NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
تاشقى دۇنيانىڭ پەرەز قىلغىنىدەك، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق MWC يىغىنىدا NOKIA ئۆزىنىڭ Android يانفونىنى ئېلان قىلدى.
بۇ تاشقى قىياپىتى Lumia غا ئوخشايدىغان يانفون X, X+, XL دەيدىغان ئۈچ خىل تىپقا(نوكىيا ئىسىم قويۇشنى مايكىنىڭ رەزمېرىدىن ئۆگەندىمۇ نېمە) ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى X نىڭ سەپلىمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1GHz Snapdragon قوش نېگىزلىك بىر تەرەپ قىلغۇچ
4 ديۇملۇق ئېكران(XL نىڭ 5 ديۇم)
512M لىق ئىچكى ساقلىغۇچ
4GB لىق ئۆزىدىكى سىغىم ۋە سىرتتىن SD كارتا قوشۇش ئىقتىدارى
3 مىليون پېكسسېللىق كامېرا
يۇقارقى قاتتىق دېتال سەپلىمىسىدىن قارىغاندا، X تۈرىدىكى بۇ يانفونلار تۆۋەن تىپتىكى يانفون بازىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. نۆۋەتتە بۇ ئۈچ خىل تىپتىكى يانفون شەرقىي ياۋروپا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى قىسمەن دۆلەتلەردە سېتىلىشقا باشلاپتۇ، باھاسى ئايرىم ئايرى ھالدا X نىڭ 89 ياۋرو، X+ نىڭ 99 ياۋرو، XL نىڭ 109 ياۋرو.
NOKIA باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Stephen Elop نىڭ بىلدۈرىشىچە، نوكىيا ھېلىھەم Lumia نىڭ ئاساسلىق نىشان قىلىدىكەن، X تۈرىدىكى يانفونلار بولسا، پەقەت يېڭى بازارغا كىرىشتىكى مەھسۇلاتلار ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، NOKIA، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,898 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nokia-x.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- كېيىنكى يازما > 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
باھاسى ئايرىم ئايرى ھالدا X نىڭ 89 يۈەن، X+ نىڭ 99 يۈەن، XL نىڭ 109 يۈەن ئىكەن.
““““““““““““““““
ئاۋۇ دوللاردۇ دەيمەن؟
«باھاسى ئايرىم ئايرى ھالدا X نىڭ 89 يۈەن، X+ نىڭ 99 يۈەن، XL نىڭ 109 يۈەن ئىكەن. »
خاتا بوپ قاپتۇ، ئاۋۇلار ياۋرو ئىكەن، يەنى ى ئايرىم ئايرى ھالدا X نىڭ 89 ياۋرو، X+ نىڭ 99 ياۋرو، XL نىڭ 109 ياۋرو، خەلق پۇلدا ئايرىم ھالدا 745يۈەن، 829يۈەن، 913يۈەن بۇلدىكەن ۋوي قارى
مۇمكىن بوسا mwc2014 دۇنيا كۆچمە ئالاقىلىشىش يىغىنى توغرىسىدا تىما يېزىلغان بوسا بەك بەلەن بۇلىتى ، ھاي ھاي دىگۈدەك مەھسۇلات ھەم يېڭىلىقلار ئىلان قىلىنىپتىكەن !
تېما يېزىش ئورنىغا مەرھەمەت قىسىلا قەنە!
GALAXY S5 كىچىدىن ئېلان قىلىنىپتىكەن كۆزۈمگە بىرخىل سەت كۆرۈنۈپ قالدى، GALAXY S4 دىنمۇ سەت سىرتقى شەكلى سەتكەن… يەنىلا سۇلىياۋ قاپ، 2K ئېكران دەۋاتاتتى ئۇمۇ يوق ..ھەي خەپ جۇما …..نۇرغۇن ئۈمۈدلەرنى كۈتكەنتىم ئىسىت…..
ئاپلا جىما ما گەپنى ، يازسام يازدىم ئوغانبالا ئەكەك …
كومپىيۇتېردا تورغا چىقىش سەل ئەپسىز توختاپ قاغانتىم ، ئەمما لىكىن ما قەنە دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ 80گە چىقتى جىما …
ئەتە كەچ سائەت 9قىچە قۇلۇمنىڭ كىلىشىچە ئىزدىنىپ يېزىپ باقاي ئەمسە ، يېزىپ بولامماي قاسام ئىسمىمنىڭ كەينىدىكى جاننى گۈلگە ئۆزگەرتىپ ئىنكاس يازىمە بۇندىن كىيىن ، ۋۇجۇۇۇۇۇن ۋۇجۇۇۇن خەپ
ئەتە كەچ سائەت توققۇز ئۈچۈن بىر قوينى ئاتاپ قويدۇق ئابومجاننىڭ ئات چېيى ئۈچۈن
ھە، ياخشى، مەن كىگىز تەييالاپ قوياي، يۆگەپ دومىلتىمىز، ئاخۇنۇمنى قاسىڭلا باشلاپ كېلىسىلە؟
ھاھاھاھاھاھا ئات چىيى بۇلسا ماۋۇ تۇر خۇماردا بىر ئىلان قىلاسىلە ھە
پاھۇي ما ئىشنى … تېما بىژياندا قېلىپ مىنىڭ ئات چېيىم ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كىتىشتىڭىزلە تېخى ،مىنى يامان سەت تەسىرلەندۈرۋەتتىڭلىغۇي
ئاتاپ قويغان قويلىرىڭلىنى سەمرىتىپ قۇربان ھېيىتتا يەسىلە ، ئارتۇق چىقىم قىلدۇماي … گىپىڭلادىن قالىسام ھازىر ھەممىڭلا بىژ تۇرۇۋاپسىلە ھە ؟! يوۋۋ…
89 ، 99 ، 109 ياۋرۇكەن تەخمىنەن 745يۈەن، 829يۈەن ، 913يۈەن بۇلىدىكەن…
نوكىياغا چوڭقۇر مېھرى بار تەدبىركار NOKIA نىڭ Android تېلفونىنى ئېلان قىلسا ھاياجانلىنىپ خاتا كۆرىۋالغان ئوخشايدۇ. توغرا چۈشىنەيلى.
