نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر

دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى 1987-يىلى قۇرۇلغان ‹‹خەلىقئارا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۇيۇشمىسى ›› ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ھەريىلى 220 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئىككى مىڭغا يېقىن ئورۇن ۋە كارخانا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكا ھەم بايراقدار مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان نوپۇزلۇق ، تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان كاتتا يىغىلىش بولۇپ ، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ MWC دەپ ئاتىلىدۇ.

mwc20142

 2014-يىللىق MWC كۆرگەزمىسى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە مىكروسوفىت ، سامسۇڭ ، سونىي، نوكىيا قاتارلىق 1700 دىن ئارتۇق كارخانا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى.

  Microsoft رايونى:

2

 مىكروسوفىت ئۆزىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن باشقا ، MWC گە ئوخشاش كۆرگەزمىگە ئازدىن ئاز قاتنىشىدىغانلىقى ئۈچۈن ، مىكروسوفتنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى .

 ئەپسۇس، مىكروسوفىت 8.1 windows سىستېمىسى توغرىسىدا بىرقانچە يېڭىلىق بارلىقى ، ھەم قوش كارتلىق WP يانفۇنلىرىنى بازارغا سالىدىغانلىقىدىن باشقا ھېچقانداق بىر يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلمىدى ، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا مىكروسفىتنىڭ بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى بىر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

Sumsung   رايونى:

 samsung2

MWCنىڭ دائىملىق مېھمىنى سەنشىڭ كۆرگەزمىنىڭ تۇنجى كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ ، ھەممەيلەن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بايراقدار مەھسۇلاتى 5-ئەۋلاد Galaxy Sيانفۇنىنى ئېلان قىلدى.

Samsung-Galaxy-S51

Galaxy S يانفۇننىڭ كامېراسى ، ئېكرانى قاتارلىق قاتتىق دېتاللار شۇنداقلا باتارېيە باشقۇرۇش ،توردىن ماتېرىيال چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىدا زور ئىلگىرلەش بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ ، بۇ يانفۇنغا 5.1 سۇڭلۇق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى Super AMOL ئېكران 2800 ئامپېرلىق  باتارېيە ، ئارقا كامىراسىغا 16مىليۇن پىكسىللىق 4k يۇقىرى ئېنىقلىقتا سىن ئېلىشنى قوللايدىغان ،ئالدى كامىراسىغا 2مىليۇن پىكسىللىق  gram 16/32grom   سەپلەنگەن ، 4.4 سىستېمىسى قاچىلانغان .بۇ يانفون 4-ئاينىڭ 11-كۈنى پۈتۈن يەر شارى بويىچە بازارغا سېلىنىدىكەن. 

Galaxy 5 سىرىتقى كۈرۈنىشى جەھەتتە Galaxy4 تىن جىق پەرقلەنمەيدىغان بولسىمۇ ، سۇ ۋە چاڭ توزاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارىدىن باشقا ، بارماق ئىزىنى پەرىقلەندۈرۈش ۋە يۈرەك سۇقۇشىنى ئۆلچەش ئىقتىدارى بىر قەدەر جەلىپقىلارلىق ئىقتىدار بولۇپ ، 2014-يىللىق ئاندىروئىديانفۇنلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانى بۇلالايدۇ دەپ قارىلىدۇ. 

ئېيتىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىش شۇكى ، تايزىن(TIZEN) يانفون سىستېمىسى: سامسۇڭ شىركىتىدىكى بىر يۇقىرى ئەمەلدارنىڭ دىيىشىچە ، نەچچە يىل بۇرۇن ئاندىروئىدنىڭ قۇرغۇچىسى سامسۇڭ ئىزدەپ ، سەنشىڭگە قۇشۇلۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەپسۇس ئەينى چاغدا سەنشىڭ ئاندىروئىدنىڭ ھېچقانداق تەرەققىيات كەلگۈسى يوق دەپ چىرايلىقچە رەت قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئاندىروئىد ئۈزىنى گوگىلىنىڭ قوينىغا ئاتىدۇ . يانفون سېستىمىسىنى Apple OS ۋە ئاندىروئىد مۇنۇپۇل قىلىۋالغان بۇ زاماندا سەنشىڭ چىداپ تۇرالماي 2012-يىلى ئىنتىل بىلەن بىرلىشىپ  يانفون ،تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقلىتېلۋىزوردا ئىشلەيدىغان تايزىن سېستىمىسىنى ئېلان قىلىدۇ، ئەپسۇس بۇ قېتىمقىMWC كۆرگەزمىسىدە تايزىن سېستىمىلىق يانفون ئېلان قىلمىدى ، لېكىن تايزىننىڭ ئېلان قىلىنىشى سەنشىڭنىڭ يانفون سىستېمىسى جەھەتتە ئۆز ئالدىغا سىستېمىسى بولۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ .

