كۆرۈش قۇۋىتىڭىزگە ئىشىنەمسىز ؟ قېنى بۇ ھايۋانلارنىڭ نىقاپىنى بىچىت قىۋىتەلىسىڭىز سىز نوچى
تەبىئەت دۇنياسى ناھايتى سىرلىق. ئۇنىڭدا ئىنسانلار جەمىئىتىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىرخىل كۈرەش جەريانى تېخىمۇ كەسكىن ۋە ئوچۇق ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاجىزلارنىڭ شاللىنىپ كۈچلۈكلەرنىڭ تاللىنىش قانۇنىيىتى يۇكسەك دەرىجىدە ئەنئەنىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر جانىۋار مۇشۇ باسقۇچتا شاللىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىركىشىدۇ. ئەلۋەتتە سەللا پەمى بارلار ناھايتى ئۇستاتلىق بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. تۆۋەندە سۆزىمىزنىڭ دەلىلى ئۈچۈن تورخۇمارلار بىلەن بىر ئويۇن ئوينايلى…
تۆۋەندە ھايۋانلارنىڭ نىقابلىنىپ قوغدىنىش ھەققىدە بىر قانچە مىسال بېرىلدى. سىز رەسىم ئىچىدىن ھايۋانلارنى تىپىپ كۆرۈش قۇۋىتىڭىزنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بىرەسىنى تاپالمىسىڭىز نورمال ئەھۋال. ئىككىسىنى تاپالمىسىڭىز يەنىمۇ ئىزدىنىڭ. ئەگەر ئۈچتىن- بەشكىچە رەسىمدىكى ھايۋانلارنى تاپالمىسىڭىز كومپىيۇتېردىن يىراق تۇرۇپ، كۆزىڭىزنى داۋالىتىڭ !
قېنى كۆرۈش قۇۋىتىڭىزنى سىناپ بېقىڭ !
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: رەسىم، فوتو سۈرەت، نىقاب، ھايۋانات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 30,467 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: disguise-animal.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بوغما يىلاننىڭ قورسىقى بەك تويۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ قاراپ تۇرۇپ پۈتۈن كالىدىن بىرنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتتىغۇ؟!
- كېيىنكى يازما > نېمە ئۈچۈن ماي قاچىلاش پونكىتىدا يان تېلىفون ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
ھەممىنى بايقاپ قالدىم
3نى تاپالمىدىم ، كۈزەمنى ئوڭشىتاي تەتىلدە ، بىر نەسە بادەك كۈرۈندى ، لىكىن نىملىگىنى ئۇقمىدىميا
3،6،7نى تاپاممىدىم ، كۆرەلىگەنلە دەپ بىرىڭلا خاپومماي
ئۇدۇلدىكى تۈز ئۆسكەن دەرەخنىڭ قوۋزۇقىنىڭ كامىرىدا بىر تىيىن باركەن.
مەن ئۈستىدىن سانىغاندا 3-رەسىمدە نېمە بارلىقىنى ئېنىق ئۇقالمىدىم، كېپىنەكمۇ؟ ئەمما باشقا سۈرەتتىكى جانلىقلارنى ئاساسىي جەھەتتىن پەرق قىلدىم. ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن، كۆزۈم خېلىلا ياخشى.
كومپيۇتېردا كۆرسەم بەلكىم ئاۋۇ 3 – سۈرەتتىكىنىمۇ تېپىۋېلىشىم مۇمكىن ئەمما.
1-رەسىمدە ھەرە قۇش 2-رەسىمدە تۈلكە3-رەسىمدەبۇرە 4-رەسىمدە كەسلەنچۈك 4-رەسىمدە جەرەن5-رەسىمدەشىر
6-رەسىمدەقىرغاۋۇل 7-رەسىمدە بۇغا8-رەسىمدەچايان9-رەسىم مۈشۈك ياپلاق10-رەسىم يىلپىز11-رەسىم شاتۇتى 12-رەسىم زىراپە
سىزنى توغىرا چۈشۈنۈشكە بولىدكەن !