ئەمىسە ساقلايمىز جۇما ئابومجان ئەگە يوللىغان تىماڭلا يارىماي قالسا بىر قوينى ئۆلتۇرۇپ
ئىسمىڭلىنى ئابومگۇل گە ئۆزگەرتىمىز
ما ئەدەم نەدىن پەيدا بوغاندۇ ئەمدى ، تۇيۇقسىزلا ئۈزەمنى دۈشمەنگە ئايلىنىپ قاغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەيا ، ۋاي بى مەدەت بىرىپ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قۇيدىغانلا يوقما ، ھەممىسى چاي ئىچىمىز دەپ پارقىرتىپلا ئولتادىمۇ مالانىڭ …
قوساق سەل ئېچىۋاتىدا، ئابومجاننىڭ ئات قويۇش مۇراسىمىغا قوشقار سويماي،ساغلىقتىن بىرنى سويىلىك(ئېسمىغا لايىق قىلىپ) قەنە بى يازىلىك زادى قەنە!
نېمە ئەرزانچىلىق بۇ يانفونغا… مۇشۇنىڭغا ئىشتىھا ساقلىغاچ تۇرسام بولامدۇ نېمە
خېلى بىر چاغقىچە كۈلۈپتىمن «نوكىيا ئىسىم قويۇشنى مايكىنىڭ رەزمېرىدىن ئۆگەندىمۇ نېمە» دېگەن گەپكە
بىر كۈن باردۇ ئەپ قۇيۇپتىمەندە بومۇ بولغىنى نوكيا 525 ئالغان ئىدىم
iphone 6 قانداراق چىقار بۇقىتىم … قاچان ئېلان قىلىنار ..iphone 6 توغۇرلۇق يىڭى خەۋەر بارمىدۇ ..
ئىشلەيدىغان چاغدائەمدى بوغانداقاندابۇلابۇلانىڭ ھالى ئىۋۇ لۇمىيالىرىغابەكرەك كۈچىسەبۇلاتتى بۇلاباھاسىنى ئەرزانراق قىلىپ .
ئۆزۋاقتىدائاندىروئىد ئىشلىمەيمىزنوكىيائۆزىگەخاس يول تۇتىدۇدەپ داۋراڭلانى سېپ كەتكەن نوكىيانى تۈگەشتۈرۈپ مىكروسوفىتقاسېتىۋەتكەن ئېللۇپ قىزاماي نۇكىيانىڭ ئاندىرۇئىديانفۇنىنى ئىلان قىلغىلى يۈگرەپ چىقىپتۇدىسە كىشىلەخائىن دەپ بىكاغادىمەيدىكەندە بۇگۇينى.
ئۆزۋاقتىدائاندىروئىد ئىشلىمەيمىزنوكىيائۆزىگەخاس يول تۇتىدۇدەپ داۋراڭلانى سېپ كەتكەن نوكىيانى تۈگەشتۈرۈپ مىكروسوفىتقاسېتىۋەتكەن ئېللۇپ قىزاماي نۇكىيانىڭ ئاندىرۇئىديانفۇنىنى ئىلان قىلغىلى يۈگرەپ چىقىپتۇدىسە كىشىلەخائىن دەپ بىكاغادىمەيدىكەندە بۇگۇينى.
ئابومجووووون، ۋاقىت ئاز قاپتۇ جۇما! ھىلى ئەزان چىقىشتىن بۇرۇن يوللىۋىتەرسىز. بوممىسا ما تورخۇماردىكىلەر زېرىكىپ ئاران تۇرغاندا، تورخۇماردا مەشرەپ قىلىمىز دەپ ئىش تاپىدۇ.
