سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش دەيدىغان ئۇقۇم پەيدا بولدى ھەم شىددەت بىلەن كۆپەيدى. بولۇپمۇ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشىدىغان بىر تۈركۈم گۈزەللەر تۇرمۇشىمىزغا تۇيۇقسىزلا بۆسۈپ كىرىپ قالايمىقان قىلىشقا باشلىدى. گەرچە بۇ ئىشنىڭ يامان تەرىپى بولمىسىمۇ، كۆپچىلىكنى يەنىلا سۈرەتكە چۈشۈش مۇھىتى ۋە ئۇسۇلىنى توغرا تاللاشقا دەۋەت قىلىمىز.
1. رومىنىيەلىك 18 ياشلىق قىزچاق، ئۆزىنى بىر پارچە ئاجايىپ قالتىس ھەم ئاقسا سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن، كېتىۋاتقان پويىزنىڭ ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىققان، ئاقىۋەت ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئىلنىشىپ قالغان، 27000 ۋوتلۇق توك ئۇنى شۇ ھامان بىر پارچە ئوتقا ئايلاندۇرىۋەتكەن. گەرچە، كېيىن يول ئۈستىدىكى قەيسەر كىشىلەر ئۇنى قۇتقۇزۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى ئاللىقاچان كۆيۈپ بولغان ئىكەن، ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
2. پولشادا سېستىرالىقنى ئۆگىنىۋاتقان 24 ياشلىق بىر نەپەر ياش، ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تېرىيانا كۆۋرۈكىگە كېلىپ سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىق تېيىلىپ كېتىپ كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى تاشنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتكەن. دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، گەرچە كۆپ مىقداردا يۈرەك سوقۇشىنى كۈچلەندۈرۈش ئوكۇلى ئۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
3. مېكسىكىلىق بۇ يىگىت قورالنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتماقچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئوق چىقىپ كېتىپ نەقمەيداندا ئۆلگەن، تېخى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئىكەن.
4. بويتاقلار يىغىلىشىغا كېتىۋاتقان بۇ ئىككى قىزچاق، ئوڭدىكى شوپۇر بولسا قولداش، سولدىكى سۈرەتكە تارتىۋاتقىنى بولسا يېقىندا تويى بولماقچى بولغان قىز. قولداش قىز ئالدىكى ماشىنىنى ياندىماقچى بولغان، چۈنكى ئالدىدىكى ماشىنىدىن بەك تولا ئىس چىقىپ كېلىن قىزچاقنىڭ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشىغا قولايسىزلىق تۇغدۇرغان ئىكەن، ئاقىۋەت، يانداش جەريانىدا يوغان بىر يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، كېلىن قىزچاق نەقمەيداندا جان ئۈزگەن.
5. بىر ئايدىن كېيىنلا 18 ياشقا توشىدىغان بۇ قىزچاقنىڭ بىر فوتوگراف بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى. ئۇ 33 ئېنگلىز چېسى ئېگىزلىكتىكى روسىيە سانت پېتىرىبۇرگدىكى تۆمۈر يول كۆۋرۈكىگە يامىشىپ چىققان، ئەمما ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ توك سوقۇۋېتىپ ئۆلگەن. ساقچى تەرەپ ئۇ يەرگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ ھايات بولۇشى مۇمكىن دەپ جەزملەشتۈرگەن، ئەمما ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا جان ئۈزگەن.
6. بۇ بىر جۈپ ئاشىق مەشۇق گەرچە ئىككى جايدا بولسىمۇ، بىر-بىرىنى ئاجايىپ ياخشى كۆرۈشەتتى. ئۇلار ئاخىرى پۇرسەت تېپىپ كۆرۈشكەندە، يار تۈۋىگە بېرىپ سۈرەتكە چۈشۈشمەكچى بولىدۇ. ئاقىۋەتتە، يىگىت ئۈچ پۇتلۇق جازىنى تەڭشەۋاتقاندا، قىزچاق دەسسەپ تۇرغان تاش سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپ، قىزچاقمۇ تەڭلا ياردىن چۈشۈپ كەتكەن. قۇتقۇزغۇچى خادىملار كېلىشتىن بۇرۇن، يىگىت قىزچاققا 20 مىنۇتقا يېقىن يۈرەك سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان، ئەمما ئۈنۈمى بولماي، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇنىڭ نەقمەيداندا ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
7. سۈرەتتە 18 ياشلىق بالا بۇ يىل 2-ئايدا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش مۇسابىقىسى(#SelfieOlympics)گە قاتناشقان، ئۇ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغان، ئەمما ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ، قان بەك چىقىپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
8. 18 ياشلىق قىزچاق دوستلىرى بىلەن بىرگە دېڭىز ساھىلىنىڭ يېنىدىكى قاتار چاقپېلەكلەرنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغان، ئەمما تۇيۇقسىز كەلگەن دېڭىز دولقۇنى بۇ قىزچاقنى ئېقىتىپ كەتكەن. كېيىن ساقچىلار بۇ قىزچاقنى سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ چىقىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان.
