iPhone نىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە تارماق نومۇر بۇراش ئۇسۇلى
يېقىندا چەتئەللىك تورداشلار iOS6 قاچىلانغان iPhone ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە تارماق نومۇر بۇراش تېخنىكىسى ھەققىدە بىر قىسىم تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشقان. قارىماققا بۇ ئۇسۇلنىڭ قوللىنىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بىر قىسىم ئاپتوماتىك مۇلازىمەت نومۇرلىرىغا تېلىفون قىلغاندا بەك ئەسقاتىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئۇسۇلى:
1. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئالاقە دەپتىرىنىڭ ئىچىدىكى نومۇر تەھرىرلەش كۆزنىكىگە كىرگەندە، سول ئاستى بۇرجەكتە «#*+» دەپ بىر كۇنۇپكا كۆرۈنىدۇ ھەمدە بۇ كۇنۇپكىنى باسساق، ئەسلىدىكى 4 بىلەن 6 نىڭ ئورنىدا 暂停 ھەم 等待 دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ.
2. 暂停 بولسا نومۇر بۇراش جەريانىغا 2 سكونت ئەتراپىدىكى بىر توختاش نۇقتىسى قوشىدۇ، پەش «,» شەكلىدە كۆرۈنىدۇ.
3. بىر قېتىمدا بىر قانچە دانە 暂停، يەنى توختاش نۇقتىسى قېتىشقا بولىدۇ، ئاندىن كەينىگە بۇرايدىغان تارماق نومۇر قوشۇلىدۇ.
بۇرۇن 10086 غا تېلىفون ئۇرۇپ ئاۋال بىر ئۇزۇن قۇرۇق گەپنى ئاڭلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن كۆرسەتمىسى بويىچە سانلارنى بېسىپ، مەسىلەن ئاۋال 1 نى بېسىپ تىل تاللاپ، ئاندىن 1 نى بېسىپ ھەق سوممىسىنى تەكشۈرۈش تىزىملىكىگە كىرىپ، يەنە 1 نى بېسىپ ئاندىن ئاڭلىغىلى بولاتتى، يەنى مۇشۇ بىر جەرياننى بېسىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 4 قېتىم نومۇر بۇراپ ئاندىن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىر كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۇنداق نومۇرنى ئالدىدا بېسىۋالسىڭىزمۇ ئۆتكىلى ئۇنىمايدىكەن، بىۋاستە 1008611 غا ئۇرسا سەل قولايكەن. تېلىگراف بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بولسا نومۇرنى بېسىپلا ئاتلاپ كەتكىلى بولىدىكەن. گەپ شاخلاپ كېتىپ قالدى، تۆۋەندىكى ئۇسۇل تېلىگراف بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە تېخىمۇ بەك ئەسقېتىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا قانداق شەكىلدە ئىشلىتىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، بۇ يەردە مەن پەقەت ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قوياي. مىسال ئۈچۈن كۆچمە خەۋەرلىشىشنى قىلىۋېرەيلى.
مەسىلەن، بۇ يەردە خالىغان بىر نومۇر، 10086 نى مىسال قىلىپ باقساق، نومۇرنى تەھرىرلىگەندە مۇنداق يازىمىز:
10086,,1,1,2
ئاندىن بۇ نومۇرنى خالىغان نامدا، مەسىلەن رەسىمدىكىدەك 查询余额 دەپ يېزىپ ساقلايمىز، ئەمدى ئالاقە دەپتىرىدىن بۇ نومۇرنى بۇرىغان چاغدا، بىۋاستە ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچنىلا ئاڭلىساق بولىدۇ. بېشىدىكى باسقۇچلار ئاپتوماتىك بىز كىرگۈزگەن بۇيرۇقلار بويىچە ئاتلاپ كېتىدۇ(يەنە ئەسكەرتەي: بۇ ئۇسۇل 10086 نى مىسال قىلىپ سۆزلەندى، بىراق 10086 غا ئەسقېتىشى ناتايىن)
بۇنىڭدىن باشقا يەنە 等待 دەيدىغان بىر كۇنۇپكا بار، 6 نىڭ ئورنىدا چىقىدۇ، باسقاندا چېكىتلىك پەش «;» شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئارقىلىقمۇ تارماق نومۇر بۇراشقا بولىدۇ. ئەمما ئۈستىدە تونۇشتۇرغان 暂停، يەنى ۋاقىتلىق توختاش نۇقتىسىغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇنىڭدا نومۇر بۇراش جەريانى 暂停 غا ئوخشاش ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلمايدۇ، بەلكى نومۇر بۇراش كۆرۈنمە يۈزىدە بىر دانە كۇنۇپكا بولۇپ كۆرۈنىدۇ(ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ ئۇسۇلنى سىناۋاتقان بولسىڭىز، تېلىفوننى قۇلاقتىن نېرى قىلىپ ئېكرانغا قاراپ بېقىڭ)، بۇ كۇنۇپكىنى ئۆزىمىز قولدا بېسىپ ئۆتكۈزىمىز.
