نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىچىك تېخنىكىلار > يازما مەزمۇنى

[جەۋھەر] ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئەڭ تولۇق كەسپىي دەرسلىك(1-7)

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بىزگە ئانچە ناتونۇش ئەمەس. تەخمىنەن 2005-يىللىرى، مۇشۇ كۇلۇبىمىزدا پات-پات ھېلىقىدەك رەسىم يوللاپ تۇرىدىغان توردىشىمىز، يېقىن دوستۇم Rock تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە خەتلىك «ماشىنا ئادەم» ناملىق فىلىم بىلەن بىزدە بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ بولماسلىقىغا خاتىمە بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشلار مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، تۈرمىدىن قېچىش قاتارلىق نۇرغۇن نادىر فىلىملەرنىڭ بىزگە ئۇيغۇرچە خەتلىك يېتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىرقى قۇتيار، ئاقبۈركۈت، شاھبلوگ، تۇرانىم قاتارلىق نۇرغۇن كەسپىي خەتلىك فىلىم تور بېكەتلىرى ئۈچۈن ئۇل سېلىندى.

xetlik-film

گەرچە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى بەك مۇرەككەپ ئەمەس، ھەم خېلى بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان تېخنىكا بولسىمۇ، ئەمما تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ئۆزى جاپالىق، ئەجر تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغاچ، بۇنى كەسپىي خەتلىك فىلىم تور بېكەتلىرىدىن باشقا تورداشلار ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. تورخۇماردىمۇ ئاندا-ساندا خەتلىك قىسقا فىلىملەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. شۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسى يۇقارقى جەريانلارنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداقتا گېپىمىزگە كەلسەك، ھەزرەت گىرافىكىنىڭ قۇرغۇچىسى، تورخۇمارنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ھەزرەت، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى ھەققىدە ئىنتايىن تەپسىلىي بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىپتۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ دەرسلىكلەرنى كۆرسىڭىز سىزدىمۇ بۇ ھەقتە بەلگىلىك چۈشەنچە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا گېپىمىزنى قويۇپ دەرسلىكنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى.

دىققەت: تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ھەزرەت گرافىكىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يوللاندى، باشقا ھەرقانداق تور بېكەت ياكى شەخسنىڭ بۇ دەرسلىكنى سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىشىگە، يۆتكەپ پايدىلىنىشىغا بولمايدۇ. سىنلار قويۇلىشى ئاستا بولۇپ قالسا، بىردەم توختىتىپ قويۇپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم جەريانىدا لازىملىق بولىدىغان بارلىق دېتاللار ۋە چۈشۈرۈش

بارلىق دېتاللار ۋە مەشىق مىساللار چۈشۈرۈش ئادرېسى : 百度云

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى
SRT ۋە ASS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
سىڭدۈرۈلمە خەت ۋە ئاسما خەت ھەققىدە چۈشەنچە
MKV فورماتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

1. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەيمىز؟

ھازىر مەيلى قانداقلا كىنو كۆرمەڭ، ئاۋاز بېرىلگەن ۋەياكى خەتسىز فىلىملەرنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىسىز. ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى خەنچە بېكەتلەردىن چۈشۈرۈلگەن فىلىملەر. شەخسەن ئۆزۈم ئاۋاز بېرىلگەن فىلىملەرنى قەتئىي كۆرمەيمەن، چۈنكى ئاۋاز بېرىلگەن فىلىملەر، بېرىلگەن ئاۋازنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن فىلىمدىكى تەقلىدىي ئاۋاز ۋە ياكى باشقا ئىنچىكە ھالقىلىق ئاۋازلارنى بىراقلا سۈزىۋېتىدۇ، شۇڭا ئاۋاز بېرىلگەن فىلىملەردە ئاساسەن ماس كەلمىگەن قاتتىق ئادەم ئاۋازىدىن باشقا ئاۋازنى ئاساسەن ئاڭلىيالمايسىز ۋەياكى بىر پەسىيىپ بىر ئۈنلۈك بولۇپ ئاڭلايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا كىنو شىركەتلىرى زور مەبلەغ ۋە زېھىن سەرىپ قىلىپ شەخسكە بېرىلىدىغان ئاۋاز ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىپ ئاندىن بىزگە كىنونى سۇنسا، بىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئاۋاز بېرىلگەن سۈپەتسىز فىلىمنى كۆرىمىز؟

