يېڭى يىلدا تېخىمۇ تېز WiFi غا ئىگە بولۇشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا بۇ 11 خىل ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ
1. روتېرنى ئامال بار ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشتۇرۇڭ
روتېر دېگەن تۆت ئەتراپقا سىگنال تارقىتىدىغان ئوقەت. ناۋادا دېرىزىگە ياكى تامنىڭ تۈۋىگە قويۇپ قويسىڭىز بەك كۆپ سىگنال ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.
2. روتېرنى يەرگە قويماڭ
روتېرنىڭ سىگنالى تارقىلىش ئارىلىقىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ ماڭىدۇ ھەمدە بىر قىسىم نەرسىلەر(مېتال، سېمونت) قاتارلىقلارنى تېشىپ ئۆتكەندە بەلگىلىك ئاجىزلايدۇ. شۇڭا روتېرنى ئەڭ ياخشى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ ئادەتلىنىڭ.
3. روتېرنى ئەڭ ياخشىسى سىز دائىم تورغا چىقىدىغان ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ
روتېرغا قانچە يېقىن جايدا سىگنال شۇنچە ياخشى بولىدۇ(نان يېسەڭ قورسىقىڭ تويىدۇ دىمەكچى مەن(
4. روتېرنى كەڭرى، ئازادە جايغا قويۇڭ
روتېرنىڭ سىگنالى نۇرغۇن نەرسىلەر تەرىپىدىن سۈمۈرىۋېلىنىدىغان بولغاچقا، روتېرنى ئامال بار باشقا نەرسىلەر بىلەن توسۇپ قويماڭ ياكى بىر نەرسىلەرنىڭ ئارىلىقىغا قىستۇرۇپ قويماڭ. ناۋادا ئۆيدىكى ھەرقانداق بىر نۇقتىدا تۇرۇپ روتېرنى ئېنىق كۆرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا روتېرنىڭ ئەڭ ياخشى ئورنى ئاشۇ.
5. روتېرنى باشقا ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن يىراقراق قويۇڭ
باشقا ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر روتېرنىڭ سىگنالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، تېلىۋېزور، سىمسىز تېلىفون. ناۋادا روتېرىڭىز مۇشۇنداق نۇرغۇن ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆيىڭىزدىكى WiFi سىگنالىنىڭ ناچارلىقىدىن قاخشىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
6. روتېرنى سۇغا يېقىن كەلتۈرمەڭ
مېتال جىسىملاردىن باشقا، سۇمۇ سىگنال توسىدىغان ئامىلنىڭ بىرى. بىراق روتېرنى ئوبۇرنىغا قويىدىغانلار ئاساسەن يوققۇ دەيمەن؟ شۇنداقتىمۇ سۇدىن يىراق تۇرسۇن.
7. روتېرنىڭ سىگنال تاياقچىسى دىڭ تۇرسۇن
روتېرنىڭ سىگنالى سىگنال تاياقچىسىنىڭ يۆنىلىشىدىن 90 گرادۇسلۇق يۆنىلىشتە تارقىلىدۇ، يەنى مەن دىمەكچى، روتېرىڭىزنىڭ سىگنال تاياقچىسى دىڭ تۇرسا، ئۇنداقتا سىمسىز تور سىگنالى گورزېنتال يۆنىلىشتە تارقىلىدۇ، ھەرگىزمۇ كۆپچىلىك ئويلىۋالغاندەك، سىگنال تاياقچىسىنىڭ ئۇچىدىن ئېقىپ چىقمايدۇ. شۇڭا سىگنال ئانتىنېسىنى ياتقۇزۇپ قويماڭ، تىك تۇرسۇن.