4- رەسىمدىن ئىككىسى بامۇيا؟ 4- رەسىمدە ئىككى ھايۋان بامۇ؟؟؟
مەن بىرسىنىمۇ تاپالمىدىم…..بۇ نىمە ئىشتۇ،يا ھايۋان ياكى ھايۋانغا ئوخشاش ھىچنىمە يوققۇ؟
نىمە دەيدىغانسىلە ۋە بۇرادەر
مېنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىم ئۇنچە ئاجىزمۇ ئەمەس ئىدى. ئەقلى ئىقتىدارىم سەل ئاجىزمۇ نېمە.. يېنىمدىكىلەرنى سىناپ ئۆزەم بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقاي…
2+3 نىلا تاپالىدىم
2-3 ئىدى
مەن ئۈستىدىكى «سەرقۇت2»نى بۈگۈن بايقاپتىمەن، توۋا!
سىز قارىماققا سەرقۇت||| تەك قىلىسىز
مېنىڭ توردىكى تەخەللۇسۇم ئاۋام… نۇرقۇتتا كۆپرەك يۈرىمەن. تور نامىم سەرقۇت… سىزنى ھازىر بايقىشىم..
تورخۇمارغا كەپ تۇرغان بولسىڭىز نەچچە ئاي بۇرۇنلا بايقايتتىڭىز بەلكىم…
مەن 2005-يىلىدىن باشلاپ سەرقۇت بولغان، سىز قاچان تۇغۇلغان سەرقۇت دەيمەن؟
مەن ئاۋۇ قار ياققان رەسسىمدە نىمە بار ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلەلمىدىم قالغىنىنى تاپتىم
مەنمۇ شۇنىي بىلەممىدىم
9-رەسىمدىكى قار-مۇز ئارىسىدا نىمە بارلىقىنى بىلەلمىدىم، ئەمما قالغان رەسىمدىكى ھەممىنى بايقىدىم.
ئەمما دەششەت قىززىق بولىدىكەن، خىزمەتدېشىمغا كۆرسىتىۋىدىم كۆزىنى پىيالىدەك ئېچىپ ئاران 3 نى تاپتى.
9-رەسىمدىكى ئىيىق . مەن ھەممىنى 1 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا تىپىۋالدىم .
سىز ھەتتا يوخ نىمىلەرنىمۇ تىپپاپسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مىنۇتتىلا …
ھەي بۇرادەر ، ئاۋۇ 9-رەسىمدىكى قار ياغقان رەسىمنى دەيمەن ، قۇرۇپ كەتكەن ئوت چوپ ئاستىدىكىسى ئىيىق ئەمەسما ؟
مەنمۇ خىلى جىقلىرنى تاپالىدىم
8 9 نى تاپامىدىم قاغان ھەمىسىنى تاپالىدىم … نىمە بادۇ؟
قار ياققاندا بىر تۈلكە تۇرامدۇ نىمە؟
راسمۇيا تىپۋالغان بولماي يەنە..
9- رەسىمدىكى جانلىقنى توغىرا تاپالىغانلارغا ئازراق مۇكاپات تەسىس قىلساق بولامدۇ نىمە ؟ ھېچكىم تاپالماپتۇ …
راس شۇنداق قىلىلىي
زىراپىكەنغۇ، ھېچكىم تاپاممىدىما
ۋوي،، مەن خاتا سانىۋاپتىمە
ۋايۋۇي نىمانداق كۆپ جان-جانىۋارلار بۇ، كىچىكى تىيىندىن تارتىپ بۆرە زىراپە شىر… ھەممىسى باركەن ساناپ ئۈلگۈرۈپ بولالماي ھېسابلاش ماشىنىسى ئەكىۋالدىم قېشىمغا……
9 – رەسىمنى كۆزىتىش ئارقىلىق مەن ھېچقانداق نەرسىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم.