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى پرېسلاپ ئىشلەشتە بەزىبىر مۇقەررەر سەۋەبلەر بار. مەسىلەن: ھازىرى ئىككىنى قېتىم پرېسلاپ ئېلان قىلىنغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى mkv شەكلىدە بولىدۇ (بىرىنچى قېتىملىقى ئەلۋەتتە كۆكنۇر دىسكىلىق فىلىم) mkv فورماتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ھۆججەت ئىچىگە ئۈن ھۆججىتى، سىن ھۆججىتى ۋە خەت ھۆججىتىنى ئەكىرىپ جۇغلانما قىلىپ، بەزىبىر تىز سۈرئەتلىك ھېسابلاشلار ئارقىلىق سۈپەتلىك سىن ھۆججىتى ھاسىل قىلالايدۇ. دېمەكچى، سىز mkv شەكلىدىكى فىلىمىدىن فىلىمنىڭ ئۈنى ۋە سىنىنى ئايرىپ چىقىرالايسىز، ئەگەر خەت ھۆججىتىنى ئېسىپ قويغان بولسا خەت ھۆججىتىنىمۇ ئايرىپ ئالالايسىز.

بىراق mkv شەكلىگە ئېسىلغان خەت ھۆججىتى كۆرسىتىلىدىغان خەت نۇسخىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىدىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولغاچقا، خەت ھۆججىتىنىڭ ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا بولىشى ناتايىن بولغاچقا، فىلىم خەت ھۆججىتىنى بىۋاستە mkv ھۆججىتىگە ئېسىپ قويۇش بىزگە ئاقمايدۇ. خەن يولداشلارنىڭ خەت نۇسخىسى ھەرقانداق كومپيۇتېردا بولغاچقا ئۇلار بۇ ئۇسۇلنى قوللانسىمۇ ياكى فىلىم خېتىنى بىۋاسىتە سىنغا سىڭدۈرمە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

فىلىم خېتى ئېسىش (外挂字幕) ۋە فىلىم خېتى سىڭدۈرۈش (内嵌字幕) نىڭ پەرقى:

ئېسىلما فىلىم خېتى دېگىنىمىز، فىلىم خېتىنى mkv ھۆججىتىگە ass, srt قاتارلىق خەت ھۆججەتلىرىنى جۇغلاپ قويۇش دېمەك، يەنى سىز كۆرگەن فىلىم خېتى mkv ھۆججىتى ئىچىدىكى خەت ھۆججىتىنىڭ ئىجرا بولىشىدىن ھاسىل بولغان كۆرىنىش، شۇڭا سىز ئېسىلغان فىلىم خېتىنى خالىغانچە ئېچىپ خالىغانچە ئىتەلەيسىز.

سىڭدۈرمە فىلىم خېتى دېگىنىمىز، ass, srt قاتارلىق خەت ھۆججەتلىرىنى بەزى دېتاللارنى ئىشلىتىپ بىۋاسىتە فىلىم يۈزىگىلا سىڭدۈرۈش دېمەكتۇر، يەنى سىز كۆرۈۋاتقان فىلىم خېتى ئاللىبۇرۇن فىلىمنىڭ بىرقىسىمغا ئايلىنىپ بولدى دېگەنلىك، يەنى سىز كۆرۈۋاتقىنى ھېسابتا نۇرغۇن پارچە رەسىم خالاس، سۇڭا بۇنى سىز خالىغانچە ئېتىپ، ئاچالمايسىز. بۇ ئۇسۇل ھەرقانداق خەت نۇسخىسى ۋە قويغۇچ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ بۇ قېتىملىق دەرسلىكتە قىلىدىغان نېگىزلىك ۋەزىپە!!!

مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىز بەلكىم نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم پرېسلاپ ئىشلەشنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا كىيىنكى باسقۇچقا مەرھەمەت!

2. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم پرېسلاپ ئىشلەشنىڭ ئاددىي پرىنسىپى

  1. ئالدى بىلەن بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى تەييارلايمىز. سۈزۈك فىلىم مەنبەسى توغرىسىدا كىيىنكى باسقۇچتا تەپسىلىي توختىلىمىز.
  2. تەرجىمە قىلماچى بولغان فىلىمنىڭ خەت ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز. خەت ھۆججىتى مەنبەسى توغرىسىدا كىيىنكى باسقۇچتا تەپسىلىي كۆرۈڭ.
  3. تەرجىمە قىلماقچى بولغان فىلىمنىڭ تەييار خەت ھۆججىتى بولمىسا، txt ھۆججىتىدە قۇرمۇقۇر يېزىپ، TIMEM ناملىق دېتال ئارقىلىق txt ھۆججىتىنى ۋاقىت ئوقى بار بولغان srt ياكى ass ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىمىز.
  4. فىلىم ھۆججىتى ۋە خەت ھۆججىتى ئارقىلىق avs ھۆججىتى تەييارلايمىز. بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كەتمەڭ، avs ھۆججىتى پەقەت فىلىم ھۆججىتى ۋە خەت ھۆججىتىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كىچىك ھۆججەت خالاس.
  5. ياسالغان avs ھۆججىتىنى MeGui ناملىق دېتالغا سېلىپ، بەزى پارامېتىرلارنى تەڭشەپ (بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي سىنلىق دەرسلىك بار) ئەڭ ئاخىرقى خەت سىڭدۈرۈلگەن فىلىمنى تەييار قىلىمىز.
  6. جاپا بىلەن پۈتكەن مەھسۇلىڭىزنى كۆپچىلىككە ھەمبەھىرلەيسىز! ئىش تامام!

يۇقىرى ئېنىق فىلىم مەنبەسى
يۇقىرى ئېنىق فىلىم بىلىملىرى
يۇقىرى ئېنىق فىلىم چۈشۈرۈش

يۇقىرى ئېنىق فىلىم مەنبەلىرى:

1. http://yyets.com
2. http://kickass.to
3. http://thepiratebay.sx
4. http://yayaxz.com
5. http://eztv.it
6. http://oabt.org
7. http://imax.im

فىلىم خەت ھۆججىتى مەنبەسى
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تىنىش- بەلگىلىرى ھەققىدە
ئۇيغۇرچە- ئىنگىلىزچە خەت تەرجىمە قىلىش ئەمەلىي مىسالى
ئۇدمىش كوررېكتور ئىملا تۈزىتىش قورالى

ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە

ئالدىن ئەسكەرتىپ قوياي، خەتلىك فىلىمنىڭ تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدە قانۇن- نىزام چىقارماقچى ئەمەسمەن، بۇلار پەقەت مېنىڭ شەخسەن خەتلىك فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ۋەياكى خەنچە تەجرىبىلىك بېكەتلەرنىڭ ئادىتىنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ يەكۈنلىگەن قىسقىچە نەتىجە. بەزى جايلىرى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىغا ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى خەتلىك فىلىمنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا قاراشتا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

YYeTs قاتارلىق پېشقەدەم خەت گۇرۇپپىسىنىڭ خەتلىك فىلىمىنى كۆپ كۈزىتىش ئارقىلىق تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىشى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بىر قىسقىچە يەكۈن چىقاردىم:

ئاساسىي تىلنىڭ (ئۇيغۇرچە- ئىنگىلىزچە خەتلىك فىلىمگە نىسبەتەن) بارلىق جۈملىلەرگە ”.“ قويۇلمايدۇ.
چۈنكى خەتلىك فىلىمدىكى خەتنىڭ ئەڭ نېگىزلىك رولى بولسا فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ دېگەن گېپىنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك ۋە جانلىق ھالدا ئىپادىلەپ بېرىش ھەرگىزمۇ ماقالە سۈپىتىدە قىلىۋالماسلىق.