9. پولشالىق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن پورتۇگالىيەنىڭ كوستارىكادىكى مۇشۇ يار تۈۋىدە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقچى بولغان ھەم ياردىن چۈشۈپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بالىسى ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن بولۇپ، نەقمەيداندا پۈتۈن جەرياننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە پىسخىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
10. بۇ پوئېرتورىكولىق رەپ ناخشىچىسى نىيويوركقا بېرىپ تۇغقىنىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولغاندا، بىر تەرەپتىن موتسىكىلىت ھەيدەپ بىر تەرەپتىن ئۆزىنى سۈرەتكە تارتماقچى بولغان، ئاقىۋەت، موتسىلىكىت كونتروللىقىنى يوقىتىپ يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كەتكەن ھەم بۇ رەپچىنى مىجىۋەتكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، سۈرەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 59,833 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 06-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: die-from-the-self.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- كېيىنكى يازما >
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- ئاۋىئاتسىيە ھادىسىىدىكى مۇھىم شاھىد – « قارا قۇتا» ھەققىدە
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- يۇمۇرلۇق ھەم ئازراق تەنە تۈسىنى ئالغان ئۆزگىچە كارتون فىلىم – Roadkill Redemption
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- تىك-تاك توپنى مۇتلەق خاتا ئويناش ئۇسۇلى: تىك-تاك پىچاق
بۇ يازمىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بىز يەنە خۇشال – خۇرام سۈرەتكە چۈشەلەمدۇق ؟
ھەي تەقدىر دىگەن مۇشۇ
بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم ئوبۇرنىنىڭ تېمىغا يامىشىپ رەسىم چۈشۈش جەريانىدا يىقىلىپ چۈشتىمۇ دەيلى لېكىن ئوبۇرنى كىچىك يىقىلغاندا ئادەم دەرھال ئىنكاس قايتۇردىغان تۇرسا قان نەرىدىن چىققاندۇ
بىششى ھىلىقىدەك يەرلەرگە تىيىپ كەتكەنمەسمۇ
ئەڭ ئايىغىدىكى يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەن دېگەنگە مەن ئىشەندىم
ساراڭلا…..ھېلىمۇ دون چاپاق قارىم ئۆزىنىڭ قارماي ئارلاش تەرەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى فوتوگوفراف ئىلمى تەتقىقاتىغا سۇنماقچى بولۇش تىلىكىدە ….ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ پوقىغا دۈمموللاق چۈشۈپ كەتكەچكە ۋە دون چاپاق قارىم قوسىغى بەك سېمىز ھەم كاسا تەرەپلىرى چەمبەرچەس بولغاچقا توپسىمان ھالەتتە تىنالماي ئۆلمەي دېسە ئەسلى مىڭ تەستە ئۇ دۇنياغا پوق قازاسى دېگەندەك نام بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن …… دېگەندەك بولغانلىرى يوقكەن ھە؟!!!…. ھە ئۆھھۈ..كەچۈرۈڭلا باللا ئازراق پەلپەتىش سۆزلەپ قويدۇم ئۆھھۈ ئۆھھۈ..
بۇ رەپچىنى مىجىۋەتكەن
… سەت بولدى ، كۈلگەك نوقتام سەل تۈۋەن ئوخشايدا ،ما گەپكە سەل ھىجاراپ سالدىم …
مەنمۇ كۈلۈپ كىتىپتىمەن مۇشۇ گەپكە
رەپچىنىڭ ئۆلۈمىگە ئىسپاتلار تولۇقكەن
رەپچى دەڭ
ساراڭ
تەدبىركار ئەپەندىم تورخۇمارغىمۇ ھېلىقىدەك مىكرو بىلوگ قوشاپ قويمامدۇق؟ پەيزى بولىدۇ.
مانىڭدەك چۇ …
ئۇزىنى ئۇزى رەسىمگەتارتىدىغانلارنى روھى كىسەل دەپتۇ مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن
رەسىمگە چۈشكەندىن كىيىن رەسىمدىكى گۈزەل ھالىتىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. بەزىدە جەسۇر تارتىلغان بىرپارچە سۆرىتىمىز ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق ،ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچنى پەيدا قىلىپ قويىشى مۇمكىن.
لىكىن، پەقەت سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈنلا سۈرەتكە چۈشمەسلىك كېرەك.
كەچۈرۈڭلا سەت بولدى.