Nokia   رايونى: 

nokia1

ئالدىنقى يازمىدا نوكىيانىڭ يېڭى مەھسۇلاتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلگەچكە ، بەك ئېنىق توختالمايمىز . گەرچە مىكروسوفىت نوكىيانى سېتىۋالغان بولسىمۇ ، نوكىيانىڭ بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە ئېلان قىلغان مەھسۇلاتلىرى ھەم ئاندىروئىد سېستىمىلىق يانفوننى ئېلان قىلىشى نوكىيانىڭ يېقىن كەلگۈسىدە كۆچمە ئالاقە ساھەسىدە بىر كىشىلىك پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە ئېلان قىلنىشى مۇمكىن بولغان قوش كارتىلىق WP يانفۇنى 1403نىڭ تاشقى كۆرۈنىشى.

SONY  رايونى : 

sony1

سونىيمۇ بۇ قېتىملىق كاتتا يىغىلىشقا دۇنيا بويىچە تۇنجى سۇدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بولغان تاختا كومپيۇتېر Xperia Z2 Table  ۋە بايراقدار مەھسۇلاتى Xperia 2 نى ئېلىپ كەلدى .

2014022413112405849

بۇ ئىككى مەھسۇلات ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ يەرشارى بويىچە سېتىلىشقا باشلايدۇ ، بۇ ئەلۋەتتە سونىي ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ياخشى تاللاش . 

HTC رايونى : 

htc2

گەرچە HTC ئالدىنقى يىلى پايچەك باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى دىگەندەك داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ، 2013-يىلى بازارغا سېلىنغان HTC One  يانفونى ھەممىمىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى دەپ ئويلايمەن. 

بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا  سەپلىمىسى ياكى كۆرنىشى جەھەتتە بولسۇن بىرقەدەر ئىلغار بولغان HTC Desire 816 نى ئېلان قىلدى، ئوخشاشلا بۇ مەھسۇلات ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلايدۇ.

تۈۋەندە تاقاپ يۈرۈشكە بۇلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ باقايلى: 

تاقاپ يۈرگىلى بۇلىدىغان ئۈسكۈنىلەر نۆۋەتتە قىزىق نۇقتا بۇلۇۋاتقان مەھسۇلات بولۇپ ، 2014-يىلى نۇرغۇن شىركەتلەر مۇشۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشى مۇمكىن .

Sumsung Gear ئەقلسائىتى :


بۇ كۆرگەزمىدە Gear نىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، Gear2 ۋە Gear Neo   دەپ ئاتىلىدۇ . 


ئىككىسىنىڭ سىرتىقى كۆرۈنىشى بىرىنچى ئەۋلاد بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلى چوڭ ئۆزگۈرۈش بار بولۇپ ، ئەمەلى HOME كۇنۇپكىسى ،سېنزور قۇشۇلغان . 


SONY ئەقلىسائىتى : 

HUAWEI ئەقلىسائىتى : (ئالدىنقىلىرىگە قارىغاندا تاشقى كۆرۈنىشى جەھەتتە يىتەرسىزلىك بار دەپ قارىلىدۇ)


  2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى مۇكاپاتلاش يىغىنى : 

MWC نىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يانفون ساھەسىدىكى <<ئوسكار >> دەپ ئاتالغان مۇكاپاتلاش يىغىنى ھەممەيلەننىڭ
دىققىتىنى تارتتى ، يىغىندا ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە مۇكاپات تارقىتىلغان بولۇپ ، پەقەت يانفون تۈرى بويىچىلا توختىلىمىز.