ھەي ، ئىچىم ھەجەپ ئېچىشتى ، سىز ئىنكاس يېزىپ نەچچە مىنۇتقا قامماي تېمىنى يېزىپ تەييالاپ بوغان ، ئازتۇلا تەھرىرلىۋىتىپ يوللاي دەپ تۇرۇشۇم كومپىيۇتېر بىر قاتتى ، پەقەت ئامال قىلالمىدىم ، تىمىنى تەييارلاش ئۈچۈن چۈشتە تاماق يىمەي دىگەندەك يازغانتىم ، تورداشلار نىمە دىسە مەيلى ، ئەسلى نۇسقىسىنى ھە قاندىغىم بوسا ۋورد قا ساقلىۋاپتىكەنمە ، يەنە يېرىم سائەتكە قالماي تۇلۇق يوللاشقا تىرىشىمە ، قېتىۋالمىسىلا ، ئىشەنسەڭلا مانا ،
ئىشەنمىسەڭلا مېيلى ، يېرىم سائەتتىن كىيىن يوللىساممۇ تەستىقلەش دىگەندەك باسقۇچلار بىلەن ئەتىگىچە چىقىشى مۇمكىن ، مەندىكى سەۋەنلىك ئەمەس ، مەن ھەقىقەتەن كۈچۈمنىڭ بېرىچە تىرىشتىم
تامام ، يېزىپ يوللىۋەتتىم ، تۇلۇق ئىسپاتلار بىلەن كەسمە رەسىمنى ھېلىقىدەك رەسىمگە يوللىۋەتتىم ، ئويلاپ باقسام گەرچە سەۋەنلىك مەندە بولمىسىمۇ تىمىنى دىيىشكەن ۋاقىتتىن بۇرۇن يوللاپ بۇلالمىغانلىقىم ئۈچۈن ، دىگەن گىپىمدە تۇراي ، پەقەت مۇشۇ قېتىملا جۇما
ئـــــــــــــــــــــابوم……..ئاخىرىنى ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم
چىقىرىۋەسىلە …ھېشىم بوممايدا ، مۇشتا بوغىسى با ئوخشايدا ، بەزى ئىشلاغا بەندە ئامالسىزكەنمىز شۇ
ئابوم… ، تەدبىراخۇنغا ئازراق سۈڭگۈتۈپلا تەستىقلىتىۋەتمەپلا، بۇدا يەنە ئايالچە ئىسىمنى ئەرەنچە ئىسىمغا ئۆزگەرتىمەن دەپ چاي قىلالىمۇ ئەمدى..
تەدبىركار ئابـــــــــــــــــــــــــــــــــوم………..نىڭ يازمىسىنى ساقلاۋاتامدۇ ئۈچ كۈن بولدى يېڭىلانمايدىغۇ ما كۇلۇب
ئات چېيى ئويناپ ھېرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ
يازمىسىنى ساقلاۋاتامدىغاندۇ يا ساغلىقنىڭ گۆشىنىمۇ
تەدبىركار،بلوگنىڭ ئاپتۇماتىك ئەسكەرتىش ئېلخېتىدىكى خەتلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ چىقىدىغان بوپقاپتۇ.ئىككى سۆز ئارىسىدا بوشلۇقنى تاسسىدە چېكىۋەتكەنسەڭلا بولغۇدەك
ماندا چىقىپ قاپتۇ:
بلوگنىڭ ئاپتۇماتىك ئەسكەرتىشئېلخېتىدىكى خەتلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپچىقىدىغان بوپقاپتۇ.ئىككىسۆز ئارىسىدا بوشلۇقنىتاسسىدە چېكىۋەتكەنسەڭلابولغۇدەك
نەچچە كۈن بۇرۇنقى بىر ئىنكاسىمغا جاۋاب چۈشۈپتىكەن ئەمما ئەسكەرتىش ئېلخېتى كۆرگەندەك قىلمىدىم،قارىغاندا تورخۇمارنىڭ ئۇسلۇبىنى تەڭشەۋاتقان ئوخشايسىلە ھە
ماڭا بىر ئېلخەت ئىككى قېتىم كەپقالدى.تەدبىركار تازا كود ئويناۋاتقان ئوخشايدۇ
ئالامەت ئەدەملىكەنسىلە دوسلا
نوكىيانى ئىشلەتكەن بىلەر قەدرىنى ،ئايفون ئايفون دىيىشلىرنى ،ئەنجۈرلىرىدىن ئۆرگىلەي،يەنىلا شۇ بىزدەكلەر بىلەر قەدرىنى .
دىمىگەن بىلەن بۇ نوكىياقارىنىڭ بۇ ئەبجەش سېستىما رايونىغا قېتىلىشى ھىچنىمىنى ھەل قىلالماسمىكىن…. مۇشۇ ئەنجۈرنىڭ 5000 يۈئەنلىك تېلفۇنلىرىمۇ قاتىدىكەن…
ياۋ پانا مۇشۇ تۇرخۇمارنىڭ مۇشۇنداق يەرلىرىنى دەيمىزدە،،يۇللىغان تېما بىر-بىرسىدىن ئېسل چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ خىلى بۇلاپ قالدا ،،،،،،،،،،
Nokiaبەك قوتاكەن بۇ تىلفۇن. 小米غا يەتمەيدىكەن.
ئەمما ئاپراتى يامان سازكەن.