Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
بۇ بىلەيزۈكنى قولىڭىزغا تاقاپلا ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيدىغان Android مەھسۇلاتى ، بۇ يېقىندىن بۇيان مودا بولۇۋاتقان چىچەن سائەت ئەمەس بەلكى مىكرو سايە چۈشۈرگۈچ . SLASHGEAR نىڭ مەلۈماتىدىن قارىغاندا Cicret سەككىز دانە سىنزور سەپلەنگەن بولۇپ ، Android ئۈسكىنىلىرىدە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن . ئۇنى ئىشلىتىش ناھايتى ئاسان بولۇپ ئالقىنىمىزنى چىكىپلا قويساق Cicret قوزغىلىدىكەن . گەرچە بۇ قالتىس ئۈسكىنە بولسىمۇ تېخى سىناق ھالەتتىكى مەھسۇلات بولۇپ ھىسابلىنىدۇ ئەمەلى تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقىنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ .
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، تېخنىكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,914 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cicret-watchga.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- كېيىنكى يازما > دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ھۇجۇم باشلىدى
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
بىر بىرسىدىن ئېسىل مەھسۇلاتلار مەيدانغا كەلگىلى تۇردىغۇ بۇ زامانلاردا
ئېسىل مەھسۇلات
تۇنجى قىتىم دىۋاننىڭ قۇرۇقلىقىنى كۆرەپ شۇ ….
مۇشۇ خىل ئۆسكۈنىلەرنىڭ بالدۇراق ئەمەلگە ئىشىنى بەكلام ئۆمۈد قىلىمە….
فىلىم چىقمايدىغان بوپ قاپتۇ. لېكىن ماۋۇنىڭ ئۆزى بەزىبىر خىياللارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ نېمە؟
توۋا ماۋۇ تورخۇمارنى، «دىۋانە» بولغاندىن كىيىن ئاندىن چىقىۋاتىدۇ يا ئاۋۇ فىلىم؟
لېكىن بەكلا خىيالىكەن. فىلىمنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلىگەندەك قىلىدۇ، رىئاللىققا ئايلىنىپ قالسىمۇ بىلىكى ياپىلاق غەرپلىكلەرگە ماس كەلگەن بىلەن، بىلىكى توم بىزلەرگە ماس كەلمەيدىغاندەك
تورخۇمار دىۋانە ئەمەستى، كىرۋاتقان دىۋانىلەرنىڭ تۇلىلىقىدىن دىۋانىگە ئوخشاپ قالدى.
يالغانلىقى ئېنىق تۇرمامدۇ ؟ ئاۋۇ ۋېلىسپىتتىكى ئادەم ئىشلەتكەندىكى ھالەتكە قاراڭلار ، قولىدىكى مەڭ بىلەن ئىكران ئارىلىقى يېرىم سانتىدەك بار ئىدى ، قولىنىڭ مىدىرلىشى بىلەن ، ئىكران مىدىرلىماي ، ئىكران مەڭنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدى ، بۇ چاغدا تېخى «بىلەيزۇك» مىدىرلىمىغانتى ، قارىغاندا بۇنى خېلى ياخشى كىرىشتۇرۇپتۇ ، ئەمما بۇ بىر ياخشى تەسەۋۋۇركەن ، كىيىنچە ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…
توۋا تۇت يىلنىڭ ئالدىدا تىلغۇندىن ئۇيغۇرچە مۇزىكا چىقسا توۋا دەپ ياقمىزنى تۇتۇشۇپ كىتەتتۇق مانا ئەمدى بۇ ئىلىكتۇرۇنلۇق مەسھۇلاتلارنىڭ بۇنچىۋلا تەرەققى قىلشىنى كىم ئۇيلىسۇن …….
قاچانمۇ بىزنىڭ يۇتقا كىلەھە
جاھان راست تەرققىي قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ، پالانى يىل ئاۋال مەرھۇم شەبنەم مۇنبىرىدە بىر ناخشىنى غىڭشىپ ئېيتىپ قويسا توردىن شۇ ناخشىنى تېپىپ بېرىدىغان تېخنىكا چىقىپتۇ دېگەندە تورداشلار ياقىلىرىنى چىشلىىشىپ ھەيرانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنتى، ھازىرقى ۋېيشىندىكى 摇一摇 قىلىپ ناخشا ئىزدەيدىغان ئىقتىدار شۇ، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردىغۇ ئەنە. ئانام داشۆدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا رەڭلىك تېلۋىزور چىققاندا جاھان تەرەققىي قىلىپ يۈكسەك نۇقتىغا كەلدى، ئەمدى بۇنىڭدىن بەك تەرەققىي قىمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەن.
ئامېرىكا فېدىراتسىيە ئىدارىسى ھازىر جىنايەتچىلەرنىڭ يالغان ئېيتقان ياكى راست ئېيتقانلىقىنى مىكرو چىراي ئىپادىسىگە 微表情 غا قاراپ پەرقلەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ماكرو چىراي ئىپادىسىنى 伪装 (كەچۈرۈڭلار، ئۇيغۇرچە نىم دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم) قىلغىلى بولغان بىلەن مىكرو چىراي ئىپادىسىنى 伪装 قىلغىلى بولمايدۇ، يەنى چوڭ مېڭىنى ئالدىغىلى بولمايدۇ. يۈز يىل ياكى مىڭ يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلار بەلكىم مىكرو چىراي ئىپادىسىنىمۇ 伪装 قىلالىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا زېمىندا مېھىر مۇھەببەت سۇسلايدۇ ياكى ئاساسەن قالمايدۇ، پاسىقلىق چېكىگە يېتىدۇ. ئىنسانلار ھازىر جىنسىي ئەزالىرىنى كىيىم بىلەن ئوراپ قالغان يەرلىرىنى ئوچۇق قويىدىغۇ، شۇ زاماندا جىنسىي ئەزاسىنىلا ئوچۇق قويۇپ قالغان ھەممە يېرىنى ھەتتا يۈز قىسمىنىمۇ كىيىم بىلەن يېپىۋالىدۇ. يەجۈجى مەجۈجىلەر شۇ ۋاقىتتا پەيدا بولسا كېرەك. بۇ ۋاقىتتا زامان ئاخىرى يەنى قىيامەت قايىم بولىدۇ.
ئاخىرقى گەپ دەششەت كۈلكىلىك بىلىندى ( سىزنى مەسخىرە قىلغىنىم ئەمەس ھە )
سىزنىڭ موما يىگىڭىز كەلگەن ئۇخشىمامدۇ قىرىندىشىم ….چاتاق گەپ قىپ قۇيمىغانسىز ھە ….
يوق يەردىن پۇتاق تېپىش، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش ھازىرقى دەۋرنىڭ تەلەپ ئېھتىياجى بوپ قالدىمۇ ھە… تۈپتۈز گەپنى ئەگرى ئوقۇۋالماڭ بۇرادەر… شۇ تاپتا موما ئەمەس، كاۋاپ بىلەن چۆچۈر ئىچكىم كەپ تۇرىدۇ
ئويلىماي بولمايدۇ ئەمما تازا كۆپ ئويلاپ كەتتىڭلامۇ قانداق
ئىلىم-پەنگە بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ ، مەن ئىلىم-پەندىن باشقا ، ھىچقانداق نەرسىگە ئىشەنمەيمەن …..
چىقىپ كەتكەن