8. WiFi سىگنالىنى تەكشۈرۈش
Cloudcheck ۋە Amped’s Wi-Fi Analytics دەيدىغان ئىككى يۇمشاق دېتال سىزگە ياردەملىشىپ ئۆينىڭ ئوخشىمىغان جايدىكى WiFi سىگنالىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بەك قىلغىلى ئىش تاپالمىسىڭىز لەپتوپنى كۆتۈرۈپ ئۆيدە ئۇياق بۇياق مېڭىپ تەكشۈرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
9. بىر دانە سىگنال ئۇزارتقۇچ سەپلەش
ناۋادا ئۆيىڭىز بەك چوڭ(بايۋەتتە، داچىڭىز بارمۇ دەۋاتىمەن) بولسا، روتېرغا بىردانە سىگنال ئۇزارتقۇچ قوشۇشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىگنال داۋاملاشتۇرغۇچ سىزنىڭ تور سۈرئىتىڭىزنى تېزلەشتۈرۈپ بېرەلىشى ناتايىن، ئەمما سىگنالنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ يىراققا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ئوبۇرنىدا ئولتۇرۇپ تورخۇمارغا چىققاندا ئېقىم كېتىشتىن ئەنسىرىمەيسىز.
10. مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئېنىقلاش
ناۋادا يۇقارقى ئۇسۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۈنۈمىنى كۆرسەتمىسە، ئۇنداقتا مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى ئويلىشىپ بېقىڭ. يەنى، WiFi بىلەن تور سىمىنى ئۇلاپ تورغا چىققاندىكى پەرقنى ھېس قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر ھەر ئىككىلىسىدە ئاستا بولسا، ئۇنداقتا تور ئورنىتىپ بەرگەن شىركەتكە تېلىفون قىلىپ قاتتىق بىر سوقۇشىشىڭىز، ئادالەت يولىدا كۈرەش قىلىشىڭىز، ئاندىن پۇل تۆلەپ تورنىڭ سۈرئىتىنى نەچچە مېگابايت يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويۇشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.
11. يېڭى روتېر سېتىۋېلىش
ناۋادا پەقەت WiFi نىڭ تور سۈرئىتى ئاستا، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ روتېرىڭىز يەسلى يېشىغا توشقان بولسا، ئۇنداقتا يېڭى روتېر ئېلىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىگنال تارقىتىش تېخنىكىسى ئىزچىل يېڭىلىنىۋاتىدۇ، يېڭى بىر روتېر سېتىۋالسىڭىز بەلكىم تور سۈرئىتىڭىز بۇرۇنقىدىن ياخشىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، يېڭى يىللىق سوۋغا ئورنىدا بىرنى ئەپ قويۇڭ، گىرى ئوقۇرمەن!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 33,697 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 11-wifi-usul.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [جەۋھەر] ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئەڭ تولۇق كەسپىي دەرسلىك(1-7)
- كېيىنكى يازما >
ۋاھ نىمىدىگەن ياخشى …
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەك قىزىقارلىق ھەم ئېسىل يازمىكەن بۇ،
قالتىس دانا پىكىر بوپتۇ .
ئالامەتقۇ ؟ مۇشۇ ئۇسۇللارنى بىردىن سىناپ باقمىسام ، مىنىڭ رۇتۇرۇمغا بۇ يىل 3 يىل بۇلدى . سىمسىز تۇر تارقاتقۇچقا 1 يىل بۇلدى . يەسلى يىشىغا تۇشمىغان چىراي
ئەمدى شۇ ئىشلىتىۋاتقىنىم 4 مىگابايىتلىق تۇر تۇر ئۇيۇنغا سەل بۇش كەپ قالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا تۇردىن ماتىريال چۇشۇرۇشكە يىتىپ ئاشىدۇ . تۇردىن كىنۇ چۇشەسەم 645kدىن چۇشىدۇ . سىلەردىن سۇراپ باقسام مۇشۇ 4 مىگا تۇرنىڭ سۇرتىگە قارغاندا مىنىڭ خىلى تىز ئۇخشىمامدۇ .
مەن كومپىيۇتىرمىنىڭ ئۈستىگە قويۋالغان بۇ ئوقەتنى
ئاپلا شىپكەر … مىنىڭ بۇزلۇپ قاپتىكەن ھىچقايسىنى قىلالمىدىم
ئۈيۈمدىكى روتىرنى تامنىڭ قىشىغا قۇيۇپ قويغانتىم ، كاساپەت تور سۈرىتى سەت ئاستا.
ياخشى تېما بوپتۇ ! نېمىشقا روتېرىمنىڭ سىگانىلى ئاستىلىقىنى ئەمدى بىلدىم !