مەن 9-رەسىمدىن بىرتالچاشقان بىر تال جەرەن،يەنە ئىككى-ئۇچ ئات تاپتىم…
دەششەت تېپىپسىزغۇ
9-رەسىمدە يەنە بۇركۇتمۇ باركەن…
ئات،بۇركۇت،جەرەن،چاشقان بار شۇنداقمۇ؟؟؟مەن 1مىنۇت ئەستايىدىل كۈزىتىش ئارقىلىق جاۋاب بەردىم….
9-رەسىمدە ئات،بۇركۇت،جەرەن،چاشقان دى باشقا يەنە بىر قۇشقاچ،بىر قىزنىڭ رەسىمى باركەن ئىشەنمىسەڭلەر ئوبدان قاراڭلار تاپالمىساڭلار مەن ئۇلارنى دۇگلەككە ئەۋەتىپ يوللاپ بىرەي…
ئەمەلىيەتتە ھايۋان ئەڭ چىقى 9-رەسىمكەن مەن كۆزىتىش ئارقىلىق قۇش،بۇركۇت،تىيولىن،چاشقان،يىلان،ئۆمۇچۇك.جەرەن،ئات،قىز بالا،مۇشۇك ياپىلاق،قوچقار،ۋە بىرقىسىم كارتونلارنى تاپتىم…..
يېڭىدىن تۇزۇتىلگەن قاتناش بەلگىمىسىگە دائىر قىزىقارلىق يۇمۇردىن ھۇزۇرلىنىڭ ::
بىر ئەر 1- ئايدىكى لەپىلدەپ قار يېغۋاتقان قىش قۇرۇن سۇغۇقتا بىر كىچە ئۆيگە قايتىماي تاڭ سەھەردە توڭلاپ تىتىرەپ دىگۇدەك ئاران ئۆيگە كىرىپتۇ . بۇ چاغدا خۇتۇنى سوراپتىكەن ئىرى جاۋاپ بىرىپ :
____ تۇنۇگۇن كىچىچە يول ئېغىزىدا سېرىق چىراق توختىماي لاپىلداپ يۇرۇپ ھازىر ئاران ئوڭشالدى ، مېڭىۋىرەي دىسەم سېرىق چىراقنى بۇسۇپ ئۆتسە 6 نۇمۇر تارتىلدۇ ئەمەسمۇ دەپتۇ .
خۇتۇنى ئىرىدىن يەنە تىلفۇن ئۇرسىڭىز بولمامدۇ دەپ سوراپتىكەن ، ئىرى جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ :
_______ ماشنا ھەيدەۋېتىپ تىلفۇن ئۇرسا 3 نۇمۇر تارتىدۇ ئەمەسمۇ دەپتۇ. ئىرىنىڭ يەنىلا تىتىرەپ كۇكىرىپ كەتكىننى كۆرگەن خۇتۇنى ماشىننىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپمۇ مۇشۇنداق توڭلاپ كەتكەن بارمۇ دەپ سوراپتۇ . ئىرى جاۋابەن :
_______ بىر كىچە توختىماي قار ياغدى ، مەن ماشىندىن چۇشۇپ كىچىچە توختىماي نۇمۇر تاختىسنى سۇرتۇپ چىقتىم ،چۇنكى نۇمۇر تاختىسى تۇسۇلۇپ قالسا 12 نۇمۇر تارتىدۇ ئەمەسمۇ .
خەنزۇچە تور بىكەتتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېلىندى .
ئا يۇمۇرنىڭ كۆچۇرگەن مەنبەسى:مىسرانىم مۇنبىرى
توۋا خۇدايىم، بەزى بۇرادەرلەر «يالغۇز» قېلىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئېشىپ كېتىپ بارامدۇ نىمە؟ مەن ئاۋۇ 1-ئاينىڭ پىژغىرىم سوغۇقىدا قار-مۇز ئاستىدا قالغان ئوت-چۆپ بار رەسىمنى 16 سۇڭلۇق رەسىم قەغىزىگە بېسىپ چىقىرىپ، مىكراسكوپتا 1 سائەت ئاختۇرۇپ بىر يېرىم تال جانلىقنىم بايقىمىدىمغۇ؟؟؟
بايقىغان بۇرادەرلەر ئېغىر كۆرمەي قېرىنداش قەلەمدە بەلگە ئۇرۇپ قويۇڭلارچۇ!!! بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن!!! بولمىسا كۆزۈمدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ دەپ دوختۇرخانىغا يۈگۈرمەيلى يەنە!!!