ئەڭ نادىر ئەقلىيفۇن : HTC one

htc-one-apps

ئەڭ نادىر ئەرزان باھالىق ئەقلىيفۇن: Nokia lumia 520

Lumia2052020lead

ئەڭ نادىر ئەقىلسىزفۇن :Nokia 105 

 nokia105-640x358

ئەڭ نادىر يېڭىلىق ياراتقان شىركەت :    LG

 8a1960795d6b3ebd

ئەڭ نادىر تاختا كومپىيۇتېر مۇكاپاتى ئەلۋەتتە iPad AIR گە مەنسۇپ بولدى.

retina_ipad_mini_ipad_air_fake_mockup_hero

بۇ قېتىمقى قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ كۆپلۈكى ھەم ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سەرخىللىقى سەۋەپلىك بىرمۇ بىر توختىلىشقا ئامالسىزمىز ، يانفونخۇمار دوستلارنىڭ ئىزدىنىپ تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلاردىن بەھرىمان بۇلىشىغا تىلەكداشمىز.

يولداش ئابوم«جان»نىڭ مەزكۇر يازمىنى تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت !



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋىروس 2014.02.28 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئابومجان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ «جان»لىق سالاھېتىنى ساقلاپ قالدى، قىزغىن تەبىرىكلەيمىز!

    • ئابدۇخېلىل 2014.02.28 , 19:40

      Forever بىلەن ئابومجان ئىككىسى بىر ئادەمما؟:?:

    • مەنسۇر 2014.02.28 , 19:41

      قىزغىن تەبرىكلەيمىز؟؟؟ ئابومقارى ماقالىسىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ بوپتىما؟ ئەجەپ مەن كۆمىدىمغۇ؟:?:

    • ۋىروس 2014.02.28 , 20:25

      مۇشۇ يازما شۇ …

    • مايماق 2014.02.28 , 20:53

      ئۈزى تەھرىرلەپ ئۈزى ئولتۇرىۋالىدىكەن دىۋاندا:mad:

    • مەنسۇر 2014.02.28 , 23:47

      نىم بوپ كەتتى ئەمدى، ماۋۇ تورخۇمارنىمۇ چىرىكلىك قاپلاپ كېتىپتۇ – ئوخخو، Forever ھاجىم بىلەن ئابوم قارىم تىلى بىردەك تۇرامدۇ؟

    • ئابومجان 2014.03.01 , 00:01

      Forever بىلەن ئابومجان ئىككىسى بىر ئادەم ئەمەستۇر ئابدۇخېلىلكا ! قايدا دەيلا ؟
      مەنسۇر بەگ تورخۇمارنىڭ نەرىنى چىرىكلىك قاپلاپتا ؟ Foreverنى تۇنۇمايمىيا مەن ، لىكىن بۇ ئەدەم خېلى يامان ئەدەم جۇمۇسلا ، بەك پەيزى ھېلىقىدەك رەسىملىرىنى يوللايدۇ بۇ كىشى

    • Mr . E 2014.03.01 , 12:44

      ئابومجان، يالغاننى ئاندا سوقمايلى جۇما…. Forever نى راست تۇنۇمامسىلە يا « راست تۇنۇمامسىلە»….؟:neutral:
      ئەمما لېكىن، ئاران ئىسىم ئۆزگەرتىدىغان بولدۇق دەپ ئولتاغاندا ئوڭتەي-توڭتەي بوپ كىتىپتۇيا بۇ تېما..؟!:neutral::mad::sad:

    • مەنسۇر 2014.03.01 , 15:24

      مەن تېخى Forever نى «جان» نى «گۈل» بوپ قاممىسۇن دەپ چاپان يېپىۋاتامدىكى دەپ ئويلاپتىمە!:mrgreen:

  2. ئابدۇخېلىل 2014.02.28 , 19:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‹‹ سامسۇڭ شىركىتىدىكى بىر يۇقىرى ئەمەلدارنىڭ دىيىشىچە ، نەچچە يىل بۇرۇن ئاندىروئىدنىڭ قۇرغۇچىسى سامسۇڭ ئىزدەپ ، سەنشىڭگە قۇشۇلۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەپسۇس ئەينى چاغدا سەنشىڭ ئاندىروئىدنىڭ…›› سامسوڭ دەپ كىلىۋىتىپ ‹‹سەنشىڭ›› گە چۈشۈپ كىتىپسىزغۇ ؟

    • ئابومجان 2014.03.01 , 00:08

      مانىڭغا ۋىروسمۇ دىققەت قىممىغان چىراي ، بەك سەت تۇرۇپتۇ :shy:
      بۇ مەزمۇنلانىڭ ھەممىسىنى توردىن تاپقان ، تەرجىمە قىلىپ يوللاش بەك ۋاقىت ئالىدىكەن ،
      بىر تەرەپتىن لۇغەت ئىزدەپ يەنە بىر تەرەپتىن ماتىريال تەرجىمە قىلىپ دىگەندەك خېلى ھالسىرتىپ قويدى .
      تىما يوللاشنىڭ تەسلىكىنى ئۆز بېشىم بىلەن ھېس قىلدىم ،يازما ئاپتۇرلىرىغا ھۆرمەت يانا ئاشتى

  3. مەن 2014.02.28 , 19:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقسىز تەبرىكلىۋېتەي :lol:

  4. مەنسۇر 2014.02.28 , 19:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەرمۇ شىنجاڭ رايونىدا ئېچىلىپ باقسا، بىزلەمۇ بېرىپ كۆرەپ كەلسەك، ھەي…
    يۇقارقىلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭ ياققىنى ئاۋۇ HTC one بىلەن HTC Desire 816 ماركىلىق يانفۇن، يامان كۆركەم لاھىيلەپتۇ. ئاۋۇ ئۈچ يۇلتۇز گورۇھىنىڭ گىلاس 5 يانغۇنىغا قارىغاندا جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرىكەن.

  5. Forever 2014.02.28 , 20:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ماۋۇ تېمىنى قاچان يازغان بولغۇيتۇم …:mrgreen:

  6. Mr . E 2014.02.28 , 20:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ……….. ئابومجاندىن Forever تىز چىقىپ كىتىپتۇ مانا.
    قېنى باللا سىلە… ئابومجاننى جەينامازغا يۆگەپ ئىسىم ئۆزگەرتىمىز ئەمدى.
    قېنى سىلە ئابومجووووووون، تارەتنى كامىل ئېلىپ كىلىڭلا جۇما، مۇبارەك ئىسمىڭلا ئابومگۈل بولماقچى ئەمدى…:mrgreen:

  7. ۋىروس 2014.02.28 , 20:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاپتور بەلگىلەشتە بىخەستەلىك قىپتىمەن. كەچۈرۈڭلار !
    يازما ئابومجانغا تەۋە. كەمىنە بىر قىسىم تەھرىرلەش ئىلىپ باردىم خالاس.

  8. مايماق 2014.02.28 , 20:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئابوجــــــــــــــــــــــــــــــون:lol:

    • بىرەيلەن 2014.02.28 , 22:52

      ‹مىكيان›دىكى م ھەرپى چۈپ قاپتۇغۇ :grin:

    • ئابومجان 2014.03.01 , 10:58

      توۋا ، سىلىمۇ دىۋالدىلا ھەنىم بوسا… مۈشۈكتكى م ئەمەس مىكياندىكى مى دەڭ … #o#@%~

  9. ئادىل 2014.02.28 , 23:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى مەھسۇلاتلار چىقىۋاتىدۇ، قارىغاندا سەل ساقلاپ 3-ئايدىن كىيىن يىڭى تىلىفۇن سىتىۋالسام بولغۇدەك.