ئاساسىي تىلدىكى جۈملە ئاخىرىغا ”!“ ۋە ”؟“ قويۇلمايدۇ.
چۈنكى ”!“ نىڭ ئەدەبىياتتىكى رولى ھەممىمىزگە ئايان يەنى كۈچلۈك ئېيتىلغان سۆزلەر، ئاچچىقلانغان سۆزلەر دېگەندەك … بىراق بايا ئېيتىلغاندەك خەتلىك فىلىمنىڭ خېتىنى ھەرگىزمۇ ماقالە يازغاندەك يېزىشقا بولمايدۇ، چۈنكى خەتلىك فىلىمدە خەتنىڭ كۆرىنىدىغان بوشلۇقى چەكلىك، كۆرىنىش ۋاقتى قىسقا شۇڭا چوقۇم ئەڭ ئىخچام، ئەڭ چۈشىنىشلىك ۋە ئەڭ جانلىق ھالدا يېزىش ھەممىدىن مۇھىم. فىلىم ئۇ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش تۇيغۇسىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغان نەرسە، شۇڭا سىز ئۆزىڭىز كۆرگەن كۆرىنىش ۋە ئاڭلىغان ئاۋازىڭىز ئارقىلىق ئېيتىلغان سۆزنىڭ سوراق مەنىسىدە ئېيتىلغانلىقى ياكى كۈچەپ ئېيتىلغانلىقىنى تەبىئىيلا ئايرىپ چىقالايسىز، شۇڭا ”!“ ۋە ”؟“ نى جۈملە ئاخىرىغا زورلاپ قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، ئەكسىچە سىزنىڭ فىلىم خېتىنى كۆرۈشىڭىزگە توسالغۇ بولىدۇ.

ئاساسىي تىلدا ئىشلىتىدىغان تىنىش بەلگىلىرى پەقەت ”…“ ، ”-“ ۋە ”«»“ قاتارلىقلار.
مەسىلەن:
1. بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى… مەن تازا بىلمەيمەن
– 2.بۇياققا كەل تىز -مانا كەلدىم
3. مانا بۇ «كەلگۈسى» ناملىق كىتاب

ASS قوش خەت ھۆججىتى ۋە ئۆلچەملىرى
VobSub ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغان قىلىش

AVS ھۆججىتى ھاسىل قىلىش
MeGui ۋە AVS ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەملىك سىڭدۈرۈلمە خەتلىك ئۇيغۇرچە فىلىمنى ئىشلەپ چىقىش

MV ياكى مىكرو فىلىملەرگە خەت قوشۇش دەرسلىكى

خاتىمە:

شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرسلىكلىرىمىز تامام بولدى. مەنچە بۇ دەرسلىكنى كۆرگەندىن كېيىن سىزدە بۇ ھەقتە ئاز-تولا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانىدىكى جەريانلارنى ھېس قىلالىسىڭىز شۇ كۇپايە. ئەگەر سىزمۇ قول سېلىپ خەتلىك فىلىم ئىشلەپ چىقسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئەمما…ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز.

ئۇنىڭدىن باشقا، ناۋادا تورخۇماردىكى تورداشلار ھەمكارلىشىپ ھەر خىل نادىر قىسقا فىلىملەرنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈپ كۆپچىلىككە سۇنۇش ئويۇڭلار بولسا، كارىدوردا مەخسۇس تېما ئېچىپ كېڭەشسەك بولىدۇ. بۇ ئىشقا ئەلۋەتتە مەن باش بولۇشنى خالايمەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھۈسەيىن ئۇيغۇرى 2013.11.18 , 10:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بىزدەك ھەۋەسكارلارغا بەك ئېسىل
    دەرىسلىك بوپتۇ …….. كۆپ رەھمەت ما تېما يوللىنىپ بولغىچە دىۋاننى
    ئىشغال قىلىپ بوپتۇ ، دەششەت چاققان باللادە

  2. ياغاچ قۇلاق 2013.11.18 , 11:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل يازما بوپتۇ …:wink::wink::wink:

  3. ئاتاكا 2013.11.18 , 11:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يائاللا ، دىۋان تالاشقانغا ئارانلا تۇرىدىكەنسىلەر :arrow:، دىۋانغا ئولتاغانلارغا مۇكاپات بارمىكەن :lol:. ئۇندا بولسا بىزمۇ ئولتۇرۇپ باقايلى !:oops: يۇقارقى تورخۇمار ئەپەندىم يوللىغان بىلىم مەنچە بولغاندا تولىمۇ مۇھىمكەن ، بۇلۇپمۇ بىزدىكى ھازىرقى كىنوچىلىك ساھاسىمىزدىكى كىرزىسقا قارىتا ئازىراق بولسىمۇ ياردىمى بولغۇدەك ، مەنمۇ بىشىدا ‹ دۇنيا مۇردىلار ئۇرۇشى› فىلىمىنىڭ 3.20G لىق سۈزۇك نەشىرىنى ئۇيغۇرچە يىزىقتا تەرجىمە قىلغان ئىدىم ، تەرجىمە قىلىشقا بىرھەپتىدەك ۋاقىت كەتكەن ، بىراق ئەپسۇس :cry:، تەرجىمىە تۇگەيدىغانغا ئاز قالغاندا كومپۇيۇتۇرۇمدىن چاتاق چىقىپ تەرجىمە قىلغان ھۆججەتلىرىم بىراقلا يۇقاپ كەتتى !:cry:ھەي ! بولمىسا بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نەشىرىنى كەڭ قېرىنداشلار بىلەن ئورتاق بەھىرلەنسەك بەك ياخشى بولاتتى ! ھىم ، مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ! دىمىسىمۇ بىزنىڭ كىنوچىلىق كىرزىسىگە دۇچار بولۇۋاتقاندەك ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئوغرى نەشىر ، سۈپەتسىز فىلىم ۋە سۈپەتسىز ئاۋاز بىرىشلەرگە قارىشى تۇرۇش ھەمىىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچىدۇر ، دوسلارنىڭ ئامال بار ھەققىي نەشىرلىك كىنولارنى كۆرۇشنى ، سۈپەتنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر بولسا دوسلار بىلەن ئورتاق ھەمبەھرىلىنىشنى ئۈمۇد قىلىمەن ، تورخۇمار ئەپەندىم ، رەھمەت سىزگە ! تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىنى دوسلارغا سۇنۇپسىز ، قولىىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن !

  4. كۈسەن 2013.11.18 , 12:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل تېما :smile:

  5. قاراخان 2013.11.18 , 12:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاقبۈركۇت شاھبۇركۇت بۇلۇپ قاپتۇ.

  6. تۇنجەر 2013.11.18 , 14:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شاھ بۈركۈت؟ بۇ قايسى توربەت ئەمدى؟ ئاق بۈركۈتنى خاتا يىزىپ قويدىڭىزمۇ قانداق ؟
    مەن تەرجىمە قىلغان فىلىم يىقىندا ئاق بۈركۈتتە ئېلان قىلىندۇ قەدەم تەشرىپ قىلارسىلەر .
    فىلىم ئىسمى ھەممەيلەنگە تۇنۇشۇق تورخۇمارغىمۇ ئېلان قىلىنغان 环太平洋,:mrgreen:

  7. mutallip 2013.11.18 , 18:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مەن دەرسىڭىزنى بىر باشتىن كۆرۈپ قول سېلىپ ئىشلىدىم، ئەڭ ئاخىرىدىكى MeGUI دىگەن بۇ دىتالدا خاتالىق چىقىۋالدى، گوگولدىن تەرجىمە قىلدۇرسام بىر ھۆججىتى يوق، ئىجرا بولمايدۇ دەپ چىقتى. چۈشۈرەي دىسەم بۇ توربەت ئېچىلدى، لىكىن قايسىسىنى چۈشۈرۈشنى بىلەلمىدىم.
    http://www.nero.com/cht/company/about-nero/nero-aac-codec.php

    • تورخۇمار 2013.11.19 , 12:50

      سىز مۇشۇ يازمىدا قالدۇرۇلغان چۈشۈرۈش ئادرېسىدىكى MeGui نى چۈشۈرسىڭىز ئۇنداق خاتالىق چىقمايدۇ. ئەگەر يۇقارقىدەك خاتالىق چىققان بولسا، ئېچىلغان شۇ بەتتىن چۈشۈرىدىغان ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ MeGui نىڭ ئاستىدىكى ماس ئورۇنغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.

    • بىرلان 2013.11.22 , 17:29

      مەنمۇ شۇنداق ئەھۋالغا ئۇچۇرغان،http://pan.baidu.com/s/1GdMpS سىز ماۋۇ ئادىرستىكى پىرىسلانغان ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ،ئۇنى يىشىپ،سىز قاچىلغان megui نىڭ toolsدىگەن ھۆججەت قىسقۇچىغا قاچىلاپ قويسىغىز بولدى.

  8. ئىرشات 2013.11.18 , 20:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايىتى سۈزۈك ھەم تەپسىلى دەرىسلىك بوپتۇ …. ئىشلىگەنلەرنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!!

