نېمە ئۈچۈن ماي قاچىلاش پونكىتىدا يان تېلىفون ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
مەن ئېسىمنى بىلىپ، يان تېلىفون ئومۇملىشىشقا باشلىغان مەزگىللەردە، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ھەممىسىدە «يان تېلىفون ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دەيدىغان ئەسكەرتىش چاپلاقلىق ئىدى. ئەلۋەتتە، شۇ چاغلاردا باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، يان تېلىفوننىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيەسى تۈپەيلى كىشىلەرگە خەۋپ يېتىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىنكەنتۇق.
ھازىر يانفون ھەر بىر ئادەمگە بىردىن ئومۇملىشىپلا قالماي، يەنە رادىئاتسىيەگە بولغان تەلەپ ۋە باشقا ئىقتىدارلاردىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىنىشلار بولدى. ئەلۋەتتە بۇ دېگىنىم، چوقۇم يېڭى ئالغان iPhone نى كۆتۈرۈپ بېرىپ ماي قاچىلاش پونكىتىدا سىناپ بېقىڭ دېگىنىم ئەمەس. راستىنى دېسەم، بۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. بۇ توغرىسىدا بىلىدىغان تورداشلار قېنى ئازراق سۆزلەپ باقمامسىلەر؟
يانفون رادىئاتسىيەسىدىن پايدىلىنىپ قىلىنغان كىچىك تەجرىبە:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، تەجرىبە، تۇرمۇش، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,377 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-gas-stations-why-can-not-call.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۆرۈش قۇۋىتىڭىزگە ئىشىنەمسىز ؟ قېنى بۇ ھايۋانلارنىڭ نىقاپىنى بىچىت قىۋىتەلىسىڭىز سىز نوچى
- كېيىنكى يازما > نىمە ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەت يازغاندا قېرىنداش ئىشلەتمەي نەچچە مىليون دوللارغا بىر تال قەلەم ياسايدۇ ؟
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
بۇ خۇددى ئايروپىلاندا يانفۇن ئىشلەتكىلى قويمىغاندەكلا ئىشكەن. ئەمەلىيەتتە ئايروپىلاندا يانفۇن ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك ھازىرغىچە تالاش-تارتىشتا. ھەتتا يانفۇننى «ئۇچار ھالەت»كە تەڭشەپ قويۇپمۇ ئىشلەتكىلى قويمايدۇ تېخى
بۇ مىنىڭچە ئايرۇپىلاننىڭ يول باشلاش سېستىمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،چۈنكى رادىئاتسىيەمۇ بىر دولقۇن،بۇنداق بولغاندا يول باشلاش سېستىمىسىغا كاشىلا قىلىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى ئايرۇپىلان يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچىۋاتقاندا بىر قۇشقاچچىلىك جىسىمغا سوقۇلسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغاندەكلا ئىش بولىشى مۇمكىن.
رادىئاتسىيەسى كۈچلۈك يانفۇن بىلەن تاماكا تۇتاشتۇرغانمەن
يانفۇن ياردىيەتسىيەسىدىن پايدىلنىپ قوناق ئىتىلدۇرغانلىقىنى كۆرگەن يانفۇندا ئوت تۇتاشتۇرغانلىقىنى بۇگۇن كۆرشۇم
توۋا ماۋۇ خەخلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوقمۇ نېمە؟ ( ماۋۇ بەڭگىلەرگە بوپ بېرىپتۇ جۇما ئەمدى، چاقماق بولمىسىمۇ تېلفۇن ئارقىلىقلا تۇتاشتۇرۇپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
1- ئايرۇپىلاندا يانفۇن ئىشلەتكىلى قويماسلىقى سىزنىڭ يانفۇن ئالاقىڭىز ئايرۇپىلاننىڭ يەر يۇزى بىلەن بولغان نۇرمال ئالاقىسىگە دەخلى قىلىدۇ ، چۇنكى ئايرۇپىلاننىڭ ئالاقىلىشىش دىتاللىرىنىڭ سەزگۇرلۇك دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولارمىش …
2- يانتىلىفۇن ئادەتتە سۆزلىشىش ھالىتىدە قۇۋۋىتى ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقرىراق بولىدۇ ، نەتىجىدە بەزىدە ئالاھىدە شارائىتتا بوشلۇقتا بىر تۇركۇم زەرەتلەرنىڭ يىغىلىپ قىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ، بۇ زەرەتلەر بەك كۆپ يىغىلىپ كەتسە ، چاقماق چىقىپ ، ماي قاچىلا ش پونكىتىن زىيان چىقىدۇ ، چاقماق دېگەن تىرورچىنى يا تۇتقىلى بولمىسا ….
يانفون نۇسخىسىدا ئىنكاس يىزىپ باقاي
بۇنى كىرىشتۇرگەندەلا تۇرىدۇ جۇمۇ ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداق بۇلۇپ كەتمەس ئەقلى يانفۇن ئىشلىتىڭ دىگەن ئېلان ئوخشايدۇ
باش سۆرىتىمنى كۈدە تەڭشەيمەن، يەنە نىمىشقا چىقمايدۇ دەيمە
باش سۈرىتىڭىز سارس بىلەن يۇقۇملانغان ئوخشايدۇ .
مەن تېخى جاۋابىنى بىلۋالاي دەپ كىرسەم ، بىزدىن سوراپتىكەندە ……
بۇنى مەنمۇ كۆرگەەن
‹چاخچاق›بۇندىن كىيىن باشقىلار بىرنەرسە يوللىسا ئاۋال سىزدىن بىر(كۆرگەن كۆرمىگىنىڭىزنى )سورۋىتىپ يوللىسا بولغىدەك
يانفۇننى جېق سۆزلەشسى ئۆسمە بولدۇ دەپ ئاڭلىدىم مەن
ياندا تۇرغانلارغىمۇ يا؟
ئايرۇپىلاندا يانفۇن ئىشلەتكىلى قويماسلىقى يەنلا رادىئو ھەۋەسكارنىڭ 1-پىكرىنى قوللايمەن .. يىقىندا تىڭشۈندە بىر خەۋەر تارقالدىغۇ ،بىر ئايرو خانقىزى ئۆزنىڭ بۈلمىدە تىلفۇن ئويناۋاتقان ۋاقىتتا بىر مىھمان رەسىمگە تارتىۋاپتىكەن ، توردا بىرمۇنچە داۋراڭ سالدى.. لىكىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلا wifi نى ئىشلەتكىلى بولدۇ دەپ خەۋەر چىقارغىلى نەۋاخ ، ھىچ ئىشلەيدىغاندەك ئەمەس …
ھەراس بىز ئا رادىئاتسىيە تەسردە قوناق ئىتىلدۇرمىسى قىلمىزدەپ سىناق قىلغان. 10 تال تىلفۇندا 1 سائەتكىچە 1تالمۇ قۇناق مىتمۇ قىپقويمىدى…