بىر يىپ ئۇچى بېرەي ، 9- رەسىمدە بىرتال قۇش بار. كۆزگە يىقىن يەردە…
رەڭدارقۇش، تۈلكە،بۆرە، تىيىن، بۆكەن، شىر، قارچۇغا، جەرەن، توشقان، مۆشۈكياپىلاق، قاپلان، شاتۇتى، زىراپە .
ھەرھالدا كۆرۈش قۇۋۋىتىمگە ئىشىنىمەن ، جاۋابى بولسا سېلۇشتۇرۇپ باقايلى.
مەن 10 نى تاپتىم قارغاندا كۆزەمدە چاتاق يوقتەك قېلىدۇ.
مەن تاپتىم 9-رەسسمدە قۇرۇپكەتكەن ئوت-چۆپ بىلەن مىچىلداپ ئىرىپ كەتكەن قارباركەن كۆزۈمگە ئىشىنىمەن
بۇلاق كۆز سىز يەنىلا تاپالماپسىز سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىمۇ باردەك قىلىدىغۇ؟
ئاللا ئاللا …… 9-رەسىمدە مەن ھېچ قانداق ھايۋاناتنى كۆرمۇدۇم مەن دە چاتاق يوقتۇ ھە؟
ئەڭ تەس تاپقىنىم 9-سۈرەت بولدى…سول تەرەپ ئاستىدا بىر تۆمۈر تۇمشۇقتەك نەر سە باركەن…ۋاي كۆزلۈرۈم تېلىپ كەتتىغۇ…قاراپ تاپالمىغانسېرى ئادەم جىلە بوپقالىدىكەن،خىيالىي،تۇيۇقسڭزلا قاراپ تېپىۋالىدىكەن.بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى؛«بەزى ئىشلارغا ئۆزىنى زورلىغانسېرى،نەتىجىسىز بوپقالىدىكەن.ۋاقتى -سائىتى كەلگەندە ئۆزلۈكىدىن ھەل بوپ قالىدىكەن».
9-رەشىمدىكى يولۋاسكەن مەن تېپۋالدىم
ئوە تەرەپ ئۇستىگىرەك قاراڭلا يولۋاسكەن
مەنمۇ ئەڭ تەستە تاپقىنىم مەن باشتا بىر قۇشقا ئوخشۇتۇم ئىشەنمەي خىيالىمدىن ھەيدەپ يەن باشقا يەردىن ئىزدەپتىكەنمەن. ھەقىقەتەن تومۈر تۇمشۇق ئىكەن. سول تەرەپ ئوتتۇرىدا. ئۇرۇق ئېگىز ئاق پۇتلۇق. تۇمشىقى ئۇزۇن قارا….
شۇنىداقكەن.:
1-ھەرەقۇش،2-تۈلكە،3-بۆرە،4-سۇ ئاستىدىكى بىلىق،5-جەرەن،6-شىر،7-قىرغاۋۇل،8-بۇغا،9-….،10-مۈشۈكياپىلاق،11-يىلپىز،12-شاتۇتى،تۇمۈر-تۇمشۇق،13-زىراپە.9-سىدا راسلا مىچىلداپ ئېرىۋاتقان قار ۋە قۇرۇق ئوت چوپ باركەن چۇقۇم بىرنىمە تاپماقچى بولساڭلار بېرىپ ئىزدەپ بېقىڭلار ئوت-چوپنىڭ ئارىسىدىن بىرەر چاشقان چىقىپ قىلىشى مۈمكىن
يائاللا