مىنىڭچە ئۇينىڭ ئۇگزىسگە قويسا تىخمۇ ياخشى بۇلدۇغۇ دەيمە
ئاۋىستىرىيەمۇ ئىشقىلىپ بىريەلىك ئوقۇغۇچىلار ۋايفاي سىگىنالىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە بولغان زىيىنىنى تەتقىق قىلىپ ۋايفاي ئۇچۇق ئۆيدە ئۇخلىغانلاربىلەن ۋايفاي ئىتىك ئۆيدە ئۇخلىغانلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىدە روشەن پەرق بولىدىغانلىقى، ھەتتە ۋايفاينىڭ يېنىدىكى گۈللەرنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقاپ چىقىپتۇ ، روتىرنى ئىتىۋېتىپ ئۇخلاشقا ئادەتلىنەيلى
پىچەت،،مۇشۇ تۇرخۇمار قانداق بالىدۇ دەيمەن؟يازغان ئىنكاسلىرى بىر-بىرىدىن ئېسل ياخشى تېمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،،،
باللا بىر ئويان ئويناي دەپ سالغان … بۈگەن بىر كۈن دىگۈدەك،ماشۇ ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىگە مازكەننى بېسىپ چىقتىم …. تەلىۋىم،مەن يازغان ما ئىنكاسقا مازكەننى كۆپرەك بېسىپ بەرسەڭلا مىڭ بولغاندا دۇنيا جىننىس رىكورتى قامۇسىغا ئىلتىماس قىپ باقىلى دىگەن … يا بىسمىللا ئۆزەم بىرنى …
ئىسىل دە لىكىن كۇلۇپ ئۇچەيلىرىم ئۈزلۇپ كەتتى …مىنڭ خارەكتىرىم مۇشۇ تور خۇماردا ئۇزگىرەپ كەتتى راس گە كىلسام ….
سىگنال قۇبۇللىغۇچى قانداق قىلغاندا كۇچلۇك سىگنال قۇبۇللىيالايدۇ مۇشۇ تۇغۇرلۇق بىر دەپ بىردىغانلار بولسا ….
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان سۆز ئەڭ ئاخىردىكى «گىرى ئوقۇرمەن» دىگەن گەپ بولدى.
مەنمۇ كومپىيۇتىرىمىنڭ قىشىغىلا قۇيۋالغان بۇ ئوقەتنى ،لىكىن ئامما سۈرئىتى دەھشەت تىز دەڭلا خۇددىي ئاپاچ ناملىق ئايرۇپىلانغا ئوخشاش،
تورخۇمارنىڭ ماشتا يەرلىرىگە چىدىمايمىز جۇماڭلا ،.نەچچە قىتىم يۇتقان كۆرپىلەرنى يىغىشتۇرۇپ باشقا مەھەللىگە كۆچۈپمۇ كىتىپ باققان بولدۇق ،يەنىلا ئات ئايلىنىپ ئۆز ئوقۇرىنى تاپىدۇ دىگەندەك .ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى دەپ يەنە ئەسكى يۇتقان كۆرپىلەرنى ئەكىلىپ بورا ساممىغان سۇپىغا تاشلاپ تورخۇماردەك كونا مەش قۇيمىغان ئۆيگە مەھكەم بىكىنىۋالدۇق،
ياخشى ئۇسۇللاركەن .لېكىن بىزنىڭ ئۆيدە تور يوق كومپىيۇتېرمۇ يوق.ئادەتتە تېلفۇندا چىقىمەن تورغا .بىر مىگاغا يېقىنلىشىدۇ چۈشۈرۈش سۈرئىتى كاساپەتنىڭ .
ۋاي ئۇ سىگنال تاياقچىغا تىك ھالدا ، يەنى 90 گىرادوسلۇق بۇلۇڭ بىلەن تارقالمايدۇ ، شار شەكلىدە تارقىلىدۇ، خاتا بولۇپ قاپتۇ ئاشۇ يېرى . مەن بىر فزىكىشۇناش ، مەندىن سوراڭلا ئۇنداق نەرسىلەرنى…
ئۆزىنى داڭلىغان بىرىنچى ئەخمەق
ماختانچاق پاقا