نىمە ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەت يازغاندا قېرىنداش ئىشلەتمەي نەچچە مىليون دوللارغا بىر تال قەلەم ياسايدۇ ؟
بوللىۋود(ھىندىستان)نىڭ داڭلىق چولپىنى ئامىرخاننىڭ باش رول ۋە باش رېژىسورلىقىدا ئىشلەنگەن «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىنى كۆرمىگەنلەر ناھايتى ئازغۇ دەيمەن. شۇ كىنودا مەكتەپ مۇدىرى ۋىروس (مەن ئەمەس جۇمۇ) يېڭى قارارلىق ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەۋىتىپ، قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلىقى قەلىمىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ ۋە ئالەم بوشلۇقىدا سىياھ قەلەم ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قەلەمدە ھەرقانداق بۇلۇڭ ۋە تارتىش كۈچى يوق ھالەتتىمۇ نورمال خەت يازغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇ چاغدا كەپسىز رانچو تەپ-تارتماي ۋىروستىن نىمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىدا قېرىنداش ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى سورايدۇ ۋە ۋىروسنى دەماللىق ئوسال ئەھۋالدا قويىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كىنونى كۆرگەن سىزدىمۇ مۇشۇنداق سوئال پەيدا بولغانمۇ ؟
ئەمەلىيەتتە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى مەزگىلىدىمۇ ئامېرىكا ۋە سوۋىت ئىتىپاقى ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا دەل مۇشۇ مەسىلىگە يولۇققان. يەنى قانداق قىلغاندا ئېغىرلىق كۈچى يوق مۇھىتتا خەت يىزىش. كېيىن ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئاجىرىتىپ مەزكۇر مەسىلىنى تەتقىق قىلغان ۋە «ئالەم بوشلۇقى قەلىمى»نى كەشىپ قىلغان. روسسىيە بولسا ھېچ ئىككىلەنمەيلا قېرىنداش قەلەم ئىشلىتىپ بۇ مەسىلىدىن قۇتۇلغان.
لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەخمەقلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. NASA ئاپولو پىلانىدا Fisher Space Pen Co ئارقىلىق بۇ ئېغىرلىق كۈچىگە قارىشى قەلەمنى ياساپ چىققان. مەزكۇر شىركەتمۇ ئۆز ۋاقتىدا نەچچە مىليون دوللار ئىقتىساد ۋە بىرنەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاخىرى 1966- يىلى «ئېغىرلىققا قارىشى AG7 قەلىمى»نى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئىككى يىلدىن كېيىن ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مەزكۇر قەلەمنى رەسمى ئىشلىتىشقا باشلىغان.
ئۇنداقتا ئامېرىكا نىمە ئۈچۈن قېرىنداش ئىشلەتمەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە يۇقۇردا تىلغا ئالغان «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىدا، مۇدىر ۋىروسنىڭ قېرىنداش قەلەم ھەققىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشى (فىلىم ئاخىرىدا) ناھايتى ئورۇنلۇق بولۇپ، خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك قېرىنداشنىڭ قالدۇقى يەنىلا ئالەم ئايرۇپىلانى ئىچىدە لەيلەپ يۈرىدۇ. بۇ ئۇچقۇچىلارنىڭ كۆزىگە ۋە بۇرۇن، ئېغىز تۈشۈكلىرىگە كىرىپ، ھەرخىل ئويلىمىغان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇش بىلەن بىرگە، قېرىنداشنىڭ كېسىۋېتىلگەن ياغاچ قالدۇقلىرى ھەتتا پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالىمۇ يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنچە سوۋىت ئىتىپاقىمۇ بۇ خىل ئالەم بوشلۇقى قەلىمىنى ئىشلەتكەن.
قوشۇمچە : ھېندىستان ھېكايە فىلىمى «ئۈچ ئەخمەق»
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالەم، تېخنىكا، قەلەم
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,676 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: space-pen.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نېمە ئۈچۈن ماي قاچىلاش پونكىتىدا يان تېلىفون ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > مۇۋاپىقىيەتنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ: سىتايلون ھەققىدە راست-يالغان ھېكايە
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرىگەن رېكورتنىڭ تولۇق كۆرۈنىشى ئېلان قىلىندى
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تارماق نومۇر بۇراش ئۇسۇلى
دىۋان تالىشىپ باقايمۇ؟
ھە… نېمە ئۈچۈن مەخسۇس مۇشۇنداق قەلەمنى ئايرىم ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى ئەمدى بىلدىم… مۇشۇنداق قەلەمدىن بىزدىمۇ بىرسى بولسا ھە…
سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. تەخمىنەن 50 دوللار
يې باللا بۇ قەلەمنى ما يەرشارىدىمۇ ئىشلەتكىلى بۇلامدىغاندۇ ؟
بۇ قەلەمنى ماقا ئالدۇقمۇ دەيلى ، ئىككى قۇر خەت يېزىش ئۈچۈن ئاسمانغا چىقىدىغان گەپما ئەمدى ، يەنىلا قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇنا
قانداق قىلاي دېگەنتىڭىز…
ئاھ…. دىۋان
ما تاساددىبىلىقنى ..، ئاخشام تېخى تاڭ ئاتقۇزالماي ئىچىم پۇشۇپ كېتىپ مۇشۇ كىنونى كۆرەپ تاڭ ئاتقۇزغان …
بۈگۈن قانداق بۇلۇپ تورخۇماردا ماڭا دىۋان نىسىپ بولۇپ قالغاندۇ ھى ھى
دېۋان دېگەن بىرىنچى قەۋەتتە بولىدۇ. سىز تۇرغان جاي دېۋانغا بەك يىراقكەن
مەن ئىنكاس يازغاندا باشقا ئىنكاسلار يوقتەك قىلاتتى…
بىردەمدىلا تاراس تۇرۇسلا يېزىۋەتكەن گەپ باشقا بالىلار…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار مەن يېڭى ئەزا بولدۇم
ئەسلىدە مۇنداق كەندە!