  9. پادىچى 2013.11.19 , 18:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت ، قالتىس ! باللا قايسىڭلاردا تۈرمىدىن قېچىشنىڭ ئۇيغۇرچە – ئىنگىلىزچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ تولۇق قىسىمى بار. ياكى ئىنگىلىزچە خەتلىكلا بولسىمۇ بولىدۇ. رەھمەت !

  10. موگو 2013.11.20 , 11:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ياخشى بىلىملەرنى ئەكەپسىز ،مەن بىر باشتىن باشلاپ سىناپ باقاي ،

  11. جەۋلان 2013.11.20 , 13:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇسىز ، سىزدىن بىر مەسىلىنى سورىسام ، بۇ دەرىسلىكنى قايسى خىل سىنغا ئىلىش دىتالىدا ئىشلىدىڭىز ؟ ئۈنۈمىلىك دەرجىسى ماڭا بەك ياقتى ، سۈزۈكلىكى ئالاھىدە يۇقىرىكەن ، شەكلى flv شەكلىدىمۇ قانداق ؟
    مەن ئۈزۈمنىڭ تور بىتىگە تور سودىغا ئائىت بىر نەچچە دەرىسلىك فىلىم ئىشلىمەكچىتىم ، بىراق بوشلۇقۇمنىڭ سىغىمى ئۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ ؟ 百度云 گە چىقىرىپ ئۇلىنىش قىلىپ يۇقارقى قويغۇچتا قىتىۋالماي قويۇپ كۆرگىلى بولىدىغان قىلغىلى بولامدۇ ؟ شۇ توغۇرلۇق مەسلىھەت بەرگە بولسىڭىز رەھمەت ئاۋارە قىلدىم .
    ئالاقە ئىلخىتىم :
    uyghur@qq.com

  12. ئەپسانە 2013.11.20 , 18:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاقبۈركۈت،تۇرانىم،قۇتيار،ئوغۇلچاق،شاھبىلوگ قاتارلىق توربىكەتتىكى تەرجىمان ،تەھرىرلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەن.

  13. بىرلان 2013.11.23 , 00:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاساسىي تىلدىكى جۈملە ئاخىرىغا ”!“ ۋە ”؟“ قويۇلمايدۇ. دەپتىكەن.بىراق مەن چۈشۈرگەن خەنچە خەتتە كۆپ قېتىم ئاساسىي تىلدىكى جۈملە ئاخىرىغا ”!“ ۋە ”؟“ قويۇلغان ئەھۋال ئۇچۇردى.خىتىنى 人人دىن چۈشۈرگەن بولمىسا؟

  14. نۇرنىجات 2013.12.10 , 15:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەيدۇ بۇلۇتى تور بېكىتىنىڭ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ… يېڭىلاپ قويسا بولامدۇ نېمە؟

  15. zulphar 2013.12.14 , 10:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يۇقارقى سىنلا قۇيۇلمايدىكەن، نورمال قۇيۇلدىغان قىلساڭلار

  16. غەيۇرشاھ 2014.02.08 , 13:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ فىلىملەر پەقەتلا قويۇلمىدىغۇ ، چۈشۈرۈش مەنبەسىمۇ قۇرۇق !

  17. rasqel 2014.03.25 , 22:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بۇ 7 دەرىسلىكنى چۇشۇرەي دىگەنتىم ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلا ياكى 1073804501@qq.com ماۋۇ خەت ساندۇق ئادرىسىغا توردىسكىسىدىن ھەمبەھىرلىگەن ئادرىسنى ئىۋەتىپ بەرگەن بولساڭلا رەخمەت

  18. ئايپاتەم 2014.04.03 , 14:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ 7 دەرىسلىكنى چۇشۇرەي دىگەنتىم ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلا

  19. بارخان 2015.07.04 , 23:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئۆگنەي دېگەن خەتلىك فىلىمغا رولمۇ ئىشتياقىم بار ئىدى ئۇيغۇرچە دەرېسلىكنى بۈگۈن ئاران تاپقان ئدىم ئەپسۇس قويۇلمايۋاتىدۇ ماڭا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن .قانداق قىلسام ئاندىن كۆرەلەيمەن بۇ دەرېسلىكنى رەھمەت

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量