  10. ئابومجان 2014.02.28 , 23:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ھېلىقى ھە قاسىللىرى ئات چېيىغا تەييارلىق قىپ ئولتاغان تىما شۇ جۇما
    زىرىكمەي تەھرىرلەپ بەگەن ۋىروس قا بەك رەخمەت

  11. ئالمىچى 2014.03.01 , 00:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇغاۋالا ئەكەك بۇلمىسا ئابۇمجان ئابۇمگۇلگە ئۇزگىرەتىتە ::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  12. تورخۇمار 2014.03.01 , 00:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يازما ئاپتورىنى تەڭشەش ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ. ئابومجاننىڭ داۋاملىق نادىر يازمىلىرىغا تەشنامىز.
    PS: ماۋۇ يازمىنىڭ تەھرىرلىنىشى بەك يارىدى، ۋىروسقا رەھمەت

  13. تاماشىبىن 2014.03.01 , 11:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سامسۇڭ بىلەن سەنشىڭ بىر گەپتۇ، شۇ يېرى قىزىق بولۇپ قاپتۇ …..
    ئەمدى ئەقلىفونلر يۈرەك سوقۇشنى ئۆلچەپ بېرەلىسە كېيىنچە قان تەكشۈرۈش، س ت لارغا بىراقلا چۈشۈپ دوختۇر پۇلىمىزنى تېجىۋالغۇدەكمىز…..:mrgreen:

  14. ئابومجان 2014.03.01 , 12:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰﻓﯘﻥ :Nokia 105 
    非智能手机دىگەننى تەرجىمە قىلامماي بېشىم سەت قاتقان ، ئاخىرى بومماي ئەقىلسىزفۇن دەپ قويسام مۇشۇ پېتى تەھرىرلىنىپتۇ ، ھې ھې
    سىلەچە 非智能手机,功能机دىگەنلەرنى قانداراق تەرجىمە قىلساق ياخشى بۇلا ؟

  15. ئابومجان 2014.03.01 , 13:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىززىق ، مەن قاندا قىلىپ foreverبىلەن چېتىلىپ قالدىم ، ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى تۇنۇمايمىز ، سىلەنىڭ ماندا دىگىنىڭلىنىمۇ چۈشەنمىدىمغۇي

  16. سادىق 2014.03.01 , 14:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يىزىپ تۇسا جۇما ئابومجان،، بوممىسا تاغقا چىكەتمىسۇن.:grin:
    يازسىلىرى خىلى ئوبدان يازىدىكەنلە بوممىسا

  17. خىيال 2014.03.01 , 14:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇنقىدەك سالمىقى بار ئىنكاسلا يوقاپلا كەتتىيا تورخۇماردا…. ساپلا قۇرۇق گەپ:evil:

    • تورخۇمار 2014.03.01 , 23:13

      سىلەر يېزىپ تۇرساڭلار باشقىلارمۇ يۇقىدۇ.

  18. yawaxboy 2014.03.01 , 17:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يولداش ئابومجاندا ئلىگىرىلەش با ھە

  19. ئوۋچىىىىى 2014.03.02 , 10:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ يانفۇن تېرمىنالىنى ئوتتۇرغا چىقاساڭلا بەك ياخشى بولاتتىكەن

  20. دىلكەش 2014.03.02 , 13:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    非智能机دىگەننى ئەقلى يوق تىلفۇن دەپ ئالساق قانداق بولا.ھاھاھا .ئەقلى ئىقتىدارسىز دىسەك قانداق بولا سىزنىڭچە.

    • ئابومجان 2014.03.02 , 14:46

      ھىم بوپقالىدۇ ، ھاقلىيوق تىلپۇن دەڭ … ھې ھې

  21. جاھانزات 2014.03.02 , 16:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كالۋا تېلفۇن دىمەمدۇق :mrgreen:

  22. بىغەم 2014.03.03 , 12:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يىل ۋاھ دەپ كەتكۈدەك يىڭىلىقلار يوق…
    ئالدىنقى ئىككى يىلدا يىڭىلىق ئاساسەن قاتتىق دىتالدا ئىپادىلەنەتتى. تىخنىكا يىڭىلىقلىرىمۇ ئاز بولمىغان. بۇيىل تاقاپ يۇرۇشكە بولىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار كۆپ ئەمما ھەممىسىنىڭ ئىتى ئۇلۇغ سۇپىرىسى قۇرۇق!~
    قارىغاندا ئاندىروئىد قاتتىق دىتالغا تويۇنۇپ، بىر ئىككى يىللىق ئىزدا توختاش باسقۇچىنى بىشىدىن كەچۇرىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بىر نەچچە شىركەتلەر يىڭىچە سىستىمىلارنى ئىلان قىلدى. بۇ بىر ئىككى يىلدا بۇ سىستىمىلار مەلۇم بازار ئىگەللىشى مۇمكىن. مىنىڭچە ئوت تۈلكە سىستىمىسى يامان ئەمەستەك، سىلەرچىچۇ؟

    • ئابومجان 2014.03.03 , 14:27

      ئوت تۈلكە سېستىمىسى ھەم ubuntu يانفۇن سېستىمىسى توغرۇلۇق جىقراق ئىزدىنىپ باقاي دىسەم ۋاقىت يار بەرمەي يازماي قويغان…
      دۆلىتىمىزدىكى meizuبىلەن ubuntu ھەمكارلىشىپ ubuntuسېستىمىلىق يانفۇننى بازارغا سالىدىكەن ، ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان meizu3 نى ubuntuسېستىمىغا كۆتۈرگىلى بۇلىدىكەن
      مەنچىمۇ ئاندىروئىد نەشىرىنى قانچە كۈتۈرسۇن ، يېڭىلىق يەنىلا ئاز ، يانفۇنخۇمارلار ھەم ئەنجۈر سېستىمىدىن زىرىككەنلەر ubuntu سېستىمىلىق تېلفۇننى ، ھەم ئوت تۈلكىنىڭ تېلفۇنلىرىنى ئويلىشىپ باقسا بۇلىدۇ ،مەنمۇ ئەنجۈردىن راسلا زىرىكتىم ، نوكىيانىڭ يېڭىدىن بازارغا سالغان wp سېستىمىلىق ئۈچ تور قوللايدىغان Version تېلفۇنىنىڭ دۆلىتىمىزدە سېتىلىشىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن …
      ئاندىروئىدنىڭ قاتمايدىغىنى يوقمۇ زادى ،خېلى قىممەت تېلفۇنلانىمۇ كۈرۈپ باقتىم ، زادى قاتىدىكەن ، wpسېستىمىنى شۇنداق يەڭگىل قاتمايدۇ دەپ ئاڭلاپ كەتتىم ، بىر ئىشلىتىشكە تەقەززا

    • بىغەم 2014.03.10 , 19:05

      مەن قايسى كۈنى بىر خەۋەردە ئوت تۈلكە سىستىمىسنى ھەقىقى مەنىدىكى كودى ئىچىۋىتىلگەن سىستىما دەپ كۆرگەن ئىدىم. شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىىشىمىز تىخىمۇ ئاسان بولاتتى. مۇشۇ جەھەتتە بىلىمى بارلار ئىيتىشىپ باقسا بولىدۇ جۇمۇ~

  23. نۇرلۇق 2014.03.04 , 13:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئاندىروئىد يانفۇنلارنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ شۇ سىستىمىسى راۋان ئەمەس بولمىسا بىز قاياققا باشلىساق شۇ ياققا ماڭىدۇ بۇ يەنىلام ئالما بىلەن wpقا يەتمەيدىكەن

  24. شامال 2014.03.04 , 17:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    LG نىڭ قانداق يېڭىلىقلىرى باركىنا؟ web os سېستىمىسى پەقەت قېتىۋالمايدۇ, #$$#%^دەۋاتقان… مېنىڭ 32 گىگابايت سىغىملىق lumia 920 گە بىرەر يۈزچە ئەپ قاچىلاپ بولدۇم. يەنىلا بىرخىل تېز. ئىيۋۇ ئالمىغا قايلىغاندا خېلە راۋان.
    سۈرەت تارتىشى ھەم تور سۈرئېتىگە گەپ كەتمەيدۇ. skype, We,لۇغەت,خاتېرە دەپتەر,chat, Viber, … microblog… دېگەنلىنى ژىتىۋېتىدۇ.

  25. مىسران 2014.03.13 , 01:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما يامان!

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量