مېنىڭچە يەرشارى بىلەن ئالەم بوشلۇقى ئىككىسى ئىككى دۇنيا!
بىزلەرگە ئۇ قەلەم زايا كەتكۈدە، چۈنكى بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ئالەم بوشلىقىنى ساياھەت قىلىشقا ۋاقتى يوق
بالىلار ۋاڭ بادا، ئاياللار دىبادا، ئەرلەر جىيۇ بادا، قىز-يىگىتلىرىمىز KTV دە….
بۇ كىنونى 2قىتىم كۈرەپ بولغاتىم ئاداش يەنە كۈردۇم چۈنكى بۇ ئەخمەق لەنىڭ كىنوسىدا نۇرغۇن بىلىملەنى ئۈگەنگىلى بولىدۇ ھەم بۇ كىنونى كۈسەم يەنە كۈرگۈم كىلىدۇ كۈمىگەنلە بولسا كۈرۈپ قويالا ….
كۈرۇپ بولغاندىن كىيىن راس دەپتىكەن ما ئاداش دەپ.
چۈنكى قىرانداش قەلەم ئىشلەتسە، ئۇنىڭ ئۇچى سۇنۇپ كەتسە بوشلۇقتا لەيلەپ ئالەم ئۇچقۇچىللرنىڭ كۆزىگە،ۋە ئەسۋاپلارغا كىرۋىلىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يىتىدىكەن، كىنودىن كۆرۈپ بىلۋالدىم
كىنودىن ئاڭلاپ دىمەكچى ئىدىم
فىلىمدىكى « All is well » دىگەن سۆزنى دوستلار بىلەن پات – پات دىيىشىپ قويىمىز …
مەن بۇ كىنوغا دەششەت ئامراق
ئالەمدە بىرنەرسىلەرنى خاتىرلەش ئۈچۈن قەلەم بىلەن قەغەزگە يېزىش شەرتمۇ ؟ نېمىشقا ئېلىكتىرونلۇق خاتىرلەش ئەسۋاپلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ ؟ مەسىلەن قول كومپيۇتىر ، تېلفۇن دىگەندەك ؟
ئۇ چاغلاردا ئالەمگە چىققان بىلەن ھازىرقىدەك قۇلايلىق ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كەلمىگەنغۇ دەيمەن. 1966-يىللىرى سىزچە قول كومپيۇتېر، يانفۇن، iPad, iPhone لارنى ئىشلەتكەن بولسا ھە…
ئېلىكتىرونلۇق خاتىرلەش ئۈسكۈنىسى سىزنىڭچە ئايفون بىلەن ئايپەدنىلا كۆرسىتەمدا ؟ شۇنچىلىك نەرسىنى ياساپ ئايغا چىققان ئادەم كىچىككىنە بىر خەت يازىدىغان نەرسىنىمۇ ياسىيالماسمۇ ؟
ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندا بىرنەرسىلەرنى خاتىرلەش ئۈچۈن قەلەم بىلەن قەغەزگە يېزىش شەرتمۇ ؟ نېمىشقا ئېلىكتىرونلۇق خاتىرلەش ئەسۋاپلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ ؟ مەسىلەن قول كومپيۇتىر ، تېلفۇن دىگەندەك ؟
نىمىشقا ئۇن ئالغۇدا خاتىرە قالدۇرمايدۇ ؟ نىمىشقا خەت بېسىش ماشىنىسىنى ئىشلەتمەيدۇ ؟
نەچچە قىتم كۈرسىمو يەنە كۈرگىسى كېلىدۇ
ئەزا بولگىلى بۈلامدۇ يا بۇ تۇر بەتكە
سوئال ئارقىلىق كىنوغا باشلاپ كىرىش….
بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن. مۇشۇ باھانىدە ياخشى كىنودىن بىرنى كورۈۋالدىم- دە!
مۇشۇ ھىندىستان كىنولىرى بىلەن پەقەت خوشۇم يوق ئىدى، بۇ كىنوسى بوپ قويىدىكىنا!؟
ماڭىمۇ مۇشۇ كىنوسى بەك يارايدۇ ، ۋەقەلىك كۈلكۈلۈك بوپلا قالماي گەپلىرىمۇ رارۋۇس ئورۇنلۇق جۇما