى تېز تۈگەمدۇ ؟ بۇندىن كېيىن ستولبا تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تېلىفۇن ئويناڭ!
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- [سادىغان كىتەي] باۋگۇڭدىن دېلو چىقماس، يوۋكۇدىن كىنو – مەن كىنونى مۇنداق كۆرىمەن!
- پۇل تېپىش بىرگەپ،خەجلەشمۇ بىرگەپ | تېخنىكا دۇنياسىدىكى مىليادىرلار پۇلنى قانداق خەجلەيدۇ؟
- نىمە ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەت يازغاندا قېرىنداش ئىشلەتمەي نەچچە مىليون دوللارغا بىر تال قەلەم ياسايدۇ ؟
بىز قىلىپ باققان قوش سېستىما ئەمەسكەندە ماۋۇ.
مەن قاچىلاپ باقاي دىسەم كومپىيۇتىردا يتەرلىك بوشلۇق يوق .
كىينچە يىڭى كومپىيۇتىر ، يىڭى سىستىما قىلىۋالامەن …
تورىدىن چۇشۇرگىلى بولامدۇ ؟
ئاخىرى قاچىلاپ بولدۇم، تورغا چىقىشى نېمانداق راھەت سەككىزدە باللا!
چاققاندە- چاققان بىزنىڭ باللا!
سىناپ بىقىۋاتىمەن، ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
قېنى سىلە؟تەمىن قىلمامسىلە دەيمەن
نىمانداق خەنزۇچە خەت كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى؟ ماۋۇ تېمىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ھەممىسى كاتەكچە.
ئاجايىپ تەپسىلىى چۈشەندۈرۈپسىزغۇ ! بىر سىناپ باقمىسام !
سىلەر سىناڭلار ، مەن ھازىرچە XP ئىشلىتىپ تۇراي.
مەن win8 نىڭ چۈشۈپ بولۇشىنى ساقلاۋاتىمەن. 20MB لىق كەڭ بەلباغلىق تور نەدىسەن!؟ ئاھ!!!!!!!!!!1
مەنمۇ چۈشۈرۋاتىمەن،30 نەچچە kbدىن چۈشىۋاتىدۇ، ساقلاپ كۆزۈم تىشىلىپ كىتىدىغان بولدى دە
مەن قاچىلىسام ئىجازەت نومۇرى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
XP بىلەن Windows7 نى سېستىما قوزغالغاندا تاللاپ قوزغىتىدىغان قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟
windows7 ۋە windows8 نىڭ ھەر ئىككىلىسى ياخشى سىتىما ھىساپلىنىدۇ، ئىككى سىستىمىنى تەڭ قاچىلاشنىڭ نىمە زۈرىيىتى بار ئەمدى؟
مىنىڭچە windows8 ياخشىمىكىن بىرخىل فەچەت جۇمۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
قوش سىستىما قىلماي مۇشۇنىلا ئىشلەتمەكچى بولساق قانداق قاچىلايمىز، مەنwin7 ئىشلىتىۋاتقان بۇنى قاچىلاي دىسەم ھىچ ئەپلىشىدىغاندەك ئەمەس. گوسىت سىستىما قاچىلاپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن
بىزدەك شەرىت شارائىت پىشىپ يىتىلمىگەنلەرگە زادى ئامال يوقكەن ، بولسا XP بىلەن Windows7 نى قوش سىستىما قىلىپ قاچىلاشنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارلانغان بولسا ، ھەم تورخۇماردىكى Windows7 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنگەن بولسا بەك مىننەتدار بولغان بۇلاتتىمكەن . مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قۇرالىمۇ بار ؟!
بىزدەك شەرىت شارائىت پىشىپ يىتىلمىگەنلەرگە زادى ئامال يوقكەن ، بولسا XP بىلەن Windows7 نى قوش سىستىما قىلىپ قاچىلاشنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارلانغان بولسا ، ھەم تورخۇماردىكى Windows7 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنگەن بولسا بەك مىننەتدار بولغان بۇلاتتىمكەن . مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا قۇرالىمۇ بار ؟!
ۋىندوس8نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى قانداق سىنىغىلى بولىدۇ؟تورخۇمارلارنىڭ بۇنىڭغا قىزىقىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.