5. چېكىتلىك پەش ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن تارماق نومۇرلارنى تەڭ بۇراشقا بولىدۇ.
قوشۇمچە: بۇ ئىقتىدارنى توردىن كۆرۈپ سىناپ بېقىپ قالدۇرۇپ قويدۇم. باشقا سىستېمىلاردا ياكى تېلىفوندا بارمۇ يوق ئۇقمايمەن. سىناش شارائىتى بولمىغاچقا قىلىپ بولالمىدىم. شۇڭا ئەگەر باشقا تېلىفوندىمۇ قىلغىلى بولسا، تەجرىبەڭلەرنى قالدۇرۇپ قويساڭلار، بۇ يازما تېخىمۇ پۈتۈن بولۇپ كېتىدۇ. بۇ بىر قوشۇمچە ئۇسۇل، ھەممە ئادەمنىڭ ئېھتىياجى چۈشىشى ناتايىن، ئەمما لازىم بولۇپ قالغاندا يەنىلا ئەسقاتىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، تېخنىكا، تېلىفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,340 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-speed-dial-extension.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- كېيىنكى يازما > [جەۋھەر] ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئەڭ تولۇق كەسپىي دەرسلىك(1-7)
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
بولىدىغان ئۇسۇلكەن. لېكىن مەن نومۇر بېسىپ كىرىشنى ئانچە ئاۋارچىلىق دەپ قارىمايمەن. تېلفون تۇتقان ۋاقىتىم ئۇزۇن بولغاچمۇ vip ئەزا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ئاپتوماتىك مۇلازىمەتكە 1 نى، vip خاس مۇلازىمەتكە 0 نى بېسىڭ دەپ ئۇلاپ بېرىدۇ. خېلى بولدى ھورۇن بولۇپ قالغىلى 0 نىلا باسىمەن
ۋاي سىزنىڭ قانداق ئالىي ئەزا ئەمدى . ھىچ ئاڭلاپ باقمىغانيا ؟
مۇشۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئەزمىسىنى ئېزىپ تۇرۇپ پاراڭ سەپ بېرىشلىرىدىن تولىمۇ زېرىكتىم.
ئۇنداق ئەمەسقۇ ئۆزىمىز ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدىغۇ (بۇرۇن شۇنداق ئىدى ھازىر ئۇندا ئەمەس مەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى 4 يىل بولدى 2012 يىلدىن باشلاپ ئاندىن رازىمەنلىك ھىس قىلىۋاتىمەن . بۇرۇن بەك زىرىككەن ، تېلفۇن پۇلىسىنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ بىر مەسىلە ئىدى )
بولۇپمۇ مۇشۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئاپتۇماتىك مۇلازىمەتىكى قىزچاقىنىڭ ئاۋازى بەك يېقىملىقلقىنى بىرلەشمە خەۋەرلىششنىڭ كارتىسنى ئىشلەتكەنلەر بىلىدۇ . مەن ھەرگىزمۇ مازاق قىلىپ دېمىدىم ، شۇنچىۋلا چوڭ بىر ئالاقە شىركىتى تۇرۇپ ،بىزلەردىن ئادەم چىقمىغاندەك ئاۋازى مۇلايىمراق قىزنى تاپسا بولمامدۇ دەيمە !!!!!!!!!!!
زادى مۇشۇ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئارىسىدا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ پاراڭلارنى دېيىشى خېلى تىز جۇمۇڭ—-
مەنمۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن زىرىكىپ يەنىلا كۆچمە خەۋەرلىشىشنى تاللىدىم ئەمەسمۇ
ئەمما مۇشۇ ئالمىغا ھەۋەس قىلىدىغانلارغا ھەيرانمەن…….
ماۋۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭكىنى قىلالمىدىمۇ، نومۇر خاتا، تەكشۈرۈپ قايتا ئۇرۇڭ دەيدۇ.
ھەممىسىدە بولمامدۇ يا.
10000،2،0،0
ما تىلگراف نىڭكىچۇ…. قالدۇق سوممىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز بىرنى بېسىڭ،مۇشۇ تىلفۇننى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز يەنە بىر بېسىڭ…. ئىشقىلىپ بەك ماز
بۇدا بىرنى بېسىڭ…بىرنى ئادەمدەك بېسىڭ دېمىسىلا بولاتتى
ئېسىل!
مىنىڭ ئۆيۇمنىڭ كەڭ بەلۋاغلىق تورى بۇزلىپ قېلىپ 4 سائەت تېلفۇن قىلسام ئاخىرى بىرسى ئاپتىكەن ! ئوتتۇرمىزدىكى دىئالوگ
مەن :ئۇلۇغ خۇدايىمغا رەھمەت سىزنى ماڭا نىسىپ قىپتۇ دىدىم.
تېلگىراف: ئەپەندىم نىمە دىدىڭىز ئاڭلىيالمىدىم يەنە بىر قېتىم دەمسىز
مەن : مەن سىزنى 4 سائەت ساقلىدىم چوڭ بۇلاپ تېخى قىز بالىنى بۇنچە ساقلاپ باقمىغان ئىدىم
تىلگىراف : ھە كەچۇرسىز ئەپەندىم بىز سىزگە قۇلايسىزلىق كەلتۇرۇپتۇق بۇنىڭدىن بىز ناھايىتى خىجىل دىدى.
مەن :سىلەرنىڭ vip مۇلازىمەت بولسا ئېچىپ قويغان بولسام بوپتىكەن سىزنى ساقلىماق بەك تەسكەن .بۇلاپمۇ ئەپەندىم ياخشىمۇسىز دىگەن ئاۋاز ماڭا مەركەزدىن كەلگەن سادا دەك ئاڭلىنىپ كەتتى . شۇڭا سىزمۇ ماڭا ياخشى رازى بولغۇدەك مۇلازىمەت قىلغان بولسىڭىز دىدىم .
تىلگراف : مۇلازىمەتچى قىز بىزگە ئۇرۇمچىنىڭ نۇمۇردا ئۇرۇپ كىرسىڭىز تىز ئۇلىندۇ دىدى.
مەن: ھە ماقۇل مەن سەھرالىق بولغاندىكىن بىلمەپتىمەن بىلۋالدىم رەھمەت ھازىردىن باشلاپ سىناپ باقاي دەپ شۇنىڭدىن كىيىن ئۇرۇمچىنىڭ نۇمۇردا ئۇرۇپ كىرىمەن .
تىلگىراف : ھاھاھا ماقۇل ئەپەندىم قېنى ئەمسە مەسلىڭىز ئېيىتىڭ دىدى.
مەن مەسلەمنى ئېيىتتىم ھەل بولدى 4 سائەتلىق ساقلاش رازى قىلارلىق جاۋاپ بىلەن ئاخىرلاشتى .
ئالدىنقى قېتىم ئۆيۇمنىڭ تورى بۇزلىپ قېلىپ ئوڭشىيالماي بىزنىڭ يىزىغا مەسئۇل بالىغا ئېيىتتىم ئوڭشاپ بەرمىدى يانا دىدىم يانا ئوڭشاپ بەرمىدى .ئەرىز قىلدىم يانا ئوڭشاپ بەرمىدى . تىللاپ باقتىم ئوڭشاپ بەرمىدى .مىھمان قىلدىم ئوڭشاپ بەرمىدى ئاخىرى ئۇرۋەتتىم ئوڭشاپ بەردى قىلمىغان ئىشلىرىم قالمىغان ئىدى
10000 دىن تېلفۇن قىلدى مۇلازىمىتىمىزدىن رازىمۇ ئەپەندىم دەپ تېلفۇن قىپتىكەن .
مەن سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلاردىن بەك رازى لىكىن ئاشۇ بالا مەن ئۇرغان تاياققا رازى بولسىلا دىدىم
بوپ قالدىكەن